22-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق «مۇقەددەس يول» بىلەن يۈرۈڭلار
«ئۇ يەردە بىر يول، بىر چوڭ يول بولىدۇ، ئۇ مۇقەددەس يول».—يەشايا 35:8.
26-ناخشا خۇدا بىلەن يۈر
بۇ ماقالىدەa
1، 2. بابىلوندا ياشىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن قانداق مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەن؟ (ئەزرا 1:2–4)
پادىشاھ شۇنداق بىر ئېلان جاكارلىغانىدى! تەخمىنەن 70 يىل بابىلوندا ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلار ئۆز يۇرتى ئىسرائىلغا قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن ئازاد قىلىندى (ئەزرا 1:2–4-نى ئوقۇڭ). بۇنى پەقەت يەھۋا ئەمەلگە ئاشۇرالىغان. چۈنكى، بابىلونلىقلار ئادەتتە ئەسىرگە ئالغان كىشىلەرنى قويۇپ بەرمىگەن (يەشايا 14:4، 17). لېكىن، بابىلون ئاغدۇرۇلۇپ، يېڭى ھۆكۈمران يەھۇدىيلارنىڭ بۇ دۆلەتتىن كېتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان. نەتىجىدە، ھەر بىر يەھۇدىي، بولۇپمۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بىر قارار چىقىرىشىغا توغرا كەلگەن: بابىلوندىن كېتىش ياكى شۇ يەردە قېلىپ ياشاش. بەلكىم، بۇ قارارنى چىقىرىش ئاسانغا چۈشمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟
2 ياشانغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەرنى قىلىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىيلار بابىلوندا تۇغۇلغاچ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىردىن-بىر تونۇش يۇرت بولۇپ، ئىسرائىل زېمىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يۇرتى ئىدى. قارىماققا، بەزى يەھۇدىيلار بابىلوندا ناھايىتى بېيىپ، ئۇتۇق قازانغان. شۇڭا، ئۇلار ئازادە ئۆيلىرى ياكى سودا-سېتىق تىجارەتلىرىنى تاشلاپ، ناتونۇش بىر يەرگە بېرىپ، ماكانلىشىشنى قىيىن كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
3. ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىدىغان سادىق يەھۇدىيلارنى قانداق بەرىكەتلەر كۈتۈۋاتاتتى؟
3 سادىق يەھۇدىيلارنىڭ نەزىرىدە، ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىشنىڭ پايدىسى ھەرقانداق قۇربانلىقنى بېرىشتىن كۆپ ئەۋزەل ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەرىكەت قايتا پاك ئىبادەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيتتى. گەرچە بابىلون شەھىرىدە ئەللىكتىن كۆپرەك غەيرى ئىلاھلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شەھەردە يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسى يوق ئىدى. ئىسرائىللار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قانۇنىدا تەلەپ قىلىنغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن نە قۇربانگاھ، نە روھانىيلارمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىل خەلقى يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان غەيرى ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى. شۇڭا، مىڭلىغان خۇدانى سۆيىدىغان يەھۇدىيلار ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، پاك ئىبادەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەقەززا بولغان.
4. يەھۋا ئىسرائىلغا قايتىدىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان؟
4 بابىلوندىن ئىسرائىلغا بېرىش ئۈچۈن تەخمىنەن تۆت ئاي مۈشكۈل سەپەر قىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما يەھۋا خۇدا ئۇلارنىڭ قايتىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق توسالغۇلارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. يەشايا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «سىلەر يەھۋانىڭ يولىنى ئېچىڭلار، خۇدايىمىزنى ئۈچۈن تۈپتۈز چوڭ يول ياساڭلار، . . . ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەر چوقۇم تۈپتۈز تەكشىلەنسۇن، ئېگىز-پەس يەر تۈزلەڭلىككە ئۆزگەرتىلسۇن» (يەشايا 40:3، 4). چۆل-باياۋان ۋە ئىككى تاغ ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىكنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر چوڭ يولنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. مۇشۇنداق يولدا سەپەر قىلىش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. چۈنكى، ئېگىز-پەس تاغ يولىدا، تار جىلغىلاردا مېڭىشقا قارىغاندا، تۈپتۈز چوڭ يولدا سەپەر قىلىش ئاسانراق ۋە تېزراق بولىدۇ.
5. بابىلون بىلەن ئىسرائىل ئارىسىدىكى كۆچمە مەنىدىكى چوڭ يولغا قانداق ئىسىم قويۇلغان؟
5 بۈگۈنكى كۈندە ئۇدۇل مەنىدىكى چوڭ يوللارغا ئىسىم قويۇلغان ياكى ئۇلارنىڭ نومۇرلىرى بار. يەشايا يازغان كۆچمە مەنىدىكى چوڭ يولنىڭ ھەم شۇنداق ئىسىمى بار. ئايەتتىن شۇنى ئوقالايمىز: «ئۇ يەردە بىر يول، بىر چوڭ يول بولىدۇ، ئۇ «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەم ئۇ يولدا ماڭمايدۇ» (يەشايا 35:8). بۇ ۋەدە شۇ زامانىدىكى ئىسرائىللار ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرگەن؟ بۈگۈن بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى «مۇقەددەس يول»
6. نېمە ئۈچۈن بۇ يول مۇقەددەس دەپ ئاتالغان؟
6 «مۇقەددەس يول» — بۇ چوڭ يول ئۈچۈن بېرىلگەن ھەقىقەتەن گۈزەل بىر ئىسىم! نېمە ئۈچۈن بۇ يول مۇقەددەس دەپ ئاتالغان؟ چۈنكى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا «ناپاك ئادەم» بولۇشىغا، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى، بۇتپەرەس ياكى باشقا ئېغىر گۇناھلارنى قىلغۇچىغا ئورۇن يوق ئىدى. ئاشۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن يەھۇدىيلار خۇداسى ئۈچۈن «مۇقەددەس بىر خەلق» بولاتتى (تەكرار. قا 7:6). بۇ بابىلوندىن ئايرىلىپ، يۇرتىغا قايتقان يەھۇدىيلار ھېچقانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلمىسىمۇ، داۋاملىق يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.
7. بەزى يەھۇدىيلار قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشى كېرەك ئىدى؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى بابىلوندا تۇغۇلغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر بابىلونلىقلارنىڭ ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئىدى. بىرىنچى بىر توپ يەھۇدىيلار ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، ئەزرا پەيغەمبەر بەزى يەھۇدىيلارنىڭ بۇتپەرەس ئاياللار بىلەن توي قىلغانلىقىنى بىلگەن (چىق. 34:15، 16؛ ئەزرا 9:1، 2). كېيىنرەك، ۋالىي نەھەمىيا يەنە ئىسرائىلدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىبرانىيچە سۆزلەشنى ئۆگەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچىگەن ئىدى (تەكرار. قا 6:6، 7؛ نەھەم. 13:23، 24). ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى يېزىلغان ئىبرانىي تىلىنى چۈشەنمىسە، قانداقمۇ يەھۋانى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنەلەيدۇ؟! (ئەزرا 10:3، 44). شۇڭا، يەھۇدىيلار زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئىسرائىل زېمىنىدا ئاستا-ئاستا پاك ئىبادەتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ شۇ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشى تېخىمۇ ئاسانراق بولاتتى.—نەھەم. 8:8، 9.
1919-يىلدىن باشلاپ، مىليونلىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۈيۈك بابىلدىن چىقىپ، «مۇقەددەس يولدا» مېڭىشنى باشلىغان (8-ئابزاسىغا قاراڭ)
8. نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلار، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
8 شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يەھۇدىيلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇ ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. چۈنكى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى «مۇقەددەس يول» بىلەن سەپەر قىلىشقا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. مەيلى مەسىھ قىلىنغان توپقا ياكى «باشقا قويلار» توپىغا تەۋە بولايلى، داۋاملىق مۇقەددەس يولدا يۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۇ بىزنى كەلگۈسىدە پادىشاھلىق ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەرگە يېتەكلەيدۇb (يۇھاننا 10:16). 1919-يىلدىن بۇيان، مىليونلىغان ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار بۈيۈك بابىلونوندىن، يەنى دۇنيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ، كۆچمە مەنىدىكى «مۇقەددەس يول» بىلەن سەپەر قىلىشقا باشلىدى. بەلكىم، سىزمۇ مۇشۇ يولدا كېتىۋاتىسىز. گەرچە بۇ يول تەخمىنەن يۈز يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ يولنى تەييارلاش ئىشى نەچچە ئەسىر ئىلگىرى باشلانغان.
يول تەييارلاش
9. يەشايا 57:14-ئايەت، «مۇقەددەس يول» قانداق تەييارلانغانلىقى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
9 يەھۇدىيلار بابىلوندىن ئايرىلغاندا، يەھۋا ئۇلارنىڭ يولىدىكى توسالغۇلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەشايا 57:14-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، ھازىرقى كۈندىكى مۇقەددەس يولچۇ؟ 1919-يىلىدىن نەچچە يۈز يىل ئاۋۋال، يەھۋا ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن چىقىشىغا ياردەم بەرگەن (يەشايا 40:3-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئۇلار زۆرۈر بولغان كۆچمە مەنىدىكى يول تەييارلاش ئىشىنى قىلغان. نەتىجىدە، سەمىمىي يۈرەكلىك كىشىلەرنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىپ، يەھۋا ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتقان پاك ئىبادەتكە، يەنى روھىي جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىلغان. يول تەييارلاش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللىقاچان ئورۇنلانغان بىر قىسىم تەييارلىق ئىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئەسىرلەر داۋامىدا خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر بۈيۈك بابىلوندىن چىقىدىغان يولنى تەييارلاشقا ياردەم بەرگەن (10، 11-ئابزاسلارغا قاراڭ)
10، 11. باسما ۋە تەرجىمە ئىشلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى بىلىملەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا قانداق ھەسسە قوشقان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 باسما ئىشلىرى. 1450-يىللىرىغىچە، مۇقەددەس كىتاب قولدا كۆچۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنىڭ قولدا كۆچۈرۈپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئىنتايىن ئاز ۋە قىممەت باھالىق ئىدى. ئەمما، باسما ماشىنىسى كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، مۇقەددەس كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئىشلىرى تېخىمۇ ئاسان بولغان.
11 تەرجىمە ئىشلىرى. ئەسىرلەردىن بۇيان مۇقەددەس كىتاب ئاساسلىقى لاتىن يېزىقىدا بار ئىدى. ئۇنى پەقەت ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرلا چۈشىنەلەيتتى. باسما ئىشلىرى كەڭ ئۇمۇملاشقاندىن كېيىن، خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى كىشىلەر ئادەتتە سۆزلىشىدىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. ھازىر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئۆگىتىلگەن تەلىملەرنى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇيالايدۇ.
خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر بۈيۈك بابىلوندىن چىقىدىغان يولنى تەييارلاشقا ياردەم بەرگەنر (12–14-ئابزاسلارغا قاراڭ)c
12، 13. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلار 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ساختا دىنىي تەلىملەرنى ئاشكارىلاشقا باشلىغانلىقىنى بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
12 مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قوراللىرى. مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلغۇچىلار خۇدا سۆزىنى ئوقۇپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن. ئۇلار ئۆز بايقاشلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقاندا، دىنىي رەھبەرلەر ئاچچىقلانغان. مەسىلەن، 19-ئەسىردە بىر توپ سەمىمىي كىشىلەر چېركاۋلارنىڭ يالغان دىنىي تەلىملىرىنى ئاشكارىلايدىغان ۋاراقچىلارنى بېسىپ تارقىتىشقا باشلىغان.
13 خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ھېنرى گرۇ ئىسىملىك كىشى، تەخمىنەن 1835-يىللىرى ئۆلۈكنىڭ ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان بىر ۋاراقچىنى نەشىردىن چىقارغان. ئۇنىڭدا، كۆپىنچە چېركاۋلارنىڭ تەلىملىرىدىن پەرقلىق بىر ھەقىقەت ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، ئۆلمەسلىك تۇغۇلۇش بىلەنلا ئىگە بولىدىغان بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەدىيىسى ئىكەنلىكىنى ئايەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. 1837-يىلى جورج سىتورز پويىزغا ئولتۇرغاندا، ئاشۇ ۋاراقچىنى تېپىۋالغان. ئۇ ئۇنى ئوقۇپ، مۇھىم بىر ھەقىقەتنى بايقىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارار قىلغان. 1842-يىلى، ئۇ «رەزىل ئىنسانلارمۇ مەڭگۈ ئۆلمەي ياشامدۇ؟» دېگەن قىزىقارلىق ماۋزۇدا بىر قاتار نۇتۇقلارنى ئېيتقان. جورج سىتورزنىڭ يازغانلىرى چارلىز تېيىز راسسېل ئىسىملىك ياش يىگىتكە كۈچلۈك تەسىر قىلغان.
14. راسسېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى قىلىنغان يول تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگەن؟
14 بۇرادەر راسسېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى قىلىنغان يول تەييارلاش ئىشلىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن. ئۇلار ئۆز تەتقىق ئۆگىنىشىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ تۈرلۈك تەرجىمىلىرى، سۆزلۈكلىرى ۋە لۇغەتلىرىدىن پايدىلانغان. شۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلار تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلاشتىن بۇرۇن تەييار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېنرى گرۇ، جورج سىتورز ۋە باشقىلارنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرىدىن بۇرادەر راسسېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆپ پايدىلانغان. ئۇلارمۇ يول تەييارلاش ئىشىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نۇرغۇنلىغان كىتابلار ۋە ۋاراقچىلارنى نەشىردىن چىقارغان.
15. 1919-يىلى قانداق مۇھىم ئۆزگەرتىشلەر يۈز بەرگەن؟
15 1919-يىلى، خۇدانىڭ خەلقى بۈيۈك بابىلوننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىن قۇتۇلغان. ئاشۇ يىلى «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» ئۆز ئىشلىرىنى باشلاپ، سەمىمىي كىشىلەرنى «مۇقەددەس يول» بىلەن مېڭىشقا يېتەكلىگەن (مەتتا 24:45–47). ئۆتمۈشتىكى يول تەييارلاشقا قاتناشقان سادىق كىشىلەر، مۇشۇ چوڭ يولغا قەدەم تاشلىغانلارنىڭ يەھۋا ۋە ئۇنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن (پەند. نە 4:18). ئۇلار نەتىجىدە، بۇ يولدا ماڭغانلار ھاياتىنى يەھۋانىڭ تەلەپلىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا باشلىغان. يەھۋا ئۆز خەلقىدىن دەرھال بارلىق زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنىڭ قىلىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى. ئەكسىنچە، ئۇ ئاستا-ئاستا ئۇلارنى تاۋلاپ پاكلىغان («يەھۋا ئۆز خەلقىنى ئاستا-ئاستا تۈزىتىدۇ» ناملىق رامكىغا قاراڭ). ھەر بىر قىلغان ئىشىمىزدا خۇدايىمىزنى خۇرسەن قىلالىساق، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىمىز!—كولوسى. 1:10.
«مۇقەددەسلىك يول» يەنىلا ئوچۇق
16. 1919-يىلىدىن بۇيان، «مۇقەددەس يول»نى ئاسراش خىزمەتلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟ (يەشايا 48:17؛ 60:17)
16 يول ياخشى ھالەتتە تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ دائىم ئاسراپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. 1919-يىلدىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىشى ئۈچۈن، «مۇقەددەس يول» تەييارلاش ئىشى داۋام قىلىشى كېرەك ئىدى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» خىزمەتكە كىرىشكەن ۋە 1921-يىلى، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى يېڭىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب تەتقىق قوراللىرىنى نەشىردىن چىقارغان. 36 تىلدا چىققان «خۇدانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب تەخمىنەن 6 مىليون پارچىگە يېقىن تارقىتىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەقىقەتنى ئۆگەنگەن. يېقىنقى مەزگىلدە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭىدىن «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق بىر كىتاب نەشىردىن چىقتى. ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، توختىماي روھىي ئوزۇقلۇقلارنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھەممىمىزنىڭ «مۇقەددەس يول» بىلەن داۋاملىق مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.—يەشايا 48:17؛ 60:17-نى ئوقۇڭ.
17، 18. «مۇقەددەس يول» نەگە يېتەكلەيدۇ؟
17 ئەگەر بىر كىشى مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭغا «مۇقەددەس يول» بىلەن مېڭىشقا قەدەم بېسىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتالايمىز. بەزىلەر ئازراقلا مېڭىپ، بۇ چوڭ يولدا سەپەر قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. باشقىلار ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكۈچە داۋاملىق سەپەر قىلىشنى قەتئىي قارا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، كۆزلىگەن مەنزىل نېمە؟
18 «مۇقەددەس يول» — ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بارلارنى ئاسماندىكى خۇدانىڭ جەننىتىگە يېتەكلەيدۇ (ۋەھىي. 2:7). يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بارلارنى بولسا، شۇ يول 1000 يىلنىڭ ئاخىرىدا مۇكەممەللىككە يېتەكلەيدۇ. يېڭى دۇنياغا يەتمىگۈچە، بۇ يولدىن ئايرىلماي، سەپىرىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىڭ. سىزنىڭ بىخەتەر سەپەر قىلىشىڭىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
a يەھۋا بابىلوندىن ئىسرائىلغا بارىدىغان چوڭ يولنى كۆچمە مەنىدە، «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا ئۆز خەلقىگە شۇنىڭغا ئوخشاش يولنى تەييارلىغان. ئەلۋەتتە، 1919-يىلىدىن باشلاپ، مىليونلىغان كىشىلەر بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلدى ۋە «مۇقەددەس يول» بىلەن يۈرۈشكە باشلىدى. ھەممىمىز چوقۇم ئاخىرقى مەنزىلىمىزگە يېتىش ئۈچۈن مۇشۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.
c سۈرەتتە: راسسېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر تەييارلىغان مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلەتكەن.