كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 نويابىر 8-‏11 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز دۆلىتىگە قايتقانلارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز دۆلىتىگە قايتقانلارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«بېلىق كۆپ يە‌رگە بېرىش»‏
  • شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىن بولغان خۇ‌شاللىق
  • يە‌ھۋانىڭ يار-‏يۆلە‌ك بولغانلىقىنى كۆرۈش
  • ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىغا ياردە‌م بېرىپ تاپقان خۇ‌شاللىق
  • بىز پە‌قە‌ت ئۆز بۇ‌رچىمىزنى ئادا قىلدۇ‌ق
  • ‏«مە‌ن باشقىلاردىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ مە‌نىلىك ئۆتكە‌ن ھايات
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 نويابىر 8-‏11 ب.‏
ئونېسىم ۋە جېرالدىن يە‌رلىك دۇ‌كاندىكى ساتقۇ‌چىغا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

ئونېسىم ۋە جېرالدىن

يە‌ھۋا ئۆز دۆلىتىگە قايتقانلارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن باشقا دۆلە‌تلە‌رگە كۆچۈپ كە‌تكە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار ئۆز دۆلىتىگە قايتقان.‏ خۇ‌دانى ۋە قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌رلە‌رگە كۆچۈپ كە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 22:‏37—‏39‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن؟‏ بۇ‌نى بىلىش ئۈچۈن كامېرون دۆلىتىگە دىققە‌ت قىلايلى.‏

‏«بېلىق كۆپ يە‌رگە بېرىش»‏

1998-‏يىلى،‏ بۇ‌رادە‌ر ئونېسىم ئۆز دۆلىتى كامېروندىن كېتىپ قالغان.‏ ئۇ 14 يىل باشقا دۆلە‌تتە ياشىغان.‏ بىر كۈنى جامائە‌تتە ۋە‌ز قىلىش ھە‌ققىدە بىر مىسالنى ئاڭلىغان.‏ ناتىق مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىككى دوست ھە‌رخىل يە‌ردە بېلىق تۇ‌تىدۇ دە‌يلى.‏ بىرسى بېلىقنى كۆپ،‏ باشقىسى بولسا بېلىقنى ئاز تۇ‌تقان،‏ شۇ‌ڭا قانداق ئويلايسىلە‌ر،‏ بېلىقنى ئاز تۇ‌تقان كىشى بېلىقنى كۆپ تۇ‌تقان دوستىنىڭ قېشىغا بارمامدۇ؟‏»‏

بۇ مىسال ئونېسىمنى روھىي بېلىقلارنى تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتى كامېرونغا قايتىپ،‏ يە‌رلىك قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشى ھە‌ققىدە ئويلاندۇ‌رغان.‏ بىراق،‏ ئۇ قاتتىق ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ ئۇ كامېروندىن كېتىپ چە‌تئە‌لدە نۇ‌رغۇ‌ن يىل ياشىغاندىن كېيىن،‏ ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ ياشاشقا كۆنە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏ دە‌پ ئە‌ندىشە قىلغان.‏ بېشىدا سىناپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئالتە ئايغا بارغان.‏ كېيىن،‏ 2012-‏يىلى ئۇ شۇ يە‌ردە ياشاش ئۈچۈن كۆچۈپ كە‌تكە‌ن.‏

‏«مە‌ن ئىسسىق ھاۋا رايىغا ۋە يە‌رلىك شارائىتلارغا كۆنۈشكە تىرىشتىم.‏ ماڭا قايتىدىن ئىبادە‌ت زالىدا قولايسىز ئورۇ‌ندۇ‌قلاردا ئولتۇ‌رۇ‌شقا توغرا كە‌لدى.‏ لېكىن،‏ مە‌ن دىققىتىمنى كۆپرە‌ك نۇ‌تۇ‌ققا قاراتقانسېرى،‏ ئورۇ‌ندۇ‌قنىڭ قولايسىز ئىكە‌نلىكىگە ئېرە‌ن قىلمايدىغان بولدۇ‌م»،‏—‏ دە‌يدۇ كۈلۈمسىرە‌پ ئونېسىم.‏

ئونېسىم 2013-‏يىلى،‏ فرانسىيە‌دە توققۇ‌ز يىل ياشاپ،‏ كامېرونغا قايتىپ كە‌لگە‌ن جېرالدىن ئىسىملىك قېرىنداشقا ئۆيلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ھاياتىدا يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏ ئونېسىم مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئىككىمىز پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌دۇ‌ق ۋە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ بىر يىلنىڭ ئىچىدە،‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ن 20 ئادە‌م چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏ مە‌ن ھازىر ئۆزۈمنى شۇ «بېلىق» كۆپ يە‌ردە ھېس قىلدىم» (‏ماركۇ‌س 1:‏17،‏ 18)‏.‏ جېرالدىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خىيالىمغا كە‌لتۈرۈپ باقمىغان نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتىم».‏

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىن بولغان خۇ‌شاللىق

جۇ‌دىت ۋە سام-‏كاستېل بىر ئە‌ر كىشىگە كۆل بويىدا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

جۇ‌دىت ۋە سام-‏كاستېل

جۇ‌دىت كامېروندىن ئامېرىكىغا كۆچكە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ كۆپرە‌ك يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ ئۇ:‏ «ھە‌ر قېتىم كامېروندىكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمنى يوقلاپ،‏ ئامېرىكىغا قايتىپ ماڭغىنىمدا،‏ مە‌ن باشلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە يىغلايتتىم».‏ بىراق،‏ جۇ‌دىت كامېرونغا قايتىشتىن ئىككىلە‌نگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشى كامېروندىكى دادىسىنى داۋالىتىشقا ئاسانلىق يارىتاتتى.‏ لېكىن،‏ جۇ‌دىت يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ كامېرونغا قايتقان.‏ ئۇ ئامېرىكىدىكى بە‌زى قولايلىق شارائىتلارنى سېغىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئۇ كامېروندىكى شارائىتلارغا كۆنۈش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورىغان ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ۋە ئايالى ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ ئىلھام بە‌رگە‌ن.‏

ئۆتمۈشنى ئە‌سلە‌پ،‏ جۇ‌دىت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈچ يىل ئىچىدە،‏ مە‌ن تۆت ئادە‌منىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لىگە‌نلىكىمدىن خۇ‌شال بولدۇ‌م».‏ جۇ‌دىت مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى خىزمىتىنى باشلىغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئۇ يولدىشى سام-‏كاستېلنىڭ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشىغا ھە‌مراھ بولماقتا.‏ ئە‌مما،‏ جۇ‌دىتنىڭ دادىسىغا نېمە بولغان؟‏ ئۇ ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن دادىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ھە‌ققىنى كۆتۈرىدىغان چە‌تئە‌لدىكى بىر دوختۇ‌رخانىنى تاپقان.‏ خۇ‌شاللىنارلىق يېرى،‏ ئوپېراتسىيە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولغان.‏

يە‌ھۋانىڭ يار-‏يۆلە‌ك بولغانلىقىنى كۆرۈش

ۋىكتور ۋە كارولېن بىر ئە‌ر كىشىگە باغدا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

ستېفانى ۋە ئالائېن

ۋىكتور ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر كاناداغا كۆچۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژورنىلىدىكى ئالىي بىلىم ئېلىش ھە‌ققىدىكى ماقالىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ئوقۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان.‏ ئونۋېرسىتېتنى تاشلاپ،‏ قىسقا تە‌ربىيىلە‌ش كۇ‌رسلىرىغا بارغان.‏ ئۇ:‏ «بۇ مېنىڭ تېز ئىش تېپىشىمغا ھە‌م مە‌ن بۇ‌رۇ‌ندىن ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان پىدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلاشقا مۇ‌مكىنچىلىك بە‌رگە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ كېيىنرە‌ك ۋىكتور كارولېنغا ئۆيلىنىپ،‏ كامېرونغا بارغان.‏ شۇ يە‌ردە ئۇ‌لار بە‌يتە‌لنى زىيارە‌ت قىلىشقا بارغاندا،‏ كامېروندا خىزمە‌ت قىلىش مۇ‌مكىنچىلىكى توغرىسىدا ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنغان ئىدى.‏ ۋىكتور:‏ «بىز بۇ تە‌كلىپنى رە‌ت قىلىشقا سە‌ۋە‌بلە‌رنى تاپالمىدۇ‌ق ۋە تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ بۇ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلالىدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كارولېننىڭ سالامە‌تلىكى ناچار بولۇ‌شىغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار كامېرونغا كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلغان.‏

ۋىكتور بىلە‌ن كارولېن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قىزىقتۇ‌رىدىغان ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پىدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تنى باشلىغان.‏ ئۇ‌لار يىغىپ قويغان پۇ‌لى بىلە‌ن بىر مە‌زگىل ياشىغان،‏ ئۇ‌لارغا ئىش ئىزدە‌شنىڭ ھاجىتى بولمىغان.‏ پۇ‌لى تۈگىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار كاناداغا بىرنە‌چچە ئاي ئىشلە‌شكە بېرىپ،‏ كېيىن پىدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كامېرونغا قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ۋىكتور بىلە‌ن كارولېن قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏ ئۇ‌لار پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىنى تاماملاپ،‏ مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان ۋە ھازىر تە‌شكىلاتىمىزنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىدا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ۋىكتور مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قولايلىق تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىن ئايرىلىش يە‌ھۋانىڭ يار-‏يۆلە‌ك بولغانلىقىنى كۆرۈشىمىزگە ئىمكانىيە‌ت ياراتتى».‏

ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىغا ياردە‌م بېرىپ تاپقان خۇ‌شاللىق

ئالائېن ۋە ستېفانى ماتېرىياللار ھارۋۇ‌سىنىڭ يېنىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىر ئايالغا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

لېئونس ۋە گېزېلە

2002-‏يىلى گېرمانىيىدىكى ئۇ‌نۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌غان ئالائېن ئىسىملىك ياش بۇ‌رادە‌ر،‏ «ياشلار —‏ ھاياتىڭلارنى نېمىگە بېغىشلايسىلە‌ر؟‏» ناملىق ۋاراقچىنى ئوقۇ‌غان.‏ ئۇ‌نىڭدىكى مە‌لۇ‌ماتلار ئۇ‌نى يېڭى مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ 2006-‏يىلى،‏ خىزمە‌ت ماھارىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌ش مە‌كتىپىنى تاماملاپ،‏ ئۇ تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئۆسكە‌ن كامېرون دۆلىتىگە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏

كامېروندا ئالائېن يېرىم كۈن ئىشلە‌يدىغان ئىشنى تاپغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشنى تاپسىمۇ،‏ بۇ‌رۇ‌نقىدە‌ك كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالماي قېلىشتىن ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئالائېننى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلغاندا،‏ ئۇ ئىككىلە‌نمە‌ي قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ باشلىقى يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشنى تە‌ۋسىيە قىلسىمۇ،‏ ئالائېن ئۆزىنىڭ قارارىدىن ۋاز كە‌چمىگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئالائېن كۆپ يىل فرانسىيە‌دە ياشىغان ستېفانىغا ئۆيلە‌نگە‌ن.‏ ستېفانى كامېرونغا كۆچۈپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

ستېفانى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بە‌زى كىچىك ئاغرىقلار ۋە زىيادە سە‌زگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇ‌م.‏ لېكىن،‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ داۋاسىنى تېپىپ يېنىكلىشىپ قالدىم».‏ مۇ‌شۇ جۈپ سە‌ۋرچانلىقى ئۈچۈن مۇ‌كاپاتلانغان.‏ ئالائېن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز كاتي دېگە‌ن چە‌ت بىر جايدىكى يېزىغا ۋە‌ز قىلىشقا بارغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بىرنە‌چچە ئادە‌منى تاپتۇ‌ق.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن تېلېفون ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزدۇ‌ق.‏ ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى ئادە‌م چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ شۇ يېزىدا بىر گۇ‌رۇ‌پپا ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌لغانىدى».‏ ستېفانى قوشۇ‌مچە قىلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىغا ياردە‌م بېرىشتىن ئارتۇ‌ق چوڭ خۇ‌شاللىق يوقتۇ‌ر.‏ مۇ‌شۇ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ بىز شۇ‌نداق خۇ‌شاللىقنى كۆپ قېتىم ھېس قىلدۇ‌ق».‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئالائېن رايۇ‌نغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە ئايالى بىلە‌ن بىرگە جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىدۇ.‏

ئۆز يۇ‌رتىدا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رە‌پلىرى

‏«بىز يە‌رلىك ئادە‌ملە‌رنىڭ مە‌دە‌نىيىتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئاللىقاچان بىلىمىز.‏ چە‌ت ئە‌للىكلە‌رگە قارىغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى تىڭشاشتىن قورقمايدۇ ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىش ئوڭايراق بولىدۇ».‏‏—‏ئالائېن

‏«چە‌ت ئە‌للىكلە‌ر بارالمايدىغان يە‌رلە‌رگە بىز ئاسانراق بارالايمىز».‏‏—‏ستېفانى

بىز پە‌قە‌ت ئۆز بۇ‌رچىمىزنى ئادا قىلدۇ‌ق

لېئونىس ۋە گېزېلە بىر ئايالغا كۆۋرۈكتە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

كارولېن ۋە ۋىكتور

گېزېلە ئىتالىيىدىكى تىببىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌غاندا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ ئۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر جۈپ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئاددىي ھاياتىدىن بە‌ك تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ گېزېلە كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغاچ،‏ مە‌كتىپىنى تاماملاپ بولۇ‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏

گېزېلە كامېروندا يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالىسىمۇ،‏ بىراق ئۇ ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىتالىيىدە مۇ‌نتىزىم ياشاش ھوقۇ‌قىدىن ۋاز كېچىشتىن،‏ دوستلىرىم ھە‌م ئائىلە‌مدىكىلە‌ردىن ئايرىلىشتىن قورقاتتىم».‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ گېزېلە 2016-‏يىلى كامېرونغا قايتىپ كە‌تكە‌ن.‏ بىر مە‌زگىلدىن كېيىن،‏ ئۇ لېئونىسقا تۇ‌رمۇ‌شقا چىققان.‏ كامېروندىكى بە‌يتە‌ل ئۇ‌لارغا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاج ئايوس دېگە‌ن شە‌ھە‌رگە كۆچۈشنى تە‌ۋسىيە قىلغان.‏

ئايوس شە‌ھىرىدە تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتى قانداق بولغان؟‏ گېزېلە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌پتىلە‌پ توك يوق بولاتتى،‏ بىز تېلېفونلىرىمىزغا توك قاچىلىيالمايتتۇ‌ق،‏ شۇ‌ڭا تېلېفونلىرىمىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىشلىمىگە‌ن.‏ مە‌ن ئوتۇ‌ن يېقىپ تاماق تە‌ييارلاشنى ئۆگە‌ندىم،‏ كە‌چقۇ‌رۇ‌نلىقى ھارۋا ۋە قول چىرىغى بىلە‌ن سۇ‌غا باراتتۇ‌ق.‏ چۈنكى،‏ شۇ ۋاقىتتا ئادە‌ملە‌ر ئاز بولاتتى».‏ گېزېلە بىلە‌ن ھە‌مراھىغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م قىلغان؟‏ گېزېلە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى،‏ دوستلىرىمىزنىڭ ۋە ئاندا-‏ساندا ئائىلىمىزنىڭ پۇ‌ل تە‌رە‌پتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن».‏

گېزېلە ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگىنىگە خۇ‌شالمۇ؟‏ «ئە‌لۋە‌تتە،‏ مېنىڭ قىلچىمۇ گۇ‌مانىم بولمىغان.‏ دە‌سلە‌پتە قىيىنچىلىقلار ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇ‌يغۇ‌لىرى بولدى.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئۇ‌لارنى يېڭىۋالغاندا ھە‌مراھىمىز ئىككىمىز پە‌قە‌ت ئۆز بۇ‌رچىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىن ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشىنىۋاتىمىز»،‏—‏ دە‌يدۇ گېزېلە.‏ لېئونىس بىلە‌ن گېزېلە پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىنى تاماملاپ ۋاقىتلىق مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

كۆپلىگە‌ن بېلىقلارنى تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن بېلىقچىلار ھە‌رخىل قىيىنچلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە تە‌ييار.‏ خۇ‌ددى ئۇ‌لارغا ئوخشاش،‏ ئۆز يۇ‌رتىغا قايتقانلارمۇ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشايدىغانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆپلىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشكە تە‌ييار.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق جان كۆيدۈرە‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌ستە ساقلايدۇ (‏نە‌ھە‌م.‏ 5:‏19؛‏ ئىبرانىي.‏ 6:‏10)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز چە‌تئە‌لدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئۆز يۇ‌رتىڭىزدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز بولسا،‏ سىز قايتىشقا تە‌ييارمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 10:‏22.‏

ئۇ‌لار قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغان؟‏

ئە‌گە‌ر سىز ئۆز يۇ‌رتىڭىزغا قايتىپ كە‌لمە‌كچى بولسىڭىز،‏ بۇ ماقالىدە كە‌لتۈرۈلگە‌ن قېرىنداشلارغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏

  • سىز نېمىنى كۈتىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

    ‏«ياخشى نىيە‌تلىك ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىزنىڭ ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ بېسىمىغا دۇ‌چ كېلىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىڭ»،‏—‏ دە‌يدۇ ئالائېن

  • سىز قانداق تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏

    ‏«مە‌ن پۈتۈن ھاياتىمدا شۇ‌نچىلىك كۆپ دۇ‌ئا قىلغانلىقىمغا گۇ‌مان قىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ گېزېلە

    ‏«مە‌ن پۇ‌ل يىغقان،‏ شۇ‌ڭا ئىقتىسادىي تە‌رە‌پتىن باشقىلارغا تايانماي ياشاشقا مۇ‌مكىنچىلىكىم بار»،‏—‏ دە‌يدۇ جېرالدىن

    ‏«مە‌ن سالامە‌تلىكىمنى پۈتۈنلە‌ي تە‌كشۈرتتۈم»،‏—‏ دە‌يدۇ ستېفانى

  • سىز ئۆزىڭىزنى ئىقتىسادىي تە‌رە‌پتىن قانداق تە‌مىنلە‌يسىز؟‏

    ‏«ئاۋۋال مە‌ن يىغقان پۇ‌لۇ‌مغا ياشايتتىم.‏ ئاندىن مە‌ن مە‌كتە‌پتە مۇ‌ئە‌للىم بولۇ‌پ ئىشلىدىم.‏ كېيىنرە‌ك مە‌ن سوپۇ‌ن ياساپ،‏ سېتىشنى ئۈگە‌ندىم»،‏—‏ دە‌يدۇ جېرالدىن

    ‏«بىز سۈتتىن كە‌مپۈت ياساپ،‏ دۇ‌كانلارغا تارقىتىپ،‏ جېنىمىزنى باقاتتۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ گېزېلە

    ‏«مە‌ن ئىنتېرنېتتا ھۆججە‌تلە‌رنى تە‌رجىمە قىلىپ ئىشلە‌يتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ ئونېسىم

  • سىز قانداق بېخە‌تە‌ر ياشايسىز؟‏

    ‏«مە‌ن قېرىنداشلارغا يېقىنراق تۇ‌رىدىغان بىخە‌تە‌ر ئۆينى تاپتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ جېرالدىن

    ‏«مە‌ن ھېچقاچان ۋە‌ز خىزمە‌تكە يالغۇ‌ز چىقمايتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ گېزېلە

    ‏«مە‌ن كە‌چتە يالغۇ‌ز سىرتقا چىقمايمە‌ن ۋە قىممە‌ت نە‌رسىلە‌رنى ئۆزۈم بىلە‌ن ئېلىپ يۈرمە‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ ستېفانى

    ‏«مە‌ن چە‌ت ئە‌لدىن كە‌لگە‌نلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتمايتتىم.‏ يە‌رلىك ئادە‌ملە‌ر ئارىسىغا سىڭىپ،‏ ئۇ‌لاردىن پە‌رقلە‌نمە‌سلىككە تىرىشاتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ جۇ‌دىت

  • سىزنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋە قىزغىن خىزمە‌ت قىلىشىىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

    ‏«بىز ھە‌رتۈرلۈك شارائىتلارغا كۆنۈشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ كۆچۈپ كېلىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئىجابىي نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌ردۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ ۋىكتور

    ‏«ماڭا شۈكۈر قىلىشنى ئۆگىنىشىم كېرە‌ك ئىدى»،‏—‏ دە‌يدۇ ئالائېن

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش