كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 دېكابىر 31-‏ب.‏
  • ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلارغا قۇ‌لاق سالامسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • 1-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 دېكابىر 31-‏ب.‏

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

سىز مۇ‌شۇ يىلدىكى «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رناللىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌دىڭىزمۇ؟‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌مسىز:‏

ئاياللارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا يە‌ھۋا قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

يە‌ھۋا ئاياللارنى كە‌مسىتمە‌يدۇ ۋە ئە‌رلە‌رنى ئاياللاردىن ئارتۇ‌ق كۆرمە‌يدۇ.‏ ئۇ ئاياللارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاياللارغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن ئۇ‌لارغا كۆپلىگە‌ن ئىشلارنى تاپشۇ‌رىدۇ (‏24w.‏01 15،‏ 16-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏7-‏ئايە‌تتىكى «ئۇ‌لارغا شېرىك بولماڭلار» دېگە‌ن سۆزلىرىنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ش ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئارىلاشماسلىقنى نە‌سىھە‌ت قىلغان.‏ بۇ شۇ‌نداق كىشىلە‌ر بىلە‌ن كۆڭۈل كۆتۈرۈش ئۈچۈن جە‌م بولماسلىقنى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا سۆھبە‌تلە‌شمە‌سلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏24w.‏03 22،‏ 23-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

قانداق يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌ردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

دوست-‏يارە‌نلىرىمىز ئىشە‌نچىلىك ياكى ئىشە‌نچىسىزلىكى تە‌كشۈرۈلمىگە‌ن ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئە‌ۋە‌تىشى،‏ ناتونۇ‌ش كىشىلە‌ردىن ئېلخە‌ت كېلىشى ياكى ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قىزىقىدىغاندە‌ك بولۇ‌پ،‏ يالغان-‏ياۋىداق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز لازىم (‏24w.‏04 12-‏بە‌ت‏)‏.‏

يە‌ھۋانىڭ سۇ‌لايمان پادىشاھنى،‏ سودوم ۋە گومورا ۋە‌يران قىلىنغاندا ۋە توپان سۈيىدە ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنى كە‌لگۈسىدە قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىز نېمىنى بىلىمىز ۋە نېمىنى بىلمە‌يمىز؟‏

بىز يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى مە‌ڭگۈگە ھالاك قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى ئېنىق بىلمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئېنىق بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممىنى بىلگۈچى ۋە  رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىكتۇ‌ر (‏24w.‏05 3،‏ 4-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا «قورام تاش» دە‌پ ئاتالغان؟‏ (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4)‏

بىز يە‌ھۋا خۇ‌دادىن پاناھلىق ئىزدىيە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر،‏ ھە‌ردائىم ئۆز ۋە‌دىسىدە تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا —‏ ئۆزگە‌رمە‌س خۇ‌دادۇ‌ر،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئىرادىسى ئۆزگە‌رمە‌يدۇ (‏24w.‏06 26–‏28-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

يېڭى جامائە‌تكە كۆنۈشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلاڭ.‏ يېڭى جامائە‌ت بىلە‌ن بۇ‌رۇ‌نقى جامائىتىڭىزنى سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ يېڭى جامائە‌تتىكى ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە قىزغىنلىق بىلە‌ن قاتنىشىڭ ۋە يېڭى دوستلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (‏24w.‏07 26–‏28-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

مە‌تتا 25‏-‏بابتا يېزىلغان ئۈچ مىسالدىن قانداق ساۋاقلارنى ئالىمىز؟‏

قويلار بىلە‌ن ئۆچكىلە‌ر ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلدىن ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ ئە‌قىللىق ۋە ئە‌قىلسىز قىزلار توغرىسىدىكى تە‌مسىل سە‌گە‌ك ۋە تولۇ‌ق تە‌ييار بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏ تالانتلار توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىل بولسا،‏ تىرىشچانلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌يدۇ (‏24w.‏09 20–‏24-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

سۇ‌لايمان سالدۇ‌رغان ئىبادە‌تخانىدىكى ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى قانچىلىك بولغان؟‏

بە‌زى قە‌دىمقى قول يازمىلاردا 2-‏تارىخنامە 3:‏4-‏ئايە‌تتە ئايۋاننىڭ 120 جە‌ينە‌ك (‏53 مېتىر)‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بىراق،‏ باشقا ئىشە‌نچىلىك قوليازمىلاردا ئۇ‌نىڭ ئېگىزلىكى 20 جە‌ينە‌ك،‏ يە‌نى 9 مېتىر دە‌پ يېزىلغان.‏ ئىبادە‌تخانىنىڭ تاملىرى قېلىن بولمىغاچقا،‏ ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى 9 مېتىر بولۇ‌شى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق (‏24w.‏10 31-‏بە‌ت‏)‏.‏

ياردە‌مچى خىزمە‌تچى «بىر ئايالنىڭ ئېرى» بولۇ‌شى كېرە‌كلىكى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏12)‏

بۇ دېگىنىمىز،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌قە‌ت بىر ئايالى بولۇ‌شى ۋە ئۇ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ياكى زىنا قىلماسلىقى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە،‏ ھە‌رگىزمۇ باشقا ئاياللار ھە‌ققىدە رومانتىك ئوي-‏خىياللاردا بولماسلىقى لازىم (‏24w.‏11 19-‏بە‌ت‏)‏.‏

نېمە ئۈچۈن يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى كە‌چلىك داستىخان ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا قارىتا ئېيتىلمىغان دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

يۇ‌ھاننا 6:‏53-‏ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسانىڭ تېنىنى يە‌پ،‏ قېنىنى ئىچىش كېرە‌ك دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ مىلادى 32-‏يىلى،‏ جە‌لىلىيە‌دە،‏ ئە‌يسا بۇ سۆزلە‌رنى بىر توپ يە‌ھۇ‌دىيلارغا قارىتا ئېيتقان بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌يساغا بولغان ئىشە‌نچىسى ئاجىز ئىدى.‏ بىراق،‏ تە‌خمىنە‌ن بىر يىلدىن كېيىن،‏ ئە‌يسا يېرۇ‌سالىمدا مە‌سىھنىڭ خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسا كېلە‌چە‌كتە ئۆزى بىلە‌ن بىرلىكتە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئە‌لچىلىرىگە سۆزلىگە‌ن ئىدى (‏24w.‏12 10،‏ 11-‏بە‌تلە‌ر‏)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش