تەرجىمىھال
«ھازىر مەن ۋەز خىزمىتىنى ياخشى كۆرىمەن»
يېڭى زېلانىدىيىنىڭ جەنۇبىي ئارىلىدىكى بالخۇسا، دېگەن يېزا بازىرىدا چوڭ بولدۇم. بالىلىق چېغىمدا يەھۋانى ۋە ھەقىقەتنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. يىغىلىشلارغا بېرىشنى ئېغىر يۈكتەك كۆرمەيتتىم. جامائەتتە ئۆزۈمنى بىخەتەر ۋە خۇشال-خۇرام ھېس قىلاتتىم. گەرچە مىجەز-خۇلقۇم چىقىشقاق بولمىسىمۇ، ھەر ھەپتە ۋەز خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپاتتىم. سىنىپداشلىرىم ۋە باشقىلارغا ۋەز قىلىشتىن قورقمايتتىم. يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن بەك پەخىرلىنەتتىم. شۇڭا، 11 يېشىمدا ئۆزۈمنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلىدىم.
خۇشاللىقىمدىن مەھرۇم بولدۇم
بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، مەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم سوۋۇپ كەتتى. قارىماققا سىنىپداشلىرىمنىڭ ئەركىنلىكىنى ھېچكىم چەكلىمەيتتى. مېنىڭمۇ شۇنداق ئەركىنلىككە ئېرىشكۇم كەلگەن ئىدى. ئائىلىدىكى قائىدە-تۈزۈملەر، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ياشاش ماڭا ئېغىر يۈكتەك تۇيۇلدى. گەرچە يەھۋانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھەرقاچان ئىشەنسەممۇ، ئەمما ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا يېقىن ھېس قىلمىدىم.
مەن پائالىيەتسىز بولۇپ قالمىغان، ئەمما ناھايىتى ئاز ۋەز قىلاتتىم. مەن ھەردائىم تەييارلىقسىز ۋەز خىزمەتكە باراتتىم. شۇڭا، سۆھبەت باشلاش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ماڭا قىيىنغا چۈشەتتى. نەتىجىدە ۋەز خىزمىتىم ئۈنۈمسىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن زېرىكىش ھېس قىلىدىغان بولدۇم. ئۆز-ئۆزۈمدىن: «قانداقمۇ باشقىلار ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ ۋەزگە چىقىدىغاندۇ؟»— دەپ سورىدىم.
17 ياشقا تولغىنىمدا، مۇستەقىل ياشاشقا كۆزۈم تۆت بولدى. شۇڭا، سۇمكىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيدىن ئايرىلىپ ئاۋسترالىيىگە كەتتىم. ئۆيدىن كېتىپ قالغىنىمدا، ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. ئۇلار مېنىڭدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، مېنى داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى.
مەن ئاۋسترالىيىدە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتىم، ھەتتا يىغىلىشلارنى تاشلاشقا باشلىدىم. مەن ئۆزۈمگە ئوخشاش جامائەت يىغىلىشلىرىغا كېلىپ، باشقا كۈنلەردە بولسا كەچلىك كولۇبلاردا ئىچىپ، ئۇسۇل ئويناپ يۈرىدىغان ياشلار بىلەن دوست بولۇشقا بېرىلىپ كەتتىم. ھاياتىمدىكى شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىغىنىمدا، ئىككى قېيىققا، يەنى ھەقىقەتكە ۋە بۇ دۇنياغا تەڭلا دەسسەپ تۇرغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم. بىراق، ئۆزۈمنى يە بۇ ياققا، يە ئۇ ياققا تەۋە ئەمەستەك ھېس قىلدىم.
كۈتۈلمىگەن، ئەمما مۇھىم بىر ساۋاق
ئىككى يىلدىن كېيىن، بىر قېرىنداش مېنى ھاياتىم ھەققىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ قېرىنداش بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ئىدى. مەن توي قىلمىغان 5 قېرىنداش بىلەن بىللە تۇراتتىم. بىز رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن ئۇنىڭ ئايالى تامارانى ئۆيۈمىزدە بىر ھەپتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق. يولدىشى جامائەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغاندا، تامارا بىز، قىزلار بىلەن كۈلكە-چاقچاقلارنى قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى. مەن بۇنى بەكمۇ ياقتۇردۇم. ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە شۇنداق روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ۋە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىرىنى تاپقىنىمدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم.
تامارا بەكمۇ قىزغىن بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتنى ۋە ۋەز خىزمەتنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى باشقىلارغا ئاسان تەسىر قىلاتتى. ئۇ يەھۋاغا بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىپ خۇشاللىق تاپاتتى. مەن ناھايىتى ئاز خىزمەت قىلغاچ، خۇشاللىق تاپالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىجابىي كۆز قارىشى ۋە ھەقىقىي خۇشاللىقى ھاياتىمغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈلگىسى مېنى مۇقەددەس يازمىلاردىكى بىر ئاساسىي ھەقىقەتكە جەلپ قىلدى: يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.—زەبۇر 100:2.
قايتىدىن ۋەز خىزمەتنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم
مەنمۇ تامارادەك خۇشاللىققا ئېرىشىشنى خالايتتىم. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشىم زۆرۈر ئىدى. مەن دەرھاللا ئۆزگىرىشلەرنى قىلمىدىم. ئەمما، مەن قەدەممۇ-قەدەم كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ، ۋەز خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ۋە ئارىلاپ-ئارىلاپ ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدىم. بۇ مېنىڭ جىددىيلەشمەي، ئىشەنچ بىلەن سۆز قىلىشىمغا ياردەم بەردى. ۋەز خىزمەتتە مۇقەددەس كىتابنى پات-پات ئىشلەتكەنسېرى، تېخىمۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەن ھەر ئاي ياردەمچى پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى باشلىدىم.
ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق تېپىۋاتقان چوڭ-كىچىك ياشتىكى قېرىنداشلارنى دوست تۇتۇشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى ھاياتىمدا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا ياردەم بەردى. مەن ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ۋەز خىزمەتتىن تېخىمۇ خۇشاللىق تاپتىم. ھەتتا، ئاستا-ئاستا پىدائىي ۋەز ئېتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. شۇنچە يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنى جامائەتتە خۇددى ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك خۇشال ۋە ئەركىن-ئازادە ھېس قىلدىم.
مەن مەڭگۈلۈك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ھەمراھىمنى تاپتىم
بىر يىلدىن كېيىن، مەن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، يەھۋا خۇدانى ۋە ۋەز خىزمەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئالېكس ئىسىملىك بۇرادەرنى ئۇچراتتىم. ئۇ خىزمەت ياردەمچىسى ۋە 6 يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى. ئالېكس ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج بولغان مالاۋىدا بىرنەچچە ئاي خىزمەت قىلغىنىدا، مىسسىئونېرلار بىلەن ئارىلاشقان. ئۇلار ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ۋە ئۇنى پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى.
بىز 2003-يىلى توي قىلدۇق ۋە شۇنىڭدىن بۇيان تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز ئاجايىپ تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۆگەندۇق. يەھۋا بىزنى سان-ساناقسىز ئۇسۇللار بىلەن بەرىكەتلىدى.
بىزگە بەرىكەتلەرنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى
شەرقىي تىمورنىڭ گلېنو شەھىرىدە ۋەز قىلىۋاتىمىز
بىز 2009-يىلى ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى كىچىك بىر دۆلەت شەرقىي تىمورغا مىسسىئونېرلىق خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىندۇق. بىز ھەيران قالدۇق، ھاياجانلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنسىرىدۇق. بەش ئايدىن كېيىن، بىز بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى دىلىغا كەلدۇق.
بۇ كۆچۈش ھاياتىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. يېڭى مەدەنىيەتكە، تىلغا، يېمەك-ئىچمەككە ۋە تۇرمۇش-شارائىتىغا كۆنۈشىمىزگە توغرا كەلدى. بىز ۋەز خىزمەتتە ھەردائىم كەمبەغەل، ساۋاتسىز ياكى ئاز ئوقۇغان ۋە ئېزىلگەن ئادەملەرنى ئۇچرىتاتتۇق. يەنە بىز ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىق تۈپەيلى جىسمى ۋە قەلبى يارىلانغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۇقa.
ۋەز خىزمەت كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلاتتىb. مەسىلەن، بىر قېتىم مەن كۆڭلى يېرىم بولغان مارىيا ئىسىملىك 13 ياشتىكى قىزنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ ئانىسى 5 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، دادىسى بىلەن كەمدىن-كەم يۈز كۆرۈشەتتى. ئۆزىنىڭ يېشىدىكى باشقا بالىلاردەك مارىيانىڭمۇ ھاياتىدا ھېچبىر نىشانى يوق ئىدى. مېنىڭ ھازىرمۇ بىر ئىش يادىمدا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچ-باغرىنى ماڭا تۆكۈپ، كۆز يېشى قىلغان ئىدى. ئەمما، بۇ قىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ ئانا تىلىدا تېخى راۋان سۆزلىيەلمەيتتىم. ئۇ قىزغا تەسەللى بېرەلىشىم ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سورىدىم ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىن ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم. مەن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا، ھەقىقەتنىڭ مارىيانىڭ كۆز قارىشى، تاشقى قىياپىتى ۋە ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى ۋە ھازىر ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئوقۇغۇچىلىرى بار. بۈگۈنكى كۈندە مارىيا ئۆزىنى ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە چوڭ روھىي ئائىلىگە ئىگە بولغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
يەھۋا شەرقىي تىموردىكى ۋەز خىزمىتىنى بەرىكەتلىمەكتە. گەرچە نۇرغۇن ۋەز ئېيتقۇچىلار مۇشۇ يېقىنقى ئون يىلدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىرى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، خىزمەت ياردەمچىسى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەزىلىرى يىراقتىن ياردەم بېرىدىغان تەرجىمە بۆلۈمىدە يەرلىك تىلدا روھىي ئوزۇقلارنى تەييارلاشقا ياردەم بېرىدۇ. يىغىلىشتا ئۇلارنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقانلىرىنى ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلگىنىنى كۆرۈش، مېنى بەك خۇشال قىلدى.
ئالېكس بىلەن بەلگۈلەنمىگەن تېررىتورىيىدە خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ تەكلىپنامىلىرىنى تارقىتىشقا كېتىۋاتىمىز
بۇنىڭدىنمۇ خۇشال ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن
شەرقىي تىموردىكى ھايات بىلەن ئاۋسترالىيىدىكى ھاياتىمىز بەكمۇ چوڭ پەرق قىلاتتى. ئەمما، مەن بۇنىڭدىنمۇ خۇشالراق ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بىز بەزىدە ئادەملەر ۋە يەرلىك بازارلاردا سېتىلىدىغان قۇرۇتۇلغان بېلىق ۋە سەي-كۆكتاتقا تولغان كىچىك ئاپتوبۇسقا ئولتۇراتتۇق. بەزىدە توخۇلار يۈگۈرۈپ يۈرگەن مەينەت، تىنجىق، نەم، كىچىك ئۆيلەردە مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزەتتۇق. بىراق، شۇنچە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مەن ھەرقاچان ئاجايىپ قالتىس بولدى دەپ ئويلايتتىم.
تېررىتورىيىمىزگە كېتىۋاتىمىز
مەن ئۆتمۈشۈمنى ئەسلىسەم، ئاتا-ئانامنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىكى قىيىن مەزگىللەردە ماڭا يەھۋا خۇدانىڭ يولىنى ئۆگىتىش ۋە مېنى قوللاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغىنى ئۈچۈن مىننەتدارمەن. پەندى-نەسىھەت 22:6-ئايەتتىكى سۆز، مېنىڭ ھاياتىمدا ھەقىقىي ئىسپاتلاندى. ئاتا-ئانام ئالېكس بىلەن مەندىن بەك پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىمىزنى كۆرۈپ خۇشال بولدى. 2016-يىلدىن بۇيان، بىز ئاۋسترالىزىيە بەيتەلنىڭ تېررىتورىيىسىدە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىدە بولۇۋاتىمىز.
تىموردىكى بالىلارغا سەنەم بىلەن كەرىم ھەققىدىكى فىلىمنى كۆرسىتىۋاتىمىز
ئىلگىرى بىر مەزگىل ۋەز خىزمىتىنى يۈكتەك قارىغىنىمغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ھازىر ۋەز خىزمەتنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن! ھاياتىمدىكى ئەگرى-توقايلىقلارغا قارىماستىن، پەقەت يەھۋاغا پۈتۈن قەلب بىلەن خىزمەت قىلىشتىن كېلىدىغان ھەقىقىي خۇشاللىقنى تونۇپ يەتتىم. ئالېكس بىلەن بىرلىكتە 18 يىل يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلار ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال يىللار ئىدى. ھازىر مەن زەبۇر يازغۇچىسى داۋۇتنىڭ يەھۋاغا قىلغان سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى چۈشەندىم: «ئەمما، سەندىن پاناھ ئىزدىگەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇشال بولار، ئۇلار دائىم شاد-خۇرام توۋلار، . . . ئىسىمىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدە خۇشاللىق تاپار».—زەبۇر 5:11.
سەمىمىي ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ!
a 1975-يىلدىن باشلاپ، شەرقىي تىموردىكى كىشىلەر 20 يىلدىن كۆپرەك سىياسىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.
b ئىسىم ئۆزگەرتىلگەن.