16-تەتقىق ماقالىسى
20-ناخشا يىغىلىشىمىزغا بەرىكەت بەر
قېرىنداشلار بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئۆتسە، نېمە دېگەن ياخشى!
«قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر ياخشى، قېرىنداشلار ئۆتسە ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق!».—زەبۇر 133:1.
مەركىزى ئىدىيە
قېرىنداشلار ئۆزئارا بىر-بىرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقى ۋە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتسەك، يەھۋا بىزنى قانداق بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
1، 2. يەھۋا نېمىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
يەھۋا بىزنىڭ باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەيسا مەسىھ باشقىلارنى ئۆزىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن (مەتتا 22:37–39). بۇ ھەتتا بىز بىلەن ئوخشاش ئىمان-ئېتىقادتا بولمىغان ئادەملەرگىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلساق، بىز يەھۋادىن ئۈلگە ئالغان بولىمىز. چۈنكى، «خۇدا قۇياشنى ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا نۇر چاچقۇزىدۇ، يامغۇرنىمۇ ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا ياغدۇرىدۇ».—مەتتا 5:45.
2 گەرچە خۇدايىمىز ھەممە ئىنسانلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەردىن ئالاھىدە سۆيۈنىدۇ (يۇھاننا 14:21). ياراتقۇچىمىز بىزنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ بىزنى قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈپ، ئۇلارغا قېرىنداشلىق سۆيگۈ رىشتىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (1-پېتر. 4:8؛ رىملىقلار 12:10). بۇنداق سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت رىشتىسى خۇددى ئۇرۇق-تۇغقان ياكى يېقىن دوست-يارەنلىرىمىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك ھېس-تۇيغۇلار بىلەن ئوخشاش.
3. سۆيگۈ-مۇھەببەتنى نېمە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟
3 سۆيگۈ-مۇھەببەتنى تەشتەكتىكى گۈل بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. گۈل ئۆسۈپ ياخشى ئاينىشى ئۈچۈن پات-پات سۇغىرىپ، ئۇنى پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادداشلارغا: «بىر-بىرىڭلارنى ھەمىشە قېرىنداشلارچە سۆيگۈڭلار»،— دەپ نەسىھەت بەرگەن (ئىبرانىي. 13:1). يەھۋا بىزنىڭ باشقىلارغا داۋاملىق سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە، نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىنلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇلارغا داۋاملىق سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىز كېرەك؟
4. قېرىنداشلىق رىشتىسىنى داۋاملىق قەدىرلەش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (زەبۇر 133:1) (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
4 زەبۇر 133:1-نى ئوقۇڭ. زەبۇر يازغۇچىسى يەھۋانى سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشنى «نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر ياخشى» دېگەن. بۇ سۆزلەرگە بىزمۇ قوشۇلىمىز. ئويلاپ كۆرەيلى: بىر كىشى غايەت چوڭ بىر تۈپ دەرەخنى ھەر كۈنى كۆرسە، ئۇنىڭ نەقەدەر ئېگىز، نەقەدەر گۈزەللىكىگە دىققەت قىلماي ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش قېرىنداشلارنى ھەپتىسىگە بىرنەچچە قېتىم كۆرۈپ تۇرغاچقا، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنىڭ نەقەدەر گۈزەل ۋە نەقەدەر ياخشىلىقىنى بايقىماي قالىدىغان، ھەتتا قەدىرلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، قېرىنداشلىرىمىزنى داۋاملىق قەدىرلەش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئەگەر ۋاقىت چىقىرىپ، ھەربىر قېرىنداشنىڭ جامائەت ۋە بىز ئۈچۈن قانچىلىك قەدىرلىك ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئويلانساق، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش ئىنتايىن مۇھىم (4-ئابزاسقا قاراڭ)
5. ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتى باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
5 يىغىلىشلىرىمىزغا بىرىنچى قېتىم كەلگەن ئادەملەر ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۆرگەندە، قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇ بىر سەۋەب بىلەن، ئۇلار ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ» (يۇھاننا 13:35). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن چايتېرا دېگەن قىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، چايتېرا ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقان قېرىنداشقا: «ئاتا-ئانام مېنى ھېچقاچان قۇچاقلىمىغانىدى، لېكىن بۇ يىغىلىشتا، بىر كۈن ئىچىدە كىشىلەر مېنى 52 قېتىم قۇچاقلىدى. يەھۋا ئۆز خەلقى ئارقىلىق ماڭا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى. مەنمۇ بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى خالايمەن»،— دېگەن. ئۇ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاياتىنى ئۆزگەرتتى ۋە 2024-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. دەرۋەقە، جامائەتكە يېڭى كەلگەنلەر ياخشى ئىشلىرىمىزنى ۋە ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرگەندە، ئۇلار دائىم تەسىرلىنىپ، قەلبىدە يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى قوزغىلىدۇ.—مەتتا 5:16.
6. قېرىنداشلارغا يېقىنلىشىش بىزنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟
6 جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن يېقىن دوست بولساق، بۇ بىزنى قوغدىيالايدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ھەر كۈنى بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىڭلاركى، گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ھېچبىرىڭلارنىڭ يۈرىكى تاشتەك قېتىپ كەتمىسۇن» (ئىبرانىي. 3:13). بىز چۈشكۈنلىشىپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كېتەي دەپ قالساق، يەھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە يادەم ۋە ئىلھام-مەدەت بېرەلەيدۇ (زەبۇر 73:2، 17، 23). بۇنداق ياردەمنىڭ بولغانلىقى بىز ئۈچۈن نەقەدەر ياخشى،–ھە!
7. سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ئىناقلىق ئارىسىدا قانداق باغلىنىشى بار؟ (كولوسىلىقلار 3:13، 14)
7 بىز ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى. بىر-بىرىمىزگە چىن قەلبىمىزدىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز (1-يۇھاننا 4:11). مەسىلەن، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى بىر-بىرىمىزگە سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلغاچقا، ئارىمىزدا ئىناق-ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ (كولوسىلىقلار 3:13، 14-نى ئوقۇڭ؛ ئەفەس. 4:2–6). شۇڭا، بىز يىغىلىپ ئىبادەت قىلغاندا، ئارىمىزدىكى شاد-خۇرام كەيپىياتتىن ھۇزۇر ھېس قىلىمىز. بىز ئىشەنچ بىلەن شۇنداق ئېيتالايمىزكى، دۇنيادا مۇنداق بىر خۇشال كەيپىياتنى باشقا ھەرقانداق بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدىن تاپالمايسىز.
بىر-بىرىڭلارغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار
8. يەھۋا ئارىمىزدا ئىناق-ئىتتىپاقلىق بولۇشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
8 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشىساقمۇ، ئارىمىزدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئاجايىپ بىر مۆجىزە! گەرچە نامۇكەممەل كىشىلەر بولساقمۇ، يەھۋا بىزنى بىرلەشتۈرگەچ، ئارىمىزدا ئىناقلىق بار (1-كورىنت. 12:25). مۇقەددەس كىتاب: «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشنى خۇدادىن ئۆگەنگەنسىلەر»،— دەيدۇ (1-سالونىكا. 4:9). باشقىچە ئېيتقاندا، يەھۋا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. دېمەك، مۇقەددەس كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلساق، يەھۋادىن كەلگەن تەلىملەرنى ئۆگىنىمىز ۋە ئۇنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللانساق، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىمىز كۈچىيىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز (ئىبرانىي. 4:12؛ ياقۇپ 1:25). بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شۇنداق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.
9. بىر-بىرىمىزگە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىش توغرۇلۇق نېمىنى ئۆگەندۇق؟ (رىملىقلار 12:9–13)
9 مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى مەسلىھەتلەر بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ؟ رىملىقلار 12:9–13-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) بۇ توغرۇلۇق ئەلچى پاۋلۇس: «تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار»،— دېگەن. دېمەك، بىز قېرىنداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇ بىر-بىرىمىزگە كەچۈرۈمچان، مېھماندوست، سېخىي بولۇشنى ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئەفەس. 4:32). بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە يېقىنلىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، ئۆزىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشساق بولىدۇ. شۇنداق قىلساق، ئەيسانىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى شەخسەن ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر».—ئەلچى. 20:35.
10. ئۆزئارا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشتە ئىشچان بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
10 دىققەت قىلساق، ئەلچى پاۋلۇس تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېرىنداشلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، دەرھال بىزگە نەسىھەت قىلىپ «ھۇرۇن ئەمەس، ئىشچان بولۇڭلار» دېگەن. دېمەك، ئىشچان ئادەم قىزغىنلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭغا بىر ئىش تاپشۇرۇلغاندا، شۇ ئىشنى تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇندايدۇ. پەندى-نەسىھەت 3:27، 28-ئايەتلەردە مۇنداق يېزىلغان: «ياردەم بېرىش قولۇڭدىن كەلسە، ياخشىلىق قىلىشتىن باش تارتما ھاجەتمەن كىشىگە». شۇڭا، بىر كىشىنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تىرىشىمىز. قىلچىمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايمىز ياكى باشقا بىرلىرى ياردەم بېرىپ قالار دەپ ئويلىمايمىز.—1-يۇھاننا 3:17، 18.
بىز ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز ئىنتىلىشىمىز كېرەك (10-ئابزاسقا قاراڭ)
11. بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 باشقىلارغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى — بىزنى رەنجىتىپ قويغان كىشىلەرنى كېچىكتۈرمەي تېزدىن ئەپۇ قىلىۋېتىش. ئەفەسلىكلەر 4:26-ئايەتتە، «ئاچچىقىڭلار قايتماي تۇرۇپ، كۈن پېتىپ كەتمىسۇن» دېيىلگەن. نېمە ئۈچۈن؟ 27-ئايەت سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار». مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا قايتا-قايتا بىزنى بىر-بىرىمىزنى كەچۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. كولوسىلىقلار 3:13-ئايەتتە، ئۇ بىزنى بىر-بىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. قېرىنداشلارغا يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى — ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈش. شۇنداق قىلساق، بىز «ئىناقلىقنىڭ رىشتىسى بىلەن روھنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا» ياردەم بېرەلەيمىز (ئەفەس. 4:3). باشقىچە ئېيتقاندا، كەچۈرۈمچان بولساق، خۇدا خەلقى ئارىسىدىكى ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكە بىۋاستە ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.
12. يەھۋا كەچۈرۈمچان بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
12 ئەلۋەتتە، بىزنى خاپا قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن كەچۈرۈم قىلالايمىز. مۇقەددەس كىتابتا بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار ۋە «ئىشچان بولۇڭلار» دېگەن سۆزلەردىن كېيىن، «روھ بىلەن غەيرەت-شىجائەتكە تولۇڭلار» دەپ يېزىلغان. دېمەك، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، قىزغىن ۋە تەشەببۇسكار بولالايمىز (رىملىقلار 12:11). شۇنداق ئىكەن، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس روھىنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنۈپ سورايلى. شۇ روھ بىزنىڭ باشقىلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزگە ۋە بىر-بىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن كەچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.—لۇقا 11:13.
ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن
13. نېمە ئارىمىزدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشى مۇمكىن؟
13 جامائەتتە كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئىنسانلار بار (1-تىموت. 2:3، 4). دېمەك، ئۇلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش، داۋالىنىش ياكى ئويۇن-تاماشىلارنى تاللاش مەسىلىسىدە پەرقلەر بولىدۇ. ئەگەر پەخەس بولمىساق، جامائەتتە بۆلۈنۈش پەيدا بولۇشى مۇمكىن (رىملىقلار 14:4؛ 1-كورىنت. 1:10). خۇدا بىزنى بىر-بىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشكە ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، چوقۇم پەخەس بولۇپ، باشقا قېرىنداشلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش قارار چىقىرىشقا دەۋەت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.—فىلىپى. 2:3.
14. بىز داۋاملىق نېمە قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 باشقىلارغا دائىم ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللى بېرىشكە تىرىشساق، جامائەتتە بۆلگۈنچىلىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز (1-سالونىكا. 5:11). يېقىنقى كۈنلەردە، ۋەز ئېيتىشنى توختاتقان ۋە جامائەتتىن چىقىرىلغان نۇرغۇن كىشىلەر جامائەتكە قايتىپ كەلدى. بىز ئۇلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز (2-كورىنت. 2:8). ئون يىلغا يېقىن يىغىلىشلارغا كەلمىگەن بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ يىغىلىش زالىغا كەلگەندە، ھەممىسى كۈلۈمسىرەپ، ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغان (ئەلچى. 3:19). قېرىنداشلارنىڭ شۇ ئاددىيغىنە ئىللىق مۇئامىلىسى ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋانىڭ قولىنى سوزۇپ، مېنى قايتىدىن خۇشال ياشاشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم». بىز ھەممە ئادەملەرگە ئىلھام-مەدەت بەرسەك، ئەيسا مەسىھ بىزنى ئىشلىتىپ، «جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار»غا ئاراملىق بېرىدۇ.—مەتتا 11:28، 29.
15. جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
15 بىز گەپ-سۆزلىرىمىز بىلەنمۇ جامائەتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. ئايۇپ 12:11-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «تىل تاماقنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەمدۇ؟». ياخشى ئاشپەز تاماقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ سۆزلەشتىن ئاۋۋال ياخشىراق ئويلىنىشىمىز لازىم (زەبۇر 141:3). بىز ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەرنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا «پايدىلىق»، يەنى دائىم ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان، كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان سۆزلەر بولۇشىغا جەزم قىلىشىمىز كېرەك.—ئەفەس. 4:29.
سۆز قىلىشتىن ئاۋۋال ئويلىنىپ كۆرۈڭ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
16. بولۇپمۇ، كىملەر ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك؟
16 بولۇپمۇ، ئەرلەر ۋە ئاتا-ئانىلار باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ قويۇشتىن پەخەس بولۇشى كېرەك (كولوسى. 3:19، 21؛ تىتۇس 2:4). ئاقساقاللارمۇ ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللى بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى تەسەللى تاپقۇزۇشى كېرەك. چۈنكى، يەھۋا ئاقساقاللارغا ئۆزىنىڭ قوي پادىسىدىن خەۋەر ئېلىشنى تاپشۇرغان (يەشايا 32:1، 2؛ گالاتىيا. 6:1). مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەستە تۇتايلى: «مۇۋاپىق پەيتتە ئېيتىلغان سۆز نەقەدەر ياخشى!».—پەند ن. 15:23.
«ئىش-ھەرىكەت ۋە ھەقىقەت بىلەن سۆيەيلى»
17. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
17 ئەلچى يۇھاننا مۇنداق نەسىھەت بەرگەن: «پەقەت سۆز ياكى تىل بىلەنلا ئەمەس، ئىش-ھەرىكەت ۋە ھەقىقەت بىلەن سۆيەيلى» (1-يۇھاننا 3:18). بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۇلار بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسى كۈچىيىدۇ. شۇڭا، باشقىلار بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە سۆھبەتلىشىش ۋە ۋەز خىزمەتكە چىقىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ. باشقىلارنى يوقلاپ تۇرۇشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. بىز مۇشۇ ئىشلارنى قىلساق، بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشنى خۇدادىن ئۆگىنىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (1-سالونىكا. 4:9). شۇنىڭدەك، تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىز ھېس قىلىمىز: «قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر ياخشى، قېرىنداشلار ئۆتسە ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاق!».—زەبۇر 133:1.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش