كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 ماي 14-‏20 ب.‏
  • جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا تە‌سە‌للى بېرىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا تە‌سە‌للى بېرىش
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن تە‌سە‌للى بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏
  • كىم تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏
  • بىز قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏
  • ‏«يىغلىغانلار بىلە‌ن بىللە يىغلاڭلار»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • رە‌زىل دۇ‌نيادىكى ئادالە‌ت بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 ماي 14-‏20 ب.‏

20-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا تە‌سە‌للى بېرىش (‏4 ماقالىنىڭ تۆرتىنچىسى)‏

‏«بارچە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دادۇ‌ر.‏.‏.‏ ھە‌ر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌دا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ»—‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4.‏

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ قايسى مىسال ھە‌ممىمىز تە‌سە‌للىگە موھتاج ۋە باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏2)‏ بە‌زى بالىلار قانداق زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان؟‏

بىز ھە‌ممىمىز تە‌سە‌للىگە موھتاج ۋە ھە‌ممىمىزدە باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىدىغان قابىلىيە‌ت بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىچىك بالا يىقىلىپ تىزىنى يارىلاندۇ‌رۋالسا،‏ ئۇ يىغلاپ ئاپىسىغا ياكى دادىسىغا يۈگرە‌يدۇ.‏ گە‌رچە ئاتا-‏ئانىسى بالىسىنىڭ يارىسىنى دە‌رھال ساقايتالمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ،‏ كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ،‏ قۇ‌چاقلاپ باغرىغا باسىدۇ ھە‌م يارىسىنى يۇ‌يۇ‌پ تاڭىدۇ.‏ مانا بالا ئە‌مدى يىغلىماي،‏ قايتىدىن ئويۇ‌نغا كىرىشىدۇ.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ يارا ئىزمۇ قالمايدۇ.‏

2 لېكىن،‏ بە‌زىدە بالىلار بە‌كمۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ.‏ بە‌زى بالىلار جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرايدۇ.‏ بالا بىرلا قېتىم ياكى ئۇ‌زۇ‌ن يىل داۋاملىق جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىشى مۇ‌مكىن.‏ قانداقلا ۋە‌زىيە‌تتە بولمىسۇ‌ن،‏ قە‌لبىدە چوڭقۇ‌ر يارا ئىزى قالدۇ‌رىدۇ.‏ گايىدا زورلۇ‌ق قىلغان ئادە‌م تۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ جازاغا تارتىلىدۇ.‏ بە‌زىدە جىنايە‌تچى جازاسىز قالغاندە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ ھە‌تتا جىنايە‌تچى دە‌رھال جازاغا تارتىلسىمۇ،‏ خۇ‌رلاشقا ئۇ‌چرىغان بالا ياش قۇ‌رامىغا يېتىپ چوڭلار قاتارىغا قوشۇ‌لغاندا ھە‌م قە‌لبى يارىلانغان بالا چوڭايغاندىمۇ قىينىلىشى مۇ‌مكىن.‏

3.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا نېمىنى خالايدۇ ۋە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان ئېتىقاددىشىمىزنىڭ قە‌لبىدىكى يارىسى تېخى ساقايمىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بولسا،‏ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى موھتاج بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە غە‌مخورلۇ‌ققا ئېرىشتۈرۈشتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۈچ سوئالنى كۆرۈپ چىقايلى:‏ (‏1)‏ بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغانلار نېمە ئۈچۈن تە‌سە‌للىگە موھتاج؟‏ (‏2)‏ ئۇ‌لارغا كىم تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏3)‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن تە‌سە‌للى بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4،‏ 5.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان بالا باشقىلارغا قانداق قارايدۇ؟‏

4 بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغانلار ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئاۋۋالقىدە‌كلا تە‌سە‌للىگە موھتاج.‏ بۇ‌نى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ جىنسىي خورلۇ‌ق بالىلارغا چوڭلارغا قارىغاندا باشقىچە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بى بار.‏

5 بالىلار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان،‏ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى يېقىن كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىدۇ.‏ بالىلار ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ھىمايە ئاستىدا بولغاندە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ كۆپىنچە ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە جىنسىي خورلىغۇ‌چى ئۆيدىكىلە‌ر ياكى يېقىن تۇ‌غقانلارنىڭ بىرى،‏ ياكى بولمىسا بالا ياخشى تونۇ‌يدىغان ئادە‌م بولۇ‌پ چىقىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بالا ئىشىنىدىغان كىشى ئۇ‌نى جىنسىي خورلىسا،‏ بالىنىڭ ھە‌تتا كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ باشقىلارغا ئىشىنىشى قىيىن بولىدۇ.‏

6.‏ بالىنى جىنسىي خورلاش نېمە ئۈچۈن يىرگىنىچلىك قىلمىش؟‏

6 بالىلار ئاجىز.‏ بالىنى جىنسىي خورلاش —‏ يىرگىنىچلىك قىلمىش.‏ بالىلارنىڭ تېنى ۋە ئاڭ سېزىمى نىكاھ مۇ‌ناسىۋىتى ئىچىدە بولىدىغان جىنسىي ئالاقە ئۈچۈن تېخى تە‌ييار ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنى كىچىكىدە جىنسىي ئالاقىگە مە‌جبۇ‌رلاش ئۇ‌لارغا چوڭ زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏ جىنسىي خورلۇ‌ققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بالىنىڭ جىنسىي ئالاقىگە بولغان كۆز قارىشى ياكى ئۆز-‏ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشى بۇ‌رمىلىنىدۇ ۋە باشقىلارغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏

7.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن جىنسىي خورلىغۇ‌چىنىڭ بالىنى قولغا چۈشۈرۈشى ئاسان ۋە ئۇ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ ئۇ‌نىڭ يالغان سۆزلىرىنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

7 بالىلار چوڭلارغا ئوخشاش،‏ ياخشىنى ياماندىن ئايرىيالمايدۇ،‏ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تنى بايقاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏11)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ جىنسىي خورلىغۇ‌چى بالىنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرە‌لە‌يدۇ.‏ جىنسىي خورلىغۇ‌چى بالىنى:‏ «بۇ‌نىڭغا ئۆزۈڭ ئە‌يىبلىك،‏ بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىچىككىنە سىر،‏ ئېيتىپ بە‌رسە‌ڭمۇ ساڭا ھېچكىم ئىشە‌نمە‌يدۇ،‏ چوڭلار بىلە‌ن بالىلار ئارىسىدىكى بۇ‌نداق مۇ‌ناسىۋە‌ت تە‌بىئىي مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ يالغان ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بالىغا كۆپ يىللار كېرە‌ك.‏ جىنسىي خورلانغان بالا ئۆزىنى پاسكىنا،‏ ھېچقاچان ھېچكىم بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالمايدىغاندە‌ك،‏ باشقىلارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە لايىق ئە‌مە‌س دە‌پ ھېسابلىشى مۇ‌مكىن.‏

8.‏ يە‌ھۋا يۈرىكى يارىلانغانلارغا تە‌سە‌للى بېرىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

8 بالىنى جىنسىي خورلاش نېمە دېگە‌ن رە‌ھىمسىز ۋە ۋە‌ھشىي قىلمىش!‏ بۇ قىلمىش پە‌يدا قىلغان يۈرە‌ك يارىسى ئۇ‌زاق ۋاقىت ساقايماي،‏ لوقۇ‌لداپ ئاغرىشى مۇ‌مكىن.‏ كە‌ڭ تارقالغان بۇ‌نداق زوراۋانلىق «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تسىز» ۋە «رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر ۋە ئالدامچىلار … بارغانسېرى تېخىمۇ يامانلىشىپ» كېتىدىغان ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتى (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1—‏5،‏ 13)‏.‏ شە‌يتاننىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرى ياۋۇ‌زلۇ‌ققا تولغان.‏ بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ داپقا ئۇ‌سسۇ‌ل ئوينىغاندە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌ر شە‌يتاننىڭ قورالى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاۋاتىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شە‌يتاندىن ۋە ئۇ‌نىڭ قول ئاستىدىكىلە‌ردىن كۈچلۈكرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ھىيلە-‏مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنىڭ قانداق ئازاب چېكىۋاتقانلىقىمىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ۋە بىزگە كېرە‌كلىك تە‌سە‌للىنى بېرىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانمىساق بولىدۇ.‏ «بارچە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بىز ھە‌ر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌دا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ بىزمۇ خۇ‌دادىن ئالغان تە‌سە‌للى بىلە‌ن ھە‌ر تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يمىز».‏ بىز شۇ‌نداق خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال!‏ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كىم ئارقىلىق تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏

كىم تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9.‏ داۋۇ‌تنىڭ زە‌بۇ‌ر 27:‏10-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرىگە ئاساسە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىسى تاشلاپ كە‌تكە‌نلە‌رگە يە‌ھۋا خۇ‌دا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

