كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ي‌ئو 17-‏دە‌رس
  • زىيارە‌تچى ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • زىيارە‌تچى ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ي‌ئو 17-‏دە‌رس

17-‏دە‌رس

زىيارە‌تچى ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مالاۋى

ۋە‌ز خىزمە‌ت گۇ‌رۇ‌پپىسى

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش

ئاقساقاللارنىڭ كېڭە‌ش يىغىلىشى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بارنابا ۋە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س دائىم تىلغا ئېلىنغان.‏ شۇ ئېتىقادچىلار زىيارە‌تچى ئاقساقاللار سۈپىتىدە بىرىنچى ئە‌سىردىكى جامائە‌تچىلىكلە‌رنى يوقلاپ زىيارە‌ت قىلغانىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىغا بە‌كمۇ كۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س نە‌چچە يۈز كىلومېتىر سە‌پە‌ر قىلىپ يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىشنى خالىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ «ئېتىقادچىلارنىڭ ئە‌ھۋالىنى كۆرۈپ كېلە‌يلى»،‏ دېگە‌نىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏36)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىكى زىيارە‌تچى ئاقساقاللىرىمىزمۇ شۇ‌نداق مە‌قسە‌تتە قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

ئۇ‌لار بىزگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ.‏ ھە‌ر بىر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال تە‌خمىنە‌ن 20 جامائە‌تچىلىكنى نۆۋە‌ت بىلە‌ن بىر ھە‌پتىدىن يىلىغا ئىككى قېتىم يوقلاپ بارىدۇ.‏ شۇ زىيارە‌تچى قېرىنداشلارنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن ۋە توي قىلغان بولسا،‏ ئاياللىرىنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن كۆپ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ شۇ ئاقساقاللار ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرى جامائە‌تتىكى قېرى-‏ياش ھە‌ممىمىز بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە بىز بىلە‌ن بىرگە ۋە‌ز ئېيتىدۇ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتىمىزغا قاتنىشىدۇ.‏ زىيارە‌تچى ئاقساقاللار جامائە‌ت ئاقساقاللىرى بىلە‌ن بىرگە پادىلارنى بېقىش زىيارىتى قىلىدۇ.‏ يىغىلىشلاردا ۋە چوڭ يىغىلىشتا ئۇ‌لار كىشىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان نۇ‌تۇ‌قلارنى سۆزلە‌پ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏34،‏ 35.‏

ئۇ‌لار ھە‌ممىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ زىيارە‌تچى ئاقساقاللار جامائە‌تنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئە‌ھۋالىغا بە‌كمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ زىيارە‌تچى ئاقساقاللار جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌پ،‏ جامائە‌تنىڭ ئە‌ھۋالى ھە‌ققىدە پىكىرلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرىنى ئادا قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ خىزمىتىنى ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق ئورۇ‌ندىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە يېڭى كە‌لگە‌نلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆسۈپ يېتىلىش جە‌ريانى ھە‌ققىدە ئاڭلاشقا قىزىقىدۇ.‏ شۇ ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممىسى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان ‹خىزمە‌تداشلىرىمىز› بولۇ‌پ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 8:‏23)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە خۇ‌داغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.‏ —‏ ئىبرانىيلار 13:‏7.‏

  • زىيارە‌تچى ئاقساقاللار نېمە مە‌قسە‌تتە جامائە‌تچىلىكلە‌رنى يوقلايدۇ؟‏

  • ئۇ‌لارنىڭ زىيارىتىدىن قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ كېيىنكى نۆۋە‌ت جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلىدىغان ۋاقتىنى خاتىرىلە‌پ قويۇ‌ڭ.‏ جامائە‌ت يىغىلىشىدا ئۇ سۆزلە‌يدىغان نۇ‌تۇ‌قلارنى ئاڭلاش پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمە‌ڭ.‏ زىيارە‌تكە كە‌لگە‌ن ھە‌پتىدە،‏ ئۇ ياكى ئۇ‌نىڭ ئايالىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتىڭىزغا قاتنىشىشىنى خالىسىڭىز،‏ سىز بىلە‌ن ئۆگىنىۋاتقان گۇ‌ۋاھچىغا ئېيتىڭ.‏ شۇ پۇ‌رسە‌تتە ئۇ‌لار بىلە‌ن تونۇ‌شالايسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش