ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
سىز مۇشۇ يىلدىكى «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرناللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمسىز:
ئاياللارغا مۇئامىلە قىلىشتا يەھۋا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
يەھۋا ئاياللارنى كەمسىتمەيدۇ ۋە ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇق كۆرمەيدۇ. ئۇ ئاياللارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋە غەم-ئەندىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەھۋا ئاياللارغا ئىشەنچ قىلىپ، ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆپلىگەن ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ (24w.01 15، 16-بەتلەر).
ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئەفەسلىكلەر 5:7-ئايەتتىكى «ئۇلارغا شېرىك بولماڭلار» دېگەن سۆزلىرىنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟
ئەلچى پاۋلۇس بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى چىڭ تۇتۇش ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىقنى نەسىھەت قىلغان. بۇ شۇنداق كىشىلەر بىلەن كۆڭۈل كۆتۈرۈش ئۈچۈن جەم بولماسلىقنى ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا سۆھبەتلەشمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (24w.03 22، 23-بەتلەر).
قانداق يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك؟
دوست-يارەنلىرىمىز ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىسىزلىكى تەكشۈرۈلمىگەن ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشى، ناتونۇش كىشىلەردىن ئېلخەت كېلىشى ياكى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەر خۇش خەۋەرگە قىزىقىدىغاندەك بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەر ئېيتىشى مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتلاردا پەخەس بولۇشىمىز لازىم (24w.04 12-بەت).
يەھۋانىڭ سۇلايمان پادىشاھنى، سودوم ۋە گومورا ۋەيران قىلىنغاندا ۋە توپان سۈيىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى كەلگۈسىدە قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىز نېمىنى بىلىمىز ۋە نېمىنى بىلمەيمىز؟
بىز يەھۋانىڭ ئۇلارنى مەڭگۈگە ھالاك قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. بىراق، شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، يەھۋا خۇدا ھەممىنى بىلگۈچى ۋە رەھىم-شەپقەتلىكتۇر (24w.05 3، 4-بەتلەر).
نېمە ئۈچۈن يەھۋا «قورام تاش» دەپ ئاتالغان؟ (تەكرار. قا 32:4)
بىز يەھۋا خۇدادىن پاناھلىق ئىزدىيەلەيمىز. ئۇ ئىشەنچىلىكتۇر، ھەردائىم ئۆز ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا — ئۆزگەرمەس خۇدادۇر، يەنى ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ (24w.06 26–28-بەتلەر).
يېڭى جامائەتكە كۆنۈشكە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمەتچىلىرىگە ياردەم بەرگەن يەھۋا خۇداغا ئىشەنچ باغلاڭ. يېڭى جامائەت بىلەن بۇرۇنقى جامائىتىڭىزنى سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. يېڭى جامائەتتىكى ئىش-پائالىيەتلەرگە قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىڭ ۋە يېڭى دوستلارنى تېپىشقا تىرىشىڭ (24w.07 26–28-بەتلەر).
مەتتا 25-بابتا يېزىلغان ئۈچ مىسالدىن قانداق ساۋاقلارنى ئالىمىز؟
قويلار بىلەن ئۆچكىلەر ھەققىدىكى تەمسىلدىن ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىمىز. ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىز قىزلار توغرىسىدىكى تەمسىل سەگەك ۋە تولۇق تەييار بولۇپ تۇرۇشىمىز مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. تالانتلار توغرۇلۇق تەمسىل بولسا، تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ (24w.09 20–24-بەتلەر).
سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى قانچىلىك بولغان؟
بەزى قەدىمقى قول يازمىلاردا 2-تارىخنامە 3:4-ئايەتتە ئايۋاننىڭ 120 جەينەك (53 مېتىر) دەپ يېزىلغان. بىراق، باشقا ئىشەنچىلىك قوليازمىلاردا ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 20 جەينەك، يەنى 9 مېتىر دەپ يېزىلغان. ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرى قېلىن بولمىغاچقا، ئايۋاننىڭ ئېگىزلىكى 9 مېتىر بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق (24w.10 31-بەت).
ياردەمچى خىزمەتچى «بىر ئايالنىڭ ئېرى» بولۇشى كېرەكلىكى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (1-تىموت. 3:12)
بۇ دېگىنىمىز، ئۇنىڭ پەقەت بىر ئايالى بولۇشى ۋە ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ياكى زىنا قىلماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك يەنە، ھەرگىزمۇ باشقا ئاياللار ھەققىدە رومانتىك ئوي-خىياللاردا بولماسلىقى لازىم (24w.11 19-بەت).
نېمە ئۈچۈن يۇھاننا 6:53-ئايەتتىكى سۆزلەرنى كەچلىك داستىخان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا ئېيتىلمىغان دەپ ئېيتالايمىز؟
يۇھاننا 6:53-ئايەتتە، ئەيسانىڭ تېنىنى يەپ، قېنىنى ئىچىش كېرەك دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. مىلادى 32-يىلى، جەلىلىيەدە، ئەيسا بۇ سۆزلەرنى بىر توپ يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەيساغا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز ئىدى. بىراق، تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن، ئەيسا يېرۇسالىمدا مەسىھنىڭ خاتىرىلەش كەچلىك داستىخىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ چاغدا، ئەيسا كېلەچەكتە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەلچىلىرىگە سۆزلىگەن ئىدى (24w.12 10، 11-بەتلەر).