كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 فېۋرال 31-‏ب.‏
  • ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مە‌ن ھازىر باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2015
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 فېۋرال 31-‏ب.‏

‏[سولدىن ئوڭغا] مارسېلو،‏ يومارا ۋە ئايۋېر.‏ ئۇ‌لارنىڭ قولىدىكى ئىسپانچە ئە‌مالار يېزىقىدىكى «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»‏

ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدى

گۋاتېمالىدىكى بىر كىچىك يېزىدا يومارا،‏ مارسېلو ۋە ئايۋېر دېگە‌ن ئۈچ قېرىنداش ياشايدۇ.‏ ھە‌دىسى يومارا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان،‏ كېيىن ئىككى ئىنىسىمۇ ئۇ‌نىڭغا قوشۇ‌لغان.‏ بىراق،‏ ئۈچ قېرىنداشنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ كۆزى كۆرمە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لار ئە‌مالار يېزىقىنى تونۇ‌مىغان ئىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن قېرىنداش تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە،‏ كىتابنى ۋە ئايە‌تلە‌رنى ئۆزى ئوقۇ‌پ بېرە‌تتى.‏

جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىپ-‏كېلىش ئۇ‌لار ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بولغانىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌ڭ يېقىن يىغىلىش زالىغا بېرىش ئۈچۈن 40 مىنۇ‌ت كېتە‌تتى.‏ بىراق،‏ جامائە‌تتىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌لارنى ھە‌ر قېتىم يىغىلىشلارغا ئاپىرىپ-‏ئە‌كېلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى.‏ ئۈچىلىسى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا تاپشۇ‌رۇ‌قلار بىلە‌ن چىقىشنى باشلىغاندا،‏ قېرىنداشلار ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلە‌رنى يادلىۋېلىشىغا ياردە‌م بېرە‌تتى.‏

2019-‏يىل،‏ ماي ئېيىدا جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ئۇ‌لارنىڭ يېزىسىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.‏ شۇ چاغدا،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال بۇ يېزىغا كۆچۈپ كە‌لدى.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئە‌مالار يېزىقىنى بىلمىسىمۇ،‏ بۇ ئۈچ قېرىنداشقا ئە‌مالار يېزىقىنى ئوقۇ‌شنى ۋە يېزىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويدى.‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال كۇ‌تۇ‌پخانىغا بېرىپ،‏ ئە‌مالار يېزىقىنى ئۆگىتىش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتلارنى ئىزدە‌پ ئوقۇ‌دى.‏

مارسېلو يىغىلىشتا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ

بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن،‏ يومارا،‏ مارسېلو ۋە ئايۋېر ئە‌مالار يېزىقىنى ئوقۇ‌شنى ئۆگىنىۋالدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە باشلىدى.‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ مارسېلو ياردە‌مچى خىزمە‌تچى.‏ ئۇ‌لار ھە‌ردائىم روھىي ئىشلار بىلە‌ن ئالدىراش.‏ بۇ ئۈچ قېرىندىشىمىزنىڭ قىزغىنلىقى باشقىلارنىڭمۇ قىزغىنلىقىنى ئاشۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

ئۇ‌لار جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدار.‏ يومارا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىرىنچى قېتىم ئۇ‌چراشقاندىن باشلاپ گۇ‌ۋاھچىلار بىزگە ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تە‌ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىپ كە‌لدى».‏ مارسېلو بولسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز بۇ جامائە‌تتە ياخشى دوستلارنى تاپتۇ‌ق.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئۆزئارا قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان دۇ‌نياۋى ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇ‌شال!‏» يومارا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىنىلىرى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدىغان كۈننى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرۈشكە تە‌شنا!‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11؛‏ يە‌شايا 35:‏5.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش