32-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇڭ!
«غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىڭلار ھەممە ئادەملەرگە ئايان بولسۇن»—فىلىپى. 4:5.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
بۇ ماقالىدەa
قايسى تۈردىكى دەرەخ بولۇشنى خالايسىز؟ (1-ئابزاسقا قاراڭ)
1. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قايسى مەنىدە مېۋىلىك دەرەخقە ئوخشاش بولۇشى كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
«ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى». بۇ ماقال-تەمسىل مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ: روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم ئەۋرىشىمچان، يەنى ئېگىلىشكە تەييار بولۇشى كېرەك. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ شەخسىي ۋەزىيەتلىرىمىزدە ئۆزگىرىشلەر بولغاندا، ئۇلارغا ماسلىشىش ۋە باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە چىقارغان قارارلىرىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
2. قايسى پەزىلەتلەر ۋەزىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىدە، بىز غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشنى خالايمىز. كەمتەر ۋە كۆيۈمچان بولۇشنىمۇ خالايمىز. بۇ ماقالىدە، بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ۋەزىيەتلىرى ئۆزگەرگەندە، يېڭى ۋەزىيەتلەرگە ماسلىشىشقا مۇشۇ پەزىلەتلەرنىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ پەزىلەتلەرنىڭ بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. بىراق، ئاۋۋال يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسانىڭ غەرەز ئۇقىدىغان بولۇشتا قالدۇرغان مۇكەممەل ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ غەرەز ئۇقىدۇ
3. يەھۋانىڭ غەرەز ئۇقىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
3 يەھۋا قەتئىي تەۋرەنمەس، مۇستەھكەم بولغاچقا، «قورام تاش» دەپ ئاتالغان (تەكرار. قا 32:4). شۇنداقتىمۇ، ئۇ غەرەز ئۇقىدۇ، يەنى ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئالىدۇ. بۇ دۇنيادا ۋەزىيەتلەر ئۆزگىرىۋاتقاندا، يەھۋا ۋەزىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۆز ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەھۋا خۇدا بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان. شۇڭا، ئۇ بىزگىمۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش قابىلىيىتىنى بەرگەن. ئۇ بىزگە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، دانا قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان ئېنىق مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى بەرگەن. يەھۋانىڭ ئۈلگىسى ۋە پرىنسىپلىرى شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ: ئۇ «قورام تاش»تەك مەھكەم بولۇپ قالماي، يەنە غەرەز ئۇقىدىغان خۇدادۇر.
4. يەھۋانىڭ غەرەز ئۇقىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ (لاۋىيلار 5:7، 11)
4 يەھۋانىڭ تۇتقان يوللىرى مۇكەممەل ۋە ۋەزىيەتلەرگە ماس كېلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ. مەسىلەن، يەھۋانىڭ ئىسرائىللارغا ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان خۇدا ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ئۇ ھەممىسىدىن ئوخشاش قۇربانلىقلارنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلمىغان. بەزى ۋەزىيەتلەردە، ئۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز شارائىتىغا قاراپ، قۇربانلىق ئېلىپ كېلىشىگە يول قويغان.—لاۋىيلار 5:7، 11-نى ئوقۇڭ.
5. يەھۋانىڭ كەمتەرلىكى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر مىسال كەلتۈرۈڭ.
5 يەھۋانىڭ كەمتەرلىكى ۋە كۆيۈمچانلىقى ئۇنى غەرەز ئۇقىدىغان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مەسىلەن، يەھۋا سودومدىكى رەزىل كىشىلەرنى يوقاتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ئېنىق ئايان بولغان. يەھۋا پەرىشتىلىرى ئارقىلىق ھەققانىي كىشى لۇتقا تاغلىق رايونغا قېچىشنى بۇيرىغان. لۇت شۇ يەرگە بېرىشتىن قورققان. شۇڭا، ئۇ يەھۋادىن ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ۋەيران قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان، كىچىك شەھەر زوئاردا پاناھلىنىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈنگەن. يەھۋا چوقۇم لۇتتىن ئۆزى بۇيرىغاندەك قىلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلسا بولاتتى. ئەكسىچە، ئۇ لۇتنىڭ ئۆتۈنۈشىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاشۇ كىچىك شەھەرنى ۋەيران قىلمىغان (يارىت. 19:18–22). ئۇزۇن ئەسىرلەردىن كېيىن، يەھۋا نىنەۋى شەھىرىنىڭ خەلقىگىمۇ رەھىم قىلغان. ئۇ يۇنۇس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، پات-ئارىدا شەھەرنى ۋە ئۇنىڭ رەزىل خەلقىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، نىنەۋىلىكلەر توۋا قىلغاندا، يەھۋا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلمىغان.—يۇنۇس 3:1، 10؛ 4:10، 11.
6. يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، ئەيسا غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
6 ئەيسامۇ يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولغان. ئۇ «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئادىشىپ قالغان قويلىرىغا» ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. ئەمما، ئۇ ئاشۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىغاندا، ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىر قېتىم، ئىسرائىل خەلقىدىن بولمىغان بىر ئايال ئۇنىڭدىن جىن چاپلىشىۋالغان قىزىنى ساقايتىشنى ئۆتۈنگەن. ئەيسا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئايالنىڭ قىزىنى ساقايتقان (مەتتا 15:21–28). يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ۋەز قىلىشنى باشلىغان چاغلاردا، ئەيسا مۇنداق دېگەن: «كىمكى . . . مېنى ئىنكار قىلسا، مەنمۇ . . . ئىنكار قىلىمەن» (مەتتا 10:33). لېكىن، ئەيسا ئۆزىدىن ئۈچ قېتىم تانغان پېترۇستىن تانغانمۇ؟ ياق. ئۇ پېترۇسنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى ۋە ئىمان-ئېتىقادىنى نەزەرگە ئالغان. ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن پېترۇسقا كۆرۈنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى كەچۈرگەنلىكىگە ۋە داۋاملىق سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.—لۇقا 24:33، 34.
7. فىلىپىلىكلەر 4:5-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قانداق نام-ئاتاقنى قازىنىشىمىز كېرەك؟
7 بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ غەرەز ئۇقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا بىزدىنمۇ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشنى كۈتىدۇ (فىلىپىلىكلەر 4:5-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «كىشىلەر مېنى غەرەز ئۇقىدىغان، كەڭ قوساق، سەۋرچان كىشى دەپ قارامدۇ؟ ياكى ئۇلار مېنى جاھىل، قوپال ياكى بوينى قاتتىق كىشى دەپ قارامدۇ؟ مەن باشقىلارنىڭ چوقۇم ئۆزۈم خالىغاندەك قىلىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمەنمۇ؟ ياكى بەزى ۋەزىيەتلەردە، مەن باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ تاللىشىغا يول قويۇمەنمۇ؟» بىز غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولغانسېرى، يەھۋا ۋە ئەيسانى ئۈلگە قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ھازىر ئىككى ساھەدە: بىرىنچى، شەخسىي ۋەزىيەتلىرىمىزدە ئۆزگىرىش بولغاندا. ئىككىنچى، باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە قارارلىرى بىزنىڭكىدىن پەرقلىق بولغاندا، غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ۋەزىيەت ئۆزگەرگەندە غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولايلى
8. ۋەزىيەتلەردە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە، غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ)
8 غەرەز ئۇقىدىغان بولۇش ۋەزىيەتلىرىمىز ئۆزگەرگەندە ماسلىشىشچان بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئۆزىمىز ئويلىمىغان قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، جىددىي ساغلاملىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشىمىز ياكى تۇيۇقسىز ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى، ھاياتىمىز پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن (ۋەز 9:11؛ 1-كورىنت. 7:31). ھەتتا تەشكىلات بىزگە باشقىچە ئۇسۇلدا ياكى باشقا جايدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئېيتىشى مۇمكىن. قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيلى، تۆۋەندىكى تۆت قەدەم-باسقۇچقا ئەگەشسەك، يېڭى ۋەزىيەتلەرگە ئوڭۇشلۇق ماسلىشالايمىز: (1) رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش، (2) كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قاراش، (3) ئىجابىي نەرسىلەرگە دىققەت ئاغدۇرۇش ۋە (4) باشقىلارغا ياردەم بېرىشb. بۇ قەدەم-باسقۇچلارنى بېسىشنىڭ قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بەزى قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرىدىن كۆرۈپ باقايلى.
9. بىر جۈپ مىسسىئونېر ئەر-ئايال قانداق كۈتمىگەن سىناقلارغا تاقابىل تۇرغان؟
9 رېئاللىقنى قوبۇل قىلىڭ. ئىمانوئېل ۋە فرانچېسكا چەتئەلدە مىسسىئونېرلىق خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن. ئۇلار يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىشنى ۋە يېڭى جامائەتتە قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان ئىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا COVID-19 تارقىلىشچان ۋىرۇسى باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىپ، ياشىشىغا توغرا كەلگەن. كېيىن، فرانچېسكانىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن. فرانچېسكا ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، تارقىلىشچان ۋىرۇس سەۋەبلىك، ئۇ يۇرتىغا قايتالمىغان. مۇشۇ بارلىق قىيىن ۋەزىيەتلەرگە، ئۇ قانداق يۈزلەنگەن؟ بىرىنچى، ئىمانوئېل بىلەن فرانچېسكا بىرلىكتە دۇئا قىلىپ، ھەر كۈنى غەم-ئەندىشىلەرنى يېڭىپ، چۈشكۈنلۈككە چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت سورىغان. مەسىلەن، ئۇلار بىر فىلىمىمىزدىكى بۇرادەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالغان: «بىز يېڭى ۋەزىيەتلەرنى قانچە تېز قوبۇل قىلساق، شۇنچە تېز قايتا خۇشاللىققا ئېرىشىمىز. شۇنداق قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتلەردىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشىسىنى قىلالايمىز»c. ئىككىنچى، ئۇلار تېلېفوندا گۇۋاھلىق بېرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان، ھەتتا بىر كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى باشلىغان. ئۈچىنچى، ئۇلار يەرلىك قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان. كۆيۈمچان بىر قېرىنداش ئۇلارغا ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابتىن بىر ئايەتنى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق ئەۋەتكەن. بۇ بىر يىل داۋام قىلغان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يېڭى ۋەزىيەتلەرنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلىشتىن قانائەت تاپالايمىز.
10. بىر قېرىنداش ھاياتىدىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىشكە قانداق ماسلاشقان؟
10 كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قاراپ، دىققىتىڭىزنى ئىجابىي نەرسىلەرگە قارىتىڭ. ياپونىيەدە ياشايدىغان كرىستىنا ئىسىملىك رومىنىيەلىك قېرىنداش ئۆزى قاتناشقان ئىنگلىز تىلى جامائىتى تارقىتىۋېتىلگەندە، ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. بىراق، ئۇ دائىم شۇ ئىشنى ھەققىدە ئويلاپ يۈرمىگەن. ئەكسىچە، ئۇ يەرلىك جامائەتكە قاتنىشىپ، ياپون تىلىدا ۋەز قىلىشنى قولدىن كېلىشىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى قارار قىلغان. كرىستىنا ئۆزىنىڭ ياپون تىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر خىزمەتدىشىدىن ياردەم سورىغان. شۇ ئايال ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتاب ۋە «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنى ئىشلىتىپ، ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. كرىستىنا ياپون تىلىنى ياخشىلاپلا قالماي، شۇ ئايالمۇ ھەقىقەتكە قىزىقىشقا باشلىغان. بىز ئۆتۈشىمىزگە ئەمەس، كەلگۈسىمىزگە قاراپ، ئىجابىي نەرسىلەرگە دىققەت قاراتساق، ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ، كۈتمىگەن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز.
11. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر جۈپ ئەر-ئايال نېمە ئىش قىلغان؟
11 باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ. خىزمىتىمىز مەنئىي قىلىنغان بىر دۆلەتتە ئەر-ئايال ئىقتىسادىي كرىزىس باشلانغاندا، شۇ يەردە ياشايدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال مۇقىم مائاشىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇلار بۇ ۋەزىيەتكە قانداق ماسلاشقان؟ بىرىنچى، ئۇلار ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بەزى قەدەملەرنى تاشلىغان. ئىككىنچى، دىققىتىنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا ئەمەس، ۋەز خىزمىتىگە قارىتىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان (ئەلچى. 20:35). يولدىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ۋەز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئۆتتۇق. بۇ سەلبىي نەرسىلەرنى ئازراق ئويلاپ، دىققىتىمىزنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا قارىتىشىمىزغا ياردەم بەردى». ۋەزىيەتلىرىمىز ئۆزگەرگەندە، ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك.
12. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالى ۋەز خىزمىتىمىزدە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 ۋەز خىزمىتىمىزدە ماسلىشىشچان بولۇشىمىز كېرەك. بىز ئىمان-ئېتىقادى، كۆز قارىشى ۋە كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. ئەلچى پاۋلۇس ماسلىشىشچان بولغان. بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلالايمىز. ئەيسا مەسىھ پاۋلۇسنى «باشقا مىللەتلەرگە ئەلچى بولۇشقا» تەيىنلىگەن (رىملىقلار 11:13). پاۋلۇس شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ يەھۇدىيلار، گرېكلار، ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر، كەمتەر دېھقانلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە پادىشاھلارغا ۋەز قىلغان. ئاشۇ ھەر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇس ھەر تۈرلۈك ۋەزىيەتلەرگە ماسلىشىشقا ھەرىكەت قىلغان (1-كورىنت. 9:19–23). پاۋلۇس كىشىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. شۇڭا، ئۇ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ھەر بىر كىشنى خۇداغا جەلپ قىلىدىغان ئۇسۇلدا پاراڭلاشقان. ئەگەر بىزمۇ ھەر ۋەزىيەتكە ماسلىشىشچان بولساق ۋە ھەر بىر كىشىگە ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىنى تېپىشقا تىرىشساق، ۋەز خىزمىتىمىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەڭ
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيمىز (13-ئابزاسقا قاراڭ)
13. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلىسەك، 1-كورىنتلىقلار 8:9-ئايەتتە تەسۋىرلەنگەن خەتەردىن قانداق ساقلىنالايمىز؟
13 غەرەز ئۇقىدىغان كىشى باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيدۇ. مەسىلەن، بەزى ئايال قېرىنداشلار بوينۇپ ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى ياخشى كۆرمەيدۇ. بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بەزىلەر قەتئىي ئىچمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. خۇدانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى تەن-سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، تەن-سالامەتلىكىگە پەرقلىق ئۇسۇللار بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشنى تاللايدۇ. ئەگەر ھەمىشە ئۆز كۆز قارىشىمىزنى توغرا دەپ ئويلىساق ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنساق، باشقىلار ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇشىمىز ۋە بۆلۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىشىمىز مۇمكىن (1-كورىنتلىقلار 8:9-نى ئوقۇڭ؛ 10:23، 24). ئۇنداقتا، تەڭپۇڭ كۆز قاراشنى ۋە تىنچلىقنى ساقلىشىمىزغا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىككى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيمىز (14-ئابزاسقا قاراڭ)
14. كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا، مۇقەددەس كىتابتىكى قانداق پرىنسىپلارنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
14 كىيىنىش ۋە ياسىنىش. يەھۋا بىزگە چوقۇم نېمە كىيىش كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان، ئەمما ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى پرىنسىپلارنى بەرگەن. بىز خۇدا خىزمەتچىلىرىگە ماس كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئۆزىمىزنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان، كەمتەر ۋە «ئوي-پىكىرى ساغلام» كىشى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك (1-تىموت. 2:9، 10؛ 1-پېتر. 3:3). شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە قارىتىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى خالىمايمىز. مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ئاقساقاللارنىڭ كىيىنىش ۋە چاچ پاسونىغا قارىتا، ئۆزى خالىغانچە قائىدە-تۈزۈملەرنى بەلگۈلەشتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، مودا بولۇۋاتقان قىسقا، ئەمما رەتسىز چاچ پاسونىنى قويۇۋالغان ياش بۇرادەرلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغان ئاقساقاللار قائىدە-تۈزۈملەرنى چىقارماي، ياشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ رايونغا مەسئۇل ئاقساقال جامائەتتىكى ئاقساقاللارنىڭ قېرىنداشلارغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان: «سىز سەھنىدە بولغاندا، تىڭشىغۇچىلار گەپ-سۆزلىرىڭىزگە ئەمەس، سىزگە بەكرەك دىققەت ئاغدۇرغان بولسا، كىيىنىش ۋە ياسىنىشىڭىزدا بىر چاتاق بار». بۇ ئاددىي چۈشەندۈرۈش ياشلارنىڭ چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئاقساقاللارنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورناتماسلىقىغا ياردەم بەرگەنd.
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيمىز (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. تەن-ساغلاملىقىمىزنى قانداق ئۇسۇلدا ئاسراشنى تاللىغاندا، مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى پرىنسىپلىرى بىزگە ياردەم بېرىدۇ؟ (رىملىقلار 14:5)
15 تـەن-ساغـلاملىقنى ئاسـراش. ھـەر بـىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئۆز تەن-سالامەتلىكىگە قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك (گالاتىيا. 6:5). مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە تىببىي داۋالاشنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ قاندىن ۋە جىنكەشلىكتىن ساقلىنىڭلار دېگەن قانۇنلىرىغا چوقۇم بويسۇنۇشى كېرەك (ئەلچى. 15:20؛ گالاتىيا. 5:19، 20). باشقا جەھەتتە ئۇلار قايسى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆزى قارار قىلالايدۇ. بەزى كىشىلەر تەن-ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈچۈن مەخسۇس تىببىي داۋالاش ئورۇنلىرىدىن ياردەم ئىزدەيدۇ، يەنە بەزىلەر باشقا شەكىلدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشنى تاللايدۇ. مەلۇم بىر داۋالاش ئۇسۇلى مەيلى پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەن ھالەتتىمۇ، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز تەن-سالامەتلىكىنى ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسىي قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندىكى تۆت مۇھىم نۇقتىنى ئەستە ساقلىشىمىز لازىم: (1) پەقەتلا خۇدا پادىشاھلىقى تەن-ساغلاملىقىمىزنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ (يەشايا 33:24). (2) ھەر بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى نېمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىگە تولۇق قايىل بولۇشى كېرەك (رىملىقلار 14:5-نى ئوقۇڭ). (3) بىز باشقىلارغا ھۆكۈم قىلمايمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىغا پۇتلىكاشاڭ تاش قويمايمىز (رىملىقلار 14:13). (4) مەسىھ ئەگەشكۈچىسى سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ ۋە جامائەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىدىن مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (رىملىقلار 14:15، 19، 20). ئەگەر مۇشۇ نۇقتىلارنى ئەستىن چىقارماي، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىساق، جامائەتنىڭ تىنچلىقىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيمىز (16-ئابزاسقا قاراڭ)
16. بىر ئاقساقال باشقا ئاقساقاللار بىلەن خىزمەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
16 غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشتا ئاقساقاللار ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك (1-تىموت. 3:2، 3). مەسىلەن، بىر ئاقساقال ئۆزىنىڭ يېشى باشقىلاردىن چوڭ بولغاچقا، باشقىلار ھەردائىم ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ كۈتمەسلىكى كېرەك. ئۇ يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا تەسىر قىلىپ، دانا قارار چىقىرىشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپىغا خىلاپ بولمىسا، غەرەز ئۇقىدىغان ئاقساقاللار، ھەتتا ئۇلار باشقا بىر قارارنى ئەۋزەل كۆرسىمۇ، ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قارارىنى قوللاشقا تەييار تۇرىدۇ.
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشنىڭ پايدىسى
17. غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولۇشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرىمىز؟
17 مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى غەرەز ئۇقىدىغان كىشىلەر بولۇش ئارقىلىق كۆپلىگەن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ. بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ ياخشىراق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، خۇشاللىق تاپالايمىز ۋە جامائەتتە تىنچ-ئىناقلىق بولىدۇ. بىز مىجەز-خۇلقى، مەدەنىيىتى، كېلىپ چىقىشى پەرقلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا شاد-خۇراملىق تاپىمىز. ھەممىدىن مۇھىمى، غەرەز ئۇقىدىغان خۇدايىمىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، كۆڭلىمىز قانائەت تاپىدۇ.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
a يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ غەرەز ئۇقىدۇ، يەنى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتىدۇ. ئۇلار بىزنىڭمۇ بۇ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر غەرەز ئۇقىدىغان كىشى بولساق، ۋەزىيىتىمىزدە، يەنى سالامەتلىكىمىز ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزدا ئۆزگىرىش بولغاندا، شۇ ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
b «ئويغىنىش!» 2016-يىل، 4-سانىدىكى «ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
c «مەسىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى»، 2021-يىل، مارت-ئاپرېل سانىدىكى «دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ئادەملەر يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىۋالدى» دېگەن ماقالىدە كەلتۈرۈلگەن «دمىترىي مىخايلوۋ بۇرادىرىمىز بىلەن سۆھبەت» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
d كىيىنىش ۋە ياسىنىش توغرۇلۇق كۆپرەك مەلۇماتنى «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» كىتابىنىڭ 52-دەرسىدە تاپالايسىز.