9 بولۇ‌پمۇ ئاتا-‏ئانىسى جىنسىي خورلاشتىن ھىمايە قىلمىغان ياكى يېقىن كىشىسى جىنسىي خورلىغان كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌ر تە‌سە‌للىگە موھتاج.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌رقاچان تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ‏(‏زە‌بۇ‌ر 27:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت ئائىلىدە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرمىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا كۆيۈمچان ئاتا بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ئارقىلىق تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىزنىڭ ئائىلىمىزگە ئوخشاش.‏ بىر قېتىم ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىمكى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىسا،‏ شۇ مېنىڭ ئاكا-‏ئۇ‌كام ۋە ئاچا-‏سىڭلىم ۋە ئانامدۇ‌ر».‏—‏مە‌تتا 12:‏48—‏50‏.‏

10.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاقساقاللىق ۋە‌زىپىسىنى قانداق ئورۇ‌ندىغان؟‏

10 جامائىتىمىز قايسى مە‌نىدە ئائىلىگە ئوخشاش ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ئە‌مگە‌كچان ۋە كۆيۈمچان ئاقساقال بولۇ‌پ،‏ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ :‏ «مە‌ن مە‌سىھنى ئۈلگە قىلغاندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏1)‏.‏ ئۇ‌نىڭ:‏ «سىلە‌رگە خۇ‌ددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇ‌لايىم ئانىدە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىدىن ئاقساقاللىق ۋە‌زىپىسىنى قانداق ئورۇ‌ندىغانلىقى كۆرۈنىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏7)‏ .‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈمچان ۋە غە‌مخور ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مۇ‌لايىم،‏ يېقىملىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن موھتاج بولغان قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداش قە‌لبى يارىلانغان قېرىنداشقا تە‌سە‌للىي بېرىۋاتىدۇ

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار روھى چۈشكە‌نلە‌رگە ياخشى تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏c

11.‏ تە‌سە‌للىنى پە‌قە‌ت ئاقساقاللار ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارمۇ بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

11 جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا پە‌قە‌ت ئاقساقاللار تە‌سە‌للى بېرىشى كېرە‌كمۇ؟‏ ياق،‏ بىر-‏بىرىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىش —‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ ۋە‌زىپىسى (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏18)‏.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار تە‌سە‌للىگە موھتاج بولغانلارغا ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنى بالىسىغا تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئانا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىدۇ (‏يە‌شايا 66:‏13)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا روھى چۈشكە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن كۆپلىگە‌ن ئاياللارنىڭ مىساللىرى بار (‏ئايۇ‌پ 42:‏11)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يۈرىكى زېدە بولغانلارغا تە‌سە‌للى بېرىدىغان قېرىنداشلار كۆپ.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاقساقاللار بىۋاستە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلارنى جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏b

بىز قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

12.‏ نېمىدىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

12 قېرىنداشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن چاغدا،‏ ئۇ ئېيتقۇ‌سى كە‌لمىگە‌ن نە‌رسىلە‌رنى سوراشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏11)‏.‏ ياردە‌مگە موھتاج بولغانلارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسە‌ك بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بېرىشنىڭ بە‌ش ئۇ‌سۇ‌لى يېزىلغان.‏

13.‏ 1-‏پادىشاھلار 19:‏5—‏8-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى ئىلياسقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

13 ئە‌مە‌لىي ياردە‌م كۆرسىتىڭ.‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌نى ئۆلتۈرگىسى كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌ردىن قېچىۋاتقاندا،‏ قاتتىق روھى چۈشكە‌ن،‏ ھە‌تتا ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا روھى چۈشكە‌ن پە‌يغە‌مبە‌رگە كۈچلۈك پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ پە‌رىشتە ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئىلياسقا ئىسسىق نان بىلە‌ن سۇ بە‌رگە‌ن ‏(‏1-‏پادىشاھلار 19:‏5—‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ مىسالدىن مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز:‏ بە‌زىدە ئاددىي ياردە‌م ئادە‌مگە كۆپ پايدا ئە‌كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نى بىر چىنە چايغا چاقىرىساق،‏ بىر كىچىك سوۋغاتنى بە‌رسە‌ك ياكى بىر پارچە خە‌تكە يېقىملىق سۆزلە‌رنى يېزىپ ئە‌ۋە‌تسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىمىز.‏ ئادە‌منىڭ شە‌خسىي مە‌سىلىسى ياكى بولغان ئېغىر ئە‌ھۋالى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش قىيىن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولىدۇ.‏

14.‏ ئىلياس بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

14 قە‌لبى ئازار يېگە‌ن قېرىندىشىمىز ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىڭ.‏ ئىلياس بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دىن يە‌نە بىر ساۋاق ئالىمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۇ‌زاق يول مېڭىپ خورېب تېغىغا بېرىشى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا كېرە‌كلىك كۈچ بە‌رگە‌نىدى.‏ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌سىرلە‌ر بۇ‌رۇ‌ن ئۆزىنىڭ خە‌لقى بىلە‌ن كېلىشىم تۈزگە‌ن ئىدى.‏ شۇ تاغدا ئىلياس ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ چۈنكى ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان دۈشمە‌نلە‌ردىن يىراق بولغان.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چراۋاتقان ئادە‌مگە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداش ئۆزىنى ئىبادە‌ت زالىدا ئە‌ركىن ۋە بىخە‌تە‌ر ھېس قىلمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆيدە بىر چىنە چاي ئىچىپ سۆزلىشىشكە بولىدۇ.‏ باشقا قېرىنداش بولسا،‏ ئە‌كسىنچە ئىبادە‌ت زالىدا سۆزلىشىشنى خالىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللار بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك.‏

ىككى ئاقساقال روھ‌ى چۈشكە‌ن قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ؛‏ ئۇ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشنىمۇ چاقىردى

دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىساق،‏ بىللە دۇ‌ئا قىلساق،‏ تە‌سە‌للى بېرىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتساق،‏ ئادە‌مگە ئىلھام بېرە‌لە‌يمىز (‏15—‏20-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏d

15،‏ 16.‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ھە‌ر بىر كىشى چوقۇ‌م ئاڭلاشقا ئالدىرىسۇ‌ن،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ياقۇ‌پ 1:‏19)‏.‏ بىز قانداق تىڭشايمىز؟‏ ئادە‌منى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ قېشىدا ئۈن چىقماي ئولتۇ‌رۇ‌ش يېتە‌رلىك دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاش ئۈچۈن بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىلياس ئىچ باغرىنى تۆككە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىغان.‏ ئۇ ئىلياسنىڭ قورقۇ‌نۇ‌چقا باش ئېگىپ،‏ يالغۇ‌زسىراپ قالغانلىقىنى ۋە ئە‌مگىكىم بىكار بولدى،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئىلياسنىڭ ھە‌ر بىر ئە‌ندىشىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن كېرە‌كلىك ياردە‌منى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ يە‌ھۋا خىزمە‌تچىسىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏9—‏11،‏ 15—‏18.‏

16 قېرىنداشنى تىڭشىغاندا،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئېيتىلغان بىر ئىككى مۇ‌لايىم سۆز ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا ھېسداشلىق كۆرسىتىمىز.‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌نداق دېسىڭىز بولىدۇ:‏ «بېشىڭىزدىن ناھايىتى ئېغىر ئە‌ھۋالنى ئۆتكۈزگە‌ن ئىكە‌نسىز.‏ ھېچكىمنىڭ بالىغا شۇ‌نداق قىلىش ھوقۇ‌قى يوق!‏» بە‌زى ۋاقىتلاردا ئۇ‌نى توغرا چۈشە‌نگە‌نلىكىڭىزگە كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن بىرنە‌چچە سوئال قويۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بە‌لكىم ئۇ‌نىڭدىن:‏ «ئە‌گە‌ر ئېغىر كۆرمىسىڭىز،‏ ماڭا چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏» ياكى «مە‌ن سىزنى توغرا چۈشە‌ندىممۇ؟‏» دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا قېرىنداش سىزنىڭ ئۇ‌نى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ئۇ‌نى چۈشە‌نگە‌نلىكىڭىزگە كۆزى يېتىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4،‏ 7.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن سۆزلە‌شكە ئالدىرىماي،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

17 ئالدىرىماي،‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ڭ.‏ ئادە‌منىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تۈزىتىش ياكى ئۇ‌نىڭغا مە‌سلىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن سۆزىنى بۆلمە‌ڭ.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ڭ.‏ ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ،‏ قە‌لبىدىكى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىنى ئوچۇ‌ق ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئىشە‌نچىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىسىمۇ،‏ ئىلياس ئۆز ئە‌ندىشىلىرىنى يە‌نە ئېيتىپ،‏ سۆزلىرىنى قايتىلىغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏9،‏ 10،‏ 13،‏ 14)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌گە‌ر تە‌سە‌للىگە موھتاج بولغان ئادە‌م ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى قايتا-‏قايتا ئېيتسا،‏ بىز يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌نى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8.‏

اقساقال روھ‌ى چۈشكە‌ن قېرىنداش بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ؛‏ باشقا ئاقساقال بىلە‌ن روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداش دۇ‌ئانى تىڭشاۋاتىدۇ

18.‏ روھى چۈشكە‌ن ئادە‌م بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلساق،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 بىللە دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ روھى چۈشكە‌ن ئادە‌مگە دۇ‌ئا قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ئۆزىنى يە‌ھۋا بىلە‌ن سۆزلىشىشكە لايىق ئە‌مە‌س ھېس قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن،‏ شۇ ئادە‌منىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ،‏ بىللە دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ.‏ شۇ قېرىندىشىمىز بىز ئۈچۈن بە‌ك قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ۋە جامائە‌تتىكىلە‌ر ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن يە‌ھۋادىن شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئاراملىق بېرىپ،‏ تە‌سە‌للى تېپىشىنى سورىساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق دۇ‌ئا قېرىندىشىمىزغا ئىلھام بېرىشى مۇ‌مكىن.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏16.‏

19.‏ بىرسىگە تە‌سە‌للى بېرىشكە نېمە بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

19 دە‌ردىگە دە‌رمان بولىدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلە‌رنى تاللاڭ.‏ سۆزلە‌شتىن ئاۋۋال ياخشى ئويلىنىڭ.‏ ئويلانماي ئېيتىلغان سۆزلە‌ر ئادە‌منىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشى مۇ‌مكىن.‏ يېقىملىق سۆزلە‌ر بولسا،‏ دە‌ردكە دە‌رمان بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 12:‏18)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن تە‌سە‌للى بېرىدىغان ۋە مۇ‌لايىم سۆزلە‌رنى تېپىشقا يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئە‌ڭ كۈچلۈك ۋە تە‌سىرلىك سۆزلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏—‏ئىبرانىي.‏ 4:‏12.‏

20.‏ جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن ۋە بىز ئۇ‌لارنىڭ ئېسىگە نېمىنى سېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى پاسكىنا،‏ باشقىلارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە لايىق ئە‌مە‌س ۋە كېرىكى يوقتە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق بۇ ئوي-‏پىكىر ناتوغرا.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئايە‌تلىرىنى قوللىنىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېسىگە سېلىڭ (‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌سە‌للى بېرىدۇ‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌نسىرە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ روھى چۈشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى ئۇ‌نى مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏ دانىيال يە‌ھۋانىڭ سۆيۈملۈك خىزمە‌تچىسى بولغان ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ بۇ‌نى بىلىشىنى خالىغان (‏دانىيال 10:‏2،‏ 11،‏ 19)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقان خىزمە‌تچىلىرىنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌سە‌للىي بېرىدۇ

جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ئايە‌تلە‌ر تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ شۇ‌نداق ئايە‌تلە‌ر كۆپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچىسى تۆۋە‌ندە كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنىڭ ئاستىدا چۈشە‌ندۈرۈش ياكى بىرسىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغان.‏ بۇ باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

قېرىنداش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ

ئايۇ‌پ 34:‏22—‏28

بالىنى جىنسىي خورلىغانلار بە‌زىدە جازاسىز قالغاندە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقانلارنىڭ يىغا-‏زارىغا قۇ‌لاق سالىدىغان يە‌ھۋا خۇ‌دادىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئادالە‌تلىك ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك،‏ كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ.‏

زە‌بۇ‌ر 62:‏8

‏«مۇ‌شۇ ئايە‌تتە ئېيتىلغان سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىچ باغرىمنى تۆكتۈم.‏ ماڭا تە‌سە‌للىي بېرىشىنى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىم ۋە ئوي-‏خىياللىرىمنى باشقۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشىنى يالۋۇ‌رۇ‌پ سورىدىم.‏ يە‌ھۋاغا قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق بارا-‏بارا كۆڭلۈم ئورنىغا چۈشتى»،‏—‏ دە‌يدۇ تە‌خمىنە‌ن 9 يېشىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان ئاقساقال.‏—‏زە‌بۇ‌ر 56:‏8—‏13-‏نى كۆرۈڭ.‏

يە‌شايا 41:‏10،‏ 13

بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى قىيىن ۋاقىتتا ھىمايە قىلىپ،‏ تە‌سە‌للىي بېرىدىغان سۆيۈملۈك ئاتا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلارمۇ،‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ راستلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏

يە‌شايا 32:‏1،‏ 2

‏«مە‌ن ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىدىم.‏ ئۇ‌لار ۋاقىتلىرىنى ئايىماي،‏ مېنىڭ بىلە‌ن بىرنە‌چچە قېتىم سۆزلە‌شتى.‏ ئۇ‌لار ماڭا چىن يۈرە‌كتىن كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ سۆزلىرىمنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىدى.‏ ئۇ‌لار مېنىڭ بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلدى ۋە شە‌خسە‌ن مە‌ن ئۈچۈنمۇ دۇ‌ئا قىلغان ئىدى»،‏—‏ دە‌يدۇ تە‌خمىنە‌ن 6 يېشىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان قېرىندىشىمىز.‏

1-‏كورىنتلىقلار 13:‏4،‏ 7

بىرسى سىزگە جىنسىي خورلانغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌رنى يادىڭىزدا تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىگە گۇ‌مان بىلە‌ن قاراشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ.‏ ئادە‌تتە جىنسىي خورلىغۇ‌چىلار بالىلارغا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار باشقىلارغا ئېيتسا،‏ باشقىلارنىڭ ئۇ‌لارغا ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ بە‌زى بالىلار شۇ‌نداق ئوي بىلە‌ن چوڭ بولىدۇ.‏ جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان قېرىندىشىمىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بېرىشكە تىرىشىڭ.‏

2-‏كورىنتلىقلار 10:‏4،‏ 5

جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغان كىشى شە‌يتاندىن كە‌لگە‌ن يالغان سۆزلە‌رگە كۆپ يىللار ئىشىنىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق يالغان سۆزلە‌رنى يوققا چىقىرىدۇ.‏

1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20

يۈرىكىمىز ئادالە‌تسىزلىك بىلە‌ن بىزنى ئە‌يىبلىسە،‏ يە‌ھۋا «بىزنىڭ قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌لۇ‌غ ۋە ھە‌ممىنى» بىلىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تايلى.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزنى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تكە ئىشە‌ندۈرىدۇ:‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن بە‌كمۇ قە‌دىرلىك.‏

‏«يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ» دېگە‌ن كىتابىنىڭ 24-‏بابىغا قاراڭ.‏

21.‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغان ئادە‌ملە‌رگە نېمە بولىدۇ ۋە ئادالە‌تسىزلىكنىڭ قۇ‌ربانى بولغانلارغا قانداق ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

21 بىز باشقىلارغا تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئە‌سلىتىمىز.‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا ئادالە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا جىنسىي خورلۇ‌ققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ قە‌لبىدىكى ئازابلىرىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ ھە‌ممىنى كۆرىدۇ ۋە گۇ‌ناھىغا توۋۋا قىلمىغانلارنى چوقۇ‌م جازالايدۇ (‏سانلار 14:‏18)‏.‏ جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىنى قىلايلى.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسى پە‌يدا قىلغان قە‌لب يارىلىرىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا پۈتۈنلە‌ي ساقايتىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ!‏ پات-‏ئارىدا كۆڭۈلنى ئازابلايدىغان ھېچبىر ئىش ئە‌مدى ئە‌سلە‌نمە‌يدۇ،‏ ھە‌تتا خىيالىمىزغا ھە‌م كە‌لمە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏17.‏

قانداق جاۋاب بېرسىز؟‏

  • بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارنىڭ قە‌لب يارىسى نېمە ئۈچۈن ئۇ‌زۇ‌ن يىللارغىچە ساقايماسلىقى مۇ‌مكىن؟‏

  • جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا كىم تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • بىز باشقىلارغا قانداق ئىلھام بېرە‌لە‌يمىز؟‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a كىچىكىدە جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارنىڭ قە‌لب يارىسى ئۇ‌زۇ‌ن يىللارغىچە ساقايماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالە بۇ‌نى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كىم جىنسىي خورلاشقا ئۇ‌چرىغانلارغا تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ ۋە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان كىشى دوختۇ‌رلارغا كۆرۈنۈش-‏كۆرۈنمە‌سلىكنى ئۆزى قارار قىلىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداش يۈرىكى يارىلانغان قېرىنداشقا تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئىككى ئاقساقال روھى چۈشكە‌ن قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ ئۇ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشنىمۇ چاقىردى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش