كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 5-‏بۆل.‏ 15-‏17 ب.‏
  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ ئۇ‌رۇ‌ق‏-‏تۇ‌غقانلىرىڭىزغا نىسبە‌تە‌ن توغرا كۆزقاراشنى ساقلاڭلار
  • 2.‏ ئائىلىڭىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز جاۋابكار
  • بىر-‏بىرىڭلارغا ۋاپادارلىقنى ساقلاڭلار
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىش
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 5-‏بۆل.‏ 15-‏17 ب.‏
قېيىنانىسی كېلىنىنىڭ تاماق ئېتىش ئوُسوُلىغا ياقتوُرمىغان هاله‌تته قارىماقتا

5-‏بۆلۈم

ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار

‏«مېھرىبانلىق،‏ ئە‌قىل مۆمۈنلىكىنىڭ،‏ مۇ‌لايىملىق ھە‌م ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىكنىڭ نازۇ‌ك سېزىملىرىگە پۈركۈنە‌يلى» (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏12)‏.‏

توي قىلغاندىن باشلاپ،‏ يىڭى ئائىلە قۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ گە‌رچە سىز ئاتا-‏ئانىڭىزنى ھە‌ردائىم ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ياخشى كۆرسىڭىزمۇ،‏ ئە‌مدى سىز ئۈچۈن دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئادە‌م—‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزدۇ‌ر.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىزنىڭ بە‌زىلىرىگە بۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش ئاسان بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بۇ مە‌سىلىدە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شقا سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئارقىلىق ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز بىلە‌ن ئىناقلىقتا بولۇ‌پ،‏ نىكاھىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايسىز.‏

1.‏ ئۇ‌رۇ‌ق‏-‏تۇ‌غقانلىرىڭىزغا نىسبە‌تە‌ن توغرا كۆزقاراشنى ساقلاڭلار

قېيىنانىسی كېلىنىنىڭ تاماق ئېتىش ئوُسوُلىغا ياقتوُرمىغان هاله‌تته قارىماقتا

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئاتا-‏ئاناڭنى ھۆرمە‌تلە» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏2)‏.‏ نە‌چچە ياشتا بولۇ‌شىڭىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزنى ھۆرمە‌تلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزمۇ بىرلىرىنىڭ ئامراق ئوغلى ياكى قىزى،‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش —‏ ئۇ‌نىڭ پە‌رزى.‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قىزغانمايدۇ»،‏ شۇ‌ڭا ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنى ئۇ‌نىڭ ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن قىزغىنىش نادانلىقتۇ‌ر (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4؛‏ گالاتىلىقلارغا 5:‏26)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ‏«ئاتا-‏ئاناڭ مېنى دائىم كۆزگە ئىلمايدۇ» ياكى «سېنىڭ ئاپاڭ ھېچقاچان رازى بولمايدۇ» دېگە‌ن ئاشۇ‌رما گە‌پ-‏سۆزلە‌ردىن نېرى بولۇ‌ڭ

  • ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە ھە‌مراھىڭىزنىڭ نۇ‌قتىئىنە‌زە‌رىدىن قاراشقا تىرىشىڭ

2.‏ ئائىلىڭىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئۆزىڭىز جاۋابكار

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئە‌ر كىشى ئاتا-‏ئانىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆز ئايالىغا چاپلىشىدۇ ۋە ئۇ‌لار بىر تە‌ن بولىدۇ» (‏يارىتىلىش 2:‏24)‏.‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن،‏ ئاتا-‏ئاناڭلار ئۆزلىرىنى بۇ‌رۇ‌نقىدە‌كلا سىلە‌ر ئۈچۈن جاۋابكار دە‌پ ئويلاپ،‏ ئائىلىۋى ئىشلىرىڭلارغا ھە‌ددىدىن تاشقىرى ئارىلىشىشى مۇ‌مكىن.‏

ئائىلىۋى ئىشلىرىڭلارغا ئاتا-‏ئاناڭلارنىڭ قانچىلىك دە‌رىجىدە ئارىلىشالايدىغانلىقىنى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن كېلىشىۋالسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاندىن بۇ‌نى ئاتا-‏ئانىڭىزغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن،‏ ئوچۇ‌ق ھە‌م ئۇ‌دۇ‌ل ئېيتسىڭىز بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏1)‏.‏ كىچىك پېئىللىق،‏ مۇ‌لايىملىق ۋە ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىك ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌شقا ۋە «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارغا كە‌ڭ قورساقلىق» بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏2)‏.‏

قېيىنانىسی كېلىنىنىڭ تاماق ئېتىش ئوُسوُلىغا ياقتوُرمىغان هاله‌تته قارىماقتا

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز ئائىلىڭىزگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋاتقاندە‌ك كۆرۈنسە،‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن بۇ ھە‌قتە خاتىرجە‌م شارائىتتا سۆھبە‌تلىشىڭ

  • نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى قانداق تۇ‌تىدىغانلىقىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار

ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ

ئاتا-‏ئانىڭىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن كۆزقارىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ ئۇ‌لار سىزگە پە‌قە‌تلا ياخشىلىق تىلە‌يدۇ ۋە سىزگە سە‌مىمىي ھالدا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارغا سىلە‌رنى مۇ‌ستە‌قىل ئائىلە سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى چە‌تكە قېقىلغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىش ۋە جۈپتىڭىز ھە‌م ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارە مۇ‌ئامىلە قىلىش —‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • نېمىشقا قېيىناتام بىلە‌ن قېيىنانامنىڭ بىزنىڭ ئائىلىمىزگە قىزىقىدىغانلىقى —‏ تە‌بىئىي ئە‌ھۋال؟‏

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىمنىڭ مېنىڭ ئۈچۈن ئە‌ڭ قە‌دىرلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ،‏ ئاتا-‏ئانامغا بولغان ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىمنى قانداق ساقلايمە‌ن؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش