كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 11-‏باپ 106-‏114 ب.‏
  • نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولدى؟‏
  • ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلىنىڭ ئوتتۇ‌رغا چىقىشى
  • نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏
  • خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سوۋغاتنى سىز قانداق ئىشلە‌تمە‌كچى؟‏
  • نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيادا يامانلىقلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر كۆپ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 11-‏باپ 106-‏114 ب.‏

11-‏باب

نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏

  • بۇ دۇ‌نيادىكى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئاللا پە‌يدا قىلغانمۇ؟‏

  • ئېرە‌م بېغىدا قانداق مە‌سىلە ئوتتۇ‌رغا چىقتى؟‏

  • خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى قانداق يوق قىلىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ بۈگۈنكى كۈندە كىشىلە‌ر قانداق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولۇ‌ۋاتىدۇ؟‏ ئاشۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ قايسى سوئاللارنى سورىشىغا تۈرتكە بولدى؟‏

بىر ئۇ‌رۇ‌ش ئوتى ئىچىدە قالغان دۆلە‌تتە،‏ نە‌چچە مىڭلىغان خە‌لق رە‌ھىمسىز ئۇ‌رۇ‌شتا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇ‌پ،‏ ئاشۇ نە‌چچە مىڭ ئادە‌منىڭ جە‌سە‌تلىرى بىر چوڭ ئازگالغا دە‌پنە قىلىنغان.‏ ئاشۇ نە‌چچە مىڭ ئادە‌منىڭ ئورتاق قە‌برىسىنىڭ ئە‌تراپىغا چوڭ-‏كىچىك بە‌لگىلە‌ر قادالغان بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىسىگە ئوخشاشلا:‏ ‹نېمە ئۈچۈن؟‏› دېگە‌ن خە‌ت يېزىلغان.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا مۇ‌شۇ سوئال ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌لبىنى ئە‌ڭ ئازابلايدۇ.‏ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌رۇ‌ش،‏ بالايىئاپە‌ت،‏ كېسە‌للىك ياكى قانۇ‌نسىز ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك ئۆزىنىڭ بىگۇ‌ناھ يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆي-‏بىساتلىرى خانە-‏ۋە‌يرانە بولۇ‌پ،‏ ھە‌مدە ھە‌رخىل تە‌سۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىققا يولۇ‌ققاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى ئازاب ئىچىدە:‏ زادى بۇ ‹نېمە ئۈچۈن؟‏› دە‌پ سورىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاشۇ‌نداق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك پاجىئە‌لە‌رگە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ دۇ‌چار بولغانلىقىنى بىلىشنى ناھايىتى خالايدۇ.‏

2 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئاللا يە‌ھۋا كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك،‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك،‏ دانا،‏ ئادىل بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا ئۆچمە‌نلىك ۋە ناھە‌قچىلىككە تولۇ‌پ كە‌تتى؟‏ ئىلگىرى سىز ئۆزىڭىز مۇ‌شۇ‌نداق سوئاللارنى سوراپ باققانمۇ؟‏

3،‏ 4.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى خۇ‌دادىن سوراشنىڭ خاتا ئە‌مە‌سلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا رە‌زىل ئىشلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە نىسبە‌تە‌ن قانداق ھېسسىياتتا؟‏

3 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ دېگە‌ن سوئالنى سوراش خاتامۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نداق سوئال سوراشتىن ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئاشۇ‌نداق قىلىش ئاللاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئاجىز ئىكە‌نلىكىنى ياكى ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغاننى بىلدۈرىدۇ دە‌پ قارىشىدۇ.‏ ئە‌مما سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌سىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىدىغان كىشىلە‌رنىڭ شۇ‌نىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سوئالنى سورىغانلىقىنى تاپالايسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھاباقۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دادىن:‏ «نېمە ئىشقا سە‌ن يامانلىقنى مېنىڭ نە‌زىرىمگە كە‌لتۈرۈپ مېنى ئىنساپسىزلىققا قارىغىلى قويۇ‌پسە‌ن؟‏ چۈنكى ئالدىمدا زۇ‌لۇ‌م-‏سىتە‌م [ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت] جارى بولۇ‌پ پىتنە قوپۇ‌پ پاسات بولۇ‌پ تۇ‌رادۇ‌ر ئە‌مە‌سمۇ؟‏» دە‌پ سورىغان.‏ —‏ ھاباقۇ‌ق1:‏3.‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئاياغلاشتۇ‌رماقچى

4 ساداقە‌تمە‌ن پە‌يغە‌مبە‌ر ھاباقۇ‌ق ئاشۇ‌نداق سوئال سورىغانلىقى ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئە‌يىبلىدىمۇ؟‏ ياق.‏ ئە‌كسىچە،‏ ھاباقۇ‌قنىڭ سە‌مىمىي سۆزى خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ خۇ‌دا يە‌نە ئۇ‌نىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئېنىق چۈشىنىپ،‏ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا سىزگىمۇ ھە‌م شۇ‌نداق ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ يادىڭىزدا بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ سىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ» دە‌پ ئۆگىتىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏7،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقانداق بىر ئىنسانغا قارىغاندا رە‌زىل ئىشلارنى ۋە ئاشۇ رە‌زىل ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك پە‌يدا بولغان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏يە‌شايا 55:‏8،‏ 9)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولۇ‌پ كە‌تتى؟‏

نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولدى؟‏

5.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە دىنىي يېتە‌كچىلە‌ر ياكى ئۇ‌ستازلار قانداق چۈشە‌ندۈرىدۇ؟‏ ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە ئۆگىتىدۇ؟‏

5 ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي يېتە‌كچىلىرى ياكى ئۇ‌ستازلىرىدىن،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە تولۇ‌پ كە‌تتى؟‏ دە‌پ سوراشقان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌مىشە ئېرىشكە‌ن جاۋابى:‏ ئاشۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر بولسا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى،‏ ھە‌ممە ئىشلارنى خۇ‌دا ئالدىن بە‌لگىلە‌پ قويغان بولۇ‌پ ئېچىنىشلىق تراگېدىيە‌لە‌رمۇ شۇ‌نىڭ ئىچىدە.‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر:‏ خۇ‌دانىڭ قىلغان ئىشلىرى سىرلىق،‏ چۈشە‌نمە‌ك بە‌ك تە‌س دېيىشىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر:‏ خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌ر ئۈستىگە ھە‌تتا كىچىك بالىلار ئۈستىگە ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىشى خۇ‌دانىڭ ئاشۇ‌لارنى ئاسماندا ئۆز يېنىدا بولۇ‌شىنى خالىغانلىقىدىندۇ‌ر دېيىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ سىز مۇ‌شۇ كىتابتا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌رگىزمۇ رە‌زىل ئىشلارنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «يامانلىق قىلىش خۇ‌دادىن يىراق بولۇ‌پ ناتوغرا ئىش قادىرى مۇ‌تلە‌ق [ھە‌ممىگە قادىر] دىن نېرى بولسۇ‌ن!‏» دە‌يدۇ.‏ —‏ ئايۇ‌پ 34:‏10.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ دۇ‌نيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئۈچۈن ئاللانى ئە‌يىبلە‌پ خاتالىشىدۇ؟‏

6 نېمىشقا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ دۇ‌نيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئۈچۈن ئاللانى خاتا ھالدا ئە‌يىبلە‌يدىغانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىگە قادىر ئاللانى ئە‌يىبلىشىدىكى سە‌ۋە‌ب،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ردائىم ئاللانى بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌قىقىي ھۆكۈمرانى دە‌پ قارىغانلىقىدۇ‌ر.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىتىدىغان ئاددىي ئە‌مما ناھايىتى مۇ‌ھىم بولغان بىر ھە‌قىقە‌تنى بىلمە‌يدۇ.‏ سىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا ئۆگە‌نگە‌ندە‌ك،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌قىقىي ھۆكۈمرانى ئىبلىس شە‌يتاندۇ‌ر.‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ بۇ دۇ‌نيا ئۆز ھۆكۈمرانىنىڭ خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىنى قانداق ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولۇ‌پ كېتىشى ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌لسىز بولۇ‌شى بىلە‌ن نېمە مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏ يە‌نە «پۇ‌رسە‌ت بىلە‌ن ھادىسە»نىڭ بۇ دۇ‌نيادىكى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر بىلە‌ن نېمە مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئېنىق قىلىپ:‏ «تامام دۇ‌نيا ياماننىڭ دامىدادۇ‌ر [قاپقىنىدا]» دە‌پ بايان قىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19)‏.‏ بۇ دېگە‌نلىك پۈتۈن دۇ‌نيا شە‌يتاننىڭ باشقۇ‌رىشى ئاستىدا دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر سىز مۇ‌شۇ توغرىسىدا تە‌پسىلىي ئويلاپ كۆرسىڭىز،‏ بۇ ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن ئە‌مە‌سمۇ؟‏ مۇ‌شۇ كۆز بىلە‌ن كۆرگىلى بولمايدىغان روھى شە‌خس «بارچە دۇ‌نيانى ئازدۇ‌رغۇ‌چى» ھە‌مدە بۇ دۇ‌نيا ئۇ‌نىڭ خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9)‏.‏ شە‌يتان بولسا غە‌زە‌پ-‏نە‌پرە‌تكە تولغان،‏ ساختىپە‌ز ۋە شە‌پقە‌تسىزدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتاننىڭ تە‌سىرى ئاستىدا بۇ دۇ‌نيا ئۆچمە‌نلىك،‏ ئالدامچىلىق ۋە شە‌پقە‌تسىزلىك بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تتى.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى.‏

8 نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە تولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى،‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئېرە‌م بېغىدىكى خۇ‌داغا قارشى ئىسياندىن كېيىن،‏ بارلىق ئادە‌ملە‌ر تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىدىن گۇ‌ناھكار تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س بولغانلىقدۇ‌ر.‏ گۇ‌ناھكار ئىنسانلار ھۆكۈمرانلىق تالىشىش ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلىشقا يۈزلە‌نگە‌چ،‏ نە‌تىجىدە جە‌ڭ قىلىش،‏ زۇ‌لۇ‌م قىلىش ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىش پە‌يدا بولدى (‏ۋە‌ز 4:‏1؛‏ 8:‏9)‏.‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر چېكىشنىڭ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بى بولسا:‏ «پۇ‌رسە‌ت بىلە‌ن ھادىسە‌دىن بولادۇ‌ر» ‏(‏ۋە‌ز 9:‏11)‏.‏ چۈنكى بۇ دۇ‌نيا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە قوغدىشى ئاستىدا بولمىغاچ،‏ ئادە‌ملە‌ر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن جايدا كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا بە‌ختسىزلىك يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن.‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارنىڭ داۋاملىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىدا ئالاھىدە بىر ياخشى سە‌ۋە‌ب بارلىقىغا قانداق جە‌زم قىلالايمىز؟‏

9 شۇ‌ڭلاشقا،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ قانۇ‌نسىزلىق،‏ زۇ‌لۇ‌م قىلىش ھە‌تتا تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولۇ‌شىغا ھە‌رگىزمۇ ئاللا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ مۇ‌شۇ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ تە‌سە‌للىي.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ھە‌ممىگە قادىر،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى توختىتىش كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە ئىگە بولسا،‏ يە‌نە نېمە ئۈچۈن ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئىشلە‌تمە‌يدۇ؟‏ بىز بىلىمىز خۇ‌دا مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىشىدا جە‌زمە‌ن ئالاھىدە بىر ياخشى سە‌ۋە‌ب بار.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8.‏

ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلىنىڭ ئوتتۇ‌رغا چىقىشى

10.‏ شە‌يتان قايسى جە‌ھە‌تتىن خۇ‌داغا شە‌ك كە‌لتۈردى؟‏ قانداق شە‌ك كە‌لتۈردى؟‏

10 نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تنىڭ قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقىنى ئە‌سلە‌پ بېقىشمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏ شە‌يتان ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نماسلىققا باشلىغاندا،‏ بىر مۇ‌ھىم مە‌سىلە ئوتتۇ‌رغا چىققان.‏ شە‌يتان پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىگە شە‌ك كە‌لتۈرمىگە‌ن.‏ چۈنكى شە‌يتان،‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنىڭ چە‌كسىز ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌كسىچە ئۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا شە‌ك كە‌لتۈرگە‌ن.‏ شە‌يتان،‏ خۇ‌دانى يالغانچى دە‌پ ئاتاپ قالماي،‏ خۇ‌دانى يە‌نە ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ئۆز پۇ‌قرالىرىغا بە‌رمە‌ي ساقلايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىر ياخشى ھۆكۈمران ئە‌مە‌س دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ن ‏(‏يارىتىلىش 3:‏2–‏5)‏.‏ شە‌يتاننىڭ ئاشۇ ئە‌يىبلىشى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىنسانلار خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئايرىلىپ ياشىسا،‏ ئىنسانلارنىڭ ئە‌ھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ شە‌يتان مۇ‌شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئېرە‌م بېغىدا ئىسيان كۆتۈرگۈچىلە‌رنى دە‌رھاللا يوقاتمىدى؟‏

11 ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلىشى:‏ ‹بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا موھتاج ئە‌مە‌س.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە ياخشى،‏ نېمە ياماننى ئۆزىمىز قارار قىلالايمىز› دېگە‌نلىكىدىن ئىبارە‌تتۇ‌ر.‏ ئاللا يە‌ھۋا مۇ‌شۇ مە‌سىلىنى قانداق بىرتە‌رە‌پ قىلىدۇ؟‏ خۇ‌دا ئە‌قىللىق قىلىپ ياراتقان مە‌خلۇ‌قاتلىرىغا،‏ يە‌نى پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئىنسانلارغا ئاشۇ بىر نە‌چچە ئىسيان كۆتۈرگۈچىلە‌رنىڭ خاتا،‏ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى قانداق قىلىپ ئۆگىتە‌لە‌يدۇ؟‏ بە‌زى كىشىلە‌ر ناھايىتى ئاددىيلا خۇ‌دا ئىسيان كۆتۈرگۈچىلە‌رنى يوق قىلىپ،‏ يېڭى باشتىن ئىنساننى قايتا ياراتسا بولىدىغۇ دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا يە‌رشارىنىڭ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ پە‌رزە‌نتلىرى بىلە‌ن تولۇ‌شىنى ھە‌مدە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە ياشىشىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان جاكارلىغان ئىدى (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار خۇ‌دا ھە‌مىشە ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ (‏يە‌شايا 55:‏10،‏ 11)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئىسيان كۆتۈرگۈچىلە‌رنى ئېرە‌م بېغىدىن قوغلاپ چىقىرىش بىلە‌ن تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولۇ‌پ ئوتتۇ‌رغا چىققان ئاشۇ مە‌سىلىگە جاۋاب بە‌رگىلى بولمايدۇ.‏

12،‏ 13.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ،‏ شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمرانى بولىشىغا ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمە‌تلە‌رنى قۇ‌رۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ؟‏

12 مۇ‌نداق بىر مىسالنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ بىر مۇ‌ئە‌للىم ئۆز ئوقۇ‌غۇ‌چىلىرىغا ماتېماتىكىلىق قىيىن بىر مە‌سىلىنى قانداق ھە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىۋاتقان بىر ھالە‌تنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلساق،‏ بىر زېرە‌ك،‏ ئە‌مما مۇ‌ئە‌للىم بىلە‌ن قارشىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوقۇ‌غۇ‌چى مۇ‌ئە‌للىمنىڭ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى خاتا دە‌پ ئېيتسا،‏ بۇ قارشىلىق ئاشۇ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ مە‌سىلىنى ناھايىتى ياخشى ھە‌ل قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى بىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ھە‌مدە بۇ مۇ‌ئە‌للىمنى قابىلىيە‌تسىز دە‌پ جاكارلىغانلىق.‏ بە‌زى باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلار:‏ ئۇ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭكى توغرا دە‌پ ئويلايدۇ ۋە ئۇ‌لارمۇ مۇ‌ئە‌للىمنىڭكىنى ئاڭلىماسلىققا باشلايدۇ.‏ مۇ‌ئە‌للىم قانداق قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌ئە‌للىم قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنى دە‌رسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىۋە‌تسە،‏ باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلار قانداق ئويلايدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئاشۇ باشلامچى بولۇ‌پ قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ن باشقا ئوقۇ‌چىلارنىڭ توغرا ئوخشايدۇ دە‌پ ئىشىنىپ كە‌تمە‌مدۇ؟‏ دە‌رسخانىدىكى مۇ‌ئە‌للىمنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلار مۇ‌ئە‌للىم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئاشكارىلىنىپ كېتىشتىن قورقۇ‌پ،‏ ئاشۇ گە‌پ ئاڭلىمىغان ئوقۇ‌غۇ‌چىنى دە‌رسخانىدىن قوغلاپ چىقىرىۋە‌تتى دە‌پ ئويلىشى ھە‌مدە كۆپچىلىك ھە‌ممىسى يە‌نە مۇ‌ئە‌للىمنى ھۆرمە‌تلىمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌ئە‌للىم ئاشۇ قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ ماتېماتىكىلىق قىيىن مە‌سىلىنى قانداق ھە‌ل قىلىدىغانلىقىنى دە‌رسخانىدىكى بارلىق ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏

ئوقۇ‌غۇ‌چى مۇ‌ئە‌للىمگە قارىغاندا بىلىم بېرىشتە كۆپ لاياقە‌تلىكمۇ؟‏

13 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشتا بىز مىسال قىلىپ ئۆتكە‌ن مۇ‌ئە‌للىمنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش ئۇ‌سۇ‌ل قوللانغان.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئېرە‌م باغدىكى خۇ‌داغا قارشى ئىسيان پە‌قە‌ت بىر نە‌چچە ئىسيانچىلارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئە‌مە‌س.‏ مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌ر ئۆز كۆزى بىلە‌ن بولۇ‌پ ئۆتكە‌ن ئىشلارنى كۆرگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 38:‏7؛‏ دانىيال 7:‏10)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ ئىسياننى قانداق بىرتە‌رە‌پ قىلىشى بارلىق پە‌رىشتىلە‌رگە ۋە كېيىنكى بارلىق ئىنسانلارغا ناھايىتى چوڭ تە‌سىر كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قانداق قىلغان؟‏ ئۇ،‏ شە‌يتاننىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ خۇ‌دا يە‌نە شە‌يتاننىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمە‌تلە‌رنى قۇ‌رۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏

14.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ،‏ ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىش قارارىدىن قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت كېلىدۇ؟‏

14 بىزنىڭ مىسالىمىزدىكى مۇ‌ئە‌للىم باش قارشىلاشقۇ‌چى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكۈچى ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بېرىشى دە‌رسخانىدىكى بارلىق ئوقۇ‌غۇ‌چىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنىمۇ بىلىدۇ.‏ قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چىلار مە‌غلۇ‌پ بولغاندا،‏ باشقا بارلىق سە‌مىمىي ئوقۇ‌غۇ‌چىلار پە‌قە‌ت مۇ‌ئە‌للىمنىڭلا مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىپ ئوقۇ‌غۇ‌چىلارغا بىلىم بېرىش قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ.‏ شۇ‌ندىلا،‏ باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلار نېمە ئۈچۈن مۇ‌ئە‌للىم قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنى دە‌رسخانىدىن قوغلاپ چىقىرۋىتىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بارلىق ساپ دىل كىشىلە‌رنىڭ ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌ن ئىسيانچىلارنىڭ مە‌غلۇ‌پ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئارقىلىق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.‏ قە‌دىمدە ياشىغان يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش،‏ ئۇ‌لار ناھايىتى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ:‏ «ئە‌ي خۇ‌داۋە‌ندە بىلۇ‌رمە‌نكى ئىنساننىڭ يولى ئۆز ئىختىيارىدا ئە‌مە‌س.‏ ماڭغىنىدا ئىنسان ئۆز قە‌دە‌ملىرىنىمۇ راست باشلىيالماس».‏ —‏ يە‌رە‌مىيا 10:‏23.‏

نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ۋە‌ھشىي قانۇ‌نسىز قىلمىشلارنى توسۇ‌پ قالمايدۇ؟‏

15 لېكىن،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئىنسانلارنىڭ مۇ‌شۇ‌نداق ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇ‌پ قالمايدۇ؟‏ مىسالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن مۇ‌ئە‌للىم قىلمايدىغان ئىككى ئىش توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ بىرىنچى،‏ ئۇ قارشىلاشقۇ‌چى ئوقۇ‌غۇ‌چى ئۆزىنىڭ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى چۈشە‌ندۈرۈشكە باشلىغاندا ئۇ‌نى توسمايدۇ؛‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ ئوقۇ‌غۇ‌چى ئۆزىنىڭ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى چۈشە‌ندۈرۈۋاتقاندا،‏ بىر چە‌تتە قاراپ تۇ‌رغان مۇ‌ئە‌للىم ئۇ‌نىڭغا يول كۆرسىتىپ ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئىككى ئىشنى قىلماسلىقنى قارار قىلغان.‏ بىرىنچى،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ ئىسيان كۆتۈرگۈچىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى توسمايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېقىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئىسپاتلاپ بېقىشىغا زۆرۈر بولغان ۋاقىتنى بە‌رگە‌ن.‏ نە‌چچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا،‏ ئىنسانلار ھە‌رخىل شە‌كىلدە بىر-‏بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى سىناپ باقتى.‏ ئىنسانلار پە‌ن-‏تېخنىكا ۋە باشقا ساھە‌لە‌ردە ئاز بولمىغان نە‌تىجىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ ناھە‌قچىلىك،‏ نامراتلىق،‏ قانۇ‌نسىزلىق ۋە ئۇ‌رۇ‌شلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار ئىنسانلار بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلسا جە‌زمە‌ن مە‌غلۇ‌پ بولىدىغانلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلىدى‏.‏

16 ئىككىنچى،‏ يە‌ھۋا شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رمىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ۋە‌ھشىي قانۇ‌نسىز قىلمىشلارنى توسۇ‌پ قالسا،‏ ئاشۇ ئىسيانچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىك بولمامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئادە‌ملە‌ر،‏ ئىنسانلار ئۆز-‏ئۆزىگە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تسىز،‏ كىشىنى قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لىگۈدە‌ك ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ دېگە‌ن ئوي-‏خىيالغا كېلىپ قالمامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئۇ بىر يالغانچىلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ.‏ بىراق،‏ «خۇ‌دا يالغان ئېيتالمايدىغان» خۇ‌دادۇ‌ر.‏ —‏ ئىبرانىيلار 6:‏18.‏

17،‏ 18.‏ يە‌ھۋا قانداق قىلىپ شە‌يتاننىڭ تە‌سىر قىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر-‏بىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى نە‌تىجىسىدە پە‌يدا بولغان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ؟‏

17 ئە‌مما،‏ ئىنسانلار خۇ‌داغا بويسۇ‌نماي ياشىغان نە‌چچە مىڭ يىل داۋامىدا،‏ سان-‏ساناقسىز زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان كىشىلە‌رچۇ؟‏ چوقۇ‌م ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرە‌ككى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ممىگە قادىر.‏ شۇ‌ڭا ئۇ،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ھە‌ر تۈرلۈك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌سىرلىرنى يوق قىلالايدۇ ۋە كە‌لگۈسىدە شۇ‌نداق قىلماقچى.‏ بىز بۇ‌رۇ‌ن ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ھازىر كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنسانلار ۋە‌يران قىلغان يە‌رشارى،‏ كە‌لگۈسىدە گۈزە‌ل جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلىنىدۇ.‏ ئىنسانلار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىش ئارقىلىق گۇ‌ناھدىن خالاس بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈشى ئارقىلىق ئۆلۈم ئۈستىدىن غە‌لبە قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ شۇ چاغدا مە‌سىھنى ئىشلىتىشى «ئىبلىسنىڭ ئىشلىرىنى» يوق قىلىش ئۈچۈندۇ‌ر (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏8)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا دە‌ل ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە مۇ‌شۇ ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ بىز ئاللا يە‌ھۋانىڭ ناھايىتى تېزلا ھە‌رىكە‌تكە كە‌لمىگە‌نلىكى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىپ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشمىز ئۈچۈن بىزگە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌نلىكى ئۈچۈن بىز ناھايىتى خۇ‌شال ۋە كۆپ تە‌شە‌ككۈر ئېيتىمىز ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏9،‏ 10)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە سە‌مىمىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى ئىزدە‌پ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى قىيىنچىلىقلار ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 4:‏23؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏13.‏

18 يە‌نە بە‌زى كىشىلە‌ر مۇ‌نداق سوئالنى ئوتتۇ‌رغا قويىدۇ:‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى خۇ‌داغا ئىسيان كۆتۈرە‌لمە‌يدىغان قىلىپ ياراتسا،‏ دۇ‌نيادىكى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىدىن ساقلانغىلى بولاتتى ئە‌مە‌سمۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئالنىڭ جاۋابى شۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا سىزگە بە‌رگە‌ن قىممە‌ت-‏باھالىق سوۋغاتنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىڭىز لازىم.‏

خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سوۋغاتنى سىز قانداق ئىشلە‌تمە‌كچى؟‏

ئاللا سىزنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ

19.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزگە قايسى قىممە‌ت-‏باھالىق سوۋغاتنى بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ سوۋغاتنى قە‌دىرلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 5-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنى ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارغا تاللاش ئە‌ركىنلىكى بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭ بىر قىممە‌ت-‏باھالىق سوۋغات ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلىپ يە‌تتىڭىزمۇ؟‏ خۇ‌دا سان-‏ساناقسىز جان-‏جانىۋارلارنى ياراتقان ھە‌مدە ئۇ‌لار ياشاشتا كۆپىنچە تۇ‌غما قابىلىيە‌تكە تايىنىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 30:‏24)‏.‏ ئىنسانلار بە‌لگىلە‌نگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق ئارقىلىق ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان بە‌زى ماشىنا ئادە‌ملە‌رنى ياسىغان.‏ ئە‌گە‌ر ئاللا يە‌ھۋا بىزنى ئاشۇ ماشىنا ئادە‌مدە‌ك ياراتقان بولسا،‏ بىز خۇ‌شال بولالامتۇ‌ق؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قانداق ئادە‌م بولۇ‌شنى تاللاش،‏ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش يولىنى تاللاش،‏ كىملە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى تاللاش قاتارلىق ئىشلاردا،‏ ھە‌ممىمىز ئۆزىمىزدە تاللاش ئە‌ركىنلىكى بولۇ‌شنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز.‏ بىز مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئە‌ركىنلىكتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شنى ياخشى كۆرىمىز،‏ ئاللامۇ بىزنىڭ ئاشۇ‌نداق ئە‌ركىنلىكتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏

20،‏ 21.‏ قىممە‌تلىك سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن تاللاش ئە‌ركىنلىكىدىن بىز قانداق قىلىپ ياخشى پايدىلىنالايمىز؟‏ ۋە بىز نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىنسانلارنى ئۆزىگە مە‌جبۇ‌رىي ئىبادە‌ت قىلدۇ‌رۇ‌شنى خالىمايدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 9:‏7)‏.‏ مۇ‌نداق مىسال قىلايلى:‏ ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چى پە‌رزە‌نتىنى بېقىپ،‏ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقى سە‌ۋە‌بلىك پە‌رزە‌نتىنىڭ ئۆز مىننە‌تدارلىقىنى مە‌جبۇ‌رىيە‌ت شە‌كىلىدە بىلدۈرۈشىنى خالامدۇ؟‏ ياكى پە‌رزە‌نتىنىڭ چىن قە‌لبىدىن ئاتا-‏ئانىسىنىڭ سىڭدۈرگە‌ن ئە‌جرىگە مىننە‌تدارلىقىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بىلدۈرۈشىنى خالامدۇ؟‏ شۇ‌ڭا ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئال:‏ سىز ئۆزىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە بە‌رگە‌ن تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى قانداق ئىشلە‌تمە‌كچى؟‏ شە‌يتان،‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا قاتارلىقلار تاللاش ئە‌ركىنلىكىدىن ياخشى پايدىلانماي،‏ ئاللا يە‌ھۋانى رە‌ت قىلىشنى تاللىغان.‏ سىز ئۆزىڭىز قانداق قىلماقچى؟‏

21 ئە‌ڭ قىممە‌تلىك سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن تاللاش ئە‌ركىنلىكىدىن ئە‌ڭ ياخشى پايدىلىنىشقا سىزدە پۇ‌رسە‌ت بار.‏ سىز مىليونلىغان يە‌ھۋانىڭ تە‌رە‌پدارى بولغان كىشىلە‌رگە قوشۇ‌لالايسىز.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار شە‌يتاننىڭ بىر يالغانچى ۋە مە‌غلۇ‌پ بولغۇ‌چى ھۆكۈمران ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11)‏.‏ سىزمۇ ھە‌م ياشاشنىڭ توغرا يولىنى تاللاش ئارقىلىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايسىز.‏ قانداق ياشاش ئارقىلىق پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلغىلى بولىدۇ؟‏ كېيىنكى باب بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • بۇ دۇ‌نيانى مۇ‌شۇ‌نداق يامان ئە‌ھۋالغا خۇ‌دا چۈشۈرۈپ قويغان ئە‌مە‌س.‏ —‏ ئايۇ‌پ 34:‏10.‏

  • شە‌يتان،‏ خۇ‌دانى يالغانچى دە‌پ ئاتاپلا قالماي،‏ ئۇ ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ئۆز پۇ‌قرالىرىغا بە‌رمە‌ي ساقلايدۇ دە‌پ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا شە‌ك كە‌لتۈرگە‌ن.‏ —‏ يارىتىلىش 3:‏2–‏5.‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغان ئە‌يسا مە‌سىھنى ئىشلىتىپ،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏8.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش