كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 ئىيۇ‌ل 26-‏30 ب.‏
  • مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش
  • سىتانلى تىياتىرىنىڭ رېمونت قىلىنىشى
  • قانسىز داۋالاش ھوقۇ‌قلىرىنى ھىمايە قىلىش
  • مېنىڭ ئائىلىۋى ھاياتىم
  • كۈتۈلمىگە‌ن ئۆزگۈرۈشلە‌ر
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 ئىيۇ‌ل 26-‏30 ب.‏

تە‌رجىمىھال

مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى قىلدىم

دونالد رىدلې ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

دونالد رىدلى.‏

دونالد رىدلى 30 يىلدىن كۆپرە‌ك يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قانۇ‌نىي ھوقۇ‌قىنى قوغدايدىغان ئادۋوكات بولغان.‏ ئۇ بېمارلارنىڭ قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت سىڭدۈرگە‌ن.‏ ئۇ قوشما شتاتلاردىكى ئالىي سوتلاردا نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم غە‌لبە قازىنىشتا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشقان.‏ دوستلىرى ئۇ‌نى دون،‏ دە‌پ چاقىرىشاتتى.‏ ئۇ تىرىشچان،‏ كە‌متە‌ر ۋە جان پىدا قىلىدىغان كىشى ئىدى .‏

2019-‏يىلى دونغا كە‌مدىن-‏كە‌م ئۇ‌چرايدىغان ۋە داۋاسى يوق نېرۋا كېسىلى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغانىدى.‏ بۇ كېسە‌ل ناھايىتى تېز يامانلىشىپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ 2019-‏يىلى 16-‏ئاۋغۇ‌ست كۈنى جان ئۈزدى.‏ تۆۋە‌ندىكى ئۇ‌نىڭ تە‌رجىمىھالى.‏

مە‌ن 1954-‏يىلى سېنت-‏پول شە‌ھىرىدە (‏مىننېسوتا شتاتى،‏ ئامېرىكا)‏ بايمۇ،‏ گادايمۇ ئە‌مە‌س،‏ رىم كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدىغان ئائىلىسىدە دۇ‌نياغا كە‌لدىم.‏ مە‌ن بە‌ش بالىنىڭ ئىككىنچىسى ئىدىم.‏ مە‌ن كاتولىك باشلانغۇ‌چ مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌دۇ‌م ۋە چېركاۋنىڭ مۇ‌راسىملىرىدا روھانىيلارغا ياردە‌م بېرە‌تتىم.‏ بىراق،‏ مېنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىملىرىم كە‌م ئىدى.‏ گە‌رچە ھە‌ممىنى ياراتقان بىر خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نسە‌ممۇ،‏ ئە‌مما چېركاۋنىڭ مېنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بېرە‌لىشىگە ئىشە‌نمىدىم.‏

ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش

ۋىليام مىتچېل ئىنستىتۇ‌تىنىڭ قانۇ‌ن كە‌سپىدە ئوقۇ‌ۋاتقان بىرىنچى يىلى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مېنىڭ ئۆيۈمگە كە‌لدى.‏ مە‌ن كىر يۇ‌يۇ‌ش بىلە‌ن بە‌نت بولغاچقا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن كېيىن كېلىمىز،‏ دە‌پ كېتىپ قالدى.‏ ئۇ‌لار قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا ئىككى سوئال قويدۇ‌م:‏ «نېمىشقا يامان ئادە‌ملە‌ر ياخشى ئادە‌ملە‌ردىن ياخشىراق ياشايدۇ؟‏ بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏» مە‌ن ئۇ‌لاردىن «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت»،‏ دېگە‌ن كىتابنى ۋە يېشىل تاشلىق كۆزگە چىرايلىق «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى» ئالدىم.‏ ھە‌مدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىم.‏ ھە‌قىقە‌ت مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچتى.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى كە‌لگۈسىدە پۈتۈن دۇ‌نيانى باشقۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ مە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلە‌ي مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌پ كېلىۋاتقانلىقى،‏ پۈتكۈل دۇ‌نيانى زار-‏زار يىغلىتىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ۋە ئادالە‌تسىزلىكنى كۆپە‌يتكىنىنى كۆرۈپ يېتە‌لىدىم.‏

1982-‏يىلى ئۆزۈمنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ شۇ يىلى سېنت-‏پول شە‌ھىرىدىكى بىر ساراي مە‌ركىزىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت» ناملىق چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتۈم.‏ كېيىنكى ھە‌پتىدە،‏ مە‌ن دە‌ل شۇ شە‌ھە‌ردىكى ساراي بىناسىغا كېلىپ،‏ ئادۋوكاتلىق گۇ‌ۋاھنامىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېمتىھان تاپشۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۆكتە‌بىر ئېيىنىڭ بېشىدا،‏ ئېمتىھاندىن ئۆتكە‌نلىكىمنى بىلدىم ۋە ئادۋوكات بولۇ‌پ ئىشلە‌شكە لاياقىتىگە ئىگە بولدۇ‌م.‏

‏«پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت»،‏ ناملىق چوڭ يىغىلىشتا برۇ‌كلىن بە‌يتە‌لدە ئىشلە‌ۋاتقان مايك رىچاردسون بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌م.‏ ئۇ ماڭا مە‌ركىزى باش باشقارمىسىدا قانۇ‌ن بۆلۈمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئە‌لچىلە‌ر 8:‏36-‏دىكى ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنىڭ سۆزلىرى ئېسىمگە كېلىپ،‏ مە‌ن ئۆزۈمدىن:‏ «قانۇ‌ن بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلىشىمغا نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورۇ‌دۇ‌م.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىنى يازدىم.‏

ئاتا-‏ئانام مېنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنىمدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىدى.‏ دادام مېنىڭدىن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنىڭ قانۇ‌ن كە‌سىپىڭ ئۈچۈن قانداق پايدىسى بولىدۇ،‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا پىدائىي خىزمە‌ت قىلىمە‌ن ۋە بە‌يتە‌للىكلە‌رگە ھە‌ر ئايدا تە‌مىنات ئۈچۈن بېرىلىدىغان 75 دوللارنى ئالىمە‌ن،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردىم.‏

مە‌ن سوتتا ئىشلە‌ش ئۈچۈن توختاملىشىپ قويغان ۋاقىت ئاخىرلىشىشىغا،‏ 1984-‏يىلى برۇ‌كلىندىكى (‏نيۇ‌يورك)‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىيالىدىم.‏ قانۇ‌ن بۆلۈمىگە تە‌يىنلە‌ندىم.‏ سوتتا توپلىغان تە‌جرىبە‌م،‏ مېنى ئالدىمدا كۈتۈۋاتقان ئىشلارغا تە‌ييارلىدى.‏

سىتانلى تىياتىرىنىڭ رېمونت قىلىنىشى

سىتانلى تىياتىرى،‏ 1983-‏يىل

سىتانلى تىياتىرى سېتىۋېلىنغاندا مۇ‌شۇ‌نداق ئىدى

1983-‏يىلى نويابىر ئېيىدا،‏ نيۇ-‏جېرسى شتاتىنىڭ جېرسى شە‌ھىرىدىكى سىتانلى تىياتىرى سېتىۋېلىندى.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر شە‌ھە‌ردىكى ئە‌مە‌لدارلارغا بۇ بىنانىڭ ئېلېكتىر ۋە تۇ‌رۇ‌با يوللىرىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن رۇ‌خسە‌ت بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ سىتانلى تىياتىرىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىش سارىيى سۈپىتىدە ئىشلە‌تمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردى.‏ بۇ قىيىنچىلىق پە‌يدا قىلدى.‏ جېرسى شە‌ھىرىنىڭ قانۇ‌نى بويىچە،‏ ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىنالار پە‌قە‌ت تۇ‌رالغۇ رايونلىرىغا جايلىشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ سىتانلى تىياتىرى بولسا،‏ شە‌ھە‌ر مە‌ركىزىدىكى سودا-‏سېتىق رايونىغا جايلاشقاچقا،‏ شە‌ھە‌ر ئە‌مە‌لدارلىرى رۇ‌خسە‌ت ئىلىتىماسىنى رە‌ت قىلدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر نارازىلىق ئە‌رزى سۇ‌ندى،‏ ئە‌مما بۇ ئە‌رز رە‌ت قىلىندى.‏

مېنىڭ بە‌يتە‌لدىكى خىزمىتىمنىڭ بىرىنچى ھە‌پتىسىدە،‏ تە‌شكىلاتىمىز مۇ‌شۇ مە‌سىلە توغرۇ‌لۇ‌ق فېدېراتسىيە رايونلۇ‌ق سوتىغا ئە‌رز سۇ‌ندى.‏ مىنېسوتا شىتاتى سېنت-‏پولدىكى فېدېراتسىيە رايونلۇ‌ق سوتىدا كاتىپ سۈپىتىدە ئىككى يىللىق خىزمىتىمنى ئە‌مدىلا تاماملىغانلىقىم ئۈچۈن ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌لغان مە‌سىلىنى ياخشى بىلە‌تتىم.‏ بىزنىڭ ئادۋوكاتلىرىمىزنىڭ بىرى سىتانلى تىياتىرى ھە‌ر تۈرلۈك تۈمە‌ن ئاممىۋىي پائالىيە‌تلە‌ر،‏ شۇ جۈملىدىن كىنولاردىن تارتىپ روك مۇ‌زىكا كونسېرتلىرىغىچە پائالىيە‌تلە‌ردە قوللىنىلغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن دىنىي مۇ‌راسىملارنى ئۆتكۈزۈش قانۇ‌نسىزلىق بولىدۇ؟‏ رايونلۇ‌ق سوت بۇ مە‌سىلىنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ جېرسى شە‌ھىرى دىنىي ئە‌ركىنلىكىمىزنى ھۆرمە‌تلىمىگە‌ن،‏ دە‌پ ھۆكۈم چىقاردى.‏ رايونلۇ‌ق سوت شە‌ھە‌ردىن كېرە‌كلىك رۇ‌خسە‌تنامىنى بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلدى.‏ مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز ئىشىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن قانۇ‌ن ھوقۇ‌قلاردىن پايدىلانغان تە‌شكىلاتىنى بە‌رىكە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ بۇ ئىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏

بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ئە‌كسىگە كە‌لتۈرۈش ئىشىنى باشلاپ كە‌تتى.‏ كە‌م دېگە‌ندە بىر يىل ئۆتكە‌چ،‏ 1985-‏يىلى 8-‏سېنتە‌بىردە جېرسى شە‌ھىرىدىكى چوڭ يىغىلىش سارىيىدا گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 79-‏قارارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇ‌ش پۈتتۈرۈش مۇ‌راسىمى ئۆتكۈزۈلدى.‏ مە‌ن خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ ئىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىمغا بە‌ك خۇ‌رسە‌ن بولدۇ‌م.‏ بە‌يتە‌لگە كېلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئادۋوكات بولۇ‌پ ئىشلىگىنىمگە قارىغاندا،‏ پادىشاھلىق خىزمىتى ئۈچۈن ھە‌سسە‌منى قوشۇ‌ش مېنى بە‌كرە‌ك شۈكۈر-‏قانائە‌تكە ئىگە قىلدى.‏ شۇ ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى تېخىمۇ كۆپرە‌ك سوت ئىشلىرىدا قوللىنىدىغانىلىقىنى خىيالىمغا كە‌لتۈرمىگە‌ن ئىدىم.‏

قانسىز داۋالاش ھوقۇ‌قلىرىنى ھىمايە قىلىش

1980-‏يىللاردا،‏ دوختۇ‌رلار ۋە دوختۇ‌رخانىلار گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ قانسىز داۋالاش ئۆتۈنۈشلىرىنى ھۆرمە‌ت قىلمىغان.‏ سوتچىلار ئاياللارنىڭ قانسىز داۋالاش قانۇ‌نلۇ‌ق ھوقۇ‌قى،‏ يوق دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھامىلدار ئاياللار كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغان.‏ سوتچىلار،‏ ئە‌گە‌ر ئانىسىغا قان قۇ‌يۇ‌لمىسا،‏ بالىسى يىتىم قېلىشى مۇ‌مكىن،‏ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كە‌لگە‌ن.‏

1988-‏يىلى 29-‏دېكابىر كۈنى،‏ دېنىس نىكېلو قېرىندىشىمىز بوشانغاندا،‏ كۆپ قان چىقىپ كېتىپ ئازاب چە‌ككە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ھېموگىلوبىنى 5تىن تۆۋە‌ن چۈشۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ دوختۇ‌ر قېرىندىشىمىزنىڭ قان سالدۇ‌رۇ‌شنى قوبۇ‌ل قىلىشىنى خالىغان.‏ دېنىس قېرىندىشىمىز ئۇ‌نى رە‌ت قىلدى.‏ ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌نلىكى دوختۇ‌رخانا سوتقا ئە‌رز سۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌ش تە‌دبىرىنى قوللىنىشنى قوبۇ‌ل قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىشنى سورىغان.‏ سوتچى بۇ مە‌سىلىنى كۆرۈپ چىقماي،‏ قېرىندىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ يولدىشىغا خە‌ۋە‌ر قىلماي،‏ دوختۇ‌رخانىنىڭ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

30-‏دېكابىر،‏ جۈمە كۈنى دوختۇ‌رلار ھە‌مراھىنىڭ ۋە باشقا تۇ‌غقانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي،‏ قېرىندىشىمىزغا قان قۇ‌يغان.‏ شۇ كە‌چتىلا دېنىس قېرىندىشىمىزنىڭ تۇ‌غقانلىرى ۋە بە‌زى ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ كاراۋىتىنىڭ ئۆپ-‏چۆرىسىدە تۇ‌رۇ‌ۋېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قان قۇ‌يۇ‌شقا قارشى تۇ‌رغىنى ئۈچۈن تۇ‌تۇ‌لغان.‏ 31-‏دېكابىر،‏ شە‌نبە كۈنى ئە‌تىگە‌نلىكى نيۇ‌يورك شە‌ھىرى ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىدىكى شە‌ھە‌رلە‌ردە گېزىتلار،‏ تېلېۋىزور ۋە رادىئولاردا بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خە‌ۋە‌ر قىلىنغان.‏

دونالد رىدلى بىلە‌ن فىلىپ براملى.‏

فىلىپ براملىي ئىككىمىز ياش چېغىمىزدا

دۈشە‌نبە ئە‌تىگە‌نلىكى،‏ مە‌ن رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان ئالىي سوتچى مىلتون مالېن بىلە‌ن سۆزلە‌شتىم.‏ مە‌ن بۇ مە‌سىلىگە تېگىشلىك ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ سوتچىنىڭ بۇ ئىشنى كۆرۈپ چىقمايلا،‏ قان قۇ‌يۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌ق چىقارغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردۈم.‏ سوتچى مالېن مېنى ئۆز ئىشخانىسىغا چۈشتىن كېيىن كېلىپ،‏ شۇ دە‌لىللە‌رنى ۋە بۇ ئىشقا تېگىشلىك قانۇ‌نلارنى كۆرۈپ چىقىشىنى سورىدى.‏ شۇ كە‌چتە خىزمىتىمگە يېتە‌كچى قېرىنداش فىلىپ براملىي مە‌ن بىلە‌ن بىرگە سوتچى مالېن سوتچىنىڭ ئىشخانىسىغا باردى.‏ سوتچى دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتىنىمۇ چاقىردى.‏ بىزنىڭ مۇ‌نازىرىمىز قىزغىن ئۆتتى.‏ بىر پە‌يتتە،‏ فىلىپ بۇ‌رادە‌ر دە‌پتىرىگە «ئۆزىڭىزنى تۇ‌تۇ‌ڭ»،‏ دە‌پ يېزىپ ماڭا كۆرسە‌تتى.‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن ياخشى مە‌سلىھە‌ت ئىدى،‏ سە‌ۋە‌بى مە‌ن دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ دە‌لىللىرىنى يوققا چىقىرىمە‌ن،‏ دە‌پ قېنىم بە‌كمۇ قىزىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏

رىچارد موك،‏ گرىگورىي ئولدز،‏ پول پولىدورو،‏ فىلىپ براملىي،‏ دونالد رىدلى ۋە مارىئو مورېنو ئا.‏ق.‏ش ئالىي سوتى ئالدىدا.‏

سولدىن ئوڭغا:‏ رىچارد موك،‏ گرىگورىي ئولدز،‏ پول پولىدورو،‏ فىلىپ براملىي،‏ مە‌ن ۋە مارىئو مورېنو.‏ قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتىدا،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى جە‌مئىيىتى بىلە‌ن سىتراتتون يېزىسى» ئارىسىدىكى ئە‌رز-‏شىكايە‌ت سوتىدا ئېغىزچە دە‌لىللە‌رنى كە‌لتۈرگە‌ن كۈنىمىز.‏—‏(‏‏«ئويغىنىش!‏» (‏باشقا تىل)‏ ژۇ‌رنىلى 2003-‏يىلى،‏ 8-‏يانۋار سانىغا قاراڭ)‏.‏

تە‌خمىنە‌ن بىر سائە‌تتىن كېيىن،‏ سوتچى مالېن بۇ ئىشنى ئە‌تە ئە‌تىگە‌ندە بىرىنچى بولۇ‌پ بىرتە‌رە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئىشخانىسىدىن چىققاندا،‏ ئۇ ئە‌تە دوختۇ‌رخانىنىڭ ئادۋوكاتى ئۈچۈن بە‌ك ئېغىر كۈن بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ بۇ دوختۇ‌رخانىنىڭ دېنىس قېرىندىشىمىزغا مە‌جبۇ‌رلاپ قاننى قۇ‌يۇ‌ش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئادۋوكاتقا دە‌لىللە‌ش قىيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا بۇ ئىشتا غە‌لبە قازىنىدىغانلىقىمىزنىڭ پۇ‌رسىتى بار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرمە‌كچى ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىزنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا،‏ بىز بە‌ك ھاياجانلىنىپ كە‌تتۇ‌ق.‏

ئە‌تىسىگە تە‌ييار بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز كېچىچە ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ سوت بىناسى برۇ‌كلىن بە‌يتە‌لدىن يىراق بولمىغاچقا،‏ قانۇ‌ن بۆلۈمىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ يە‌رگە باردى.‏ تۆت سوتچىلار ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،‏ قان قۇ‌يۇ‌ش ھە‌ققىدىكى بۇ‌يرۇ‌قنى يوققا چىقاردى.‏ ئالىي سوت دېنىس قېرىندىشىمىزغا پايدىلىق قارار چىقاردى.‏ سوت ئادە‌منىڭ كۆزقارىشىنى نە‌زە‌رگە ئالماي،‏ ئۇ‌نىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇ‌قىغا قارشى قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏

نە‌تىجىدە نيۇ‌يوركتىكى ئالىي سوت دېنىس قېرىندىشىمىزنىڭ قانسىز داۋالاش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.‏ بۇ قارار ئالىي سوت چىقارغان تۆت قارارنىڭ بىرىنچىسى بولغان.‏ بۇ ئىشقا قاتنىشىش مە‌ن ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پ بولغان ئىدى (‏«‏قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتلىرىدا ئېرىشكە‌ن غە‌لبىرىمىز‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مە‌ن بە‌يتە‌لنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلە‌ن بالىنى بېقىۋېلىش ۋە ئاجرىشىش،‏ يە‌ر-‏زېمىنلارنى ۋە بىنالارنى ئىشلىتىشكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئە‌رز-‏شىكايە‌ت ئىشلىرىدا ھە‌مكارلاشتىم.‏

قوشما شتاتلارنىڭ ئالىي سوتلىرىدا قازانغان غە‌لبىلىرىمىز

1989-‏يىلى،‏ ئىللىنويس شتاتىدىكى ئالىي سوت قۇ‌رامىغا يە‌تمىگە‌ن يېرنېستىنو گرېگورىيغا قارىتا،‏ سوتتا ئۇ‌نىڭ ئۆزى قارار قىلىشقا تامامە‌ن ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى ۋە قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏

شۇ يىلى،‏ فلورىدا شتاتىدىكى ئالىي سوت قۇ‌رامىغا يە‌تكە‌ن كىشى قان قۇ‌يۇ‌شنىڭ خە‌تە‌رلىرىنى چۈشە‌نسە،‏ ئۇ‌نىڭ قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىشقا ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏

1990-‏يىلى،‏ نيۇ‌يورك شتاتلىق سوت،‏ دېنىس نىكولوغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نارازىلىق ئە‌رز سوتىدا،‏ قۇ‌رامىغا يە‌تكە‌ن كىشى قان قۇ‌يۇ‌شنىڭ خە‌تە‌رلىرىنى چۈشە‌نسە،‏ ئۇ‌نىڭ قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىش ۋە قانسىز داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاللاش ھوقۇ‌قى بار،‏ دە‌پ ھۆكۈم قارارىنى چىقارغان.‏

1996-‏يىلى،‏ كوننېكتىكۇ‌ت شتاتلىق ئالىي سوت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان بىر ئانا ئۆز تېنىگە نېمە قىلىشنى تاللاش ۋە قان قۇ‌يۇ‌شنى رە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.‏

مېنىڭ ئائىلىۋى ھاياتىم

دونالد رىدلى ئايالى دون بىلە‌ن.‏

ئايالىم دون بىلە‌ن

مە‌ن ئايالىم دوننى بىرىنچى قېتىم ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ ئاجراشقان ۋە ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ئىدى.‏ ئۇ ئۆز جېنىنى ئۆزى بېقىپ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏ ئۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ جاسارە‌ت بىلە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش قارارى ماڭا بە‌ك تە‌سىر قىلغان.‏ 1992-‏يىلى نيۇ‌يورك شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن «نۇ‌ر تارقاتقۇ‌چىلار» ناملىق چوڭ يىغىلىشتا مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدىم.‏ بىر يىلدىن كېيىن،‏ بىز توي قىلدۇ‌ق.‏ بۇ‌نداق روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ۋە خۇ‌شخۇ‌ي ئايالغا ئېرىشىش بۇ خۇ‌دانىڭ بە‌رىكىتى.‏ ئىككىمىزنىڭ ھاياتىدا،‏ ئايالىم دون مېنى ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشتۇ‌ردى.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏12.‏

بىز توي قىلغاندا،‏ بالىلار 11،‏ 13 ۋە 16 ياشتا ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا ياخشى دادا بولۇ‌شنى خالايتتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۆگە‌ي ئاتىلار توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئىزدىنىش قىلىپ،‏ بىزنىڭ ماتېرىياللاردىن بىلىۋالغانلىرىمنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللاندىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يىللار داۋامىدا بىزدە قىيىنچىلىقلار بولدى،‏ بىراق بالىلارنىڭ مېنى ئىشە‌نچلىك دوستى ۋە كۆيۈمچان دادىسى دە‌پ قوبۇ‌ل قىلغانلىقىغا مە‌ن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ بالىلىرىمىزنىڭ دوستلىرى ئۈچۈن ئىشىكىمىز دائىم ئوچۇ‌ق ئىدى،‏ بىزمۇ قېشىمىزدا دائىم ۋاراڭ-‏چۇ‌رۇ‌ڭ قىلىدىغان ياشلارنىڭ بولۇ‌شىنى ياخشى كۆرە‌تتۇ‌ق.‏

2013-‏يىلى،‏ دون بىز ئىككىمىز ياشانغان ئاتا-‏ئانىلىرىمىزغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ۋىسكونسىن شتاتىغا كۆچۈپ كە‌تتۇ‌ق.‏ مېنىڭ ھە‌يران قالغىنىم،‏ بە‌يتە‌ل خىزمىتىم توختاپ قالمىدى.‏ مە‌ن ۋاقىتلىق پىدائىي خىزمە‌تچى سۈپىتىدە تە‌شكىلاتىمىزغا ھە‌رخىل قانۇ‌نىي ئىشلاردا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن تە‌كلىپ قىلىندىم.‏

كۈتۈلمىگە‌ن ئۆزگۈرۈشلە‌ر

2018-‏يىلى سېنتە‌بىر ئېيىدا،‏ كېكىرتىگىم راھە‌تسىز بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.‏ دوختۇ‌ر مېنى تە‌كشۈردى،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىقلىيالمىدى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ باشقا دوختۇ‌ر ماڭا نېرۋا كېسە‌للىكلىرى دوختۇ‌رىغا كۆرۈنۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ 2019-‏يىلى يانۋاردا نېرۋا كېسە‌للىكلىرى دوختۇ‌رى تە‌خمىنە‌ن دىئاگنوزنى قويۇ‌پ،‏ كە‌مدىن-‏كە‌م ئۇ‌چرايدىغان ئاستا-‏ئاستا تە‌ن ئە‌زالىرىنى زە‌يىپلە‌شتۈرىدىغان كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغانلىقىمنى ئېيتتى.‏

مە‌ن ئۆمۈر بويى مۇ‌زدا كانكى تېيىلىپ كېلىۋاتىمە‌ن.‏ مە‌ن بۇ‌نىڭغا بە‌ك ئامراق.‏ ئۈچ كۈندىن كېيىن،‏ كانكى تېيىلىۋاتقاندا،‏ ئوڭ قولۇ‌منىڭ بېغىشىنى سۇ‌ندۇ‌رۋالغاندىن كېيىن،‏ مە‌ن مۇ‌سكۇ‌للىرىمنىڭ ھە‌رىكىتىنى تىزگىنلە‌ش ئىقىتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ نېرۋا كېسىلىمنىڭ ھە‌يران قالارلىق تېز سۈرە‌تتە يامانلىشىپ كېتىشى سۆزلە‌ش،‏ ھە‌رىكە‌تلىنىش ۋە بىر نە‌رسىنى يۇ‌تۇ‌ش ئىقتىدارىمغا قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏

ئادۋوكاتلىق تە‌جرىبە‌مدىن پايدىلىنىپ،‏ پادىشاھلىق ئىشىنىڭ ئالغا بېسىشىغا ئازىراق ھە‌سسە‌منى قوشقۇ‌نۇ‌م،‏ مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ.‏ مە‌ن دوختۇ‌رلار،‏ ئادۋوكاتلار ۋە سوتچىلار ئۈچۈن ھە‌ر ساھە‌دىكى ژۇ‌رناللاردا نۇ‌رغۇ‌ن ماقالىلە‌رنى يېزىپ ئېلان قىلدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ قانسىز ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە داۋالىنىش ھوقۇ‌قىنى قوغداش ئۈچۈن دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتقىنىمدىن بە‌ك خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ ئە‌مما،‏ لۇ‌قا 17:‏10-‏دىكى سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌ن ئە‌رزىمە‌س قۇ‌ل،‏ پە‌قە‌ت مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش