تەرجىمىھال
يەھۋا خۇدا مېنىڭ يولۇمنى تۈز قىلدى
بىر قېتىم ياش بۇرادەر مېنىڭدىن: «يازمىلاردىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايىتىڭىز قايسى؟— دەپ سورىدى. مەن بىردىنلا ئۇنىڭغا: «پەندى-نەسىھەت 3-باب 5، 6. شۇ يەردە: ‹پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن ئىشەن يەھۋاغا، ئۆز ئەقىلىڭگە تايانما›»،— دەپ ئېيتتىم. ھەئە، يەھۋا ھەقىقەتەن مېنىڭ يولۇمنى تۈز قىلغان. قانداق؟
ئاتا-ئانام ماڭا توغرا يولنى تېپىشقا ياردەم قىلدى
ئاتا-ئانام 1920-يىلى توي قىلىشتىن ئاۋۋال ھەقىقەتنى بىلگەن. مەن 1939-يىلنىڭ بېشىدا دۇنياغا كەلدىم. ئەنگلىيىدە ياش چېغىمدا مەن ئاتا-ئانام بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىغا باراتتىم ۋە ۋەز ئېيتقۇچىلارنى مەكتىپىگە بېرىشنى ياخشى كۆرەتتىم. تىڭشىغۇچىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن سەھنىدە بىر ساندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، بىرىنچى نۇتۇقنى ئېيتقىنىمدا ئۆزۈمنى قانداق ھېس قىلغانلىقىم مۇشۇ كەمگىچە ئېسىمدە بار. شۇ چاغدا مەن ئالتە ياشتا ئىدىم. شۇڭا، يېشى چوڭ تىڭشىغۇچىلارنى كۆرۈپ قاتتىق ھودۇقۇپ كەتتىم.
ئاتا-ئانام بىلەن كوچىدا خىزمەت قىلىش
خىزمەتتە مېنىڭ ئاددىي تەۋسىيىنى قوللىنىشىم ئۈچۈن دادام ئۇنى كىچىك كارتىغا يېزىپ قوياتتى. مەن بىرىنچى قېتىم يالغۇز ۋەز قىلغاندا، سەككىز ياشتا ئىدىم. ئۆي ئېگىسى مېنىڭ كارتامنى ئوقۇپ، «خۇدا ۋاپادار» دېگەن كىتابنى ئالغاندا، مەن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن. مەن بۇنى ئېيتىش ئۈچۈن دادامنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ باردىم. ۋەز خىزمەتتىن ۋە يىغىلىشلاردىن ئالغان خۇشاللىقىم ماڭا خۇداغا تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش ئارزۇيۇمنى كۈچەيتىشكە ياردەم بەردى.
دادام مېنى «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىغا مۇشتەرى قىلىپ يېزىپ قويغاندا، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت يۈرۈگۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىشقا باشلىدى. كەلگەن ھەر بىر نۇسخا مېنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قىزىقتۇراتتى. يەھۋاغا بولغان ئېتىقادىم كۈچىيىپ، ئاخىرى ئۆزۈم ھاياتىمنى ئۇنىڭغا بېغىشلاشنى قارار قىلدىم.
بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى 1950-يىلى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلاھىي ھوقۇقنىڭ كېڭىيىشى» دېگەن چوڭ يىغىلىشقا باردۇق. 3-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈننىڭ ماۋزۇسى «مىسسىئونېرلار كۈنى» بولدى. كارېى باربېر كېيىنرەك يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان بۇرادەر، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدىغانلار ئۈچۈن نۇتۇق ئېيتتى. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمەكچى بولغانلار ئۈچۈن ئىككى سوئالنى قويغاندىن كېيىن، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ: «ھەئە!»— دەپ جاۋاب بەردىم. مەن 11 ياشتا بولساممۇ، بۇ قەدەمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. لېكىن، مەن سۇغا كىرىشتىن قورقاتتىم، چۈنكى تېخى ئۈزۈشنى بىلمەيتتىم. كىچىك دادام ماڭا ھەمراھ بولۇپ سۇغا كىرىپ، ھەممىسى ياخشى بولىدۇ، دېدى. ناھايىتى تېزلا، پۇتۇم كۆلچەكنىڭ ئاستىغا تەگمەيلا ھەممىسى ئاياقلاشقان ئىدى. مېنى بىر بۇرادەر يەنە بىر بۇرادەرگە بەردى، بىرسى مېنى چۆمۈلدۈرگەن، يەنە بىرسى مېنى سۇ كۆلچىكىدىن چىقاردى. شۇ مۇھىم كۈندىن باشلاپ، يەھۋا مېنىڭ يولۇمنى داۋاملىق تۈز قىلىپ كەلدى.
يەھۋا خۇداغا تايىنىشنى تاللىدىم
مەن مەكتەپنى تاماملاپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى خالىدىم، لېكىن مۇئەللىملەر مېنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتقا باردىم. لېكىن، كېيىنرەك ئوقۇشقا بار كۆڭلۈمنى قويسام، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرالمايدىغانلىقىمنى چۈشەندىم. شۇڭا، ئوقۇشنى تاشلاپ كېتىشنى قارار قىلدىم. مەن يەھۋاغا دۇئا قىلدىم ۋە مۇئەللىملەرگە ئوقۇشتىن توختايدىغانلىقىمنى سىلىق-سىپايە بىلەن چۈشەندۈرۈپ خەت يازدىم. يەھۋاغا تايىنىپ، پىدائىي ۋەز ئېتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى دەرھال باشلىدىم.
1957-يىلى، ئىيۇل ئېيىدا، ۋېللىنگبوروگ شەھىرىدە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمىتىمنى باشلىدىم. مەن لوندون بەيتەلدىكى تەجرىبىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بۇرادەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى سورىدىم. بېرت ۋېيسى بۇرادەر قىزغىن ۋەز قىلاتتى ۋە مېنىڭ ۋەز خىزمىتىمنى ياخشى پىلانلىشىمغا ياردەم بەردى. جامائىتىمىزدە ياشانغان ئالتە ئايال قېرىنداش، ۋېيسى بۇرادەر ۋە مەنلا بار ئىدۇق. ھەممە يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇلارغا قاتنىشىش مېنىڭ يەھۋا خۇداغا بولغان ئىشەنچىمنى مۇستەھكەملىدى ۋە ئېتىقادىمنى كۆرسىتىشكە نۇرغۇن مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىپ بەردى.
ھەربىي خىزمەتنى رەت قىلغىنىم ئۈچۈن تۈرمىدە قىسقا ۋاقىت ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغان باربارا ئىسىملىك قېرىنداشنى ئۇچراتتىم. بىز 1959-يىلى توي قىلدۇق. بىزنى قەيەرگە ئەۋەتسە، شۇ يەرگە بېرىشقا تەييار بولدۇق. دەسلەپتە بىز ئەنگىلىيىنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى لانكەشىر ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلدۇق. ئاندىن 1961-يىلى، مەن لوندوندىكى بەيتەلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «پادىشاھلىق خىزمەت مەكتىپىنىڭ» بىر ئايلىق كۇرسىغا تەكلىپ قىلىندىم. كۇرسنىڭ ئاخىرىدا مەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگىنىمدىن ھاڭ-تاڭ بولدۇم. مەن بىرمىنھام شەھىرىدە تەجرىبىلىك رايونغا مەسئۇل ئاقساقالدىن ئىككى ھەپتە ئۆگەندىم ۋە بۇرادەرلەر باربارانىڭ ماڭا قوشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلدى. ئاندىن بىز بىرلىكتە لانكەشىر ۋە چېشىر ئۆلكىلىرىگە ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلاش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندۇق.
يەھۋاغا بولغان ئىشەنچ ھېچقاچان كۆڭۈلنى قالدۇرمايدۇ
1962-يىل ئاۋغۇست ئېيىدا، دەم ئېلىشقا كەتكىنىمىزدە، بەيتەلدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئۇ خەتنىڭ ئىچىدە گىلىئاد مەكتىپىگە بېرىش ئىلتىماسى بار ئىدى. كېيىن، بۇ توغرىسىدا دۇئا قىلىپ، باربارا ئىككىمىز بەيتەل تەلەپ قىلغاندەك ئىلتىماسنى چاپسان تولدۇرۇپ ئەۋىتىۋەتتۇق. بەش ئايدىن كېيىن، بىز برۇكلىندىكى (نيۇيورك) گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 38-قارالىق سىنىپىدا ئون ئاي ئوقۇدۇق.
گىلىئاد مەكتىپىدە خۇدا سۆزى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى ھەمدە دۇنيا يۈزىدىكى قېرىنداشچىلىق توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. بىز يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئىدۇق، شۇڭا سىنىپداشلىرىمىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق. مۇئەللىملەرنىڭ بىرى فرېد راسك بۇرادەر بىلەن ھەر كۈنى خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولغان ئىدىم. ئۇ دەرىسلەرنىڭ بىرىدە مۇھىم بىر مەسلىھەتنى ئېيتقان ئىدى: نەسىھەت دائىم توغرا بولۇش ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغان بولۇشىغا كۆز يەتكۈزۈش كېرەك. بىزگە ناتان نورر، فرېدېرىك فرانسىس ۋە كارل كلېن قاتارلىق تەجرىبىلىك بۇرادەرلەر دەرس بەرگەن ئىدى. بىز ئا. خ. ماكمىللان بۇرادەرنىڭ كەمتەرلىك ئۈلگىسىدىن كۆپ نەرسىنى ئۆگىنىۋالدۇق. ئۇ 1914-يىلدىن باشلاپ 1919-يىلنىڭ بېشىغىچە قېرىنداشلار بېشىدىن ئېغىر يىللارنى ئۆتكۈزگەندە، يەھۋا ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكى توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.
ۋەزىپىمىز ئۆزگەرگەن
ئوقۇشنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقاندا، نورر بۇرادەر بارباراغا ۋە ماڭا بىزنى ئافرىقىدىكى بۇرۇندىغا ئەۋىتىمىز، دەپ ئېيتتى. شۇ چاغدا، بۇرۇندىدا قانچە ۋەز ئېيتقۇچىلار بار ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن «يىلنامە» كىتابىنى ئىزدەش ئۈچۈن بەيتەلنىڭ كۇتۇپخانىسىغا باردۇق. ھەيران قالارلىق يېرى، ئۇ دۆلەت توغرۇلۇق ھېچ بىر مەلۇمات تاپالمىدۇق. بىز ئاز بىر نەرسە بىلىدىغان ۋە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئايىغى باسمىغان بىر دۆلەتكە، يەنى يېڭى بىر تېرىتورىيىگە ماڭدۇق. بىز قاتتىق غەم-ئەندىشىگە پاتتۇق! لېكىن، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغاندىن كېيىن كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى.
يېڭى ۋەزىپىمىزدە، ھەممە نەرسىلەر ئۆزگىچە بولۇپ، ھېچقاچان بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان ئىدۇق — ھاۋا رايى، مەدەنىيەت ۋە تىل. ئەمدى بىزگە فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىش ۋە يەنە تۇرىدىغانغا جاي تېپىشىمىز كېرەك ئىدى. بىز كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، گىلىئاد مەكتىپىدىكى سىنىپدىشىمىز خاررى ئارنوت ئۆز ۋەزىپە ئورنى زامبىياغا ماڭغىنىدا، بىزنى يوقلاپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ بىزنىڭ ئۆي تېپىشىمىزغا ياردەم بەردى. بۇ بىزنىڭ بىرىنچى مىسسىئونېرلىق ئۆيۈمىز بولدى. بىراق، كۆپ ئۆتمەي يەرلىك ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق ھېچنەرسە بىلمىگەچكە، بىزگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى. بىز ئەمدىلا ۋەز خىزمىتىمىزدىن قانائەت تېپىشقا باشلىغاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىزگە كېرەكلىك قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسەت قەغىزى بولمىسا، بۇ يەردە قالالمايسىلەر، دەپ ئېيتتى. بەك ئەپسۇس، بىز ئەمدى يېڭى دۆلەت ئۇگانداغا كېتىپ، شۇ يەردىكى تۇرمۇشقا ئادەتلىنىشكە توغرا كەلدى.
يەھۋا خۇداغا بولغان ئىشەنچىمىز ئۇگانداغا ۋىزاسىز كۆچۈش توغرىسىدىكى غەم-تەشۋىشلىرىمىزنى پەسەيتتى. ئۇگانداغا ۋەز خىزمەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كانادىدىن كەلگەن بىر بۇرادەر، بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇلار بىزنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشىمىزنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس يېزىشقا بىرنەچچە ئاي ۋاقىت بەردى. شۇ ئىشلارنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىشى ئارقىلىق يەھۋا بىزگە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇرۇندىنىڭ شارائىتى ئۇگاندانىڭ شارائىتىدىن كۆپ پەرقلەنگەن. گەرچە ئۇگاندادا پەقەت 28 گۇۋاھچى بولسىمۇ، ۋەز ئىشى ئاللىقاچان ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇ يەردە بىز ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەيدىغان نۇرغۇن ئادەملەرنى تاپتۇق. كۆپ ئۆتمەي، قىزىققۇچىلارنىڭ روھىي تەرەپتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىزنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىن بىر تىلنى بولسىمۇ ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. بىز لۇگاندا تىلى كەڭ تارقالغان كامپالا دېگەن شەھەردە ۋەز قىلغاچقا، شۇ تىلغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى قارار قىلدۇق. مۇشۇ تىلدا ئەركىن سۆزلەش ئۈچۈن بىزگە بىرنەچچە يىل ۋاقىت كەتتى، لېكىن بۇ ۋەز قىلىش ئىشىمىزنى قانچىلىك ئۈنۈملۈك قىلغان،-ھە! ئەمدى بىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ روھىي مۇھتاجلىقىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە باشلىدۇق. ئۆگەنگۈچىلەر بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان قىزىقىشىمىزنى كۆرگەندە، ئۇلار بىزگە ئىشىنىشكە ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىشقا باشلىغان.
تۈرلۈك سەپەرلەر
ئۇگاندادىكى سەپىرىمىز
بىز ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگەندە، كۆپ خۇشاللىق تاپتۇق. ھەتتا بىز كۈتۈلمىگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتۇق — پۈتۈن دۆلەتنى ئارىلاپ سەپەر قىلىش. كېنىيىدىكى بەيتەلنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بىز مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ يېڭى تېرىتورىيىدە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇن جايلارنى ئىزدەشكە سەپەر قىلدۇق. گەرچە ئادەملەر ھېچقاچان گۇۋاھچىلارنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بىز ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مېھماندوستلۇقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن بىرنەچچە قېتىم كۆردۇق. ئۇلار بىزنى ئىللىق قارشى ئېلىپ، ھەتتا بىز ئۈچۈن تاماق تەييارلىغان ئىدى.
كېيىن، يەنە باشقا بىر تۈرلۈك سەپەرنى قىلدۇق. كامپالا شەھىرىدىن كېنىيىدىكى مومباسا پورتىغا ئىككى كۈن پويىز بىلەن ماڭدۇق، ئاندىن كېمە بىلەن ھىندى ئوكياندىكى سېيشېل ئاراللىرىدىكى بىر ئارال گۇرۇپىسىغا باردۇق. كېيىنرەك، 1965-يىلدىن 1972-يىلغىچە باربارا مېنىڭ بىلەن سېيشېل ئاراللىرىغا باراتتى. مۇشۇ مەزگىلدە ئىككى ۋەز ئېيتقۇچىدىن تەشكىللەنگەن بىر توپ بولۇپ، ئاندىن چوڭ بىر گۈللەنگەن جامائەتكە ئايلانغان ئىدى. باشقا سەپەرلىرىمدە ئېرىترېيە، ئېفىئوپىيە ۋە سۇداندىكى قېرىنداشلارنى يوقلاپ ئۆتتۈم.
بىز ئۇگانداغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر ھەربىي گۇرۇپپا ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تامامەن ئۆزگەردى. شۇ كۈنلەر ئىنتايىن قىيىن بولغان. بۇ كۈنلەر مېنى مۇقەددەس كىتابتىكى بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ، ئەڭ ياخشىسى ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشنى ئۆگەتكەن (ماركۇس 12:17). بىر ۋاقىتقا كەلگەندە، ئۇگاندادا ياشايدىغان ھەممە چەت ئەللىكلەر ئۆزلىرى تۇرىدىغان جايغا ئەڭ يېقىن ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى تىزىملىتىش تەلەپ قىلىندى. بىز دەرھال بۇنىڭغا بويسۇندۇق. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، كامپالا شەھىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، مەخپىي ساقچىلار باشقا مىسسىئونېر بۇرادەر بىلەن مېنى توختاتتى. بىزنىڭ يۈرىكىمىز يېرىلىپ كېتەي دەپ قالدى. ئۇلار بىزنى جاسۇس دەپ ئەيىبلەپ، باش ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ يەردە بىز تىنچلىقپەرۋەر مىسسىئونېرلار ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بەردۇق. تىزىملاتقانلىقىمىزنى ئېيتساقمۇ، ئۇلار بىزنى تىڭشىمىدى. قوراللىق ساقچىلار بىزنى قولغا ئېلىپ، مىسسىئونېرلار ئۆيىگە يېقىن جايدىكى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويدى. بۇرۇن شۇ يەردە تىزىملاتقانلىقىمىزنى بىلگەن ساقچى بىزنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەندە، بىز بەك خۇشال بولدۇق!
شۇ ۋاقىتتا، بىز ھەربىي توساقلاردا، بولۇپمۇ مەس ئەسكەرلەر بىزنى توختاتقاندا پات-پات قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. ئەمما، بىز ھەر قېتىم دۇئا قىلاتتۇق ۋە توساقلاردىن بېخەتەر ئۆتۈپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغاندا، بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلاتتۇق. ئەپسۇسكى، 1973-يىلى مىسسىئونېرلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇگاندادىن كېتىش كېرەك، دەپ بۇيرۇق قىلىنغان ئىدى.
كوتى دې ئىۋۇئېردىكى بەيتەل، ئابىدجان شەھىرى، «ۋەزىلىك خىزمىتىمىز» ۋاراقچىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىلىرىنى چىقىرىدىغان ئاپپارات
بىز بۇ قېتىم باشقا دۆلەتكە، يەنى غەربىي ئافرىقىدىكى كوتى دې ئىۋۇئېر دۆلىتىگە تەيىنلەندۇق. بىز يەنە باشقا ئۆزگۈرۈشلەرگە دۇچ كەلدۇق: تامامەن باشقا مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش، قايتىدىن فرانسۇزچە سۆزلەش ۋە كېلىپ چىقىشى ھەرخىل مىسسىئونېرلار بىلەن بىللە ياشاشنىمۇ ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كەلدى. بۇنىڭغا قارىماستىن، يەھۋانىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان يول-يورۇقىنى كۆردۇق. كەمتەر ۋە سەمىمىي ئادەملەر خۇش خەۋەرنى چاپسان قوبۇل قىلاتتى. بىز بىرلىكتە يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭ يولۇمىزنى قانداق تۈز قىلغانلىقىنى كۆردۇق.
كېيىن تۇيۇقسىز بارباراغا راك كېسىلى، دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. بىز داۋالىنىش ئۈچۈن ئافرىقىدىن ياۋرۇپاغا كۆپ قېتىم بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، 1983-يىلى ئافرىقىدا خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىمىز ئېنىق بولدى. بۇنىڭدىن ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى!
ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۆزگۈرۈشى
بىز لوندوندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلغاندا، باربارانىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ۋاپات بولدى. بەيتەل ئائىلىسى ماڭا يار-يۆلەك بولدى. بىر جۈپ ئەر-ئايال مېنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا تايىنىشىمغا ۋە ئۆزگۈرۈشلەرگە كۆنۈشۈمگە ئەمەلىي ياردەم بەردى. كېيىنرەك مەن بەيتەلگە ياردەم بېرىدىغان تەجرىبىسى مول پىدائىي قېرىنداشنى ئۇچراتتىم، ئۇ يەھۋانى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. مەن ئان بىلەن 1989-يىلى توي قىلىپ، مۇشۇ كەمگىچە لوندوندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتىمىز.
ئان بىلەن برىتانىيىدىكى يېڭى بەيتەلنىڭ قېشىدا
مەن 1995-يىلدىن 2018-يىلغىچە باش ئىدارىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ (بۇرۇن رايونلارنى زىيارەت قىلغۇچى ئاقساقال، دەپ ئاتالغان)، 60 دۆلەتنى زىيارەت قىلدىم. مەن بارغان ھەر بىر دۆلەتتە يەھۋا ئۆزىنىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسىنى ھەرخىل ۋەزىيەتتە بەرىكەتلىگەنلىكىنى كۆردۈم.
مەن 2017-يىلى قايتىدىن ئافرىقىغا باردىم. ئان بىلەن بۇرۇندى دۆلىتىگە قايتا بارغىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم. ئۇ يەردە ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىز بەكمۇ ھاياجانلاندۇق. مەن 1964-يىلى ۋەز قىلغان كوچىدا ھازىر چىرايلىق بەيتەل تۇرىدۇ. ھازىر مۇشۇ دۆلەتتە 15500دىن ئارتۇق ۋەز ئېيتقۇچىلار بار.
2018-يىلى بۇرادەرلەر ماڭا زىيارەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىمىنى بەرگەندە، خۇشاللىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. بۇ تىزىمدا كوتى دې ئىۋۇئېر دۆلىتى بار ئىدى. بىز پايتەخت ئابىدجانغا يېتىپ كەلگەندە، مەن ئۆز ئۆيۈمگە قايتقاندەك بولدۇم. مەن قوشنىلىرىم كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بەيتەلدىكى تېلېفون نۇمىرى تىزىمىغا قارىغاندا، سوسۇ دېگەن بۇرادەرنىڭ ئىسمىنى كۆردۈم. مەن ئابىدجاندا بولغىنىمدا، ئۇ شەھەرگە مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغىنى ئېسىمگە چۈشتى. بىراق، مەن خاتالىشىپتىمەن. بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەن.
يەھۋا ئۆز سۆزىدە تۇردى. كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلاردىن ئۆتۈپ مەن شۇنى چۈشەندىمكى، يەھۋاغا تايانساق، ئۇ بىزنىڭ يوللىرىمىزنى ھەقىقەتەن تۈز قىلىدۇ. ھازىر بىز قىزغىنلىق ئاياقلاشماس يولدا كېتىۋاتىمىز ۋە داۋاملىق يېڭى دۇنيادىكى ھەتتا تېخىمۇ پارلاق ھايات يولىدا مېڭىشنى خالايمىز.—پەند. نە 4:18.