كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م11 1/‏5
  • گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2011
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تـىـنـچ يېڭى دۇ‌نيا
    تېنچ يڭېى دۇ‌نيا كېلە‌مدۇ؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2011
ك‌م11 1/‏5

گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا!‏

‏«مانا ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن رە‌زىللە‌ر يوق بولار.‏ 11 لېكىن،‏ يە‌ر يۈزىگە ۋارىسلىق قىلار كە‌متە‌ر كىشىلە‌ر،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ئىچىدە،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11.‏

سىز بۇ ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن كۆرۈشنى خالامسىز؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ چوقۇ‌م بە‌كمۇ خالايسىز.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ پات-‏يېقىندا چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏

ئالدىنقى ماقالىلە‌ردە،‏ بىز زاماننىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق (‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏5)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزگە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن،‏ شۇ بېشارە‌تلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان (‏رىملىقلار 15:‏4)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقى،‏ ھازىر بېشىمىزغا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ پات-‏يېقىندا يوق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏

ئاخىر زاماندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ:‏

● ئاچارچىلىق بولمايدۇ.‏ «يە‌ر يۈزىدە زىرائە‌تلە‌ر مول بولار،‏ تاغ چوقىلىرىغىچە تولۇ‌پ تاشارۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16.‏

● كېسە‌للىكلە‌ر بولمايدۇ.‏ شۇ يە‌ردە تۇ‌رغۇ‌چى:‏ «مە‌ن كېسە‌ل» دېمە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 33:‏24.‏

● يە‌ر يۈزى يېڭىلىنىدۇ.‏ «جاڭگال ۋە قۇ‌رۇ‌پ قاغجىرىغان يە‌ر خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۆل-‏باياۋان شادلىنىپ،‏ زە‌پىراندە‌ك چېچە‌كلە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 35:‏1.‏

بۇ پات-‏يېقىندا ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان،‏ كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچىسى خالاس.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق گۈزە‌ل كېلە‌چە‌كنىڭ بولىدىغانلىقىغا،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۈچلۈك ئىشىنىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش