تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
رەسىم سىزىش ئەستە ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىرىنى ئەستە ساقلاش قىيىن. بەلكىم، سىزمۇ ئەستە ساقلاشتا قىينىلىدىغانسىز. لېكىن، ئەيسا مەسىھنىڭ تەمسىل كەلتۈرۈپ بەرگەن تەلىملىرىنى ئەستە ساقلاش ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ تەسۋىرى كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىپ، ئۇزۇنغىچە خىيالىمىزدىن كەتمىگەچكە، ئۇلارنى ئەستە ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى تەسۋىرى كۆرۈنۈشلەر، يەنى رەسىملەر شەكلىدە سىزىپ سىناق بېقىڭ.
رەسىم سىزىش ئۆگەنگەن يېڭى نەرسىلەرنى ئاسانراق ئەستە ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل پەقەت سۆزلەرنىلا ئەمەس، بەلكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشىنىشكە ھەم ياردەم بېرىدۇ. سىزغان رەسىم قانداقتۇ بىر سەنئەت ئەسىرى ئەمەس، ئاددىي تەسۋىرى كۆرۈنۈشلەر بولسا بولۇۋېرىدۇ. تەتقىقاتچىلار رەسىم سىزىشنىڭ بولۇپمۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەستە ساقلىشىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
كېيىنكى قېتىم تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، مۇھىم نۇقتىلارنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن، رەسىم سىزىپ سىناپ بېقىڭ. نۇرغۇن نەرسىلەر ئېسىڭىزدە قالغانلىقىنى بايقاپ، ھەيران بولۇشىڭىز مۇمكىن!