كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 2-‏بۆل.‏ 6-‏8 ب.‏
  • بىر-‏بىرىڭلارغا ۋاپادارلىقنى ساقلاڭلار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىر-‏بىرىڭلارغا ۋاپادارلىقنى ساقلاڭلار
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ نىكاھىڭىز —‏ ئە‌ڭ قىممە‌ت غە‌زىنە
  • 2.‏ قە‌لبىڭىزنى ئاسراڭ
  • خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاڭلار
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىش
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • ئۆزىڭىزگە لايىق جۈپتىڭىزنى قانداق تاپالايسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 2-‏بۆل.‏ 6-‏8 ب.‏
ېری ئايالىنىڭ ئوٰستىدىن كوٰنلوٰكنی توُتوُپ،‏ ماشىنىغا ئولتىرىشقا يارده‌م بېرىۋاتىدوُ

2-‏بۆلۈم

بىر-‏بىرىڭلارغا ۋاپادار بولۇ‌ڭلار

‏«خۇ‌دا بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ق ئاستىغا قوشقانلارنى ئادە‌م ئايرىمىسۇ‌ن» (‏مارك 10:‏9)‏.‏

تە‌ڭرىمىز يە‌ھۋا بىزنىڭ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏25)‏.‏ بۇ بولۇ‌پمۇ نىكاھدا ئىنتايىن مۇ‌ھىم،‏ چۈنكى ساداقە‌تمە‌نسىزلىك ئىشە‌نچنى يوقىتىدۇ.‏ ئىشە‌نچسىز سۆيگۈ سوۋۇ‌پ كېتىدۇ.‏

بۈگۈنكى كۈندە ھە‌ممىلا ئادە‌ملە‌ر نىكاھدا ۋاپادار بولۇ‌ش كېرە‌ك دە‌پ قارىمايدۇ.‏ ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىز ئۈچۈن ئىككى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىشىڭىز ناھايىتى زۆرۈر.‏

1.‏ نىكاھىڭىز —‏ ئە‌ڭ قىممە‌ت غە‌زىنە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «مۇ‌ھىمىراق نە‌رسىگە كۆز يە‌تكۈزۈشكە» چاقىرىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏10)‏.‏ نىكاھ مۇ‌ناسىۋىتى ھاياتىڭىزنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بىر تە‌رىپى.‏ ئۇ بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولۇ‌شى لازىم.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىرگە قول تۇ‌تۇ‌شۇ‌پ،‏ ھاياتتىن بىللە ھۇ‌زۇ‌رلىنىشىنى خالايدۇ (‏ۋە‌ز 9:‏9)‏.‏ ئۇ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ بىر-‏بىرىگە يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە ۋاقىت چىقىرىشىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ بىر-‏بىرىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا مۇ‌مكىنچىلىكلە‌رنى ئىزدىشىنى خالايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24)‏.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ئۆزىنى كېرە‌كلىك ۋە قە‌دىرلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى قىلىڭ.‏

ېری ئايالىغا ئىسسىق چاي ئه‌كېلىۋاتىدوُ؛‏ ئه‌ر ئويگه كېلىپ ئايالىنىڭ تاماق ته‌ييارۋاتقىنىنی كورىۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز ئۆزىنى ئېتىبارسىز سە‌زمە‌سلىكى ئۈچۈن باشقا ھە‌ممە ئىشلارنى كە‌ينىگە قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ ۋاقىتنى چوقۇ‌م بىرگە ئۆتكۈزۈڭ

  • ‏«مە‌ن» دە‌پ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «بىز» دە‌پ ئېيتىشقا ئادە‌تلىنىڭ

به‌ره‌ۋه‌تكه چىققان ئه‌ر-‏ئايال

2.‏ قە‌لبىڭىزنى ئاسراڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «كىمدە‌كىم ئايال كىشىگە قاراۋېرىپ،‏ شە‌ھۋانىيلىققا بېرىلسە،‏ ئۇ يۈرىكىدە شۇ ئايال بىلە‌ن نىكاھ ۋاپالىقىنى بۇ‌زغان بولىدۇ» (‏مە‌تتا 5:‏28‏)‏.‏ ئە‌خلاقسىز خىياللارغا بېرىلگە‌ن ئادە‌منى ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىغا نىسبە‌تە‌ن ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا:‏ «قە‌لبىڭنى پاك تۇ‌ت»،‏—‏ دە‌پ چاقىرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏23؛‏ يە‌رە‌مىيا 17:‏9)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نە‌زە‌رىڭىز كۆپرە‌ك نېمىگە تىكىلگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىڭ (‏مە‌تتا 5:‏29،‏ 30‏)‏.‏ ئۆز ئايالىدىن باشقا ئاياللارغا ھە‌ۋە‌س بىلە‌ن قارىماسلىقى ئۈچۈن كۆزلىرى بىلە‌ن كېلىشىم تۈزگە‌ن ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلىڭ (‏ئايۇ‌پ 31:‏1)‏.‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلارغا قارىماسلىققا بە‌ل باغلاڭ‏.‏ ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بىلە‌ن ئىشقى مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌رنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول قويماڭ.‏

ېرىنىڭ ئىش ئورنىدا ئايالىنىڭ ره‌سىمی بار

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزگە پۈتۈنلە‌ي سادىق ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئە‌تراپىڭىزدىكىلە‌رگە ئوچۇ‌ق كۆرسىتىڭ

  • ھە‌مراھىڭىزنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىناۋە‌تكە ئېلىڭ.‏ ئۇ قارشى جىنسلىق ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن ئە‌ندىشە قىلسا،‏ ئە‌شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلىنى دە‌رھال توختىتىڭ

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

ئۆزىڭىزگە نىسبە‌تە‌ن راستچىل بولۇ‌پ،‏ ئاجىز تە‌رە‌پلىرىڭىزنى ئېنىقلاڭ (‏زە‌بۇ‌ر 15:‏2)‏.‏ ياردە‌م سوراشتىن ئۇ‌يالماڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏5)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئويىڭىزغا ئە‌خلاقسىز ئوي-‏پىكىرلە‌ر كە‌لسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول قويماڭ.‏ ئۇ‌لارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزگە ۋاپادار بولۇ‌شقا تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتۈمگە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىم مە‌ن ئۈچۈن ئە‌ڭ يېقىن دوستمۇ؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش