كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 8-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيادا يامانلىقلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر كۆپ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • نېمە ئۈچۈن ئاللا ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشگە رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • دۈشمىنىڭىزنى ياخشى بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 8-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

8-‏دە‌رس

خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏

1.‏ يامانلىق قانداق باشلانغان؟‏

1.‏ مه‌نئىي قىلىنغان مېۋىگه قاراۋاتقان ئاده‌م ئاتا؛‏ 2.‏ هه‌رتوٰرلوٰك ئىنسانىي هوكوٰمدارر؛‏ 3.‏ ئوُروُشنىڭ كوروٰنوٰشلىری

خۇ‌دا ئادە‌مزاتقا شۇ‌نچە ۋاقىت ھاكىمىيە‌ت قىلىشىغا يول قويغانلىقتىن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى يېشە‌لمە‌يدىغىنى روشە‌ن بولدى

شە‌يتان تۇ‌نجى يالغاننى ئېيتقاندىن باشلاپ يە‌ر يۈزىدە يامانلىق پە‌يدا بولغان.‏ شە‌يتان ئە‌سلىدە مۇ‌كە‌ممە‌ل بىر پە‌رىشتە ئىدى.‏ بىراق،‏ «ئۇ ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رمىغان» (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44،‏ ي د)‏.‏ شە‌يتان پە‌قە‌ت خۇ‌داغىلا خاس ئىبادە‌تكە كۆز قىزارتىپ،‏ قە‌لبىدە خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سنى يېتىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ تۇ‌نجى ئايال ھاۋا-‏ئانىغا يالغان سۆزلە‌پ،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا كۆندۈرگە‌ن.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ھاۋا-‏ئانىغا ئە‌گىشىپ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ قارارى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە ئۆلۈم يولىغا باشلىغان.‏​‏—‏ يارىتىلىش 3:‏1–‏6،‏ 19-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشقا قۇ‌تراتقىنىدا،‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى بىر ئىسياننى باشلىغان.‏ شۇ‌نىڭدىن بۇ‌يان،‏ كۆپلىگە‌ن ئىنسانلار شە‌يتانغا ئە‌گىشىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران بولۇ‌شىنى رە‌ت قىلىپ كە‌لدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌يتان «بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمدارى» بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 14:‏30؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ‏.‏

2.‏ خۇ‌دانىڭ ياراتقانلىرىدا نۇ‌قسان بارمۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ بارلىق ئىشلىرى مۇ‌كە‌ممە‌لدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا ياراتقان ئىنسانلار ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌كە‌ممە‌ل دە‌رىجىدە ئىتائە‌ت قىلىشىغا قۇ‌ربىتى يېتە‌تتى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏4،‏ 5)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى ياخشى بىلە‌ن ياماننى تاللاش ئە‌ركىنلىكىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان.‏ شۇ ئە‌ركىنلىك بىزگە خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌ش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگە‌ن.‏​‏—‏ ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ھازىرغىچە يوق قىلمايدۇ؟‏

يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى كۆتۈرۈلگە‌ن ئىسيانغا ۋاقتىنچە رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن باشقا،‏ ھە‌رقانداق ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىنسانلارغا پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلە‌لمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن (‏ۋە‌ز 7:‏29؛‏ 8:‏9)‏.‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن 6000 يىللىق تارىخى شۇ‌نى روشە‌ن ئىسپاتلىدىكى:‏ ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇ‌رۇ‌ش،‏ جىنايە‌ت،‏ ناھە‌قلىق ۋە كېسە‌للىكلە‌رنى تۈگىتە‌لىگىنى يوق.‏​‏—‏ چىقىش 9:‏16 ب ج؛‏ يە‌رە‌مىيا 10:‏23-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇ ھۆكۈمرانلىقنى قوبۇ‌ل قىلغۇ‌چىلارغا پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ پات-‏ئارىدا،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلار قۇ‌رغان بارلىق ھۆكۈمرانلىقلارنى يوق قىلىدۇ.‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇ‌ل قىلغۇ‌چىلارلا يە‌ر يۈزىدە ياشىيالايدۇ.‏​—‏​يە‌شايا 11:‏9.‏ ​‏—‏ دانىيال 2:‏44-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

4.‏ خۇ‌دانىڭ سە‌ۋرچانلىقى بىزنى قانداق پۇ‌رسە‌تكە ئىگە قىلىدۇ؟‏

شە‌يتان ئىنسانلارنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشى ئۆزلىرىنىڭ شە‌خسىي مە‌نپە‌ئە‌تلىرى ئۈچۈن،‏ دە‌پ جاكارلىغان.‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىيالايسىز!‏ شۇ‌نداق قىلىشنى خالامسىز؟‏ خۇ‌دانىڭ سە‌ۋرچانلىقى —‏ بارلىق ئىنسانلارنى خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ياكى ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە قىلغان.‏ بىزنىڭ ياشاش يولىمىز،‏ قايسى بىرىنى تاللايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏​‏—‏ ئايۇ‌پ 1:‏8–‏12؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دانى ئۆز ھۆكۈمرانىمىز سۈپىتىدە تاللىيالايمىز؟‏

موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُپ-‏ئوگىنىۋاتقان ئاده‌مله‌ر

بىزنىڭ قارارلىرىمىز خۇ‌دا بىزنىڭ ھۆكۈمران بولۇ‌شىنى خالايدىغىنىمىزنى كۆرسىتىدۇ

خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ ھە‌ق خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا توغرا ئىبادە‌ت قىلىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نى ئۆز ھۆكۈمرانىمىز سۈپىتىدە تاللىيالايمىز (‏يۇ‌ھاننا 4:‏23)‏.‏ سىياسىي ئىشلار ۋە ئۇ‌رۇ‌شقا قاتناشماسلىق ئارقىلىق شە‌يتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رە‌ت قىلالايمىز.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 17:‏14-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

شە‌يتان ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىپ،‏ ئە‌خلاقسىز،‏ زىيانلىق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى تە‌شۋىق قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن يىراق تۇ‌رساق،‏ بە‌زى دوست ۋە تۇ‌غقانلار مە‌سخىرە قىلىشى ياكى قارشى تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بىر تاللاشقا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ شۇ‌نداق مە‌سخىرە قىلىپ،‏ قارشى تۇ‌رىدىغانلارنى دوست تۇ‌تىمىزمۇ ياكى خۇ‌دانى سۆيىدىغانلارنىمۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان قانۇ‌ن-‏پە‌رمانىغا ئىتائە‌ت قىلىمىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ شە‌يتاننىڭ ئىنسانلار قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلمايدۇ،‏ دېگە‌ن سۆزىنىڭ يالغان ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز.‏​‏—‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10؛‏ 15:‏33-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌ر بولغاچ،‏ ئۇ بارلىق يامانلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئىشە‌نچىنى ئە‌مە‌لىيىتىدە كۆرسە‌تكۈچىلە‌ر،‏ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 11-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش