كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 9-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • قانداق قىلىپ ئائىلىڭىزنى بە‌ختكە ئېرىشتۈرە‌لە‌يسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قانداق قىلىپ ئائىلىڭىزنى بە‌ختكە ئېرىشتۈرە‌لە‌يسىز؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق بە‌ختلىك قىلىش
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 1-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 9-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

9-‏دە‌رس

قانداق قىلىپ ئائىلىڭىزنى بە‌ختكە ئېرىشتۈرە‌لە‌يسىز؟‏

1.‏ نىكاھ نېمە ئۈچۈن ئائىلىنى بە‌ختكە ئېرىشتۈرۈشتە شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

نىكاهنی قانوُن بويىچه تىركه‌ۋاتقان ئه‌ر-‏ئايال

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر «شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا»،‏ يە‌ھۋادىن كېلىدۇ.‏ ئۇ بارچە ئائىلىنىڭ شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە بە‌ختلىك ياشىشىنى خالايدۇ (‏1-‏تىموتىي 1:‏11،‏ ي د)‏.‏ نىكاھنى خۇ‌دا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ قانۇ‌نلۇ‌ق نىكاھ —‏ ئائىلىنى بە‌ختكە ئېرىشتۈرۈشتە بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ قانۇ‌نلۇ‌ق نىكاھ پە‌رزە‌نتلە‌رنى تە‌ربىيلە‌ش ئۈچۈن بىر خاتىرجە‌م مۇ‌ھىت ھازىرلايدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ نىكاھقا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟‏ خۇ‌دا بىر ئە‌ر بىلە‌ن بىر ئايالنىڭ نىكاھتا باغلىنىشىنى ۋاقىتلىق ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ئۈزۈلمە‌س بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلغۇ‌چىلار نىكاھنى تىزىمغا ئالدۇ‌رۇ‌شقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دۆلە‌ت قانۇ‌نىنى ھۆرمە‌ت قىلىشى كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 2:‏1،‏ 4،‏ 5)‏.‏ خۇ‌دا نىكاھتا باغلانغان ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرىگە سادىق بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏ئىبرانىيلار 13:‏4)‏.‏ ئۇ ئاجرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏مالاخى 2:‏16)‏.‏ ئە‌مما،‏ نىكاھلىق جورىسى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلغان ئە‌ھۋالدا،‏ خۇ‌دا ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى جورىسىدىن ئاجرىشىپ،‏ قايتا توي قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ.‏​‏—‏​مە‌تتا 19:‏3–‏6،‏ 9‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن بىر-‏بىرىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

به‌ختلىك ئه‌ر-‏ئايال

يە‌ھۋا ئە‌ر-‏ئايالنى نىكاھتا بىر-‏بىرىگە تولۇ‌قلىغۇ‌چى بولسۇ‌ن،‏ دە‌پ ياراتقان (‏يارىتىلىش 2:‏18)‏.‏ ئە‌ر كىشى ئائىلىگە باش بولغان ئىكە‌ن،‏ ماددىي جە‌ھە‌تتىن ئائىلىنى تە‌مىنلە‌ش ۋە ئائىلە ئە‌زالىرىنى خۇ‌دا ھە‌ققىدە تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە ئىگە قىلىشتا باشچىلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌ر شە‌خسىيە‌تچى بولماي،‏ خوتۇ‌نىنى سۆيۈشى لازىم.‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن بىر-‏بىرىنى سۆيۈشى ۋە ھۆرمە‌تلىشى زۆرۈر.‏ بارلىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغان ئىكە‌ن،‏ نىكاھتا بە‌ختلىك بولۇ‌شنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شنى يېتىلدۈرۈشتۇ‌ر.‏​‏—‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32؛‏ 5:‏33؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ نىكاھ بە‌ختلىك بولمىسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ۋاز كېچىش كېرە‌كمۇ؟‏

ئە‌گە‌ر نىكاھتا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌ڭلار،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ئۆز-‏ئارا مۇ‌ئامىلىدە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىشىڭلار لازىم (‏1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 5)‏.‏ خۇ‌دا سۆزى نىكاھتا دائىم پە‌يدا بولىدىغان مە‌سىلىلە‌رنى ئايرىلىپ ياشاش ئۇ‌سۇ‌لى ئارقىلىق ھە‌ل قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلمايدۇ.‏​‏—‏ ماركۇ‌س 10:‏9-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ بالىلار،‏ سىلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌دا نېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟‏

ويده بالىسىغا يارده‌م بېرىۋاتقان ئاتا-‏ئانا

يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ ئۇ ياشلىقىڭلاردىن قانداق ھوزۇ‌ر ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ئاتا-‏ئاناڭلارنىڭ تۇ‌رمۇ‌ش تە‌جرىبىسى ۋە پە‌م-‏پاراسىتىدىن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشىڭلارنى خالايدۇ (‏كولوسىلىقلار 3:‏20)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭلار ۋە شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق شاد-‏خۇ‌رام ياشىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.‏​‏—‏ ۋە‌ز 11:‏9–‏12:‏1؛‏ مە‌تتا 19:‏13–‏15؛‏ 21:‏15،‏ 16‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ پە‌رزە‌نتىڭلار بە‌ختلىك ياشىشى ئۈچۈن نېمىگە مۇ‌ھتاج؟‏

بالىسىغا سوزله‌ۋاتقان ئاتا

پە‌رزە‌نتىڭلارنى يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ تۇ‌رالغۇ جاي ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىشىڭلار كېرە‌ك (‏1-‏تىموتىي 5:‏8)‏.‏ ئە‌مما،‏ بالىلارنىڭ بە‌ختلىك ياشىشى ئۈچۈن يە‌نە خۇ‌دانى سۆيۈش ۋە خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىشنى ئۇ‌لارغا ئۆگىتىشىڭلار زۆرۈر (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏4)‏.‏ سىلە‌رنىڭ خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭلار پە‌رزە‌نتىڭلارنىڭ قە‌لبىگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بويىچە پە‌رزە‌نتىڭلارغا بە‌رگە‌ن تە‌لىم-‏تە‌ربىيە‌ڭلار،‏ ئۇ‌لارنى توغرا ئوي-‏پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ چېنىقتۇ‌رالايدۇ.‏​‏—‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4–‏7؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

سىلە‌رنىڭ بالىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شىڭلار ۋە ماختاپ ئالقىشلىشىڭلار ئۇ‌لار ئۈچۈن پايدىلىق.‏ ئۇ‌لار ھە‌م تۈزىتىش ۋە ئە‌دە‌بلە‌شكە مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌نداق تە‌ربىيلە‌ش ئۇ‌لارنى شاد-‏خۇ‌راملىقتىن مە‌ھرۇ‌م قىلىدىغان ناچار ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن قوغداپ قالىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏15)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌دە‌بلىگە‌ندە ھە‌رگىزمۇ شە‌پقە‌تسىز ۋە قاتتىق قول بولماسلىق لازىم.‏​‏—‏ كولوسىلىقلار 3:‏21-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌خسۇ‌س ئاتا-‏ئانا ۋە پە‌رزە‌نتلە‌رگە ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە بىر نە‌چچە پارچە كىتابلارنى نە‌شىر قىلغان.‏ شۇ كىتابلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن يېزىلغان.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 19:‏7،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 14-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش