كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 سېنتە‌بىر 15-‏20 ب.‏
  • خۇ‌دانىڭ سۆزى مە‌ڭگۈ قالىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ سۆزى مە‌ڭگۈ قالىدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى
  • سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌ر
  • تە‌رجىمە ئىشىغا كۆرسىتىلگە‌ن قارشىلىقلار
  • ‏«ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇ‌ن دە‌پ ساڭا ئۆگە‌تكۈچى»‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 سېنتە‌بىر 15-‏20 ب.‏
قه‌دىمدىكی موُقه‌دده‌س كىتاب يازغوُچىسی ۋه زامانىۋىي موُقه‌دده‌س كىتاب ئوقوُرمىنی

خۇ‌دانىڭ سۆزى مە‌ڭگۈ قالىدۇ

‏«ئوت-‏چۆپ سولىشىدۇ،‏ گۈل غازاڭ بولىدۇ،‏ بىراق خۇ‌دانىڭ كالام-‏سۆزى مە‌ڭگۈگە تۇ‌رىدۇ!‏» (‏يە‌شايا 40:‏8)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 48

خۇ‌دا سۆزى تۆۋە‌ندىكى توسالغۇ‌لارغا قارىماستىن قانداق ساقلىنىپ قالغان؟‏

  • تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى

  • سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌ر

  • تە‌رجىمە قىلىشقا كۆرسىتىلگە‌ن قارشىلىقلار

1،‏ 2.‏ ئا)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بولمىسا ھاياتىمىز قانداق بولاتتى؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا سۆزىدىن پايدىلىنىشمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بولمىسا،‏ ھاياتىمىز قانداق بولاتتى؟‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا يولباشچىلىق بېرىدىغان دانا مە‌سلىھە‌تلە‌ر بولماس ئىدى.‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە،‏ ھاياتلىق ياكى كېلە‌چە‌ك توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى بىلمە‌يتۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قە‌دىمدە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى بىزگە تېخىمۇ نامە‌لۇ‌م بولغان بولاتتى.‏

2 لېكىن بە‌ختىمىزگە يارىشا،‏ بىز مۇ‌نداق مۈشكۈل ئە‌ھۋالدا ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى سوۋغات قىلغان.‏ ئۇ بۇ كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنىڭ مە‌ڭگۈگە قالىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئۆز خېتىدە يە‌شايا 40:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌ت ئۇ‌دۇ‌للا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆرسە‌تمە‌يدىغانلىقىنى بىلىمىز،‏ بىراق،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رگە قارىتىلغان ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏24،‏ 25نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇ‌ساق،‏ ئۇ‌نىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىمىز.‏ خۇ‌دا سۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نىڭ راستلىقىنى ئاللىقاچان يە‌كۈنلىگە‌ن.‏ ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى تە‌رجىمە قىلىپ،‏ كۆپچىلىككە تارقىتىش ئۈچۈن قارشىلىق بىلە‌ن قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ «قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىنى ۋە ھە‌قىقە‌تنى توغرا تونۇ‌پ يېتىشىنى خالايدۇ» (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏3،‏ 4)‏.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

3 بۇ ماقالىدە بىز خۇ‌دا سۆزىنىڭ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ ۋە‌زىيە‌تكە قارىماستىن قانداق ساقلىنىپ قالغانلىقىنى قاراپ چىقىمىز:‏ 1)‏ تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى،‏ 2)‏ كۆپچىلىنىڭ ئورتاق تىلنى ئۆزگە‌رتكە‌ن سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌ر ۋە 3)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلىشقا كۆرسىتىلگە‌ن قارشىلىقلار.‏ بۇ‌نى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپىگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر بولىدۇ (‏مىكا 4:‏2؛‏ رىملىقلارغا 15:‏4)‏.‏

تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى

4.‏ ئا)‏ تىللار ۋاقىت ئۆتكە‌نسىرى قانداق ئۆزگىرىپ تۇ‌رىدۇ؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا قانداقتۇ بىر تىلنى باشقا تىللاردىن ئارتۇ‌ق كۆرمە‌يدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ بۇ‌نى بىلىش سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

4 ۋاقىت ئۆتكە‌نسىرى،‏ تىللار ئۆزگۈرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ سۆزلۈكلە‌ر ۋە ئىبارىلە‌ر قە‌دىمدە ئىپادىلىگە‌ن مە‌نىسىنى يۇ‌قىتىپ،‏ تامامە‌ن باشقا مە‌نىگە ئىگە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆز تىلىڭىزدا بۇ‌نىڭغا مىسال كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانسىز.‏ قە‌دىقى تىللارمۇ شۇ‌نداق بولغان.‏ زامانىۋىي ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يېزىلغان ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدىن كۆپ پە‌رقلىنىدۇ.‏ شۇ قە‌دىمقى تىللاردا يېزىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپچىلىكى چۈشە‌نمە‌يدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار تە‌رجىمىگە مۇ‌ھتاج.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر كونا ئىبرانىي ۋە گرېك تىلىنى ئۆگە‌نسە‌م،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشىراق چۈشىنىمە‌ن دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌مما بۇ‌نىڭ پايدىسى ئۇ‌لار ئويلىغاندە‌ك كۆپ ئە‌مە‌سa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پۈتۈنلە‌ي ياكى ئۇ‌نىڭ بە‌زى بۆلە‌كلىرى تە‌خمىنە‌ن 3000 تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدارمىز.‏ يە‌ھۋا «ھە‌ر تۈرلۈك مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لىقتىن» بولغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ سۆزىدىن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت تېپىشىنى خالايدۇ ‏(‏ۋە‌ھىي 14:‏6نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ بىزنى كۆيۈمچان ۋە يۈز-‏خاتىر قىلمايدىغان خۇ‌دايىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34)‏.‏

5.‏ «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسىنى» نېمە ئالاھىدە قىلغان؟‏

5 تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمىسىگىمۇ تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئە‌مدى نە‌شىر قىلىنغاندا چۈشىنىشلىك بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىسى كېيىن چۈشىنىشكە قىيىن بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسى» تۇ‌نجى قېتىم 1611-‏يىلى مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ ئىنگلىز تىلىدىكى ئە‌ڭ ئاتاقلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرى ئارىسىدىكى بىرىگە ئايلانغان.‏ «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسى» ھە‌تتا ئىنگلىز تىلىغىمۇ كۈچلۈك تە‌سىر قىلغانb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بىراق ئۇ‌نىڭدا خۇ‌دانىڭ ئىسمى پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە قېتىملا ئۇ‌چرىشىدۇ.‏ ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا بولغان خۇ‌دانىڭ ئىسمى بۇ تە‌رجىمىنىڭ كۆپ يېرىدە «پە‌رۋە‌ردىگار» دە‌پ باش ھە‌رىپ بىلە‌ن بېرىلگە‌ن.‏ بۇ تە‌رجىمىنىڭ كېيىنكى نۇ‌سخىلىرىدىكى گرېك يازمىلارنىڭ بە‌زى ئايە‌تلىرىدىمۇ «پە‌رۋە‌ردىگار» دېگە‌ن سۆز باش ھە‌رىپلە‌ر بىلە‌ن ئىشلىتىلگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسى» «يېڭى ئە‌ھدە» دە‌پمۇ ئاتالغان ئىنجىلدىمۇ خۇ‌دانىڭ ئىسمى بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.‏

6.‏ نېمىشقا بىز «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز؟‏

6 «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسى» يېڭىدىن چىققاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى سۆزلە‌ر شۇ زاماننىڭ ئادە‌ملىرىگە چۈشىنىشلىك بولغان.‏ ئامما ۋاقىت ئۆتكە‌نسىرى،‏ ئۇ‌نىڭدىكى بە‌زى سۆز-‏ئىبارىلە‌ر كونىراپ كە‌تكە‌ن ۋە ھازىر ئۇ‌لارنى چۈشىنىش ناھايىتى تە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باشقا تىللاردىكى تە‌رجىمىلىرى شۇ‌نداق بولغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز زامانىۋىي تىل بىلە‌ن يېزىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» نىڭ بولغىنىغا بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز.‏ بۇ تە‌رجىمە پۈتۈنلە‌ي ياكى مە‌لۇ‌م بۆلىكى 150تىن ئوشۇ‌ق تىلدا بار.‏ دېمە‌ك،‏ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تە‌رجىمىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇ‌يالايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدا ئىشلىتىلگە‌ن زامانىۋىي ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلە‌ر ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ خە‌ۋىرى قە‌لبىمىزنى جە‌لىپ قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97)‏.‏ بىراق «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىنى» ئالاھىدە قىلىدىغان نە‌رسە —‏ خۇ‌دا ئىسمىنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا بولۇ‌شقا تېگىشلىك يە‌رلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە قويۇ‌لغانلىغى.‏

سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌ر

7،‏ 8.‏ ئا)‏ مىلادىدىن ئى.‏ 3-‏ئە‌سىردىكى كۆپلىگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار ئىبرانىي يازمىلىرىنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن چۈشە‌نمىگە‌ن؟‏ ئە)‏ گرېكچە «سېپتۇ‌ئاگىنتا» دېگە‌ن نېمە؟‏

7 تارىخى دە‌ۋردىلە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن بە‌زى سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌ر ئادە‌ملە‌ر ئىشلە‌تكە‌ن ئورتاق تىلغا تە‌سىر قىلغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئادە‌ملە‌ر چۈشىنىدىغان تىلدا بار بولۇ‌شىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاۋۋالقى 39 كىتابىنى ئىبرانىيلار،‏ يە‌نى ئىسرائىللىقلار يازغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار «خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س سۆزلىرى.‏.‏.‏ ئامانە‌ت قىلىنغان» بىرىنچى ئادە‌ملە‌ر بولغان (‏رىملىقلارغا 3:‏1،‏ 2)‏.‏ بۇ كىتابلار ئە‌سلىدە ئىبرانىي ۋە ئارامىي تىللىرىدا يېزىلغان.‏ ئە‌مما مىلادىدىن.‏ئى.‏ 3-‏ئە‌سىرگە يېقىن ئىبرانىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىلىنى چۈشە‌نمە‌يدىغان بولغانىدى.‏ قانداقلارچە؟‏ ئىسكە‌ندە‌ر زۇ‌لقە‌رنە‌ين دۇ‌نيانىڭ كۆپ يە‌رلىرىنى بېسىۋالغاندا،‏ گرېتسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ يە‌ر-‏زېمىنىنى كېڭە‌يتكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ قول ئاستىدىكى يە‌رلە‌ردە گرېك تىلى ئورتاق تىلغا ئايلىنىپ،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئانا تىلىدا ئە‌مە‌س،‏ گرېكچە سۆزلە‌يدىغان بولغانىدى (‏دانىيال 8:‏5—‏7،‏ 20،‏ 21)‏.‏ ئىبرانىيلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ گرېك تىلىدا سۆزلىگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لارغا ئىبرانىي تىلىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىش ئاسان بولمىغان.‏ ئۇ‌نداقتا بۇ مە‌سىلىنى قانداق ھە‌ل قىلىشقان؟‏

8 ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىدىن 250 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دە‌سلە‌پكى بە‌ش كىتابى،‏ يە‌نى تە‌ۋرات،‏ گرېك تىلىغا تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ ئاندىن ئىبرانىي يازمىلارنىڭ باشقا كىتابلىرىمۇ بۇ تىلغا تە‌رجىمە قىلىنغانىدى.‏ بۇ تە‌رجىمە گرېكچە «سېپتۇ‌ئاگىنتا» دە‌پ ئاتالغان.‏ «سېپتۇ‌ئاگىنتا» ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ئە‌ڭ دە‌سلە‌پكى تولۇ‌ق تە‌رجىمىسى بولۇ‌پ ھېسابلىنىدۇ.‏

9.‏ ئا)‏ «سېپتۇ‌ئاگىنتا » ۋە بۇ‌رۇ‌نقى باشقىمۇ تە‌رجىمىلە‌ر خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە قانداق قىلىپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئە)‏ سىز ئىبرانىي يازمىلارنىڭ قايسى ئۈزۈندىسىنى ياخشى كۆرۈسىز؟‏

9 «سېپتۇ‌ئاگىنتا» تە‌رجىمىسى بولغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك گرېكچە سۆزلە‌يدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئىبرانىي يازمىلارنى گرېك تىلىدا ئوقۇ‌يالىغان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا سۆزىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاڭلاپ،‏ ئوقۇ‌يالىغىنى قانچىلىك خوشال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى بۆلە‌كلىرى باشقا كە‌ڭ تارقالغان تىللارغا ھە‌م،‏ مە‌سىلە‌ن سۈرىيە،‏ گوت ۋە لاتىن تىللىرىغا تە‌رجىمە قىلىنغانىدى.‏ خۇ‌دا سۆزىنى كۆپرە‌ك ئادە‌م ئوقۇ‌پ چۈشە‌نگە‌نسىرى،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلغان.‏ بىزگە ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ ئە‌ڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايە‌تلىرى بولغاندۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏162—‏165نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ خۇ‌دا سۆزى سىياسىي ئۆزگۈرۈشلە‌رگە ۋە ئورتاق تىلنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قارىماستىن،‏ بىزنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كە‌لدى.‏

تە‌رجىمە ئىشىغا كۆرسىتىلگە‌ن قارشىلىقلار

10.‏ نېمىشقا يۇ‌ھان ۋۇ‌كلىفنىڭ زامانىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يالمىغان؟‏

10 يىللار داۋامىدا كۆپلىگە‌ن ھوقۇ‌قى بارلار ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شىغا توسالغۇ قىلىشقا تىرىشقان.‏ ئامما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر ئېرىشە‌لىشى ئۈچۈن،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئادە‌ملە‌ر ھارىماي-‏تالماي تە‌ر تۆككە‌ن.‏ مۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ بىرى —‏ 14-‏ئە‌سىردە ئە‌نگلىيىدە ياشىغان يۇ‌ھان ۋۇ‌كلىف ئىسىملىك كىشى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌رقانداق ئادە‌م ئوقۇ‌يالىشى ۋە پايدىلىنالىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ قارىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ ياشىغان زاماندا ئە‌نگلىيىدە ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنى ئۆز ئانا تىلىدا ھېچقاچان ئاڭلىمىغان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باھاسى قىممە‌ت بولغان ۋە ھە‌ربىر نۇ‌سخىسىنى قولدا يېزىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌نى بە‌ك ئاز ئادە‌م سېتىۋالالىغان.‏ شۇ‌نداقلا شۇ زاماندا ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز بولغان.‏ چېركاۋغا بارغان ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ لاتىن تىلىدا ئۈنلۈك ئوقۇ‌لغان مە‌زمۇ‌نىنى ئاڭلىغاندۇ.‏ ئە‌مما لاتىن تىلى شۇ چاغدا ئاددىي ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن ئاللىقاچان چۈشۈنۈكسىز تىلغا ئايلانغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يۇ‌شۇ‌لغان خە‌زىنىلە‌رنى كىشىلە‌ر قانداق قېزىپ چىققان؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1—‏5)‏.‏

يوهان ۋوُكلىف ۋه باشقا كىشىله‌ر

يۇ‌ھان ۋۇ‌كلىف ۋە باشقا كىشىلە‌ر ھە‌ربىر ئادە‌مدە خۇ‌دا سۆزىنىڭ بولۇ‌شىنى خالىغان.‏ سىزمۇ بۇ‌نى خالامسىز؟‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ ۋۇ‌كلىفنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىنىڭ تە‌سىرى قانداق بولغان؟‏

11 1382-‏يىلى يۇ‌ھان ۋۇ‌كلىف بىلە‌ن باشقا كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىنگلىز تىلىغا تە‌رجىمە قىلدى.‏ ئاندىن كېيىن ۋۇ‌كلىفنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابى لوللاردلار،‏ دە‌پ ئاتالغان،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدا كە‌ڭ ئىشلىتىلدى.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ لوللاردلار پۈتكۈل ئە‌نگلىيىنىڭ يېزا-‏قىشلاقلىرىنى پىيادە ئارىلاپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ قولدا كۆچۈرۈلگە‌ن بۆلە‌كلە‌رنى تارقاتقان.‏ شۇ ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان قىزىقىش قايتىدىن ئويغانغانىدى.‏

12.‏ چېركاۋ رە‌ھبە‌رلىرى ۋۇ‌كلىف ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌مگىكىگە قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟‏

12 چېركاۋ رە‌ھبە‌رلىرى ۋۇ‌كلىفنى،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئۆچ كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار لوللاردلارغا زىيانكە‌شلىك قىلىپ،‏ تېپىۋالغان ۋۇ‌كلىفنىڭ ھە‌ممە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابلىرىنى يوق قىلغان.‏ ھە‌تتا،‏ ۋۇ‌كلىف ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ ھە‌ق يولدىن چە‌تنىگە‌ن چېركاۋنىڭ دۈشمىنى دە‌پ جاكارلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ سۆڭە‌كلىرىنى قېزىۋېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ،‏ كۈلىنى سۋىفت دە‌رىياسىغا تاشلىۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى چۈشىنىشنى خالىغان ئادە‌ملە‌ر كۆپ بولغان ۋە چېركاۋ بۇ‌نىڭغا ھېچ توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمىغانىدى.‏ كېيىنكى نە‌چچە يۈز يىل داۋامىدا ياۋرۇ‌پا بىلە‌ن دۇ‌نيانىڭ باشقا يە‌رلىرىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كە‌ڭ خە‌لق ئاممىسى چۈشىنىدىغان تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنىپ،‏ بېسىپ چىقىرىلىشقا باشلىدى.‏

‏«ئۆزۈڭگە پايدا بولسۇ‌ن دە‌پ ساڭا ئۆگە‌تكۈچى»‏

13.‏ بىز نېمىگە ئىشىنىمىز؟‏ بۇ بىزنىڭ ئىشە‌نچىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا روھىنىڭ يېتە‌كچىلىكى بىلە‌ن يېزىلغان.‏ بىراق بۇ «سېپتۇ‌ئاگىنتا»،‏ ۋۇ‌كلىفنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابى،‏ «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسى» ياكى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش باشقا تە‌رجىمىلە‌ر خۇ‌دا روھىنىڭ يېتە‌كچىلىكى بىلە‌ن يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مۇ‌نداق تە‌رجىمىلە‌رنىڭ مە‌يدانغا كېلىش تارىخىنى تە‌تقىق قىلغاندا خۇ‌دانىڭ سۆزى،‏ دە‌ل ئۇ ۋە‌دە بە‌رگە‌ندە‌ك ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە ۋە‌دە بە‌رمىسۇ‌ن،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ (‏يە‌شۇ‌ئا 23:‏14)‏.‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى بىلىمىمىز خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداقلارچە كۈچىيىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋانىڭ ئۆز سۆزىنى قانداق ھىمايە قىلغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىشە‌نچىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇc (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىزگە نېمە ئۈچۈن بە‌رگە‌ن؟‏ نېمىشقا ئۇ‌نى ھىمايە قىلىشقا ۋە‌دە بە‌رگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزگە پايدىلىق نە‌رسىنى ئۆگىتىشنى خالايدۇ ‏(‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ بىزنىمۇ ئۇ‌نى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏19؛‏ 5:‏3)‏.‏

15.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

15 بىز خۇ‌دا سۆزىنى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى شە‌خسىي ئوقۇ‌غىنىمىزدا ئۇ‌نىڭدىن كۆپرە‌ك پايدا ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە ئۇ‌چراتقان ئادە‌ملە‌رنىڭ دىققىتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قارىتىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ جامائە‌تتە تە‌لىم بېرىدىغانلار ئۆگىتىۋاتقانلىرىنىڭ خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلانغانلىقىغا قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كېلە‌ركى ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

a ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏رۇ‌س)‏ 2009-‏يىل،‏ 1-‏نويابر سانىدىكى «ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىنى ئۆگىنىشىم كېرە‌كمۇ؟‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

b ئىنگلىز تىلىدىكى كۆپلىگە‌ن ئىبارىلە‌ر «پادىشاھ ياقۇ‌پنىڭ تە‌رجىمىسىدە» يېزىلغان «يىقىلىپ يۈزىنى يە‌رگە يېقىش»،‏ «چىشلىرىمنىڭ تېرىسى» ۋە «ئىچ-‏باغرىنى تۆكۈش» دېگە‌ندە‌ك ئىبارىلە‌ردىن پە‌يدا بولغان (‏سانلار 22:‏31؛‏ ئايۇ‌پ 19:‏20؛‏ زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏

c ‏«‏مىڭ ئاڭلىغاندىن،‏ بىر كۆرگە‌ن ئە‌لا‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى قالدى،‏ يە‌نى بىزنىڭ كۈنىمىزگىچە ساقلاندى.‏ ئادە‌ملە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى كۆپچىلىك چۈشىنىدىغان تىللارغا تە‌رجىمە قىلىشقا توسالغۇ قىلغۇ‌سى كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌ر بولغانىدى.‏ لېكىن،‏ تە‌رجىمانلار ۋە باشقا كىشىلە‌رنىڭ ئە‌مگىكى تۈپە‌يلىدىن كۆپ ئادە‌م خۇ‌دا سۆزىنى ئانا تىلىدا ئوقۇ‌پ،‏ مە‌نىسىنى چۈشىنە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلە‌چە‌ككە نىسبە‌تە‌ن ئۈمىدى پە‌يدا بولدى.‏

يه‌هۋا گوُۋاهچىلىرىنىڭ ۋورۋىكتىكی (‏نيوُ-‏يورك،‏ ئا.‏ق.‏ش)‏ باش ئىدارىسىدىكی موُقه‌دده‌س كىتاب موُزېيىغا كه‌لگه‌ن مېهمانر

‏«مىڭ ئاڭلىغاندىن،‏ بىر كۆرگە‌ن ئە‌لا»‏

2017-‏يىل 3-‏ئاپرېل كۈنى ۋورۋىكتىكى (‏نيۇ-‏يورك،‏ ئا.‏ق.‏ش)‏ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌زېيى ئېچىلدى.‏ بۇ مۇ‌زېينىڭ مۇ‌نتىزىم بىر كۆرگە‌زمىسى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە خۇ‌دانىڭ ئىسمى» دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ مۇ‌زېيدا كە‌م ئۇ‌چرايدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نۇ‌سخىلىرى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن باغلىنىشلىق ھە‌رخىل زاتلار بار،‏ ئۇ‌لار بە‌زىدە ئالماشتۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ بىز سىزنى باش ئىدارىدىكى مۇ‌شۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌زېيى ۋە باشقا مۇ‌زېيلارغا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏ ئالدىن ئالا تىزىملىتىش ئۈچۈن www.jw.org تور بېكىتىگە كىرىپ،‏ بىز ھە‌ققىدە <‏ ئىش بېجىرىش ئورۇ‌نلىرى ۋە زىيارە‌ت قىلىش دېگە‌ن يە‌رگە كىرىڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش