كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 سېنتە‌بىر 31-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋاغا سادىق بولغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 سېنتە‌بىر 31-‏ب.‏
يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن قورشالغان زۇ‌مرە‌ت تە‌ختتە ئولتۇ‌رغان كۆرۈنۈشى.‏ پارلاق چاقنىغان نۇ‌ر بىلە‌ن قاپلانغان تە‌خت.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ۋە‌ز 5:‏8-‏ئايە‌تتە،‏ ئىنسانىي ھۆكۈمرانلار ياكى يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغانمۇ؟‏

كىشىنى ئويغا سالىدىغان بۇ ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئە‌گە‌ر سە‌ن ياشىغان يۇ‌رتتا كە‌مبە‌غە‌لگە زۇ‌لۇ‌م سېلىنىۋاتقانلىقىنى،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ئادالە‌ت دە‌پسە‌ندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسە‌ڭ،‏ ھە‌يران قالمىغىن.‏ چۈنكى،‏ يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدار ئۈستىدە ئۇ‌نىڭدىن يۇ‌قىرىراق كۆزىتىدىغان بىرى بار.‏ بۇ كىشىلە‌ردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تېخىمۇ يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىكلە‌ر بار».‏—‏ۋە‌ز 5:‏8.‏

ئادە‌منىڭ كۆز قارىشى بويىچە،‏ بۇ ئايە‌تتە پە‌قە‌ت ھۆكۈمە‌ت ھوقۇ‌قىغا ئىگە بولغان كىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغاندە‌ك كۆرۈنىدۇ.‏ لېكىن،‏ چوڭقۇ‌رراق ئويلانساق،‏ بۇ ئايە‌ت يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىر ھە‌قىقە‌تنى نامايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزگە تە‌سە‌للى ۋە خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ.‏

ۋە‌ز 5:‏8-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ نامراتلارنى ئېزىدىغان ئادالە‌تسىز ئە‌مە‌لدار تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ھە‌رقانداق ھۆكۈمران ئۇ‌نىڭكىدىنمۇ يۇ‌قىرى دە‌رىجىگە ياكى ئۈستۈن ھوقۇ‌ققا ئىگە ئە‌مە‌لدار ئۇ‌نى نازارە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ شۇ ئە‌مە‌لداردىنمۇ ئۈستۈن ھوقۇ‌ققا ئىگە بىرسى باردۇ‌ر.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ ھە‌ممە ئىنسانىي ھۆكۈمرانلار چىرىك ياكى ئادالە‌تسىز بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ ئاددىي خە‌لق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىدۇ.‏

گە‌رچە ۋە‌زىيە‌ت ئۈمىدسىز بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌تتا يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدارلارنى نازارە‌ت قىلىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ بىز خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپ،‏ غە‌م-‏قايغۇ‌لىرىمىزنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7)‏.‏ «يە‌ھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن سادىق قېلىشقا ئىنتىلگە‌نلە‌رگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ش ئۈچۈن پۈتكۈل يە‌ر يۈزىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ».‏—‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏9.‏

شۇ‌ڭا،‏ ۋە‌ز 5-‏باب 8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر،‏ بىز ياشاۋاتقان دۇ‌نيادىكى ئە‌ھۋالنى ئە‌سلىتىدۇ‌كى:‏ ھە‌رقاچان ھە‌ممىدىن ئۈستۈن ھوقۇ‌ققا ئىگە بىرسى باردۇ‌ر.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ مۇ‌شۇ ئايە‌ت ئە‌ڭ يۇ‌قىرى ھوقۇ‌ققا پە‌قە‌ت ئە‌ڭ ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋا ئىگە ئىكە‌نلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ھازىر ئۇ ئوغلى ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌ممىنى كۆرىدىغان ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ئادىل خۇ‌دادۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلى ئە‌يسامۇ شۇ‌نداق.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش