1-بۆلۈم
خۇدانىڭ مەسلىھەتلىرى ئائىلىنى بەختلىك قىلىدۇ
«ياراتقۇچى ئۇلارنى باشتىن ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» (مەتتا 19:4).
دەسلەپكى نىكاھنى يەھۋاa خۇدا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا دەسلەپكى ئايالنى ياراتقان ۋە «ئۇنى ئىنساننىڭ ئالدىغا ئەكەلدى» دەپ يېزىلغان. ئادەم ئاتا ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىپ: «مانا ئەمدى، سۆڭەكلىرىمدىن چىققان سۆڭەك ۋە ئەتلىرىمدىن چىققان ئەت ئالدىمدا»،— دېدى (يارىتىلىش 2:22، 23). بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا خۇدا ئائىلە قۇرغانلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى خالايدۇ.
ئائىلە قۇرغاندا نۇرغۇن ئادەملەر ئائىلىۋى تۇرمۇش ئاجايىپ گۈزەل بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، ئەر-ئايال بىر-بىرىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇشى ئاسان ئەمەس (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:28). بۇ كىتابچىدە بېرىلگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق نىكاھ ۋە ئائىلىدە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشكە بولىدۇ (زەبۇر 19:8—11).
1. يەھۋا تاپشۇرغان مەسئۇلىيەت
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئەر — ئائىلىنىڭ بېشى (ئەفەسلىكلەرگە 5:23).
ئەگەر ئائىلىنىڭ بېشى بولسىڭىز، يەھۋا خۇدا ئايالىڭىزغا مېھرىبانلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى كۈتىدۇ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:7). ئۇ ئايالىڭىزنى سىزگە ياردەمچى سۈپىتىدە ياراتقان ھەم ئۇنى سۆيۈشىڭىزنى ۋە قەدىرلىشىڭىزنى خالايدۇ (يارىتىلىش 2:18). ئايالىڭىزنى چىن قەلبىڭىزدىن سۆيسىڭىز، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇشىڭىز كېرەك (ئەفەسلىكلەرگە 5:25—29).
ئەگەر تۇرمۇش قۇرغان ئايال بولسىڭىز، يەھۋا سىزدىن ئېرىڭىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا ئائىلىدە ئۆز رولىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 11:3؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:33). ھەمراھىڭىزنىڭ قارارلىرىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا سادىق ياردەمچى بولۇڭ (كولوسىلىقلارغا 3:18). شۇ چاغدا ھەمراھىڭىزنىڭ ھەم يەھۋا خۇدانىڭ نەزەرىدە پەزىلەتلىك ئايال بولالايسىز (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1—6).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
ياخشىراق ئەر ياكى ئايال بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ. ئۇنى دىققەت قويۇپ تىڭشاڭ ۋە ئېيتقانلىرىنى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ
سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭ. بىر-بىرىڭلارنى بەختلىك قىلىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك بولىدۇ
2. ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەرگە ئېلىڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنىڭ موھتاجلىقلىرىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز زۆرۈر (فىلىپپىلىقلارغا 2:3، 4). ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز ئۆزىنىڭ سىز ئۈچۈن قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئاللا يەھۋا خىزمەتچىلىرىدىن «ھەممىسى بىلەن يۇمشاق» بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (تىموتىيغا 2-خەت 2:24). «بەزى ئادەملەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن قىلغان سۆزلىرى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق دانىشمەنلەرنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر». شۇڭا، گەپ-سۆزلىرىڭلاردا پاراسەتلىك بولۇڭلار (پەندى-نەسىھەت 12:18). يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى سىزگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەشكە ياردەم بېرىدۇ (گالاتىلىقلارغا 5:22، 23؛ كولوسىلىقلارغا 4:6).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
ھەمراھىڭىز بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئوي-پىكرىنى نەزەرگە ئېلىپ، سەۋرچانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ
نېمە دەيدىغانلىقىڭىزنى ۋە قانداق دەيدىغانلىقىڭىزنى چوڭقۇر ئويلىنىڭ
3. بىر نىيەتتە بولۇڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن «بىر تەن» بولىسىز (مەتتا 19:5). لېكىن سىلەر يەنىلا ئىككى شەخس ھەم ئوي-پىكرىڭلار ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بىر ئىدىيەدە ۋە ھېسىياتتا بولۇشنى ئۆگىنىشىڭلار كېرەك (فىلىپپىلىقلارغا 2:2). قارارلارنى قىلغاندا، بىر نىيەتتە بولۇش ناھايىتى زۆرۈر. مۇقەددەس كىتابتا: «پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 20:18). مۇھىم قارارلارنى قىلغاندا، مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار (پەندى-نەسىھەت 8:32، 33).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن پەقەت يېڭىلىقلار ياكى ئوي-پىكرىڭىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز بىلەنمۇ ئورتاقلىشىڭ
ئۆز ئۈستۈڭلارغا بىرەر مەسئۇلىيەتلەرنى ئېلىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىڭلار
a مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، يەھۋا — خۇدانىڭ ئىسمى.