كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئىيۇ‌ل 31-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئىيۇ‌ل 31-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ،‏ مېنى دۇ‌نياغا تىنچلىق ئېلىپ كە‌لدى،‏ دە‌پ ئويلاپ قالماڭلار،‏ دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

ئە‌يسا كىشىلە‌رگە ئۆزئارا تىنچ-‏ئىناق ئۆتۈش ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بىر قېتىم ئە‌لچىلىرىگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى دۇ‌نياغا تىنچلىق ئېلىپ كە‌لدى،‏ دە‌پ ئويلىماڭلار.‏ مە‌ن تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ ئېلىپ كە‌لدىم.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن ئوغۇ‌لنى ئۆز ئاتىسىغا،‏ قىزنى ئۆز ئانىسىغا ۋە كېلىننى ئۆز قېيىنانىسىغا قارشى چىقىرىپ،‏ بۆلگۈنچىلىك سالغىلى كە‌لدىم» (‏مە‌تتا 10:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئە‌يسا نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏

ئە‌يسا ئائىلە ئە‌زالىرىنى بىر-‏بىرىدىن ئايرىۋېتىشنى خالىمىغان ئىدى،‏ ئە‌مما ئۇ ئۆز تە‌لىملىرىنىڭ بە‌زى ئائىلىلە‌ردە بۆلۈنۈش پە‌يدا قىلىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شنى ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان قارارىنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ردىن بە‌زىلە‌رنى خۇ‌شال قىلمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س جۈپتى ياكى ئائىلىدىكى باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرىسا،‏ مە‌سىھنىڭ تە‌لىملىرىگە سادىق بولۇ‌پ قېلىشى قىيىنغا توختىشى مۇ‌مكىن.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى«ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناق ئۆتۈڭلار»،‏ دە‌پ ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏18)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرى بە‌زى ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌ددى «قىلىچ» كە‌بى رول ئوينايدۇ.‏ يە‌نى،‏ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بىرى ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ باشقىلىرى ئۇ‌نى رە‌ت قىلغاندا ياكى قارشى تۇ‌رغاندا شۇ‌نداق بولىدۇ.‏ بۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ ئورۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ «دۈشمە‌نلىرى» بولۇ‌پ قالىدۇ.‏—‏مە‌تتا 10:‏36‏.‏

يىلىنىپ ئۆتۈنۈۋاتقان ئانىسىدىن قە‌تئىي ئىشە‌نچ بىلە‌ن يىراقلاپ كېتىۋاتقان بىر ياش ئايال.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابنى تۇ‌تۇ‌ۋالغان ياش ئايال

دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان ئائىلىدە ياشايدىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بە‌زىدە ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يساغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى سىنايدىغان ئە‌ھۋاللارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان تۇ‌غقانلار ئۇ‌لارنى دىنىي ھېيت-‏بايرامنى تە‌برىكلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ.‏ سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا كىمنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى قارار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىمكى ئاتىسى ياكى ئانىسىنى مە‌ندىنمۇ بە‌كرە‌ك سۆيسە،‏ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س» (‏مە‌تتا 10:‏37‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا لايىق بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئاتا-‏ئانىلىرىنى سۆيۈشنى توختىتىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان.‏ بە‌لكى،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌ر قايسى ئىكە‌نلىكىنى قانداق قارار قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر باشقا دىندىكى ئائىلە ئە‌زالىرىمىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزغا قارشى تۇ‌رسا،‏ بىز ئۇ‌لارنى داۋاملىق ياخشى كۆرىمىز،‏ ئە‌مما خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ بىرىنچى ئورۇ‌ندا تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز.‏

شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئائىلىمىزدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقى كۆڭلىمىزنى ئىنتايىن ئازابلايدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ مۇ‌نۇ سۆزىنى ئە‌ستە ساقلايدۇ:‏ «كىمكى ئۆزىنىڭ ئازاب تۈۋرۈكىنى كۆتۈرۈپ،‏ مېنىڭ ئارقامدىن ئە‌گە‌شمىسە،‏ شاگىرتىم بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س» (‏مە‌تتا 10:‏38‏)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىنى مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئازابلارنىڭ بىر قىسىمى دە‌پ قارايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌لار ياخشى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق باشقا دىندىكى ئائىلە ئە‌زالىرىغا تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏1،‏ 2.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش