چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا خۇشاللىقنى ساقلاشنىڭ ئۈلگىسى
سىز جامائەتتە قىلىشنى خالايدىغان، لېكىن ھازىرچە قىلالمايدىغان ۋەزىپە بارمۇ؟ بەلكىم، بۇ ۋەزىپىنى باشقا بىرسى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندۇ. ياكى بولمىسا، بۇرۇن ئۆز زىممىڭىزگە ئالغان ۋەزىپىنى ياشانغانلىقتىن، سالامەتلىكىڭىز ناچارلاشقانلىقتىن، پۇل تەرەپتىن قىسىلغانلىقتىن ياكى ئائىلىڭىزدىكى ۋەزىپىلىرىڭىز تۈپەيلىدىن ھازىر ئورۇنلىيالمايۋاتقانسىز. تەشكىلاتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى توختىتىشقا توغرا كەلگەندۇ. سەۋەبى، قانداقلا بولمىسۇن، سىز خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كېلىدىغان ھەممىنى قىلالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغانسىز. شۇنداق بولسا، بەزىدە ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سەلبى ھېس-تۇيغۇلار، يەنى روھىي چۈشكۈنلۈك، ئاچچىقلىنىش ياكى ئاداۋەت ساقلاشنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ خۇشاللىقنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
يەھيا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ ئۈلگىسىدىن خۇشاللىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. بەلكىم، يەھيا ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان شان-شەرەپلىك خىزمەتنى خۇشاللىق بىلەن قىلسىمۇ، ئالدىدا نېمە ئۇنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن. كۆپ ۋاقىتىنى خىزمەتتە ئەمەس، تۈرمىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەتتا ئۇنىڭ ئوي-خىيالىغا كىرىپ چىقمىغان. يەھيا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان. ئۇنىڭ خۇشال بولۇپ قېلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۈمىدسىزلەنگەندىمۇ، بىز خۇشاللىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
خۇشاللىققا تولغان خىزمەت
مىلادى 29-يىل ئاپرېل ئېيىدا، يەھيا پەيغەمبەر خىزمىتىنى باشلاپ، مەسىھكە يول تەييارلىغان. ئۇ ئادەملەرگە: «توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 3:2؛ لۇقا 1:12—17). نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغان. كۆپچىلىك ئۇنى تىڭشاش ئۈچۈن يېقىن-يىراقتىن كېلىپ، نۇرغۇنلىرى توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن يەھيا دىنىي رەھبەرلەر توۋا قىلمىسا، ئۇلارنى نېمە كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە قورقماي ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 3:5—12). مىلادى 29-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئۇ ئەيسانى چۆمۈلدۈرۈپ، خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئورۇنلىغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، يەھيا ئادەملەرنى ۋەدە قىلىنغان مەسىھ، ئەيساغا، ئەگىشىشكە ئۈندىگەن.—يۇھاننا 1:32—37.
ئەيسا مەسىھ يەھيانىڭ ئالاھىدە رولىنى تەكىتلەپ: «ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا، تېخى سۇغا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىن ئۇلۇغراق كىشى چىقمىدى»،— دېگەن (مەتتا 11:11). يەھيا ئېرىشكەن بەرىكەتلىرىنى قەدىرلىگەنلىكى سۆزسىز. بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپلىرى يەھياغا ئوخشاش يەھۋادىن مول بەرىكەت ئالغان. تېررىنىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئايالى ساندرا ئىككىسى 50 يىلدىن كۆپرەك تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان. تېررى مۇنداق دەيدۇ: «مەن نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، بەيتەل ئەزاسى، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە رايونغا، كېيىن دائىرىگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلدىم. ھازىر مەن قايتىدىن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن». تەشكىلاتتا ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولۇش بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. ئەمما، يەھيانىڭ مىسالى خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ سېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دائىم مىننەتدار بولۇڭ
يەھيا ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر ئۈچۈن دائىم مىننەتدار بولغانلىقتىن، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان. مەسىلەن، ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، يەھيانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىغان. يەھيانىڭ شاگىرتلىرى بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىز بىلەن بىللە بولغان، ئۆزىڭىز ئۇ توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى ئادەملەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ ۋە ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 3:26). يەھيا شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «قىزغا ئۆيلىنىدىغان ئۇنىڭ بىلەن ۋەدىلەشكەن يىگىت. لېكىن، يىگىتنىڭ قولدىشى يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، مەنمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمدۈم» (يۇھاننا 3:29). يەھيا ئەيسا بىلەن بەسلەشمىگەن ۋە ئەيسانىڭ تاپشۇرۇقى مۇھىمراق بولغانلىقتىن، خىزمىتىنىڭ ھېچ پايدىسى يوق دەپ ئويلىمىغان. ئەكسىچە، يەھيا «يىگىتنىڭ قولدىشى» بولۇش ۋەزىپىسىنى قەدىرلەپ، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان.
يەھيانىڭ خىزمىتى قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز قارىشى خۇشال بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەن. يەھيا تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ نەزىر بولغان، شۇڭا شاراب ئىچىشى مەنئىي قىلىنغان (لۇقا 1:15). يەھيانىڭ ئاددىي ھايات تەرزىنى تەسۋىرلەپ، ئەيسا ئۇنىڭ توغرۇلۇق: «يا يېمەيتتى، يا ئىچمەيتتى»،— دېگەن. ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولسا، نەزىر بولمىغاچقا، ئادەتتىكى ئادەملەردەك ياشىغان (مەتتا 11:18، 19). يەھيا پەيغەمبەر ھېچبىر مۆجىزە قىلمىغان. ئەمما، ئۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى، ئۇنىڭ ئىچىدە بۇرۇن يەھياغا ئەگەشكەنلەرنىڭ بەزىلىرى، مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەن (مەتتا 10:1؛ يۇھاننا 10:41). يەھيا بۇنىڭغا خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا، يەھۋا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان خىزمەتنى قىلىشقا بار كۈچىنى سالغان.
بىزمۇ ھازىر تەشكىلاتتا قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزنى قەدىرلىسەك، خۇشاللىقنى ساقلىيالايمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېررى مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا تاپشۇرۇلغان ھەربىر ۋەزىپىنى قەدىرلەپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئورۇنلايتتىم». ئۇ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان يىللارغا قاراپ: «مەن ئۆتكەن ھاياتىمغا قىلچە پۇشايمان قىلماي، ئەكسىچە پەقەت خۇشاللىق بىلەن ئەسلەيمەن»،— دەپ ئېيتقان.
خۇدا تەشكىلاتىدىكى ھەربىر ۋەزىپىنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايمىز. بىزگە ‹خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى› بولۇش شان-شەرىپى بېرىلگەن (1-كورىنت. 3:9). بىرەر قىممەتباھا بۇيۇمنى چىرايلىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئاسراش كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇداغا خىزمەت قىلىش شان-شەرەپ ئىكەنلىكى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلساق، خۇشاللىقىمىزنى يوقاتمايمىز. بىز يەھۋا ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىمىزنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرمايمىز. بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپمۇ ئويلىمايمىز.—گالاتىيا. 6:4.
روھىي ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭ
يەھيا ئۆزىنىڭ ئانچە ئۇزاق خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. لېكىن، خىزمىتى تۇيۇقسىز توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلمىگەن (يۇھاننا 3:30). مىلادى 30-يىلى، ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئالتە ئاي ئۆتە ئۆتمەيلا، ھىرود پادىشاھ يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلاشقا بۇيرىغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، يەھيا قولىدىن كەلگىنىچە ۋەز قىلىشقا تىرىشقان (ماركۇس 6:17—20). بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، يەھياغا خۇشاللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ ھەرقاچان روھىي ئىشلارغا كۆڭۈل قويغان.
يەھيا قاماقتا بولغاندا، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە ئاڭلىغان (مەتتا 11:2؛ لۇقا 7:18). يەھيا ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. بىراق، ئەيسا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلگىسى كەلگەندۇ. يازمىلارغا ئاساسەن، ئەيسا پادىشاھ بولۇشى كېرەك ئىدى. «ئەيسا پات-ئارىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلامدۇ؟ مېنى زىنداندىن ئازاد قىلامدۇ؟» دېگەن سوئاللار يەھيانى قىزىقتۇرغاندۇ. ئەيسانىڭ رولىنى ئېنىقراق چۈشىنىش ئۈچۈن، يەھيا ئۇنىڭغا ئىككى شاگىرتىنى ئەۋەتىپ، «كېلىدىغان كىشى سىزمۇ ياكى باشقا بىرىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟»— دەپ سورىغانىدى (لۇقا 7:19). شاگىرتلار قايتىپ كېلىپ، ئەيسا قىلغان مۆجىزىلەر توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەندە، يەھيا ئۇلارنى زەن قويۇپ تىڭشغان. ئەيسا شاگىرتلارغا مۇنداق دېگەن: «بېرىپ كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭلارنى يەھياغا ئېيتىڭلار: ‹كورنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ، توكۇر مېڭىۋاتىدۇ، ماخاۋلار كېسىلىدىن ساقىيىۋاتىدۇ، گاس كىشى ئاڭلاۋاتىدۇ، ئۆلۈك تىرىلىۋاتىدۇ ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىۋاتىدۇ».—لۇقا 7:20—22.
بۇلارنى ئاڭلاش يەھياغا ئىلھام بەرگىنى سۆزسىز. چۈنكى، بۇ خەۋەرلەر مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى ئەيسانىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئەيسا ئۇنى زىنداندىن ئازاد قىلمىسىمۇ، يەھيا خىزمىتىنىڭ زايە كەتمىگەنلىكىنى بىلگەن. ئەھۋالى بەك قىيىن بولسىمۇ، يەھيانىڭ خۇشال بولۇشقا سەۋەبى بولغان.
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەز خىزمەتتىكى ئۇتۇقلارغا كۆڭۈل بۆلسەك، خۇشاللىقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز
يەھياغا ئوخشاش، روھىي ئىشلارغا كۆڭۈل قويساق، بىزمۇ سەۋرچانلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خۇشاللىقنى ساقلىيالايمىز (كولوسى. 1:9—11). بۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، خىزمىتىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىگە كۆز يەتكۈزىمىز (1-كورىنت. 15:58). ساندرا مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىن كۈندە بىر بابنى ئوقۇيمەن. بۇ مېنى يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۆزۈمگە ئەمەس، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ياردەم بېرىدۇ». قېرىنداشلارنىڭ يەھۋا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە دىققەت ئاغدۇرۇش پەقەت ئۆزۈمىز توغرۇلۇق ئويلىماي، پادىشاھلىق ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ساندرا يەنە: «JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ئايلىق پروگراممىلارنى كۆرۈش تەشكىلاتقا يېقىنراق ھېس قىلىشقا ۋە خىزمەتتىكى خۇشاللىقنى يوقاتماسلىققا ياردەم بېرىدۇ»،— دەپ ئېيتقان.
يەھيا چۆمۈلدۈرگۈچى «ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ روھى ھەم كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن» قىسقا بولسىمۇ، جاسارەت بىلەن خىزمەت قىلغان ۋە ئىلياسقا ئوخشاش «ھېس-تۇيغۇلىرى بار ئىنسان ئىدى» (لۇقا 1:17؛ ياقۇپ 5:17). ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، خىزمىتىمىزنى قەدىرلىسەك ۋە پۈتۈن ئوي-خىيالىمىزنى روھىي ئىشلارغا بۆلسەك، ھاياتىمىزدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولمىسۇن، پادىشاھلىق خىزمىتىنى خۇشاللىق بىلەن قىلىۋېرىمىز.