كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا نېمە ئىشلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىۋاتىدۇ؟‏
  • يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىدىن نېمە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز
    يە‌ھۋاغا ناخشا ئېيتايلى!‏—‏يېڭى ناخشىلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏

27-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ

‏«سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولساڭلار،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلە‌ر».‏—‏لۇ‌قا 21:‏19.‏

35-‏ناخشا رە‌ھمە‌ت،‏ خۇ‌دا سە‌ۋرچانلىقىڭغا

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ يە‌شايا 65:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تتىكى يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى،‏ بىزنى ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌سلىككە قانداق ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏

2017-‏يىلى «ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌يلى!‏»،‏ دېگە‌ن ماۋزۇ‌دا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلگە‌ن.‏ يىغىلىشنىڭ مە‌زمۇ‌نى قىيىنچىلىقلارغا قانداق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ تۆت يىل ئۆتۈپ كە‌تتى.‏ بىز ھازىرغىچە مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىپ ياشاۋاتىمىز.‏

2 يېقىندا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدىڭىز؟‏ ئائىلە ئە‌زالىرىڭىز ياكى دوستىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىزمۇ؟‏ خە‌تە‌رلىك كېسە‌لگە گىرىپتار بولدىڭىزمۇ؟‏ قېرىلىق تۈپە‌يلى قىيىنىلىۋاتامسىز؟‏ تە‌بىئىي-‏ئاپە‌ت،‏ زوراۋانلىق ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىدىڭىزمۇ؟‏ بىر ۋابا،‏ يە‌نى تاجىسىمان ۋىرۇ‌س (‏19-COVID)‏ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىدىڭىزمۇ؟‏ بىز ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يوق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى پۈتۈنلە‌ي ئۇ‌نتۇ‌پ،‏ قايتا ئۇ‌لار بولمايدىغان كۈننى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز!‏—‏يە‌شايا 65:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ ھازىر چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

3 بۇ دۇ‌نيادا ھايات كە‌چۈرۈش قىيىنلاشتى.‏ يېقىن كېلە‌چە‌كتە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بىز سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا:‏ «سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولساڭلار،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 21:‏19)‏.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلارنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا قانداق بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ بىزمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى سە‌ۋر-‏تاقە‌تنىڭ ئە‌ڭ ئېسىل ئۈلگىسى،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

4 سە‌ۋرچانلىقنىڭ ئە‌ڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى كىم قالدۇ‌رغان؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا.‏ بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندا،‏ ھە‌يران قالدىڭىزمۇ؟‏ بۇ دۇ‌نيا شە‌يتاننىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا،‏ شۇ‌ڭا قىيىنچىلىقلارغا تولغان.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا تۈزۈلمىسىنى يوق قىلىدىغان كۈچى بار.‏ بىراق،‏ ئاشۇ يوق قىلىدىغان كۈننى كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ (‏رىملىقلار 9:‏22)‏.‏ خۇ‌دا شۇ بە‌لگىلىگە‌ن ۋاقىت يېتىپ كە‌لگىچە،‏ چىداپ تۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ھازىر قايسى توققۇ‌ز ئىشتا يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا نېمە ئىشلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىۋاتىدۇ؟‏

يىلان مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى يە‌ۋاتقان ھاۋاغا قاراۋاتىدۇ.‏

5.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىغا قانداق ھاقارە‌ت قىلىنىپ كە‌لگە‌ن؟‏ سىز شۇ‌نى بىلگە‌ندە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدىڭىز؟‏

5 ئىسىمىغا ھاقارە‌ت قىلىنغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلىشىنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 42:‏8)‏.‏ ئە‌مما،‏ تە‌خمىنە‌ن 6000 يىلچە ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ھاقارە‌تلىنىپ كېلىۋاتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 74:‏10،‏ 18،‏ 23)‏.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ بۇ ئېرە‌م بېغىدا باشلانغان.‏ ئىبلىس (‏مە‌نىسى «تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چى»)‏ ياراتقۇ‌چىنى ئە‌يىبلە‌پ،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدىغان نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قىلدى،‏ دېگە‌ن (‏يارىت.‏ 3:‏1—‏5)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن تا ھازىرغىچە،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنى ھە‌قىقىي ئېھتىياج بولغان نە‌رسىلە‌ردىن مە‌ھرۇ‌م قىلغان،‏ دە‌پ ئە‌يىبلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈلگە‌چ،‏ ئە‌يسا بىئارام بولۇ‌پ،‏ شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن:‏ «ئاسماندىكى ئاتىمىز،‏ ئىسىمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولسۇ‌ن».‏—‏مە‌تتا 6:‏9‏.‏

ھاۋا-‏ئانا ئادە‌م-‏ئاتىغا مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى بېرىۋاتىدۇ.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن،‏ يېتە‌رلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويغان؟‏

6 ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى چىققان.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ئاسمان ۋە يە‌ر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بار ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌ڭ ياخشى (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئىبلىس پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ شۇ‌نداق ھوقۇ‌قى يوق،‏ دە‌پ ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌ڭ ياخشى ھۆكۈمران ئىكە‌نلىكى بىر كۈندىلا ئىسپاتلىنىدىغان ئىش ئە‌مە‌س.‏ دانا خۇ‌دا،‏ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ياراتقۇ‌چىسىغا بېقىنماي،‏ ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈپ كۆرۈشىگە يېتە‌رلىك ۋاقىت بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ندا،‏ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 10:‏23)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سە‌ۋرچانلىقىنىڭ نە‌تىجىسىدە،‏ شۇ ئە‌يىبلە‌ش بىرلا قېتىم ۋە مە‌ڭگۈگە ھە‌ل قىلىنىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىلا يە‌ر-‏يۈزىدە ھە‌قىقىي تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىكنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ،‏ ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى ئاقلايدۇ.‏

ئاسماندا شە‌يتاننى چۆرىدە‌پ تۇ‌رغان رە‌زىل پە‌رىشتىلە‌ر.‏

7.‏ كىملە‌ر يە‌ھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ ئۇ‌لارنى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىدۇ؟‏

7 ئۇ‌نىڭ بە‌زى پە‌رزە‌نتلىرى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن.‏ ياراتقۇ‌چىمىز پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئىنسانلارنى مۇ‌كە‌ممە‌ل قىلىپ ياراتقان.‏ بىر ئىسىيانچى پە‌رىشتە شە‌يتان (‏مە‌نىسى «قارشىلاشقۇ‌چى»)‏،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى يە‌ھۋاغا قارشى چىقىشقا قايىل قىلغان.‏ باشقا پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئىنسانلار ئىسيانغا قوشۇ‌لغان (‏يە‌ھۇ‌دا 6)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا تاللىغان ئىسرائىل خە‌لقى ئارىسىدىن بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نى رە‌ت قىلىپ،‏ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلغان (‏يە‌شايا 63:‏8،‏ 10)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان.‏ بىراق،‏ ئۇ سە‌ۋر قىلغان ۋە بارلىق ئىسيانچىلارنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت كە‌لگىچە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭغا سادىق بولغانلار شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مدى بۇ دۇ‌نيانىڭ رە‌زىللىكىگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق!‏

ئاسماندا خۇ‌دانىڭ ئالدىدا،‏ شە‌يتان ئايۇ‌پنى ئە‌يىبلە‌ۋاتىدۇ.‏ بە‌دە‌نلىرىنى سۇ‌لۇ‌ق ئىشىشىقلار قاپلىغان ئايۇ‌پ يە‌ردە ئولتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

8،‏ 9.‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە قانداق يالغانلار ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟‏ بىز شۇ‌لارغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

8 شە‌يتان توختىماي يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ.‏ شە‌يتان خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى ئايۇ‌پنى ئە‌يىبلە‌ش ئارقىلىق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسىنى شە‌خسىي مە‌نپە‌ئىتى ئۈچۈن ئىبادە‌ت قىلىدۇ،‏ دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 1:‏8—‏11؛‏ 2:‏3—‏5)‏.‏ ئىبلىس بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇ ئە‌يىبلە‌شلە‌رنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏10)‏.‏ بىز يە‌ھۋانى سۆيگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا سادىق قېلىش ۋە سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئارقىلىق،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاشتا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏ سە‌ۋرچان بولساق،‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پقا ئوخشاش،‏ بىزنىمۇ بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏11.‏

9 شە‌يتان يالغان دىننىڭ يېتە‌كچىلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ خۇ‌دا شە‌پقە‌تسىز ۋە ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىگە جاۋابكار دە‌يدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌تتا كىچىك بالىلار ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ بىر پە‌رىشتىگە ئېھتىياجى چۈشكە‌چ،‏ ئۇ‌نى ئېلىپ كە‌تتى دە‌يدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌چىغا چىققان ھۆرمە‌تسىزلىك ئە‌مە‌سمۇ!‏ بىز بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك بىر ئاتا!‏ بىز ئېغىر كېسە‌ل بولغاندا ياكى يېقىن كىشىمىزدىن ئايرىلغاندا،‏ ھە‌رگىزمۇ خۇ‌دانى ئە‌يىبلىمە‌يمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ كە‌لگۈسىدە ئاغرىقلارنى ساقايتىپ،‏ ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ بىز ئاڭلاشنى خالايدىغانلارغا،‏ يە‌ھۋانىڭ قانچىلىك مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌ندا،‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۆزىنى ئە‌يىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11.‏

بىلىكىگە ئوكۇ‌ل سېلىنغان،‏ بۇ‌رنىغا ئوكسىگېن ماسكىسى تاقالغان ئايال دوختۇ‌رخانىدا كارىۋاتتا يېتىۋاتىدۇ.‏

10.‏ زە‌بۇ‌ر 22:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تلە‌ر،‏ يە‌ھۋا توغرىسىدا نېمىنى ئاشكارە قىلىدۇ؟‏

10 يـە‌ھۋا ئە‌زىزلىـگە‌ن خىزمە‌تـچىلە‌ر ئـازاب-‏ئوقـۇ‌بە‌ت چېكىۋاتىدۇ.‏ يە‌ھـۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا.‏ زىيانكە‌شلىك،‏ كېسە‌للىك ياكى نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىمىز تۈپە‌يلى نالە-‏پە‌رياد قىلغانلىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى ئازابلىنىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 22:‏23،‏ 24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا چېكىۋاتقان ئازابلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ،‏ ئۇ‌لارنى توختىتىشنى خالايدۇ ۋە كە‌لگۈسىدە توختىتىدۇ (‏چىقىش 3:‏7،‏ 8-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ؛‏ يە‌شايا 63:‏9)‏.‏ شۇ‌نداق بىر كۈن كېلىدۇ‌كى،‏ «ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ.‏ چۈنكى ئاۋۋالقىلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۆتۈپ كە‌تتى».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏4.‏

قە‌برىستانلىقتا يە‌رلە‌ۋاتقاندا،‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال كۆز ياش قىلىۋاتىدۇ.‏

11.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ھە‌ققىدە يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

11 ئۇ يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر ۋە ئايال خىزمە‌تچىلىرىنى كۆرۈشكە بە‌كمۇ تە‌شنا (‏ئايۇ‌پ 14:‏15)‏.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ،‏ خۇ‌دا ئۆز دوستى ئىبراھىمنى قانچىلىك سېغىنغاندۇ؟‏ يۈزمۇ-‏يۈز پاراڭلاشقان مۇ‌سانىچۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 2:‏23؛‏ چىق.‏ 33:‏11)‏.‏ ياراتقۇ‌چى داۋۇ‌ت ۋە باشقا زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىلىرىنىڭ يېقىملىق مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا قانچىلىك تە‌شنا بولۇ‌ۋاتقاندۇ،‏ ھە!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏33)‏ خۇ‌دانىڭ دوستلىرى ھازىر ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغىنى يوق (‏يە‌شايا 49:‏15)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى ھە‌ققىدىكى ھە‌ر بىر ئىنچىكە تە‌پسىلاتلار ئۇ‌نىڭ يادىدا.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى تىرىكتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 20:‏38)‏.‏ خۇ‌دا بىر كۈنى ئۇ‌لارنى تىرىلدۈرىدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ سە‌مىمىي دۇ‌ئالىرىنى قايتا ئاڭلايدۇ ۋە ئىبادە‌تلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يېقىنىڭىزدىن بىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر تە‌سە‌للى بېرىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

كوللاژ:‏ قوراللىق باستۇ‌رۇ‌ش مىساللىرى.‏ 1.‏ بىر ئە‌سكە‌ر تانكا ھە‌يدە‌ۋاتىدۇ،‏ باشقا ئە‌سكە‌رلە‌ر پىيادە مېڭىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ساقچىلار بىر جۈپ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ قوللىرىغا كىشە‌ن سالدى.‏

12.‏ بۇ رە‌زىل ئاخىرقى كۈنلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى نېمە ئازابلايدۇ؟‏

12 رە‌زىل ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى ئېزىشى.‏ ئېرە‌م بېغىدا ئىسىيان باشلانغاندا،‏ يە‌ھۋا ۋە‌زىيە‌تنىڭ بارا-‏بارا يامانلىشىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ياراتقۇ‌چى بۇ دۇ‌نيادا بولۇ‌ۋاتقان رە‌زىللىك،‏ ئادالە‌تسىزلىك ۋە زوراۋانلىقلاردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ.‏ ئۇ ھە‌رقاچان باققۇ‌چىسى يوق يېتىم-‏يېسىر ۋە تۇ‌ل قالغانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ (‏زە‌كە‌رىيا 7:‏9،‏ 10)‏.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلىقىنى،‏ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ كۆڭلى بە‌كمۇ ئازابلىنىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى بىلە‌ن بىرلىكتە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان ھە‌ممىمىزنى،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌كمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏

كېچىلىك كۇ‌لۇ‌بتا يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ئويناۋاتقان كىشىلە‌ر.‏

13.‏ خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە ئىنسانلار قانداق ئە‌خلاقسىزلىققا پېتىپ قالغان؟‏ ئۇ كە‌لگۈسىدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

13 ئىنسانلار بارغانسېرى ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرۈۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنىڭ ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرۈشىنى،‏ شە‌يتان بە‌كمۇ خالايدۇ.‏ خۇ‌دا نۇ‌ھنىڭ زامانىدا ئىنسانلارنىڭ رە‌زىللىشىپ كە‌تكىنىنى كۆرۈپ،‏ يە‌ر يۈزىدە ئىنساننى ياراتقانلىقىغا ئە‌پسۇ‌سلاندى (‏يارىت.‏ 6:‏5،‏ 6،‏ 11)‏.‏ شۇ زاماندىن بېرى،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى ياخشىلاندىمۇ؟‏ ياق،‏ ئۆزگە‌رگىنى يوق!‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئە‌ر-‏ئاياللار ۋە ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلە‌رنىڭ تۈرلۈك ئە‌خلاقسىز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ ئىبلىس بۇ‌نى كۆرۈپ چوقۇ‌م ئىنتايىن خۇ‌شال بولغاندۇ-‏ھە!‏ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏18،‏ 19)‏ بولۇ‌پمۇ،‏ يە‌ھۋاغا پاك ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار شۇ‌نداق ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسا،‏ شە‌يتان بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى چېكىگە يە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ ئە‌خلاقسىزلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

مۇ‌ھىتنى بۇ‌لغاۋاتقان زاۋۇ‌تلار،‏ مايغا مىلە‌نگە‌ن بىر قۇ‌ش.‏

14.‏ ئىنسانلار يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدە ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلارغا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟‏

14 ئىنسانلار مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ۋە‌يران قىلىۋاتىدۇ.‏ ئىنسان ئىنسانلارغا زىيانكە‌شلىك قىلىپ قالماي،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا تاپشۇ‌رغان يە‌ر يۈزىدىكى جانلىقلارغىمۇ زىيانكە‌شلىك قىلىۋاتىدۇ (‏ۋە‌ز 8:‏9؛‏ يارىت.‏ 1:‏28)‏.‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر،‏ كە‌لگۈسى بىر قانچە يىلدا،‏ ئىنسانلار ھايۋاناتلارنىڭ بىر مىليوندىن كۆپرە‌ك تۈرىنى قۇ‌رۇ‌تىۋېتىدۇ،‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىنسانلارنىڭ مۇ‌ھىت بۇ‌لغىنىشى ھە‌ققىدە غە‌م-‏تە‌شۋىشكە چۈشۈشى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س!‏ يە‌ھۋاغا مىڭ شۈكرى،‏ ئۇ يە‌رنى گۇ‌مران قىلغۇ‌چىلارنى گۇ‌مران قىلىدۇ ۋە پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلاندۇ‌رىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 11:‏18؛‏ يە‌شايا 35:‏1.‏

يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىدىن نېمە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15،‏ 16.‏ نېمە بىزنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بىرلىكتە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 نە‌چچە مىڭ يىلدىن بۇ‌يان،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (‏«‏يە‌ھۋا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىۋاتقان ئىشلار‏»،‏ ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ يە‌ھۋامۇ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى خالىغان ۋاقتىدا يوق قىلىشقا قادىر!‏ ئۇ‌نىڭ سە‌ۋرچانلىقى بىز ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت.‏ مۇ‌نداق پە‌رە‌ز قىلايلى:‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال بالىسىنىڭ ئېغىر كېسە‌ل بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لىدىغانلىقى،‏ ھايات كە‌چۈرۈشى ئاسان بولمايدىغانلىقى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرمە‌ي ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدى.‏ ھە‌تتا شۇ بالىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئاسانغا چۈشمە‌يدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىق بولىدىغانلىقىدىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆز پە‌رزە‌نتىنى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە تە‌ييار.‏

16 خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ بارلىق ئە‌ۋلادلىرى بۇ دۇ‌نياغا نامۇ‌كە‌ممە‌ل تۇ‌غۇ‌لدى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى سۆيىدۇ ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏19)‏.‏ يۇ‌قىرىدىكى مىسالىدىكى ئاتا-‏ئانىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ يە‌ھۋا ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى يوق قىلالايدۇ.‏ ئۆزى ياراتقان ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى يوق قىلىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنى ئاللىقاچان بە‌لگۈلە‌پ قويغان (‏مە‌تتا 24:‏36‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزنى ئاشۇ ۋاقىت يېتىپ كە‌لگىچە،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلمامدۇ؟‏

يە‌ھۋا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىۋاتقان ئىشلار

  1. يىلان مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى يە‌ۋاتقان ھاۋاغا قاراۋاتىدۇ.‏

    1.‏ ئىسمىغا ھاقارە‌ت قىلىنغان

  2. ھاۋا-‏ئانا ئادە‌م-‏ئاتىغا مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى بېرىۋاتىدۇ.‏

    2.‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى چىققان

  3. ئاسماندا خۇ‌دانىڭ ئالدىدا،‏ شە‌يتان ئايۇ‌پنى ئە‌يىبلە‌ۋاتىدۇ.‏ بە‌دە‌نلىرىنى سۇ‌لۇ‌ق ئىشىشىقلار قاپلىغان ئايۇ‌پ يە‌ردە ئولتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

    3.‏ ئۇ‌نىڭ بە‌زى پە‌رزە‌نتلىرى ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن

  4. بىلىكىگە ئوكۇ‌ل سېلىنغان،‏ بۇ‌رنىغا ئوكسىگېن ماسكىسى تاقالغان ئايال دوختۇ‌رخانىدا كارىۋاتتا يېتىۋاتىدۇ.‏

    4.‏ شە‌يتان توختىماي يالغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ

  5. قە‌برىستانلىقتا يە‌رلە‌ۋاتقاندا،‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال كۆز ياش قىلىۋاتىدۇ.‏

    5.‏ يە‌ھۋا ئە‌زىزلىگە‌ن خىزمە‌تچىلە‌ر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتىدۇ

  6. كوللاژ:‏ قوراللىق باستۇ‌رۇ‌ش مىساللىرى.‏ 1.‏ بىر ئە‌سكە‌ر تانكا ھە‌يدە‌ۋاتىدۇ،‏ باشقا ئە‌سكە‌رلە‌ر پىيادە مېڭىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ساقچىلار بىر جۈپ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ قوللىرىغا كىشە‌ن سالدى.‏

    6.‏ ئۇ يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلغان

  7. كېچىلىك كۇ‌لۇ‌بتا يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ئويناۋاتقان كىشىلە‌ر.‏

    7.‏ رە‌زىل ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى ئېزىشى

  8. مۇ‌ھىتنى بۇ‌لغاۋاتقان زاۋۇ‌تلار،‏ مايغا مىلە‌نگە‌ن بىر قۇ‌ش.‏

    8.‏ ئىنسانلار بارغانسېرى ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈرۈۋاتىدۇ

  9. يىلان مە‌نئىي قىلىنغان مېۋىنى يە‌ۋاتقان ھاۋاغا قاراۋاتىدۇ.‏

    9.‏ ئىنسانلار مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ۋە‌يران قىلىۋاتىدۇ

17.‏ ئىبرانىيلار 12:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌يسا ھە‌ققىدىكى سۆزلە‌ر،‏ نېمە ئۈچۈن بىزنى داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

17 يە‌ھۋا سە‌ۋرچانلىقنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسى.‏ ئە‌يسا مە‌سىھمۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ سە‌ۋرچانلىقىنى ئۈلگە قىلغان.‏ ئۇ ئىنسان سۈپىتىدە،‏ بىز ئۈچۈن مە‌سخىرىگە ئۇ‌چراپ،‏ ئازابلىق قىيناشلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن ‏(‏ئىبرانىيلار 12:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچانلىق ئۈلگىسى،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى ئە‌يساغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزگىمۇ كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ.‏

18.‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏9-‏ئايە‌ت،‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچانلىقى نېمىلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 2-‏پېترۇ‌س 3:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ خۇ‌دا بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى قاچان يوق قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا سە‌ۋرچان بولغاچ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار ئۇ‌نى تونۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى ۋە ھازىر مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر بىرلىكتە جە‌م بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىللار سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكىنىگە بە‌ك مىننە‌تدار!‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ،‏ ياراتقۇ‌چىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىپ،‏ ئۆزلىرىنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاش ئىمكانىيىتى بولدى.‏ ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن مىليونلىغان ئىنسانلار مۇ‌كاپاتقا ئېرىشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى تاللىغانلىقىنىڭ قانچىلىك توغرا قارار ئىكە‌نلىكى ئېنىق بولىدۇ.‏

19.‏ بىز چوقۇ‌م نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك ۋە قانداق مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىمىز؟‏

19 يە‌ھۋا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ شە‌يتاننىڭ كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە ئازابلارنى پە‌يدا قىلغىنىغا قارىماي،‏ يە‌ھۋا شاد-‏خۇ‌راملىقنى ساقلاپ قالغان (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا بىز چېكىۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىپ،‏ ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنىڭ ھە‌ق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاپ،‏ ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غ قىلغانغا قە‌دە‌ر،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتكسە‌ك،‏ شاد-‏خۇ‌راملىقنى ساقلىيالايمىز.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزمۇ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ بىزمۇ ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىشكە قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى!‏ شۇ‌ندىلا،‏ مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز:‏ «سىناقلارنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كىشى نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك،‏ چۈنكى ئۇ يە‌ھۋانىڭ مە‌رھە‌مىتىگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى سۆيگە‌نلە‌رگە ۋە‌دە قىلغان ھاياتلىق تاجىغا ئېرىشىدۇ».‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏12.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ قايسى ئىشلارغا بولغان سە‌ۋر-‏تاقىتى سىزنى بە‌كرە‌ك تە‌سىرلە‌ندۈردى؟‏

  • ئۆز ئاتىسىنىڭ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ئۈلگىسى ئە‌يساغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

  • نېمە ئۈچۈن سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

55-‏ناخشا سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈ ھاياتلىقنى

a ھە‌ممىمىزنىڭ مۇ‌نداق ياكى ئۇ‌نداق قىيىنچىلىقلىرى بار.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆپلىگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالمايمىز،‏ پە‌قە‌تلا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ يالغۇ‌ز بىزلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋامۇ نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلاردا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ ھازىر شۇ‌لاردىن توققۇ‌زىنى كۆپ چىقىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى نېمىلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز،‏ دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش