3-باب
خۇدانىڭ يەرشارى ئۈچۈن قانداق مەقسىتى بار؟
خۇدانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قانداق مەقسىتى بار؟
خۇداغا قانداق شەك كەلتۈرۈلدى؟
ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى تۇرمۇشى كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ؟
1. خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان مەقسىتى نېمە؟
خۇدانىڭ يەرشارىغا بولغان مەقسىتى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق. يەھۋا خۇدا يەر يۈزىنىڭ خۇشال، ساغلام كىشىلەر بىلەن تولۇشىنى خالايدۇ. مۇقەددەس كىتاب: «خۇدا ... [ئېرەم]دەa بىر باغ قىلىپ ياسىغان» ھەمدە ئۇ «يەرنىڭ ئۆزىدە كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ يېيىشكە ياخشى بولغان ھەر قىسىم دەرەخنى ئۈندۈرۈپ»، ئارقىدىن تۇنجى ئەر ئادەم-ئاتا بىلەن ئايال ھاۋا-ئانىنى ياراتقان. خۇدا ئۇلارنى ئاشۇ گۈزەل ماكانغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇلارغا ‹سىزلەر بولسىڭىز نەسىل قالدۇرۇپ تولا بولۇپ يەرنى تولدۇرۇپ، ئۇنى ئىدارە قىلىڭلار› دېگەن دەپ تەلىم بېرىدۇ (يارىتىلىش 1:28؛ 2:8، 9، 15). مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدانىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇپ، ئاشۇ گۈزەل باغ ماكاننى يەر يۈزىنىڭ ھەممە جايلىرىغىچە كېڭەيتىش ۋە يەر يۈزىدىكى جان-جانىۋارلاردىن خەۋەر ئېلىش بولغان.
2. (1) خۇدانىڭ يەرشارى ئۈچۈن قىلغان مەقسىتىنىڭ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ (2) ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشى ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟
2 سىزنىڭچە، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ، ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشىشى ئۈچۈن قىلغان مەقسىتى بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ خۇدا: «سۆز قىلسام ئۇنى بەجا كەلتۈرىمەن» دەپ ئېيتقان (يەشايا 46:9–11؛ 55:11). ئەلۋەتتە، خۇدا نېمىنى مەقسەت قىلسا، ئۇ شۇنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! خۇدا شۇنداق دەيدۇ: مەن «ئۇنى [يەرشارىنى] بىكار ياراتماي، بەلكى ئولتۇرماق ئۈچۈن ئۇنى ياراتقان» (يەشايا 45:18). خۇدا قانداق ئادەملەرنىڭ يەرشارىدا ياشىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانچە ئۇزاق ياشىشىنى خالىغان؟ مۇقەددەس كىتاب: «ئادىللار ئۆزى يەرگە ۋارىس بولۇپ، ئەبەدغىچە ئۇندا [ئۇ يەردە] ئولتۇرار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — زەبۇر 37:29؛ ۋەھىيلەر 21:3، 4.
3. ھازىر يەرشارىدا قانداق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار بار، مۇشۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال قانداق سوئاللارنى پەيدا قىلدى؟
3 شۇنداق روشەنكى، خۇدانىڭ مەقسىتى تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق. ھازىر ئادەملەر كېسەل بولىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. ھەتتا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ ھەم بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشىدۇ. ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ يەردە بىر چاتاق بار. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللا جەزمەن يەرشارىنىڭ بىز كۆز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولۇشىنى مەقسەت قىلمىغان. زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشمىغان؟ ئىنسانلار يېزىپ قالدۇرغان ھېچبىر تارىخ كىتابى بىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى چاتاق ئاسماندا باشلانغان.
بىر دۈشمەننىڭ پەيدا بولۇشى
4، 5. (1) ئەمەلىيەتتە كىم يىلان ئارقىلىق ھاۋا-ئانىغا سۆزلىگەن؟ (2) بىر سالاپەتلىك، سەمىمىي ئادەمنىڭ ئوغرىغا ئۆزگىرىشى قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
4 مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسمى ئېرەم بېغىدا خۇداغا قارشى چىققۇچى پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ «يىلان» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. بىراق، ئۇ پەقەت بىر ھايۋانلا ئەمەس. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىيلەر قىسمىدا ئۇنى: «بارچە دۇنيانى ئازدۇرغۇچى ئىبلىس ۋە شەيتان دېگەن قەدىمكى يىلان» دەپ ئاشكارىلايدۇ (يارىتىلىش 3:1؛ ۋەھىيلەر 12:9). بۇ كۈچلۈك پەرىشتە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان روھى زات يىلاننى ئىشلىتىپ ياغاچ قونچاق ئويۇنى ئوينىيالايدىغان ماھارەتلىك ئارتىستەك خۇددى ئاۋازنى ياغاچ قونچاقتىن چىقىۋاتقاندەك قىلىپ ھاۋا ئانىغا سۆز قىلغان. خۇدا يەرشارىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تەييار قىلىۋاتقاندا بۇ روھى زاتنىڭ نەق مەيداندا بولغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. — ئايۇپ 38:4، 7.
5 ئاللا يەھۋانىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر. شۇنداق ئىكەن، شۇ «ئىبلىس شەيتان» قانداق پەيدا بولدى؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدانىڭ كۈچلۈك پەرىشتىلىرىنىڭ بىرى ئۆزىنى ئىبلىسقا ئايلاندۇردى. بۇ قانداق مۇمكىن بولغان؟ شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۈگۈنكى كۈندە بىر سالاپەتلىك سەمىمىي ئادەممۇ ئوغرىغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئۇ ئادەم قانداق قىلىپ ئوغرىغا ئۆزگىرىدۇ؟ ئېھتىمال، ئۇ ئادەم ئۆز قەلبىدە بىر خاتا ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۆز خاتا ئارزۇ-ھەۋىسى توغرىسىدا داۋاملىق ئويلىسا، شۇ خاتا ئارزۇ-ھەۋەس ناھايىتى كۈچىيىشى ھەمدە شۇنداق بىر پۇرسەت ئۆزى ھازىرلانسا، ئۇ ئادەم ئويلاپ كېلىۋاتقان يامان ئارزۇ-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. — ياقۇپ 1:13–15.
6. قانداق قىلىپ خۇدانىڭ كۈچلۈك پەرىشتىسى شەيتان ئىبلىسقا ئايلاندى؟
6 شەيتان دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئېھتىمال، ئۇ خۇدانىڭ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىغا: پەرزەنتلىك بولۇپ يەرشارىنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بىلەن تولدۇرۇڭلار دېگەنلىكىنى ئاڭلىغاندۇ. (يارىتىلىش 1:27، 28) شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شەيتان ‹بارلىق ئىنسانلار خۇداغا ئىبادەت قىلغاننىڭ ئورنىغا ماڭا ئىبادەت قىلسا نېمە دېگەن ياخشى، ھە!› دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا خاتا ئارزۇ-ھەۋەس ئۇنىڭ قەلبىدە تەرەققىي قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەھۋا خۇدا توغرىسىدا يالغان ئېيتىش ئارقىلىق ھاۋا-ئانىنى ئالداشقا ھەرىكەت قىلغان (يارىتىلىش 3:1–5). ئۇ شۇنداق قىلىپ «ئىبلىس»قا ئايلانغان، ئۇنىڭ مەنىسى «تۆھمەت قىلغۇچى». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ «شەيتان»غا ئايلانغان، مەنىسى «قارشىلاشقۇچى».
7. (1) نېمە ئۈچۈن ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا ئۆلدى؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئادەم-ئاتىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ؟
7 يالغان گەپ ۋە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش ئارقىلىق، شەيتان ئىبلىس ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان (يارىتىلىش 2:17؛ 3:6). نەتىجىدە، خۇدا ئەگەر ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلسا، ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدەك ئۇلار ئەڭ ئاخىرى ئۆلدى (يارىتىلىش 3:17–19). ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغاچقا ئۇ مۇكەممەللىكنى يوقىتىپ، مۇكەممەل ئەمەس بولدى. شۇڭا، ئادەم-ئاتىنىڭ ھەممە پەرزەنتلىرى ئۇنىڭدىن گۇناھنى مىراس ئالدى (رىملىقلار 5:12). تورت پۇشۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان بىر پەتنۇس قېلىپنى مۇشۇ ئەھۋالغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئاشۇ قېلىپنىڭ ئاستىدا ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئويمان جاي بولسا، مۇشۇ قېلىپتا پۇشۇرۇلغان ھەربىر تورت قانداق بولىدۇ؟ ھەربىرىدە بىر ئويمان جاي بولىدۇ يەنى مۇكەممەل ئەمەس بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەربىر ئىنسان ئادەم-ئاتىدىن كەلگەن مۇكەممەلسىزلىككە يەنى «ئويمان جايغا» مىراس بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار قېرىيدۇ ۋە ئۆلىدۇ. — رىملىقلار 3:23.
8، 9. (1) ئەمەلىيەتتە، شەيتان خۇداغا قارشى قانداق گۇمانى كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى؟ (2) نېمە ئۈچۈن خۇدا ئىسيانچىلارنى دەرھال يوق قىلمىدى؟
8 شەيتان ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى گۇناھ قىلىپ، ئاللاغا قارشى چىقىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتتە بىر قوزغىلاڭغا باشچىلىق قىلغان. ئۇ يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىغا گۇمانى كۆز قارىشى بىلەن قارشى چىققان. شەيتاننىڭ مۇشۇنداق قىلىشى: ‹خۇدا بىر ناچار ھۆكۈمران؛ ئۇ يالغان سۆزلەيدۇ ۋە ياخشى نەرسىلەرنى ئۆز پۇقرالىرىدىن يىراق تۇتىدۇ؛ ئىنسانلار خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا موھتاج ئەمەس؛ ئىنسانلار نېمە ياخشى، نېمە ياماننى ئۆزلىرى بەلگىلىيەلەيدۇ ۋە ئىنسانلار مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم ئاستىدا بولسا تۇرمۇشى ياخشىراق بولىدۇ› دېگىنىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللا شۇنداق ھاقارەتلىك ئەيىبلەشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغاندۇ؟ بەزى كىشىلەر، ئاللا ئۇلارنى مۇنداقلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولمىدىمۇ؟ دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ گۇمانى كۆز قارىشىغا جاۋاب بەرگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق قىلىش يەھۋا خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالامدۇ؟
9 پەرۋەردىگار يەھۋا مۇكەممەل ئادىل بولغاچقا، ئۇ قارشى چىققۇچى ئىسيانچىلارنى دەرھاللا يوق قىلمىغان. شەيتاننىڭ گۇمانى كۆز قارىشىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىش ۋە ئىبلىسنىڭ بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى خۇدا بەلگىلىگەن. شۇڭا خۇدا ئىنسانلارنىڭ شەيتاننىڭ تەسىرى ئاستىدا بىر مەزگىل ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا يول قويۇشنى قارار قىلغان. ئاللا يەھۋا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ مۇشۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت يول قويىدۇ؟ دېگەن تېما ئۈستىدە مۇشۇ كىتابنىڭ 11-بابىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھازىر تۆۋەندىكىلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرەيلى: ھېچقاچان ئۆزلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ياخشىلىق قىلىپ باقمىغان شەيتانغا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئىشىنىشى توغرىمۇ؟ ياكى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسىنى بەرگەن تەڭرى يەھۋانى شەپقەتسىز يالغانچى دەپ ئىشىنىش توغرىمۇ؟ ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
10. سىز قانداق قىلىپ يەھۋانىڭ شەيتاننىڭ گۇمانى نەزىرىگە جاۋاب بېرىشىنى قوللىيالايسىز؟
10 مۇشۇنداق سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىش ناھايىتى پايدىلىق، چۈنكى ھازىر ھەربىرىمىز شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ ئاللا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ شەيتاننىڭ گۇمانى كۆز قارىشىغا جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى قوللاش پۇرسىتىڭىز بار. سىز پەرۋەردىگار يەھۋانى ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈمرانى دەپ قوبۇل قىلىپ، شەيتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتە ئۆز ھەسسىڭىزنى قۇشالايسىز (زەبۇر 73:28؛ پەندى-نەسىھەت 27:11). ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ دۇنيادىكى نەچچە مىليارد ئىنسانلار ئارىسىدا پەقەت ئاز ساندىكى ئادەملەر شۇنداق قىلىشنى تاللىدى. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سوئالنى ئوتتۇرغا چىقاردى. ئۇ سوئال، مۇقەددەس كىتاب شەيتان راستتىنلا بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دەپ ئۆگىتەمدۇ؟
بۇ دۇنياغا كىم ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؟
ئەگەر شەيتان بۇ دۇنيانىڭ بارلىق پادىشاھلىقىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىسا، قانداقلارچە ھەزرىتى ئەيساغا بۇ دۇنيانىڭ پادىشاھلىقىنى بېرەلەيدۇ؟
11، 12. (1) ھەزرىتى ئەيسا دۇچ كەلگەن سىناق شەيتاننىڭ مۇشۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئىكەنلىكىنى قانداق ئاشكارا قىلدى؟ (2) شەيتاننىڭ بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە قانداق ئىسپاتلار بار؟
11 ھەزرىتى ئەيسا ھېچقاچان شەيتاننىڭ بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمىغان. بىر قېتىم شەيتان بەزى مۆجىزىلىك يوللار بىلەن ئەيساغا: «دۇنيانىڭ ھەممە مەملىكەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ جالالى [ئۇلۇغلىقى] نى كۆرسۈتۈپ ... ئەگەر چۈشۈپ ماڭا سەجدە قىلساڭ مۇنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرۇرمەن» دەپ ۋەدە قىلغان (مەتتا 4:8، 9؛ لۇقا 4:5، 6). مۇشۇ توغرىسىدا ئويلاپ بېقىڭ. ئەگەر شەيتان بۇ دۇنيا پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولمىسا، ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەيساغا قايمۇقتۇرۇش سىنىقى بولالامدۇ؟ ئەيسا بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەيتانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان. ئەگەر شەيتان بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرىدىغان كۈچى بولمىغان بولسا، ھەزرىتى ئەيسا جەزمەن ئىنكار قىلغان بولاتتى.
12 ئەلۋەتتە، يەھۋا ھەممىگە قادىر خۇدا، ئۇ ئاجايىپ ئالەم بوشلۇقىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر (ۋەھىيلەر 4:11). لېكىن، مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچ بىر ئايىتىدە تەڭرى خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى دەپ خاتىرىلەنمىگەن. ئەمەلىيەتتە، ئەيسا مەسىھ ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى — شەيتان» دەپ تىلغا ئالغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن (يۇھاننا 12:31؛ 14:30؛ 16:11، ھ.ز.). مۇقەددەس كىتاب ھەتتا شەيتان ئىبلىسنى: «بۇ زاماننىڭ تەڭرىسى» دەپ تىلغا ئالغان (2-كورىنتلىقلار 4:3، 4). بۇ قارشىلاشقۇچى يەنى شەيتان توغرىسىدا، مەسىھنىڭ شاگىرتى يۇھاننا: «تامام دۇنيا ياماننىڭ دامىدادۇر [قاپقىنىدا]» دەپ يازغان. — 1-يۇھاننا 5:19.
شەيتاننىڭ دۇنياسى قانداق يوق قىلىنىدۇ؟
13. نېمە ئۈچۈن بىر يېڭى دۇنيا كېرەك؟
13 يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ دۇنيا بارغانسېرى خەتەرلىك بولۇۋاتىدۇ. جاي-جايلار ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر، ساداقەتسىز سىياسىيونلار، ساختىپەز دىنىي يېتەكچى ئۇستازلار ۋە ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن ئۆزگەرمەس جاھىل جىنايەتچىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. شۇنداق ئىكەن، بۇ دۇنيانى پۈتۈنلەي قايتىدىن يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب پات-ئارىدا خۇدانىڭ ئۆز ئۇرۇشى ئارماگېدون مەزگىلىدە بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاندىن، بۇ دۇنيا بىر ئادىل يېڭى دۇنياغا ئايلىنىدۇ. — ۋەھىيلەر 16:14–16.
14. كىم خۇدا تەرىپىدىن خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى بولۇشقا تاللاندى ۋە مۇشۇ ئىشلار قانداق ئالدىن ئېيتىلغان؟
14 ئاللا يەھۋا ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئەرشتىكى پادىشاھلىقىنىڭ يەنى ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمدارى بولۇشقا تاللىغان. ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، مۇقەددەس كىتابتا يەشايا پەيغەمبەر: «بىزگە بىر بالا توغۇلۇپتۇر، بىزگە بىر ئوغۇل بالا بېرىلىپتۇر، سەلتەنەت ئۇنىڭ مۈرىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ... سالامەتلىك [تىنچلىق] نىڭ ئەمىرى بولۇپ ... ئۇنىڭ سەلتەنىتى چوڭىيىپ تۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ ئىنتىھاسى [ئاخىرى] بولماس» دەپ بېشارەت ئېيتقان (يەشايا 9:6، 7). بۇ ھۆكۈمەت توغرىسىدا ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە: «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي، سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا قىلىنغاندەك، يەردە ھەم قىلىنغاي» دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 6:10). كېيىنرەك مۇشۇ كىتابتا كۆرۈدىغىنىمىزدەك، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىن ئارىدا، بۇ دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ. ئاندىن خۇدا پادىشاھلىقى ئاشۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ (دانىيال 2:44). شۇ ۋاقىتتا، خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
يېڭى دۇنيا يېقىنلاشتى
15. «يېڭى يەر» دېگەن نېمە؟
15 مۇقەددەس كىتاب بىزگە: «ئۇ [خۇدا] نىڭ ۋەدىسىگە مۇۋاپىق يېڭى يەر ۋە يېڭى ئاسمانلارغا ئىنتىزاردۇرمىز، ئۇلاردا ئادالەت ساكىن بولادۇر [ئورۇن ئالار]» دەپ كاپالەت بېرىدۇ (2-پېترۇس 3:13؛ يەشايا 65:17). بەزى ۋاقىتلاردا، مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «يەر يۈزى» بولسا يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (يارىتىلىش 11:1). شۇڭا بۇ ئادىل «يېڭى يەر» خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن ئادالەتلىك ئادەملەر ياشايدىغان جەمئىيەت.
16. خۇدا ماقۇللىغان كىشىلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ قىممەت-باھالىق سوۋغىتى نېمە؟ ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
16 ئەيسا مەسىھ يېڭى دۇنيانىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. يېڭى دۇنيا كەلگەندە ئاشۇ خۇدا تەرىپىدىن ماقۇللانغان كىشىلەر «مەڭگۈلۈك ھايات» سوۋغىتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ (ماركۇس 10:30، ھ.ز.). قېنى مۇقەددەس كىتابنى ئېچىپ يۇھاننا 3-باب 16-ئايەت ۋە 17-باب 3-ئايەتنى ئوقۇپ بېقىڭ. مەسىھ، بىز مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى ئاشۇ بەخت-سائادەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشقا لاياقەتلىك بولغان ئادەملەر كەلگۈسى يەر يۈزىدىكى جەننەتتە تۆۋەندىكىدەك ئاجايىپ سوۋغاتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
17، 18. يەرشارىنىڭ ھەممە جايلىرىدا تىنچ-ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك بولىدىغانلىقىغا قانداق جەزم قىلالايمىز؟
17 يامانلىقلار، جەڭلەر، جىنايەتلەر ۋە زوراۋانلىقلار يوق قىلىنىدۇ. «يامان كىشى يوق بولۇر ... لېكىن ياۋاشلار بولسا يەرگە ۋارىس بۇلۇپ»، يەر يۈزىدە تىنچلىق بولىدۇ (زەبۇر 37:10، 11). چۈنكى، خۇدا يەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ‹جەڭلەرنى توختىتىدۇ› (زەبۇر 46:9؛ يەشايا 2:4). شۇ چاغدا «ئادىل كىشى چېچەكلەپ، ئاي سابىت [تەۋرەنمەي] تۇرغانچىلىق تولا سالامەتلىك [تىنچلىق] بولغاي» دەپ مۇقەددەس كىتاب ئېيتىدۇ (زەبۇر 72:7). بۇ، يەرشارىدا مەڭگۈلۈك تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
18 پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بىخەتەر ياشايدۇ. مۇقەددەس كىتاب زامانىدا ئىسرائىللار يەھۋاغا داۋاملىق ئىتائەت قىلسا، ئۇلار بىخەتەر ياشايتتى (لاۋىيلار 25:18، 19). يەر يۈزىدىكى جەننەتتە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىخەتەر تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاش نېمە دېگەن ياخشى، ھە! — يەشايا 32:18؛ مىخا 4:4.
19. خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا ئاشلىق مول بولىدىغانلىقىنى بىز قانداق بىلەلەيمىز؟
19 ئاشلىق قىسچىلىقى مەۋجۇت بولمايدۇ. زەبۇردا: ‹يۇرتتا تاغنىڭ چوقىلىرىغىچە ئاشلىق ئۈنۈپ ئۇنىڭ ھوسۇلى مول بولسۇن› دەپ يېزىلغان (زەبۇر 72:16). يەھۋا خۇدا ئۆزىنىڭ ئادىل كىشىلىرى ئۈچۈن بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ‹يەر يۈزى ئۆز ھوسۇلىنى بېرىدۇ›. — زەبۇر 67:6.
20. پۈتكۈل يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدىغانلىقىغا بىز قانداق جەزم قىلالايمىز؟
20 پۈتۈن يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدۇ. گۇناھكار ئىنسانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن چىرايلىق يېڭى ئۆيلەر ۋە گۈزەل باغچىلار قايتىدىن يەر يۈزىدە بىنا قىلىنىدۇ (يەشايا 65:21–24؛ ۋەھىيلەر 11:18). ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، يەر يۈزىدىكى ئاللىقاچان ئۆزلەشتۈرۈلگەن يەرلەر پۈتكۈل يەر شارىنىڭ ھەممە جايلىرىغا خۇددى گۈزەل ۋە مول-ھوسۇللۇق ئېرەم بېغىغا ئوخشاش كېڭەيتىلىدۇ. خۇدا ھەمدە ‹ئۆز قولۇمنى ئېچىپ ھەممە تېرىك نەرسىلەرنىڭ ئىشتىھايىنى تۇيغۇزارمەن› دېگەن سۆزىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. — زەبۇر 145:16.
21. نېمە ھايۋانلار بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
21 ئىنسانلار ۋە جان-جانىۋارلار ئارىسىدا تىنچلىق بولىدۇ. ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئۆي ھايۋانلىرى بىللە ئوزۇقلىنىدۇ. ھەتتا كىچىك بالىلار، ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك دەپ سانىلىدىغان ھايۋانلاردىن قورقمايدۇ. — يەشايا 11:6–9؛ 65:25.
22. كەلگۈسىدە كىشىلەر كېسەل بولامدۇ؟
22 كېسەللىكلەر يوقىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە خۇدانىڭ ئەرشتىكى پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان مەسىھ ئەيسا يەر يۈزىدە بولغان ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ئاغرىق ئادەملەرنى داۋالايدۇ (مەتتا 9:35؛ ماركۇس 1:40–42؛ يۇھاننا 5:5–9). شۇ ۋاقىتتا «ھېچ كىم: مەن كېسەلدۇرمەن دېمەس». — يەشايا33:24؛35:5، 6.
23. نېمە ئۈچۈن تىرىلىش بىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
23 ئۆلۈپ كەتكەن ئامراق يېقىن كىشىلىرىمىز مەڭگۈ ياشايدىغان ئۈمىد بىلەن ھاياتلىققا قايتۇرۇلىدۇ. خۇدانىڭ ئېسىدە بار بولغان بارلىق ئۆلۈم ئۇيقۇسىدىكى كىشىلەرنى ئۇ تىرىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن، «ياخشىلار بىلەن يامانلار قۇپادۇر» يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. — ئەلچىلەر 24:15؛ يۇھاننا 5:28، 29.
24. يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشاشقا نىسبەتەن سىز قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟
24 بىزنىڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز، پەرۋەردىگار يەھۋا توغرىسىدا ئۆگىنىشنى ھەمدە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلارنى نېمە دېگەن گۈزەل كېلەچەك كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان، ھە! ئەيسا، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر جىنايەتچىگە ۋەدە بېرىپ: «سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» دەپ كەلگۈسى يەر يۈزىدىكى جەننەت توغرىسىدا ئېيتقان (لۇقا 23:43، ھ.ز.). شۇڭا، مەسىھ ئەيسا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق ئاشۇ بارلىق بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
a تەۋراتتا ئېيتىلغان فىرات دەرياسى ئاشۇ ئېرەم باغ جەننەتنى سۇغىرىدىغان دەريالارنىڭ بىرى ئىدى (يارىتىلىش 2:10، 14). شۇڭا، ئېرەم باغ جەننەتنىڭ ئەسلى ئورنى بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى فىرات دەرياسىغا يېقىن جايغا جايلاشقان.