3-بۆلۈم
قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش
«بىر-بىرىڭلارنى قىزغىن سۆيۈڭلار، چۈنكى مېھىر-مۇھەببەت كۆپلىگەن گۇناھلارنى ياپىدۇ» (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 4:8).
تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن يېڭى قىيىنچىلىقلار پەيدا بولىدۇ. ئۇلار ئوي-پىكرىڭلارنىڭ، ھېس-تۇيغۇلىرىڭلارنىڭ ھەر تۈرلۈك بولۇشى ۋە ھاياتقا بۇلغان كۆزقارىشىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ياكى بولمىسا، قىيىنچىلىقلار كۈتۈلمىگەن شارائىتلار ۋە تاشقى ئامىللار تۈپەيلىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
دەرھەقىقەت، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش — بۇنىڭدىن بىز ئۆزۈمىزنى قاچۇرالمايمىز، لېكىن مۇقەددەس كىتاب بىزنى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ئۈندەيدۇ (مەتتا 5:23، 24). قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلسىڭىز، ئەڭ ياخشى قارارلارنى قىلالايسىز.
1. قىيىنچىلىقنى مۇھاكىمە قىلىڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «سۆز قىلىش ۋاقتى بار» (ۋەز 3:1، 7). مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ۋاقىت سەرپ قىلىڭ. ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزغا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى ۋە نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتقىنىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرىڭ. ئۇنىڭغا ھەردائىم «ھەقىقەتنى سۆزلەڭ» (ئەفەسلىكلەرگە 4:25). ھەتتا ئىچ-ئىچىڭىزدىن قايناپ كەتسىڭىزمۇ، غەزىپىڭىزنى بېسىشقا تىرىشىڭ. مۇلايىم جاۋاب پاراڭنىڭ تالاش-تارتىشقا ئايلىنىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 15:4؛ 26:20).
ھەتتا بىرەر مەسىلىدە كېلىشەلمەي قالساڭلارمۇ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىپ خۇش-مۇئامىلە بىلەن پاراڭلىشىڭلار (كولوسىلىقلارغا 4:6). بىر-بىرىڭلارغا گەپ قىلماي يۈرمەستىن، كېلىشمەسلىكلەرنى تېزرەك ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار (ئەفەسلىكلەرگە 4:26).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
قىيىنچىلىقنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن قولايلىق ۋاقىت تاللاۋېلىڭلار
ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز سۆزلىگەندە، سۆزىنى بۆلمەڭ. سىزگىمۇ سۆزلەش نۆۋىتى كېلىدۇ
2. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «قېرىنداشلىق مۇھەببەتتە بىر-بىرىڭلارغا سىلىق-سىپايە بولۇڭلار. بىر-بىرىڭلارغا بىرىنچى بولۇپ ئىززەت-ئېھتىرام كۆرسىتىڭلار» (رىملىقلارغا 12:10). قانداق تىڭشاۋاتقىنىڭىز ناھايىتى مۇھىم. ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنىڭ ئوي-پىكرىنى ھېسداشلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىڭ (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:8؛ ياقۇپ 1:19). ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك كۆرسىتىش توغرا ئەمەس. مۇمكىنقەدەر، بارلىق ئىشلىرىڭىزنى بىر چەتكە قويۇپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىغا دىققەت قىلىڭ ياكى بولمىسا مەسىلىنى كېيىنىرەك مۇھاكىمە قىلىشقا ئەدەب بىلەن تەكلىپ قىلىڭ. ئەگەر ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىزنى دۈشمەن ئەمەس، بەلكى دوست دەپ بىلسىڭىز، «روھىڭدا خاپا بولۇشقا ئالدىرىما» دېگەن پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش ئاسان بولىدۇ (ۋەز 7:9).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
جۈپتىڭىزنىڭ گەپ-سۆزلىرى كۆڭلىڭىزگە ياقمىسىمۇ، ئۇنى زەن قويۇپ تىڭشاڭ
سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يېتىشكە تىرىشىڭ. ئىما-ئىشارەتلىرىگە ۋە ئاۋازىنىڭ ئاھاڭىغا دىققەت قىلىڭ
3. قارارلىرىڭلارغا مۇۋاپىق ئىش قىلىڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق سۆز ئادەمنى مۇھتاجلىقتا قالدۇرار» (پەندى-نەسىھەت 14:23). قىيىنچىلىقنى قانداق ھەل قىلىشنى كېلىشىۋېلىش يېتەرلىك ئەمەس. قارارغا مۇۋاپىق ئىش-ھەرىكەت قىلىشىڭلار زۆرۈر. بۇ كۆپ تەر تۆكۈشنى تەلەپ قىلىشى . ئامما ھەرىسىگە چىدىغان ھەسىلىنى يەر (پەندى-نەسىھەت 10:4). ئەگەر سىلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىش-ھەرىكەت قىلساڭلار، «ئەمگىگىڭلاردىن ياخشى ئىنئام ئالىسىلەر» (ۋەز 4:9).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىڭلار قانداق ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار
قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئورتاقلىشىڭلار