ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى قانچىلىك بولغان؟
ئايۋان ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان كىرىش ئېغىزى ئىدى. 2023-يىلدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغان يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىدە، «ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش قىلىنىپ 20 گەز بولۇپ، ئېگىزلىكى 120 گەز ئىدى» دەپ يېزىلغان (2-تارىخ. 3:4). باشقا بەزى تەرجىمىلەردىمۇ، ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى «120 جەينەك» دەپ يېزىلغان. شۇنداق بولغاندا، ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى 53 مېتىر بولىدۇ!
لېكىن، 2023-يىلى ئىنگلىز تىلىدىكى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»دە، سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكىنى «20 جەينەك»، ياكى تەخمىنەن 9 مېتىر دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنa. بۇ ئۆزگەرتىشنى كىرگۈزۈشنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
1-پادىشاھلار 6:3-ئايەتتە ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇ كىتابلارنى قەلەمگە ئالغان يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ ئايەتتە ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلىقىنى ۋە كەڭلىكىنى تىلغا ئالغان، لېكىن ئېگىزلىكى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. كېيىنكى بابتىكى ئايەتلەردە، يەرەمىيا ئىبادەتخانىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان تۈرلۈك باشقا نەرسىلەرنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، مىستىن ياسالغان دېڭىز، ئون ھارۋىلار ۋە ئايۋان ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈۋرۈك ھەققىدە يازغان (1-پادىشاھ. 7:15–37). ئەگەر ئايۋان راستىنلا 50 مېتىردىن ئېگىزرەك بولسا، نېمە ئۈچۈن يەرەمىيا بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە يازمىغان؟ ھەتتا ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىي تارىخچىلار ئايۋان سۇلايماننىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېگىز بولغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە يازمىغان.
ئىبادەتخانا تاملىرى ئېگىزلىكى 120 جەينەك بولغان ئايۋاننى تىرەپ تۇرالىشى ھەققىدە ئالىملار گۇمان قىلىپ سوئاللارنى قويىدۇ. قەدىمقى زامانلاردا تاشتىن ياكى خىشتىن بەك ئېگىز مۇنارلار ياسالسا، قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلى كەڭ، يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەنسېرى تارىيىپ ماڭغان، مەسىلەن مىسىردىكى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازا مۇنارلىرى شۇنداق ئىدى. لېكىن، سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانا باشقىچە بولغان. ئالىملار ئىبادەتخانا تاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 6 جەينەك ياكى 2.7 مېتىر بولغان دەپ قارىشىدۇ. بىناكارلىق تارىخى تەتقىقاتچىسى تېئودور بۇسىنك شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: «[ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان] ئايۋان تاملىرىنىڭ قېلىنلىقىغا ئاساسلانغاندا، ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى 120 جەينەك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس».
2-تارىخنامە 3:4-ئايەت كۆچۈرۈپ كۆپەيتىلگەندە، خاتا كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى قەدىمقى قول يازمىلاردا شۇ ئايەتتە «120» دەپ يېزىلغان بولسا، باشقا قۇل يازمىلاردا بولسا، مەسىلەن بەشىنچى ئەسىردىكى ئالېكساندرىيە قول يازمىسى ۋە ئالتىنچى ئەسىردىكى ئامبروسىيانۇس قول يازمىسىدا «20 جەينەك» دەپ يېزىلغان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كۆپەيتكۈچىلەر «20»نى «120» دەپ يېزىپ قويغان؟ چۈنكى، ئىبرانىي تىلىدا «يۈز» ۋە «جەينەك» دېگەن سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى بەك ئوخشاش ئىدى. شۇڭا، كۆچۈرگۈچىلەر خاتالىشىپ، «جەينەك» دەپ يېزىشنىڭ ئورنىغا «يۈز» دەپ يېزىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، بىز سۇلايمان پادىشاھ سالدۇرغان ئىبادەتخانا قانداق بولغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنى توغرا تەسۋىرلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. لېكىن، بىز ئاشۇ ئىبادەتخانا ئەمەلىيەتتە سىمۋول قىلىنغان ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.. يەھۋا ئۆزىنىڭ بارچە سادىق خىزمەتچىلىرىنى ئۇلۇغ روھىي ئىبادەتخانىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بىزنىڭ بۇ تەكلىپىگە مىننەتدار بولماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە!—ئىبرانىي. 9:11–14؛ ۋەھىي. 3:12؛ 7:9–17.
a ئايەتتىكى ئىزاھات «بەزى قەدىمقى قول يازمىلاردا «120»، باشقا يازمىلاردا ۋە بەزى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرىدە «20 جەينەك»» دەپ يېزىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.