كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 9-‏14 ب.‏
  • ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا بولغان كۆزقاراش
  • ھە‌مرايىڭىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىسا
  • تۇ‌غقانلىرىمىز ھە‌قىقىي ئىبادە‌تكە قارشى بولسا
  • ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ بىرى يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تسە
  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • سىزنى تىڭشىغانلار قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 9-‏14 ب.‏
بوُراده‌رگه توُغقىنی ئىشه‌نچی ئوٰچوٰن قارشىلىق كورسىتىۋاتىدوُ

ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ

‏«مېنى يە‌رگە تىنچلىق ئە‌كە‌لگىلى كە‌لدى دە‌پ ئويلىماڭلار‏.‏ مە‌ن تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ ئە‌كە‌لگىلى كە‌لدىم» (‏مە‌تتا 10:‏34‏)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 24

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئە‌يسا ئە‌كە‌لمە‌كچى بولغان «قىلىچ» دېگە‌ن نېمە؟‏

  • تۇ‌غقانلىرىڭىز ھە‌قىقىي ئىبادە‌تكە قارشى بولسا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىڭىزنى قانداق ساقلالايسىز؟‏

  • ئە‌گە‌ر ئائىلە ئە‌زايىڭىز يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تسە،‏ شۇ كۆڭۈل ئاغرىقىنى پە‌سە‌يتىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز قانداق قىلىپ تىنچلىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏ ئە)‏ نېمىشقا ھازىر پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە تىنچلىق ئورنىتىلىشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

ھە‌رقايسىمىز تىنچ-‏ئامان ۋە غە‌م-‏قايغۇ‌سىز ھايات كە‌چۈرۈشنى خالايمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ «تە‌ڭرىنىڭ تېچلىقىغا» ئېرىشكە‌نلىكىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بە‌ك مىننە‌تدارمىز.‏ بۇ تىنچلىق بىزگە سە‌ۋرلىك بولۇ‌پ،‏ تە‌شۋىشكە سالىدىغان ئوي-‏خىياللار ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7)‏.‏ ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقتىن،‏ بىز «خۇ‌دا بىلە‌ن ئىناقلىقتا»،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە (‏رىملىقلارغا 5:‏1)‏.‏

2 ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە تىنچلىق ئورنىتىدىغان ۋاقتى تېخى كە‌لمىدى.‏ بىز ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتىمىز،‏ شۇ‌ڭا بىزنى ۋە‌ھىمىگە سالىدىغان قىيىنچىلىقلار چاچتىن تولا.‏ ئە‌تراپىمىز رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تولماقتا (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏4)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز شە‌يتان ۋە ئۇ تارقىتىدىغان ساختا تە‌لىماتلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 10:‏4،‏ 5)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان تۇ‌غقانلىرىمىزنىڭ بېسىمى بۇ‌نىڭدىنمۇ قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئېتىقادىمىزنى زاڭلىق قىلىدىغاندۇ ياكى ئائىلىمىزدىكى كېلىشمە‌سلىكلە‌ردە بىزنى ئە‌يىبلە‌يدىغاندۇ.‏ ھە‌تتا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتمىساق،‏ ئائىلە ئە‌زاسى بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشىمۇ مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆي ئىچىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە قانداقلارچە تىنچلىقنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ؟‏

ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا بولغان كۆزقاراش

3،‏ 4.‏ ئا)‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىنىڭ تە‌سىرى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ ئە‌يسانىڭ ئىزى بىلە‌ن مېڭىش بولۇ‌پمۇ قاچان قىيىن بولىدۇ؟‏

3 ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارغا قارشى چىققانلىقتىن،‏ شاگىرتلىرىنىڭ جە‌سۇ‌ر بولۇ‌ش كېرە‌كلىگىنى چۈشە‌نگە‌نىدى.‏ بۇ قارشىلىقلار ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسىدىكى تىنچلىققا ھە‌م يامان تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «مېنى يە‌رگە تىنچلىق ئە‌كە‌لگىلى كە‌لدى دە‌پ ئويلىماڭلار.‏ مە‌ن تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ ئە‌كە‌لگىلى كە‌لدىم.‏ چۈنكى مە‌ن ئوغلىنى ئاتىسىدىن،‏ قىزىنى ئانىسىدىن ھە‌م كېلىننى قېيىنانىسىدىن ئايرىۋېتىشكە كە‌لدىم.‏ ئادە‌منىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇ‌نىڭ دۈشمە‌نلىرى بولىدۇ»،‏—‏ دېدى (‏مە‌تتا 10:‏34—‏36‏)‏.‏

4 «مېنى يە‌رگە تىنچلىق ئە‌كە‌لگىلى كە‌لدى دە‌پ ئويلىماڭلار‏» دېگە‌ن سۆزلىرى بىلە‌ن ئە‌يسا نېمە ئېيتماقچى بولغان؟‏ ئۇ ئۆزىنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شنى قارار قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزى ئاقىۋېتىنى بىلىشىنى خالىغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسانىڭ مە‌قسىتى ئائىلىلە‌رنى پارچىلاش ئە‌مە‌س،‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىش ئىدى (‏يوھاننا 18:‏37)‏.‏ بىراق،‏ شاگىرتلىرى ئە‌يسانىڭ ئىزى بىلە‌ن مېڭىشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى،‏ بولۇ‌پمۇ يېقىن دوستلىرى بىلە‌ن ئۆي ئىچىدىكىلىرى ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏

5.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بېشىدىن نېمىنى ئۆتكۈزگە‌ن؟‏

5 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا ئۆي ئىچىدىكىلىرىنىڭ قارشىلىقى ئۇ‌لار دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 10:‏38‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ شاگىرتلىرى ئائىلىسى زاڭلىق قىلسىمۇ،‏ ئۇ‌لاردىن ۋاز كە‌چسىمۇ،‏ بە‌رداشلىق بېرىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ يوقاتقىنىغا قارىغاندا ئېرىشىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولغان ‏(‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6.‏ تۇ‌غقانلىرىمىز قارشىلىق قىلسا،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 تۇ‌غقانلىرىمىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدىن ۋاز كە‌چسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌نىلا ياخشى كۆرىمىز.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن مە‌سىھكە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ھە‌رقانداق ئادە‌مگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى (‏مە‌تتا 10:‏37‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ شە‌يتان يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزغا بۇ‌زغۇ‌نچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئائىلىمىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئە‌ستە ساقلايلى.‏ كېلىڭلار،‏ بە‌زى قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى ۋە ئۇ‌لارغا قانداق تاقابىل تۇ‌رۇ‌شقا بولىدىغانلىقىنى قاراپ چىقايلى.‏

ھە‌مرايىڭىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىسا

7.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌مرايىڭىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىسا،‏ قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلارنىڭ «يېڭى قىيىنچىلىقلىرى» پە‌يدا بولىدىغانلىقى يېزىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏28)‏.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌مرايىڭىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان بولسا،‏ قوشۇ‌مچە قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۆز ئە‌ھۋالىڭىزغا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قارىغانلىقىڭىز توغرا.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىشنى خالىمىغانلىقى ئايرىم ياشاش ياكى ئاجرىشىشنىڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى بولالمايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏12—‏16)‏.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئېرىڭىز ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلىشتا رە‌ھبە‌رلىكنى قولىغا ئالمىسىمۇ،‏ سىز ئۇ‌نى ئائىلە بېشى سۈپىتىدە ھۆرمە‌تلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئايالىڭىز يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان بولسا،‏ يە‌نىلا ئۇۇ‌نى سۆيۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىڭىز لازىم (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏22،‏ 23،‏ 28،‏ 29)‏.‏

8.‏ ھە‌مرايىڭىز ئىبادىتىڭىزنى چە‌كلە‌شكە تىرىشسا،‏ قانداق سوئاللار ھە‌ققىدە ئويلانسىڭىز بولىدۇ؟‏

8 ئە‌گە‌ر ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ئىبادىتىڭىزنى چە‌كلە‌شكە تىرىشسىچۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېرى ئۇ‌نىڭغا ھە‌پتىنىڭ بە‌لگۈلۈك كۈنلىرىدىلا ۋە‌ز قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ سىزنىڭمۇ ۋە‌زىيىتىڭىز ئوخشاش بولسا،‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «جۈپتىم يە‌ھۋاغا تامامە‌ن خىزمە‌ت قىلمايسە‌ن دە‌ۋاتامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نداق دېمىگە‌ن ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇ‌ندىيالايمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك بولسىڭىز،‏ نىكاھتىكى كېلىشمە‌سلىكلىرىڭىز ئازىراق بولىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏5)‏.‏

9.‏ مە‌سىھىيلە‌ر بالىلىرىغا يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان دادىسىنى ياكى ئاپىسىنى ھۆرمە‌تلە‌شنى قانداق ئۆگىتە‌لە‌يدۇ؟‏

9 ئۆز جورىڭىز يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمىسە،‏ بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز بالىلىرىڭىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئاتا-‏ئاناڭلارنى تىڭشاڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشقا ئۆگىتىشىڭىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏1—‏3)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌مرايىڭىزنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا زىت بولسىچۇ؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌ش ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا ئۈلگە كۆرسىتىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى خىسلە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ ئۇ قىلغان ھە‌ممە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.‏ بالىلارنىڭ ئالدىدا جۈپتىڭىزدىن يامانلىماڭ.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش-‏قىلماسلىقنى ھە‌ربىر ئادە‌م ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر بالىلىرىڭىزنى ئىشە‌نمە‌يدىغان دادىسىنى ياكى ئاپىسىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ئۆگە‌تسىڭىز،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاقلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى كۆرگە‌ن جورىڭىز يە‌ھۋا توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلگۈسى كېلىشى مۇ‌مكىن.‏

ئانىسی بىله‌ن قىزی ئوسوٰملوٰككه قارىۋاتقاندا،‏ ئانىسی قىزىغا يه‌هۋا هه‌ققىده ته‌لىم بېرىۋاتىدوُ

ھە‌رقانداق پۇ‌رسە‌تنى پايدىلىنىپ،‏ بالىلىرىڭىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىڭ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشنى مە‌سىھىي ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا قانداق ئۆگىتە‌لە‌يدۇ؟‏

10 ئىشە‌نمە‌يدىغان بە‌زى ئاتىلار ياكى ئانىلار بالىلىرىنىڭ يالغان دىن بىلە‌ن باغلىنىشلىق بايراملارغا قاتنىشىشىنى ياكى ساختا دىنىي تە‌لىماتلارنى ئۆگىنىشىنى خالايدىغاندۇ.‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر مە‌سىھىي ئايالىنىڭ بالىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىشنى مە‌نئىي قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتىمۇ مە‌سىھىي ئانا بالىلىرىغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏1؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏14،‏ 15)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئە‌ر بالىلىرىنىڭ ئانىسى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشىنى ياكى ئۇ‌چرىشىشلارغا قاتنىشىشىنى خالىمايدۇ دە‌يلى،‏ قېرىندىشىمىز ھە‌مراھىنىڭ قارارىنى ھۆرمە‌تلىسىمۇ،‏ مۇ‌مكىنچىلىك بار چاغدا بالىلىرىغا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بالىلار يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌خلاقىي قائىدە-‏ئۆلچە‌ملىرى ھە‌ققىدە بىلىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏19،‏ 20)‏.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش-‏قىلماسلىقنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارار قىلىشقا توغرا كېلىدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 30:‏19،‏ 20)‏.‏

تۇ‌غقانلىرىمىز ھە‌قىقىي ئىبادە‌تكە قارشى بولسا

11.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن كېلىشمە‌سلىك پە‌يدا بولۇ‌شىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

11 بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندا،‏ بۇ ھە‌ققىدە ئائىلىمىزگە ئېيتمىغاندىمىز.‏ بىراق ئىشە‌نچىمىز كۈچە‌يگە‌نسىرى،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئېيتىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق (‏ماركۇ‌س 8:‏38)‏.‏ خۇ‌داغا بولغان سادىقلىقىڭىز تۈپە‌يلىدىن،‏ ئۆي ئىچىدىكىلىرىڭىز بىلە‌ن قانداقتۇ بىر قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ تۇ‌غقانلار بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاش ھە‌م يە‌ھۋاغىمۇ سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

12.‏ تۇ‌غقانلىرىمىز نېمە سە‌ۋە‌بتىن بىزگە قارشى چىقىشى مۇ‌مكىن؟‏ بىز قانداقلارچە ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

12 ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌نلىكىمىزگە بە‌ك خوشال.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ تۇ‌غقانلىرىمىز بىزنى ئالدىنىپ قالدى ياكى مە‌زھە‌پكە كىرىپ كە‌تتى،‏ دە‌پ ئە‌نسىرە‌يدىغاندۇ.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار بىلە‌ن بايراملارغا قاتناشمىغانلىقىمىز سە‌ۋە‌بلىك بىزنى ياخشى كۆرمە‌ي قالدى،‏ دە‌پ ئويلاپمۇ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۆلگە‌ندىن كېيىن دوزاققا چۈشىدۇ،‏ دە‌پ بىز ئۈچۈن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تكە ئۇ‌لارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلە‌ن قاراپ،‏ نېمىگە ئە‌نسىرىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشاپ،‏ چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏5)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى «ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رگە» يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە كۈچ چىقارغان.‏ تۇ‌غقانلىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشقانلىقىمىز،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشنىڭ بىر ئامالىنى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏19—‏23)‏.‏

13.‏ تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆزلە‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «گېپىڭلار دائىم يېقىملىق ھە‌م تېتىملىق بولسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان ‏(‏كولوسىلىقلارغا 4:‏6)‏.‏ بۇ ئاسان بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن تۇ‌غقانلىرىمىزغا مۇ‌لايىم ۋە مېھرىبان مۇ‌ئامىلە قىلىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىساق بولىدۇ.‏ بىز ئۇ‌لار ئىشىنىدىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ يالغان ئىكە‌نلىكىنى دە‌لىللە‌پ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن تالاش-‏تارتىش قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزى ياكى ھە‌رىكىتى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا،‏ ئە‌لچىلە‌ردىن ئۈلگە ئالالايمىز.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىزنى قارغايدۇ —‏ بىز بە‌رىكە‌تلە‌يمىز،‏ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ —‏ بىز چىدايمىز،‏ تۆھمە‌ت قىلىدۇ —‏ بىز مېھرىبانلارچە جاۋاب بېرىمىز» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏12،‏ 13)‏.‏

14.‏ ئۈلگىلىك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

14 يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭىز ئۈلگىلىك بولسۇ‌ن.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن سۆزلىگە‌نلىكىمىز تۇ‌غقانلار بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاشقا ياردە‌م بە‌رسىمۇ،‏ ئۈلگىلىك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز تېخىمۇ قاتتىق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏1،‏ 2،‏ 16نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ تۇ‌غقانلىرىڭىز سىزگە قاراپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ نىكاھتا بە‌ختلىك ئىكە‌نلىكىنى،‏ بالىلىرىغا ياخشى غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى،‏ ئە‌خلاقىي تە‌رە‌پتىن پاك ۋە مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىدىغانلىقىنى كۆرسۇ‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمىسىمۇ،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز يە‌ھۋاغا ياقىدىغانلىقىنى بىلىشتىن خوشال بولىمىز.‏

15.‏ تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن سۆز تالاشماسلىق ئۈچۈن نېمىنى ئالدىنئالا ئويلىساق بولىدۇ؟‏

15 ئالدىن ئالا تە‌ييارلىق قىلىڭ.‏ كېلىشمە‌سلىكنى تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ۋە ئۇ‌لارنى قانداق ھە‌ل قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏16،‏ 23)‏.‏ ئاۋىسترالىيە‌لىك بىر قېرىندىشىمىز دە‌ل شۇ‌نداق قىلدى.‏ ئۇ‌نىڭ قېيىناتىسى ھە‌قىقە‌تكە قارشى بولغان ۋە بە‌زىدە قاتتىق ئاچچىقلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ تېلېفون قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ يولدىشى ئىككىسى دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقى بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رماسلىق ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورايتى.‏ سۆھبىتى دوستانە بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ نېمە ھە‌ققىدە سۆزلىشىشنى ئالدىنئالا ئويلاپ قوياتتى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌زاق سۆزلىشىش ئادە‌تتە دىن توغرىسىدا تالاش-‏تارتىشقا باشلاپ كېرىدىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لار قانچە ۋاقىت سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بە‌لگۈلە‌پ قويايتى.‏

16.‏ تۇ‌غقانلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىدىن چىقمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلىمە‌سلىككە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان تۇ‌غقانلىرىمىز بىلە‌ن دۇ‌چ كېلىدىغان بارلىق قىينچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ قىينچىلىق توغۇ‌لغاندا،‏ سىز ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە كۆڭلىدىن چىقىشنى خالىغانلىقتىن،‏ ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىڭىزنى ئائىلىڭىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتىن ئۈستۈن قويۇ‌ڭ.‏ شۇ چاغدا تۇ‌غقانلىرىڭىز بۇ‌نى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشى مۇ‌مكىن.‏ سىز ھېچكىمنى ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىيالمايسىز.‏ ئە‌مما ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ يولى بىلە‌ن مېڭىش سىزگە قانداق پايدا ئە‌كە‌لگە‌نلىكىنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏ يە‌ھۋا تۇ‌غقانلىرىمىزغىمۇ ئۇ‌نىڭ يولىدا مېڭىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىغا پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌ن (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏

ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ بىرى يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تسە

17،‏ 18.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىڭىزنىڭ بىرى يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تسە،‏ سىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

17 ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ بىرى جامائە‌تتىن چىقىرىلسا ياكى ئۆزى ۋاز كە‌چسە،‏ بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن بولىدۇ.‏ بۇ بىزگە خۇ‌ددى خە‌نجە‌ر سانچىغاندە‌ك ئېغىر كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭغا قانداق بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يسىز؟‏

18 روھىي ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ڭ.‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌ت كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتقاندا،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىڭىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ڭ،‏ جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغا ياخشى تە‌ييارلىنىڭ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ ۋە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سوراڭ (‏يە‌ھۇ‌دا 20،‏ 21)‏.‏ سىز بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلسىڭىزمۇ،‏ كۆڭلۈڭىزدىكى دە‌رد تېخى كە‌تمىگە‌ن بولسىچۇ؟‏ ۋاز كە‌چمە‌ڭ!‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ڭ.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ بۇ سىزگە ئويلىرىڭىز بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى تىزگىنلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كېلىڭ،‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 73-‏بابىنىڭ يازغۇ‌چىسى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ھاياتىدا ئۇ‌نىڭغىمۇ بىر چاغلاردا ئوي-‏خىياللىرى بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى باشقۇ‌رۇ‌ش قىيىن بولغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ قايتىدىن توغرا كۆزقاراشتا بولدى (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏16،‏ 17)‏.‏ بۇ سىزگىمۇ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

19.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنى تۈزىتىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

19 يە‌ھۋا ئورناتقان تە‌رتىپكە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشى ھە‌ممىسىگە،‏ شۇ جۈملىدىن جامائە‌تتىن چىقىرىلغان ئادە‌مگىمۇ،‏ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.‏ گە‌رچە ئورنىتىلغان تە‌رتىپكە بويسۇ‌نۇ‌ش قىيىن بولسىمۇ،‏ كېلە‌چە‌كتە بۇ يېقىنىمىزنىڭ يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن ‏(‏ئىبرانىيلارغا 12:‏11نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھازىر بولسا،‏ بىز جامائە‌تتىن چىقىرىلغان ئادە‌م بىلە‌ن «ئارىلاشماي»،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌غىنى ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏11—‏13)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما بىز ئۇ‌لار بىلە‌ن تېلېفون،‏ ئۇ‌چۇ‌ر،‏ خە‌ت،‏ ئېلىكترونلۇ‌ق پوچتا ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئارىلىشىشتىن نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

20.‏ نېمىدىن ئۈمى‍دىمىزنى ئۈزمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

20 ئۈمىدىڭىزنى ئۈزمە‌ڭ!‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ھە‌ممە نە‌رسىگە ئۈمىدلىنىدۇ».‏ شۇ‌ڭا،‏ ياخشى كۆرىدىغان يېقىنىمىز كۈنلە‌رنىڭ بىر كۈنى يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىد قىلىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏7)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يېقىن تۇ‌ققىنىڭىزنىڭ كۆزقارىشى ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رگە‌نلىكىنى كۆرسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايسىز.‏ دۇ‌ئادا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كۈچ ئالسۇ‌ن ۋە يە‌ھۋانىڭ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كە‌ل» دېگە‌ن تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن،‏ دە‌پ سورىسىڭىز بولىدۇ (‏يە‌شايا 44:‏22)‏.‏

21.‏ ئائىلىڭىز ئە‌يسانىڭ يولىدا ماڭغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە قارشىلىق قىلسا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

21 ئە‌يسا بىز ئۇ‌نى ھە‌رقانداق ئىنساندىن ئارتۇ‌ق ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ شاگىرتلىرى ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن،‏ جە‌سۇ‌ر بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قالىدىغانلىقىغا ئە‌يسانىڭ ئىشە‌نچى كامىل ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىڭىز ئە‌يسانىڭ يولىدا ماڭغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە قارشىلىق قىلسا،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراڭ (‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە سادىقلىقىڭىز ئۈچۈن مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماي،‏ خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

a ئائىلىدە ئاتا-‏ئانىنىڭ بىرىلا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان چاغدا بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌شكە تېگىشلىك كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏رۇ‌س)‏ 2002-‏يىل،‏ 15-‏ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى» سە‌ھىپىسىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش