كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 1-‏باپ 8-‏17 ب.‏
  • خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدىغان تاش يۈرە‌ك خۇ‌دامۇ؟‏
  • خۇ‌دا بىز دۇ‌چ كېلىدىغان ئادالە‌تسىزلىككە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا؟‏
  • ئاللا سىزنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ
  • سىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشالامسىز؟‏
  • ھە‌ق خۇ‌دا كىم؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 1-‏باپ 8-‏17 ب.‏

1-‏باب

خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

  • خۇ‌دا ھە‌قىقە‌تە‌ن سىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏

  • خۇ‌دانىڭ قانداق خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرى بار؟‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى بارمۇ؟‏

  • خۇ‌داغا يېقىنلىشىش مۇ‌مكىنمۇ؟‏

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن سوئال سوراش پايدىلىق؟‏

سىز كىچىك بالىلارنىڭ سوئال سوراشقا ئامراق ئىكە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىپ باققانمۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن بالىلار تىلى چىقىپ گە‌پ قىلىشنى بىلگە‌ندىن باشلاپ سوئاللارنى سورايدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌لاقتە‌ك سە‌بىي كۆزلىرى بىلە‌ن سىزگە تە‌لمۈرۈپ قاراپ،‏ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلە‌ن:‏ نېمە ئۈچۈن ئاسمان كۆك رە‌ڭدە؟‏ ئاسماندا قانچە يۇ‌لتۇ‌ز بار؟‏ قۇ‌شلارغا سايراشنى كىم ئۆگىتىدۇ؟‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللارنى سورىشىدۇ.‏ گە‌رچە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن سوئاللارغا جاۋاب بە‌رگە‌ن تە‌قدىردىمۇ،‏ بالىلارنى رازى قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ھە‌تتا،‏ سىز قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب بە‌رسىڭىزمۇ،‏ بالىلار يە‌نە ‹نېمە ئۈچۈن؟‏› دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن.‏

2 ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ پە‌قە‌ت كىچىك بالىلارلا سوئال سوراپ قالماستىن،‏ بىزمۇ يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ توختىماستىن يېڭى سوئاللارنى ئوتتۇ‌رغا قويىمىز.‏ بىزنىڭ سوئال سورىشىمىز بولسا مە‌لۇ‌م مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تېپىش،‏ قانداق قىلىپ خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن خالىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ۋە ئۆز قىزىقىشلىرىمىزنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈندۇ‌ر.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر سوئال سوراشنى توختاتقاندە‌ك قىلىدۇ،‏ بولۇ‌پمۇ كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ جاۋاب تېپىشنى توختاتتى.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى توختاتتى؟‏

3 مۇ‌شۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز،‏ مۇ‌ندە‌رىجە ياكى مۇ‌شۇ بابنىڭ باش قىسمىدا ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌لغان سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللاردۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشتىن ۋاز كە‌چكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر،‏ بۇ‌لار چۈشىنىش قىيىن مە‌سىلىلە‌ر دە‌پ ھېس قىلىشىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر،‏ شۇ‌نداق سوئاللارنى سوراپ باشقىلارنىڭ مە‌سخىرىسىگە قېلىشتىن ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ يە‌نە بىر قىسىم كىشىلە‌ر بولسا بۇ مە‌سىلىلە‌رنى ئە‌ڭ ياخشىسى دىنىي ئۆلىمالار مۇ‌ھاكىمە قىلىشسۇ‌ن،‏ شۇ‌لارغا قالدۇ‌رايلى دېيىشىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىزنىڭ مۇ‌شۇ مە‌سىلىلە‌رگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏

4،‏ 5.‏ كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا بىز چوقۇ‌م جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك قانداق مۇ‌ھىم سوئاللار بار؟‏ نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇ‌م جاۋابىنى ئىزدىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4 سىز بە‌زىدە تە‌بىئىيلا:‏ ‹ئادە‌م بولۇ‌پ ياشاشتىكى مە‌قسە‌ت زادى نېمە؟‏ ھاياتلىق پە‌قە‌ت تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش،‏ ياشاش،‏ قېرىپ ئۆلۈشمۇ؟‏ خۇ‌دا —‏ ئۇ زادى قانداق خۇ‌دا؟‏› دېگە‌ندە‌ك كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى بە‌زى مۇ‌ھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى ئويلاپ قالىدىغانسىز.‏ مۇ‌شۇ‌نداق سوئاللارنى ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌ش ناھايىتى ئە‌ھمىيە‌تلىكتۇ‌ر.‏ چوقۇ‌م ئۆزىڭىزنى قايىل قىلغۇ‌دە‌ك ئىشە‌نچىلىك جاۋابنى تېپىپ چىققۇ‌چە ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «تىلە‌ڭلار ۋە سىزلە‌رگە بېرىلۇ‌ر،‏ ئىستە‌ڭلار ۋە تاپىسىزلە‌ر،‏ قېقىڭلار ۋە سىزلە‌رگە ئېچىلۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ —‏ مە‌تتا 7:‏7‏.‏

5 ئە‌گە‌ر سىز ‹ئىزدىسىڭىز› سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ چىقىشنىڭ ناھايىتى ئە‌ھمىيە‌تلىك ۋە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلىسىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1–‏5)‏.‏ باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بار‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ جاۋابلارنى ئىزدە‌پ تاپالايسىز‏.‏ ئاشۇ جاۋابلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بار ۋە چۈشىنىش تە‌س ئە‌مە‌س.‏ ھە‌مدە ئۇ سىزگە ئۈمىد ۋە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىپ سىزنىڭ ھازىرقى تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىن قانائە‌ت تېپىپ ياشىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز ئاۋۋال نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رىدىغان بىر سوئال ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقايلى.‏

خۇ‌دا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدىغان تاش يۈرە‌ك خۇ‌دامۇ؟‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر،‏ خۇ‌دا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ دە‌يدۇ؟‏

6 نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر،‏ خۇ‌دا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌مدە ‹ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلسە،‏ بۇ دۇ‌نيا ھازىرقىدە‌ك بولۇ‌پ كە‌تمە‌يتتى› دە‌يدۇ.‏ ئە‌تراپىمىزغا قاراپ باقايلى،‏ دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئۆچمە‌نلىك،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولۇ‌پ كە‌تتى.‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق،‏ كېسە‌لگە مۇ‌پتىلا بولۇ‌پ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت تارتىۋاتىمىز ياكى يېقىن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان،‏ دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.‏ مۇ‌شۇ‌نداق سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلىدىن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر:‏ ‹ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئىنسانلارغا ۋە ئۇ‌لار دۇ‌چ كېلىۋاتقان مە‌سىلىلە‌رگە كۆڭۈل بۆلسە،‏ ئۇ شۇ‌نداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇ‌شى كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏› دېيىشىدۇ.‏

7.‏ (‏1)‏ قانداق قىلىپ دىنىي ئۇ‌ستازلار نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ئاللا باغرى تاش دېگە‌ن ھېسسىياتقا كە‌لتۈرىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز دۇ‌چار بولىدىغان سىناقلارغا قارىتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يدۇ؟‏

7 ئە‌ڭ يامان بولغىنى،‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا دىنىي ئۇ‌ستازلار ئاللانى كىشىلە‌رگە تاش يۈرە‌ك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار قانداق قىلىپ كىشىلە‌رنى شۇ‌نداق ھېسسىياتقا كە‌لتۈرىدۇ؟‏ بىرسى ئېچىنىشلىق پاجىئە‌گە يولۇ‌ققاندا،‏ ئۇ‌لار:‏ بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى دە‌پ چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ ئاشۇ ئۇ‌ستازلارنىڭ شۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈشى،‏ خۇ‌دا ئېچىنىشلىق پاجىئە‌گە جاۋابكار بولۇ‌شى كېرە‌ك دە‌پ ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ شۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈش توغرىمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ ياقۇ‌پ يازغان خە‌ت 1-‏​باب 13-‏​ئايە‌تتە:‏ «بىر كىمە‌رسە [كىشى] ئىمتىھان قىلىنغاندا خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئىمتىھان قىلىنۇ‌رمە‌ن دە‌پ ئېيتمىسۇ‌ن،‏ چۈنكى خۇ‌دا يامانلىقدىن ئىمتىھان قىلىنماس ۋە ئۆزى ھېچ كىمنى ئىمتىھان قىلمايدۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ‌ڭا دۇ‌نيادىكى ھە‌رخىل يامان ئىشلارنى ھە‌رگىزمۇ خۇ‌دا پە‌يدا قىلغان ئە‌مە‌س ‏(‏ئايۇ‌پ 34:‏10–‏12)‏‏.‏ ئاللانىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويغانلىقى ئىنكار قىلىنمايدۇ.‏ لېكىن،‏ مە‌لۇ‌م ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇ‌ش بىلە‌ن مە‌لۇ‌م ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌ش ئوتتۇ‌رىسىدا ناھايىتى چوڭ پە‌رق بار.‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ قانداق مىسال ئارقىلىق،‏ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇ‌ش بىلە‌ن يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌ش ئوتتۇ‌رىسىدىكى پە‌رقنى چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارنىڭ يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويغانلىق قارارىنى ئە‌يىبلىشىمىز نېمە ئۈچۈن ئادىلسىزلىق؟‏

8 مە‌سىلە‌ن،‏ دانا،‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتا بىلە‌ن ياش يىگىت توغرىسىدا مۇ‌نداق پە‌رە‌ز قىلىپ باقايلى.‏ ئوغۇ‌ل ۋاپاسىزلىق قىلىپ،‏ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى قاراپ قىلىپتۇ.‏ ئاتا بولغۇ‌چى توسماپتۇ.‏ ئوغۇ‌ل يامان يولغا كىرىپ،‏ ئاقىۋە‌تتە تۇ‌رمۇ‌شىدا نۇ‌رغۇ‌ن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇ‌چراپتۇ.‏ مۇ‌شۇ ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئوغۇ‌لنىڭ ئاتىسى سە‌ۋە‌بچى بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ياق (‏لۇ‌قا 15:‏11–‏13)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئىنسانلار خاتا يولدا مېڭىشنى تاللىغاندا،‏ خۇ‌دامۇ ئۇ‌لارنى توسمىغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئىنسانلار باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا ھە‌رگىزمۇ خۇ‌دا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئىنسانلارنىڭ ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلىرىغا خۇ‌دا جاۋابكار بولۇ‌شى كېرە‌ك دە‌پ ئۇ‌نى ئە‌يىبلە‌ش ئادىلسىزلىقتۇ‌ر.‏

9 خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارنىڭ يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويۇ‌شىدا سە‌ۋە‌ب بار ۋە شۇ‌نداق قىلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى دانا،‏ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ياراتقۇ‌چى ئىگىمىزنىڭ بىزگە چۈشە‌ندۈرۈشى ھاجە‌تسىز.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولغاچقا،‏ سە‌ۋە‌بىنى بىزگە ئېيتىپ بە‌ردى.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 11-‏​بابىدا ئاللانىڭ ئىنسانلارنى يامان يولدا مېڭىشىغا يول قويغانلىقى توغرىسىدىكى مە‌زمۇ‌نلارنى تە‌پسىلىي ئۆگىنىمىز.‏ ئە‌مما شۇ‌نداق ئېيتالايمىزكى،‏ خۇ‌دا ھە‌رگىز ئىنسانلار دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا جاۋابكار ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ بىزگە قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدىنى بە‌ردى!‏ —‏ يە‌شايا 33:‏2.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م يامان ئىشلار،‏ يامان كىشىلە‌ر پە‌يدا قىلغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

10 خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر (‏يە‌شايا 6:‏3)‏.‏ بۇ خۇ‌دا پاك،‏ ئە‌يىبسىز ۋە ئازراقمۇ نۇ‌قسان يوق دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ لېكىن،‏ بىز ھە‌رقانداق ئادە‌مگە ئۇ‌نداق مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىشىنە‌لمە‌يمىز،‏ چۈنكى بە‌زىدە ئادە‌ملە‌ر تۇ‌رۇ‌پلا يامانغا ئۆزگىرۋالالايدۇ.‏ ئە‌ڭ سە‌مىمىي ھوقۇ‌ق يۈرگۈزىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭمۇ دائىم يامان كىشىلە‌ر پە‌يدا قىلغان بۇ‌زغۇ‌نچىلىقلارنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى تۈزە‌شكە قۇ‌درىتى يە‌تمە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ھە‌ممىگە قادىر،‏ ئۇ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى يامان ئىشلارنى،‏ يامان كىشىلە‌ر پە‌يدا قىلغان قىيىنچىلىقلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىشقا قادىر بولۇ‌پلا قالماي،‏ كە‌لگۈسىدە ئۇ رە‌زىللىكلە‌رنى مە‌ڭگۈلۈك يوق قىلىدۇ!‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏9–‏11.‏

خۇ‌دا بىز دۇ‌چ كېلىدىغان ئادالە‌تسىزلىككە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا؟‏

11.‏ (‏1)‏ خۇ‌دا ئادالە‌تسىزلىككە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا؟‏ (‏2)‏ سىز ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسىڭىز خۇ‌دا قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟‏

11 خۇ‌دا يامانلىقنى تېخى يوق قىلمىغان ئىكە‌ن،‏ ھازىرقى دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرى ۋە بىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا قارىتا ئۇ قانداق ھېسسىياتتا؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ «خۇ‌داۋە‌ندە ھە‌قلىقنى دوست تۇ‌تۇ‌پ»،‏ توغرا-‏خاتاغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ ئۇ ھە‌رقانداق ئادالە‌تسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە:‏ ئىلگىرى دۇ‌نيا يامانلىققا تولغاندا،‏ خۇ‌دا «كۆڭلىدە ئە‌پسۇ‌س يېدى» دە‌يدۇ (‏يارىتىلىش 6:‏5،‏ 6)‏.‏ خۇ‌دا ھە‌رگىز ئۆزگە‌رگىنى يوق (‏مالاخى 3:‏6)‏.‏ ئۇ ھېلىھە‌م دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى كۆرۈشنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىنى كۆرۈشنىمۇ ئۆچ كۆرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ سىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ» دە‌يدۇ.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏7،‏ ھ.‏ز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە،‏ يە‌ھۋا پۈتۈن ئالە‌منىڭ مېھرى-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىسى دە‌پ بىلىم بېرىدۇ

12،‏ 13.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بىزدە مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قاتارلىق گۈزە‌ل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت ۋە خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلە‌ر بار؟‏ بىزدە مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بار بولغانلىق سە‌ۋە‌بلىك،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئىشلارغا قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولىمىز؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ بۇ دۇ‌نيادىكى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر بىلە‌ن كارى بولماي تۇ‌رالمايدىغانلىقىنى جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يسىز؟‏

12 خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنى كۆرۈشنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىز؟‏ تۆۋە‌ندىكىلە‌ر يە‌نە بىر ئىسپاتتۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئادە‌م خۇ‌دانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏يارىتىلىش 1:‏26)‏.‏ شۇ‌ڭا بىزدە خۇ‌دادا بار بولغان ھە‌رخىل گۈزە‌ل ئە‌خلاق،‏ ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز بىگۇ‌ناھ بىر كىشىنىڭ ئازاب-‏چە‌ككە‌نلىكىنى كۆرسىڭىز،‏ قە‌لبىڭىز بىئاراملىق ھېس قىلامدۇ؟‏ سىز ناھە‌قچىلىككە كۆڭۈل بۆلگە‌ن يە‌ردە،‏ ئاللا ئە‌لۋە‌تتە ناھە‌قچىلىككە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏

13 ئىنسانلارنىڭ ئە‌ڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنىڭ بىرى مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏ ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار.‏ ئۇ شۇ‌نداقلا ھە‌م خۇ‌دانىڭ پە‌زىلىتىنىڭ ئە‌كس ئە‌تتۈرلىشىدۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولغانلىقتىن،‏ بىزدىمۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت بار.‏ سىز مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بولغان ئىكە‌نسىز،‏ دۇ‌نيادىكى سىز كۆرۈپ تۇ‌رۇ‌ۋاتقان بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ۋە ئادىلسىزلىقلارنى يوق قىلىۋېتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر سىزنىڭ شۇ‌نداق قىلىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتىڭىز بولسا قانداق قىلار ئىدىڭىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سىز ئۇ‌نى يوق قىلاتتىڭىز!‏ ئوخشاشلا،‏ بىز جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىزكى،‏ خۇ‌دامۇ ھە‌م ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ۋە ئادىلسىزلىقلارنى يوق قىلىدۇ.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە‌دىلە‌ر ھە‌رگىزمۇ قۇ‌رۇ‌ق خام-‏خىيال ئە‌مە‌س.‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ!‏ ئۇ‌نىڭ ئاشۇ ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نچ باغلاش ئۈچۈن ئاشۇ ۋە‌دىلە‌رنى قىلغان خۇ‌دا توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.‏

ئاللا سىزنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ

ئە‌گە‌ر سىز باشقا بىرسىنىڭ سىزنى تونۇ‌شىنى خالىسىڭىز،‏ باشقىلارغا ئۆز ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بېرە‌مسىز؟‏ خۇ‌دا ئۆز ئىسمىنى بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

14.‏ ئاللانىڭ ئىسمى نېمە؟‏ نېمە ئۈچۈن بىز مۇ‌شۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 ئە‌گە‌ر سىز باشقىلارنىڭ سىزنى تونۇ‌شىنى خالىسىڭىز،‏ سىز قانداق قىلىسىز؟‏ سىز ئۆز ئىسمىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىسىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا ئاللانىڭ ئىسمى بارمۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر:‏ ئاللانىڭ ئىسمى كۆپ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «رە‌ھمان»،‏ «رە‌ھىم» دە‌يدۇ.‏ لېكىن ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ سۈپە‌تلىرى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ناھايىتى ماس كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئاللانىڭ ئىسمى ئە‌مە‌س،‏ سۈپە‌تلىرىدۇ‌ر.‏ يە‌نە بە‌زى كىشىلە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى «خۇ‌دا»،‏ «پە‌رۋە‌ردىگار» ۋە «ئاللا» دېيىشىدۇ.‏ بىراق ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ خاس ئىسمى ئە‌مە‌س،‏ نام-‏ئۇ‌نۋانىدۇ‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «پادىشاھ»،‏ «باش ۋە‌زىر» دېگە‌نلە‌ر نام-‏ئۇ‌نۋان،‏ ئىسىم ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە خۇ‌دانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى بارلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ يۇ‌قىرىدا سۆزلە‌نگە‌نلىرى بىر نە‌چچىسىلا خالاس.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ بىرلا خاس ئىسمى بارلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ ئاللانىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى:‏ يە‌ھۋا.‏ زە‌بۇ‌ر 83-‏​باب 18-‏​ئايە‌ت:‏ «ئۇ‌لار سېنىڭ بارە‌ڭدە [سە‌ن توغرىسىدا] يالغۇ‌ز ئۇ يە‌ھۋا ئاتۇ‌نۇ‌ر دە‌پ ئۇ‌قۇ‌پ سېنىڭ تامام يە‌ر يۈزى ئۈستىگە ھە‌قتائالا [يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا] ئىكە‌نىڭنى بىلگە‌ي» دە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئۆزىڭىزدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مۇ‌شۇ ئىسىمنى تاپالمىسىڭىز،‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ «‏مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏ شۇ‌ندىلا سە‌ۋە‌بىنى بىلە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قە‌دىمىي قوليازما كۆچۈرۈلمە نۇ‌سخىلىرىدا نە‌چچە مىڭ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.‏ شۇ‌ڭا يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى بىلىشىڭىزنى ھە‌م ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداق دېيىشىكە بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنى سىزگە تونۇ‌شتۇ‌رىدۇ.‏

15.‏ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمنىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏

15 خۇ‌دانىڭ ئۆزى ئۈچۈن قويغان ئىسمىنىڭ چوڭقۇ‌ر مە‌نىسى بار.‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى يە‌ھۋا،‏ مە‌نىسى ئۇ ئۆزىنىڭ ھە‌رقانداق ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌ندايدۇ ۋە ئۇ ھە‌رقانداق مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏a ئاللانىڭ ئىسمى بىردىن-‏بىر،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغىلا تە‌ۋە ھە‌م خاستۇ‌ر.‏ نۇ‌رغۇ‌ن تە‌رە‌پلە‌ردىن ئېلىپ ئېيتساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بولسا بىردىن-‏بىر،‏ يە‌ككە-‏يىگانە‌دۇ‌ر.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏

16،‏ 17.‏ (‏1)‏ ھە‌ممىگە قادىر (‏2)‏ «ئە‌بە‌دىي پادىشاھ» (‏3)‏ ياراتقۇ‌چى ئىگە دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلار ئارقىلىق تە‌ڭرى يە‌ھۋا توغرىسىدا نېمە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 زە‌بۇ‌ر 83-‏​باب 18-‏​ئايە‌تتە:‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا توغرىسىدا «‏يالغۇ‌ز ئۇ .‏.‏.‏ ھە‌قتائالا [يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا]» دە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋالا ھە‌ممىگە قادىر دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 15-‏​باب 3-‏​ئايە‌ت:‏ «ئە‌ي قادىرى مۇ‌تلە‌ق [ھە‌ممىگە قادىر] رە‌ب خۇ‌دا،‏ سېنىڭ ئە‌مە‌للىرىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ۋە ئاجايىپتۇ‌ر،‏ ئە‌ي قە‌ۋملە‌رنىڭ پادىشاھى سېنىڭ يوللۇ‌رۇ‌ڭ ئادالە‌ت ۋە ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر» دە‌يدۇ.‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ ‹ھە‌ممىگە قادىر› دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانى،‏ ئۇ‌نىڭ بىردىن-‏بىر ئە‌ڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى تە‌ڭداشسىز ۋە چە‌كسىزدۇ‌ر.‏ تىموتىي 1-‏خە‌ت 1-‏​باب 17-‏​ئايە‌تتە:‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا «ئە‌بە‌دىي پادىشاھ» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان.‏ مۇ‌شۇ نام-‏ئۇ‌نۋانى،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن يە‌ھۋانىڭ بىردىن-‏بىر خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئىسىمىزگە سالىدۇ.‏ پە‌قە‌ت يالغۇ‌ز ئۇ مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌تتۇ‌ر.‏ زە‌بۇ‌ر 90-‏​باب 2-‏​ئايە‌ت:‏ «ئە‌زە‌لدىن ئە‌بە‌دغىچە سە‌ن خۇ‌دادۇ‌ر سە‌ن» دە‌يدۇ.‏ بۇ راستتىنلا كىشىنىڭ ھۆرمە‌ت ئېھتىرامىنى قوزغايدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏

17 يە‌ھۋا ئۇ يە‌ككە-‏يىگانە‌دۇ‌ر.‏ يالغۇ‌زلا ئۇ ياراتقۇ‌چى ئىگىدۇ‌ر.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4-‏​باب 11-‏​ئايە‌ت:‏ «سە‌ن ئە‌ي تە‌ڭرى خۇ‌داۋە‌ندىمىز جالال [ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق] ۋە ئىززە‌ت ۋە قۇ‌درە‌ت ئالغىلى لايىق دۇ‌رسە‌ن،‏ چۈنكى ھە‌ر نە‌رسىلە‌رنى سە‌ن ياراتتىڭ ۋە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلە‌ن ۋۇ‌جۇ‌دقا كېلىپ يارىتىلدى» دە‌يدۇ.‏ سىز ئويلىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ر،‏ مە‌يلى ئاسماندىكى كۆرۈنمە‌يدىغان روھى مە‌خلۇ‌قاتلار،‏ كېچە ئاسمىنىدىكى يۇ‌لتۇ‌زلار،‏ مە‌يلى دە‌رە‌ختىكى ھە‌رخىل مېۋىلە‌ر،‏ دېڭىز ۋە دە‌ريالاردىكى بېلىقلار ھە‌ممىسى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سە‌ۋە‌بلىك مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏

سىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشالامسىز؟‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر،‏ بىز خۇ‌داغا ھە‌رگىز يېقىنلىشالمايمىز دە‌پ ھېس قىلىدۇ؟‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌شۇ توغرىسىدا نېمە دە‌يدۇ؟‏

18 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىنى ئە‌يمە‌ندۈرىدىغان ئۇ‌لۇ‌غ،‏ ئالاھىدە خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرى،‏ بە‌زى كىشىلە‌رنى خۇ‌دا ناھايىتى يۇ‌قىرى شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە،‏ ئۆزىنى بولسا خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە ھېچ نېمىگە ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلدۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌لار خۇ‌داغا يېقىنلىشىشقا ھە‌رگىز جۈرئە‌ت قىلالمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق ھېسسىياتتا بولۇ‌ش توغرىمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كۆز قارىشى دە‌ل بۇ‌نىڭ ئە‌كسىچە.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا «ئۇ ئۆزى ھە‌ربىرىمىزدىن يىراق ئە‌مە‌سدۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏27)‏.‏ ھە‌تتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۈندە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خۇ‌داغا يېقىن كېلىڭلار ۋە ئۇ سىزلە‌رگە يېقىن كېلۇ‌ر».‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏8.‏

19.‏ (‏1)‏ قانداق قىلىپ بىز خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنى باشلىيالايمىز؟‏ مۇ‌شۇ‌نداق قىلىشىمىزنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ قايسى سۈپە‌ت-‏خاراكتېرلىرى سىزنى ئۆزىگە ئە‌ڭ تارتتى؟‏

19 سىز قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏ ئاۋۋال،‏ ھازىر قانداق قىلىۋاتقان بولسىڭىز توختىماستىن شۇ‌نداق قىلىڭ —‏ يە‌نى خۇ‌دا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مە‌سىھ دە‌پ ئاتالغان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «ئە‌بە‌دىي تىرىكلىك بۇ دۇ‌ركى سە‌ن ھە‌قىقىي ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن [ئە‌يسا] مە‌سىھنى تونۇ‌غايلار» دە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى شۇ‌نى ئېيتىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدا بىلىم ئېلىش بىزگە «ئە‌بە‌دىي تىرىكلىك» يە‌نى مە‌ڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدۇ!‏ بىز بۇ‌رۇ‌ن كۆرۈپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ «خۇ‌دا مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏16)‏.‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن گۈزە‌ل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتى ۋە كىشىلە‌رنى جە‌لپ قىلىدىغان خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ يە‌ھۋا «خۇ‌داۋە‌ندە رە‌ھىم،‏ مېھرىبانلىق بولۇ‌پ غە‌زىپى كە‌چ،‏ شە‌پقىتى بىلە‌ن ۋاپاسى كە‌ڭرى بىر تە‌ڭرىدۇ‌ر» (‏چىقىش 34:‏6)‏.‏ ئۇ «كە‌رىم [سېخىي] ۋە ئە‌پۇ قىلغىلى تە‌ييار» (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5)‏.‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى-‏كۆكسى كە‌ڭدۇ‌ر (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏9)‏.‏ ئۇ ئىشە‌نچىلىك خۇ‌دادۇ‌ر دە‌يدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏23)‏.‏ سىز يۇ‌قىرىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن ئاساسىي خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرىدىن باشقا ئۇ‌نىڭ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلە‌لە‌يسىز.‏

20–‏22.‏ (‏1)‏ بىزنىڭ خۇ‌دانى كۆرە‌لمە‌سلىكىمىز بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشىمىزنى توسۇ‌پ قويامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ (‏2)‏ بە‌زى ياخشى نىيە‌تلىك ئادە‌ملە‌ر سىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن؟‏ بىراق،‏ سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

20 خۇ‌دا ئۇ كۆرۈنمە‌س روھتۇ‌ر.‏ سىز ئۇ‌نى كۆرە‌لمە‌يسىز (‏يۇ‌ھاننا 1:‏18؛‏ 4:‏24؛‏ 2-‏تىموتىي 1:‏17)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىر،‏ ھېسسىياتلىرى توغرىسىدا تونۇ‌شقا ئىگە بولالايسىز.‏ خۇ‌ددى زە‌بۇ‌ردا ئېيتىلغاندە‌ك:‏ سىز يە‌ھۋانىڭ «جامالىغا نە‌زە‌ر» سالالايسىز (‏زە‌بۇ‌ر 27:‏4؛‏ رىملىقلار 1:‏20)‏.‏ سىز يە‌ھۋا توغرىسىدا ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ بە‌رھە‌ق چىن خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىڭىز ئاشىدۇ ھە‌مدە ئۇ‌نى سۆيۈشىڭىز كېرە‌كلىكىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.‏

بىزنىڭ ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ بىر مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتىنىڭ بالىلىرىغا كۆرسە‌تكە‌ن مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئوخشاش ۋە ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۈچلۈك ھە‌م چوڭقۇ‌ردۇ‌ر

21 سىز ئاستا-‏ئاستا نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە،‏ يە‌ھۋانى ئاتا ئورنىدا تونۇ‌شنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ ئۇ پە‌قە‌ت بىزگە ھاياتلىق بېرىپ قالماستىن،‏ يە‌نە خۇ‌ددى كۆيۈمچان ئاتا پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئە‌ڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغاندە‌ك،‏ بىزنىڭمۇ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە بىزگە ئاللا بىلە‌ن ئىنسانلارنىڭ دوستلۇ‌ق ئورنىتالايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏23)‏.‏ قېنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ:‏ سىز پۈتۈن ئالە‌منىڭ ياراتقۇ‌چىسى بىلە‌ن دوست بولالايسىز!‏

22 سىز بىر مە‌زگىل مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئېھتىمال بە‌زى ياخشى نىيە‌تلىك ئادە‌ملە‌ر سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئە‌نسىرە‌پ،‏ سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى توختىتىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىك دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئورنىتىشىڭىزغا ھە‌رقانداق كىشىنىڭ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشىغا يول قويماڭ.‏

23،‏ 24.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن سىز ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملىرىڭىز توغرىسىدا داۋاملىق سوئال سورىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى باب نېمە تېما توغرىسىدا؟‏

23 ئە‌لۋە‌تتە،‏ باشلىنىشىدا سىز چۈشە‌نمە‌يدىغان بە‌زى ئىشلار بار.‏ باشقىلاردىن ياردە‌م سوراش بىرئاز كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ خىجىللىق ھېس قىلىپ سوئال سوراشتىن ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ ئە‌يسا كىشىلە‌رنى كىچىك بالىلارغا ئوخشاش كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ئۈندىگە‌ن (‏مە‌تتا 18:‏2–‏4‏)‏.‏ بىز بىلىمىز كىچىك بالىلار نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللارنى سورايدۇ.‏ سىزمۇ سوئال سوراشنى توختاتماڭ!‏ ئاللا سىزنىڭ جاۋاب تېپىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا توغرىسىدا ئۆگىنىشكە ئىنتىزار بولغان بە‌زى كىشىلە‌رنى مە‌دھىيلىگە‌ن.‏ ھە‌مدە ئاشۇ كىشىلە‌ر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌كشۈرۈپ،‏ ئۆزىنىڭ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى جە‌زملە‌شتۈرگە‌ن ئىدى.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11.‏

24 يە‌ھۋا توغرىسىدا ئۆگىنىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌كشۈرۈپ تە‌تقىق قىلىشتۇ‌ر‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب باشقا ھە‌رقانداق كىتابلاردىن پە‌رقلىق.‏ ئۇ‌نداقتا قانداق پە‌رقلىق؟‏ كېيىنكى بابتا،‏ مۇ‌شۇ تېما توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىنىدۇ.‏

a ‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتا خۇ‌دانىڭ ئىسمى ۋە قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىش توغرىسىدا كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلار بار.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • خۇ‌دا سىلە‌رگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏7.‏

  • خۇ‌دانىڭ خاس ئىسمى يە‌ھۋا.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 83:‏18.‏

  • خۇ‌دا سىزنى ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ.‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏8.‏

  • خۇ‌دا رە‌ھىمدىل،‏ مېھرىبان ۋە شە‌پقە‌تلىكتۇ‌ر.‏ —‏ چىقىش 34:‏6؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8،‏ 16.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش