كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئاپرېل 8-‏13 ب.‏
  • بىز ئۈچۈن «خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىز ئۈچۈن «خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌داغا يېقىنلىشىش بىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ
  • خۇ‌داغا يېقىنلاشساق،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز ۋە ئۈمىدۋار بولىمىز
  • داۋاملىق «خۇ‌داغا يېقىنلىشىش» ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏
  • خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندىمۇ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايمىز
  • خۇ‌داغا مە‌ڭگۈ يېقىنلىشالايمىز
  • قېرىنداشلىرىمىز بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن ئۆتسە،‏ نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • گۇ‌مانلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋا سىزنى سۆيىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئاپرېل 8-‏13 ب.‏

15-‏تە‌تقىق ماقالىسى

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

بىز ئۈچۈن «يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر»‏

‏«مە‌ن ئۈچۈن خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏28.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋاغا قانداق يېقىنلىشالايمىز ۋە شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ بىرى بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىز بارمۇ؟‏ سىلە‌ر قانداق دوست بولۇ‌پ قالغان؟‏ بە‌لكىم،‏ سىلە‌ر كۆپ ۋاقتىنى بىرگە ئۆتكۈزدۈڭلار.‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتىدا قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىنى بىلدىڭىز،‏ يېقىنراق تونۇ‌شقانسېرى ئۇ‌نىڭ نېمىنى ياقتۇ‌رۇ‌پ،‏ نېمىنى ياقتۇ‌رمايدىغانلىقىنى بىلدىڭىز.‏ يە‌نە دوستىڭىزنىڭ ئۈلگە قىلىپ ئۆگىنىشكە ئە‌رزىيدىغان گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆردىڭىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ دوستىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز.‏

2 بىرى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا قانداق يېقىنلىشىشقا بولىدىغانلىقى ۋە شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال،‏ ئە‌ڭ يېقىن دوستىمىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقايلى.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ پايدىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ياخشى،‏ بۇ‌نىڭدىن ھېچقايسىمىز گۇ‌مانلانمايمىز.‏ لېكىن،‏ زادى قانچىلىك ياخشىلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزنى داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 63:‏6–‏8)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز سالامە‌تلىكىمىزنىڭ ياخشى بولۇ‌شنى خالىساق،‏ توغرا ئوزۇ‌قلىنىش،‏ دائىم بە‌دە‌ن چېنىقتۇ‌رۇ‌ش،‏ قېنىپ ئۇ‌خلاش ۋە ھە‌ر كۈنى يېتە‌رلىك سۇ ئىچىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ لېكىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ ئىشلارغا سە‌ل قارايدۇ،‏ نە‌تىجىدە تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ناچارلىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پات-‏پات ئويلىنىدىغان ئادە‌م سالامە‌تلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئادە‌تلە‌رنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىمىز،‏ ئە‌مما بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزنى داۋاملىق ياراتقۇ‌چىمىزغا يېقىنلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏27–‏30.‏

4.‏ زە‌بۇ‌ر 73:‏28-‏ئايە‌تتە نېمە يېزىلغان؟‏

4 زە‌بۇ‌ر 73:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئىبادە‌تخانىدا ناخشىچى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان لاۋىي قە‌بىلىسىدىن بولغان بىر كىشى زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنى يازغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا نۇ‌رغۇ‌ن يىل سادىق خىزمە‌ت قىلغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شنىڭ پايدىسىنى تونۇ‌پ يېتىپ،‏ «يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر» دە‌پ ئۆزى ۋە باشقىلارغا ئە‌سكە‌رتىش بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

خۇ‌داغا يېقىنلىشىش بىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ

5.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقانسېرى تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىمىز؟‏ (‏2)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏6–‏16-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن دانالىقنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرۈۋاتىسىز؟‏

5 بىز يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقانسېرى تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏4)‏.‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى نە‌سىھە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ بىز دانالىققا ئېرىشىپ،‏ خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ردىن ساقلىنالايمىز ۋە چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمە‌يمىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏6–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «بە‌ختلىكتۇ‌ر دانالىقنى تاپقان ھە‌م ئە‌قىل-‏ئىدراكقا ئېرىشكە‌ن ئىنسان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏پە‌ند ن.‏ 3:‏13.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان؟‏

6 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىمۇ بە‌زىدە قايغۇ‌رىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى ئادالە‌تسىزلىكنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتقان.‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نمايدىغان رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنىڭ باياشات تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ بە‌ك ئاچچىقلانغان ۋە ئۇ‌لارغا ھە‌سە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ھە‌تتا زوراۋان،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌ملە‌ر باياشات ياشايدۇ،‏ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكى ياخشى،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى كۆرمە‌يدۇ دە‌پ خاتا ئويلاشقا باشلىغان (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏3–‏7،‏ 12)‏.‏ بۇ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ئادالە‌تسىزلىكلە‌رنى كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ ئاھ ئۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دېمە‌ك،‏ مە‌ن قە‌لبىمنى بىكاردىن-‏بىكار پاك تۇ‌تۇ‌پتىمە‌ن،‏ بىگۇ‌ناھ تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىھۇ‌دە قوللۇ‌رۇ‌منى يۇ‌يۇ‌پ يۈرۈپتىمە‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏13.‏

7.‏ بىزنىڭ كۆڭلىمىز يېرىم بولۇ‌پ ئازابلانغاندا نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 ئۇ‌نىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ،‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنىڭ ئۆزىنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويمىغان.‏ ئۇ «خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىسىغا» كىرگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏17–‏19)‏.‏ بىزنىڭ كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا،‏ ئە‌ڭ يېقىن دوستىمىز يە‌ھۋا بىزنى چۈشىنىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن مە‌سلىھە‌ت سورىساق ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سالساق ھە‌مدە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ كۈچ-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشىپ،‏ غە‌م-‏قايغۇ‌لارغا قارىماي داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏ ھە‌تتا،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ،‏ ئۈستىمىزگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ كۆڭلىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 94:‏19a‏.‏

بىر لاۋىي ئىبادە‌تخانا ھويلىسىدا مىس قۇ‌ربانگاھ بىلە‌ن ئايۋاننىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا تۇ‌رىدۇ.‏

زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنى يازغان لاۋىي «خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىسىغا» كىرگە‌ن (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


خۇ‌داغا يېقىنلاشساق،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز ۋە ئۈمىدۋار بولىمىز

8.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن يە‌نە قانداق پايدىسى بار؟‏

8 يە‌ھۋاغا يېقىنلاشساق،‏ بىز مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏ كېلە‌چە‌ككە ئۈمىد بىلە‌ن قارايمىز (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش بىزنى قايسى ئىككى بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

9.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلاشساق،‏ نېمە ئۈچۈن مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز؟‏

9 خۇ‌داغا يېقىنلاشساق،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر خۇ‌داغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمە‌يدۇ ۋە كېلە‌چە‌كتە ئادە‌مزات يوقۇ‌لۇ‌پ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌دانىڭ ‏«بار ئىكە‌نلىكىگە ۋە ئۇ‌نى ئە‌ستايىدىل ئىزدىگە‌نلە‌رنى» مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏6)‏.‏ ھە‌تتا ھازىرنىڭ ئۆزىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يمىز،‏ چۈنكى قايسى مە‌قسە‌تتە يارىتىلغان بولساق،‏ شۇ ئىش بىلە‌ن،‏ يە‌نى ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىمىزگە خۇ‌شاللىق ۋە قانائە‌ت تاپىمىز.‏—‏ق.‏ شە‌ر.‏ 10:‏12،‏ 13.‏

10.‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏29-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلارنىڭ كېلە‌چىكى قانداق بولىدۇ؟‏

10 نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئىشلە‌پ پۇ‌ل تېپىش،‏ توي قىلىپ پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌ش ۋە قېرىغاندا قىينىلىپ قالماي ياشاش ئارزۇ-‏ئۈمىدى بىلە‌ن ياشايدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌تكە قانداق گۈزە‌ل كېلە‌چە‌كنى ۋە‌دە قىلغانلىقىدىن خە‌ۋە‌رسىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلار،‏ تىرىشىپ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە ئۈمىد باغلاپ ياشايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏3–‏5؛‏ 1-‏تىموت.‏ 6:‏17)‏.‏ بىز ئۆزىمىز يېقىنلىشىپ دوستلۇ‌ق ئورناتقان خۇ‌دايىمىزغا ئىشىنىپلا قالماي،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ بىز كە‌لگۈسىدە مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بىز يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە يە‌ھۋاغا مە‌ڭگۈ ئىبادە‌ت قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11.‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىش بىزگە ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

11 خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏يە‌شايا 1:‏18)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بۇ‌رۇ‌ن قىلغان گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈرمە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏1–‏5)‏.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقانسېرى،‏ بىز ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز ۋە ئۆزىمىز ھە‌م خۇ‌شال بولىمىز (‏پە‌ند ن.‏ 23:‏15)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ،‏ ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر بە‌ك نۇ‌رغۇ‌ن!‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىر قانداق قىلىپ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

داۋاملىق «خۇ‌داغا يېقىنلىشىش» ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

12.‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن سىز ئاللىقاچان نېمىلە‌رنى قىلدىڭىز؟‏

12 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ سىز يە‌ھۋانىڭ دوستى بولۇ‌ش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسە‌تتىڭىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز،‏ چىن قە‌لبىڭىزدىن گۇ‌ناھلىرىڭىزغا توۋا قىلدىڭىز ۋە خۇ‌داغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌نلىكىڭىزنى ۋە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسە‌تتىڭىز.‏ لېكىن،‏ خۇ‌داغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م داۋاملىق مۇ‌شۇ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏كولوسى.‏ 2:‏6.‏

13.‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دائىم ئوقۇ‌پ،‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌قە‌ت بىلىم ئېلىپ قويماي،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ بىز ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ خالىغاندە‌ك ياشاشقا تىرىشىشىمىز لازىم (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏15–‏17)‏.‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ شە‌خسە‌ن بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز لازىم.‏ (‏3)‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ يامانلىق قىلغۇ‌چىلار بىلە‌ن دوست بولماسلىقىمىز لازىم.‏—‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1؛‏ 101:‏3.‏

14.‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا يە‌ھۋانى مە‌منۇ‌ن قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31)‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

14 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىش ۋە جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز يە‌نە كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا بارچە ئىشلاردا خۇ‌دانى مە‌منۇ‌ن قىلىشىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ر ئىشتا سە‌مىمىي،‏ راستچىل بولۇ‌پ،‏ سېخىيلىق بىلە‌ن ئۆزىمىزدە بارىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلاشساق،‏ خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏21؛‏ 9:‏7)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە سوۋغات سۈپتىدە بە‌رگە‌ن ھاياتلىقنى قە‌دىرلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياخشى يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ ساغلام ئوزۇ‌قلىنىش ئادىتىنى ساقلاش ۋە باشقا سالامە‌تلىكىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز.‏ قارىماققا،‏ ئاددىي كۆرۈنگە‌ن ئىشلاردىمۇ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشقا تىرىشساق،‏ ئۇ بىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 16:‏10.‏

كوللاژ:‏ خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىدىغان ئىشلار.‏ 1.‏ ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھە‌يدە‌ش:‏ بۇ‌رادىرىمىز ماشىنىنى قىزىل چىراق يانغاندا توختاتتى.‏ 2.‏ ئۆزىمىزنى ئاسراش:‏ بۇ‌رادىرىمىز تالادا تېز مېڭىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ساغلام ئوزۇ‌قلىنىش:‏ قاچىدىكى ھە‌رخىل پايدىلىق يېمە‌كلىكلە‌ر.‏ 4.‏ مېھماندوست بولۇ‌ش:‏ قېرىندىشىمىز قولى تېڭىلغان ياشانغان قېرىنداشقا بىر دە‌ستە گۈل ۋە تاماق ئە‌كە‌لدى.‏

ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھە‌يدە‌ش،‏ بە‌دە‌ن چېنىقتۇ‌رۇ‌ش،‏ ساغلام ئوزۇ‌قلىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلسە‌ك ۋە باشقىلارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلالايمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


15.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟‏

15 يە‌ھۋا مە‌يلى ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلار ياكى قىلمايدىغانلار بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏45‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزگە بۇ‌يرۇ‌ق قىلىپ:‏ «ھېچكىمنى ھاقارە‌ت قىلمىسۇ‌ن،‏ جېدە‌لخور بولمىسۇ‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان،‏ ھە‌ممە كىشىگە مۇ‌لايىم مۇ‌ئامىلە قىلىدىغان بولسۇ‌ن» دېگە‌ن (‏تىتۇ‌س 3:‏2)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنى تۆۋە‌ن كۆرۈپ،‏ ئۆزىمىزنى ئۇ‌لاردىن ياخشىراق دە‌پ ئويلىمايمىز (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏23–‏25)‏.‏ باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشالايمىز.‏

خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندىمۇ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايمىز

16.‏ زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏

16 بە‌زىدە ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋانىڭ دوستى بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى ھە‌م شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يولدىن چە‌تنە‌پ كە‌تكىلى تاس قالغانىدى پۇ‌تلىرىم،‏ تېيىلىپ كېتىشكە ئازلا قالغانىدى قە‌دە‌ملىرىم» (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏2)‏.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ئۆزى ئېتىراپ قىلغاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى ئاچچىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولغان ۋە ئۆزىنى يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا نادان ۋە ئاڭسىز ھايۋاندە‌ك ھېس قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏21،‏ 22)‏.‏ ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌چكە،‏ «مە‌ن ئە‌مدى يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە لايىق ئە‌مە‌سمە‌ن،‏ ئۇ مېنى كە‌چۈرمە‌يدۇ» دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏

17.‏ (‏1)‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ھە‌تتا روھى چۈشكۈن پە‌يتتە،‏ نېمە ئىش قىلغان؟‏ (‏2)‏ ئۇ‌نىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

17 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى يە‌ھۋانى ئۇ‌نىڭدىن ۋاز كە‌چتى دە‌پ ھېس-‏قىلغان بولسىمۇ،‏ شۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار ۋاقتىنچە بولغان.‏ قارىماققا،‏ ئۇ ھاياتىدا روھى ئە‌ڭ چۈشكۈن پە‌يتتە،‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:‏ «بىراق،‏ ھازىر مە‌ن ھە‌مىشە سە‌ن [يە‌ھۋا] بىلە‌ن؛‏ سە‌ن مېنى تۇ‌تتۇ‌ڭ ئوڭ قولۇ‌ڭ بىلە‌ن.‏ سە‌ن يېتە‌كلە‌يسە‌ن مېنى نە‌سىھىتىڭ بىلە‌ن،‏ ئاخىرى ھە‌تتا مېنى شان-‏شە‌رە‌پكە مۇ‌يە‌سسە‌ر قىلىسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏23،‏ 24)‏.‏ بىزمۇ ئىشە‌نچىمىزنىڭ ئاجىزلىشىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ھېس قىلغاندا ياكى ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىمىز سە‌ۋە‌بلىك روھى چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە،‏ قورام تېشىمىز يە‌ھۋادىن كۈچ-‏مە‌دە‌ت سورىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏26؛‏ 94:‏18)‏.‏ ھە‌تتا ۋاقتىنچە پۇ‌تلىرىمىز ھە‌ق يولدىن تېيىپ كە‌تكە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلە‌لە‌يمىز ۋە ئۇ‌نىڭ بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار تۇ‌رغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ روھىمىز چۈشكۈن ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ روھى چۈشكە‌ن بۇ‌رادە‌ر كارىۋاتتا ئولتۇ‌رىدۇ.‏ 2.‏ كېيىن يىغىلىشتا بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال ئۇ‌نى قارشى ئېلىۋاتقاندا،‏ ئۇ كۈلۈمسىرە‌ۋاتىدۇ.‏

ئىشە‌نچىمىز ئاجىزلىشىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ھېس قىلغاندا،‏ بىز كۆپرە‌ك دۇ‌ئا قىلىش ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىز كېرە‌ك (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


خۇ‌داغا مە‌ڭگۈ يېقىنلىشالايمىز

18.‏ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق خۇ‌داغا يېقىنلىشالايمىز؟‏

18 بىز يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئالغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق يېقىنلىشالايمىز،‏ ھە‌تتا مە‌ڭگۈ يېقىنلىشالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ يوللىرى،‏ ئۇ‌نىڭ دانالىقى ۋە بىلىمىنىڭ تېگىگە يە‌تكىلى بولماس.‏—‏رىملىقلار 11:‏33.‏

19.‏ زە‌بۇ‌ر كىتابى بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

19 زە‌بۇ‌ر 79:‏13-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بىز سېنىڭ خە‌لقىڭ،‏ سېنىڭ يايلىقىڭدىكى قوي پاداڭ،‏ ساڭا تە‌شە‌ككۈر ئېيتىمىز ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌دكىچە؛‏ ساڭا مە‌دھىيە ئوقۇ‌يمىز ئە‌ۋلادتىن-‏ئە‌ۋلادقىچە».‏ سىزمۇ داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلاشسىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭ سىزنىمۇ مە‌ڭگۈ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايسىز.‏ خۇ‌ددى زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىدە‌ك سىزمۇ تولۇ‌پ تاشقان ئىشە‌نچ بىلە‌ن مۇ‌نداق دېيە‌لە‌يسىز:‏ «خۇ‌دا قە‌لبىمدىكى قورام تېشىم ۋە مە‌ڭگۈلۈك نېسىۋە‌م».‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏26.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  نېمە ئۈچۈن خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  •  خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

  •  داۋاملىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز؟‏

27-‏ناخشا يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

a  ئە‌گە‌ر بىر كىشى ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت بېسىم ئاستىدا،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىش ئىچىدە ياكى روھى چۈشكۈن ھالە‌تتە يۈرسە،‏ دوختۇ‌رنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2023-‏يىل،‏ 1-‏سانىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش