كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 4-‏باپ 37-‏46 ب.‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاللا تە‌رىپىدىن ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ
  • ئە‌يسا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏
  • ھە‌زرىتى ئە‌يسا قانداق شە‌خس ئىدى؟‏
  • ئاخىرغىچە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌ش
  • ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر كىم؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مە‌سىھنىڭ كېلىشى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 4-‏باپ 37-‏46 ب.‏

4-‏باب

ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏

  • ئە‌يسانىڭ ئالاھىدە رولى نېمە؟‏

  • ھە‌زرىتى ئە‌يسا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏

  • ئۇ قانداق شە‌خس ئىدى؟‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر كىشىنىڭ داڭقى توغرىسىدا ئاڭلاش ئاشۇ كىشىنى ھە‌قىقىي تونۇ‌غانلىق ھېسابلانمايدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسانىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدا قانداق قايمۇ‌قۇ‌شلار بار؟‏

دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن مە‌شھۇ‌ر داڭلىق شە‌خسلە‌ر بار.‏ بە‌زىلىرى ئۆزلىرى تۇ‌رغان مە‌ھە‌للە،‏ شە‌ھە‌ر ياكى دۆلە‌تتە ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى بولسا پۈتۈن دۇ‌نياغا تونۇ‌شلۇ‌ق.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ پە‌قە‌تلا ئىسىمنىڭ داڭقىنى بىلىش ھە‌رگىز سىزنىڭ ئۇ كىشىنى ھە‌قىقىي بىلگە‌نلىكىڭىزنى يە‌نى ئۇ‌نىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تە‌پسىلاتلارنى ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن قانداق بىر شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌نلىكىڭىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏

2 گە‌رچە ئە‌يسا مە‌سىھ 2000 يىل ئىلگىرى يە‌ر يۈزىدە ياشىغان بولسىمۇ،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى كىشىلە‌ر ئۇ توغرىسىدا بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارنى بىلىدۇ.‏ ھازىرغىچە،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي سالاھىيىتى توغرىسىدا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئېنىق بىر نە‌رسە بىلمە‌يدۇ،‏ ئۇ‌لار قايمۇ‌قۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر،‏ ئۇ ياخشى ئادە‌م ئىدى دە‌يدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر،‏ ئۇ پە‌قە‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر خالاس دە‌پ جاكارلايدۇ.‏ باشقىلىرى،‏ ئە‌يسا بولسا خۇ‌دا ھە‌مدە بىز ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك دە‌پ ئىشىنىشىدۇ.‏ مۇ‌شۇ توغرىمۇ؟‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ئە‌يسا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىڭىز ناھايىتى مۇ‌ھىم؟‏

3 ئە‌يسا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش سىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئە‌بە‌دىي تىرىكلىك بۇ‌دۇ‌ركى سە‌ن ۋاھىد [بىردىن-‏بىر] خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونوغايلار» دە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش،‏ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا قانداق ياشاش ۋە باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35)‏.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 1-‏​بابىدا،‏ ئاللا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى مۇ‌نازىرە قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ ئە‌مدى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدا نېمە ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌نازىرە قىلايلى.‏

ئاللا تە‌رىپىدىن ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ

4.‏ «مە‌سىھ» ۋە «خرىستوس» دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلارنىڭ نېمە مە‌نىسى بار؟‏

4 ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى،‏ خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تىدىغان بىرسىنىڭ مە‌سىھ سۈپىتىدە كېلىدىغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «مە‌سىھ» (‏ئىبرانىچدىن كە‌لگە‌ن سۆز)‏ ۋە «خرىستوس» (‏گېرىكچىدىن كە‌لگە‌ن سۆز)‏ دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلار ھە‌ر ئىككىسىنىڭ مە‌نىسى «بېشىغا ياغ قۇ‌يۇ‌لغان كىشى».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا بىر كىشى ئالاھىدە ۋە‌زىپە ئورنىغا قويۇ‌لسا،‏ بېشىغا ياغ قۇ‌يۇ‌لۇ‌پ مە‌سىھ قىلىنىپ ئاندىن ۋە‌زىپە ئورنىغا قويۇ‌لغانلىقى جاكارلىناتتى.‏ شۇ‌ڭا بۇ ۋە‌دە قىلىنغان «بېشىغا ياغ قۇ‌يۇ‌لغان كىشى» خۇ‌دا تە‌رىپىدىن تاللىنىپ ئالاھىدە ۋە‌زىپە ئورنىغا قويۇ‌لغان.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا،‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىدا مە‌سىھنىڭ مۇ‌ھىم رولى بارلىقىنى ھە‌مدە ھازىرقى ۋە كە‌لگۈسىدىكى تۇ‌رمۇ‌شىمىز ئۈچۈن ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلە‌لە‌يدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆگىنىمىز.‏ مە‌يلى قانداقلا بولسۇ‌ن،‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئىلگىرى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ ‹زادى كىم مە‌سىھ سۈپىتىدە كېلىدىغاندۇ؟‏› دە‌پ بىلگۈسى كە‌لگە‌ن.‏

5.‏ شاگىرتلار ئە‌يسانىڭ كىم ئىكە‌نلىكىگە قانداق ئىشە‌نگە‌ن؟‏

5 بىرىنچى ئە‌سىردە ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ ئالدىن بېشارە‌ت قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىگە پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 1:‏41)‏.‏ شاگىرتلارنىڭ بىرى بولغان سىمۇ‌ن پېتىر ئىسىملىك كىشى:‏ ئە‌يسا «سە‌ن مە‌سىھ» دە‌پ ئوچۇ‌ق ئېيتقان (‏مە‌تتا 16:‏16‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لىگە‌ن؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز قانداق جە‌زىملە‌شتۈرە‌لە‌يمىز؟‏

6.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ مە‌سىھنى تونۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م قىلىدىغانلىقىنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

6 ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ردىن ئىلگىرى ياشىغان ئاللانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىرى مە‌سىھ توغرىسىدا نۇ‌رغۇ‌ن تە‌پسىلاتلارنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ تە‌پسىلاتلار،‏ باشقىلارنىڭ ئۇ‌نى پە‌رق ئېتىشى ئۈچۈن ياردە‌م قىلىدۇ.‏ بىز مۇ‌نداق بىر مىسال ئالايلى:‏ سىز ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان بىر كىشىنى،‏ ئادە‌م ناھايىتى باس-‏باس بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن ئاپتوبۇ‌س بېكىتى ياكى پويىز ئىستانسىسى ۋە ياكى ئايرودرومغا بېرىپ ئېلىپ كېلىشنى بىرسى سىزدىن ئۆتۈندى دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ ئە‌گە‌ر بىرسى سىزگە ئاشۇ كېلىدىغان كىشى توغرىسىدا ئازراق تە‌پسىلاتلارنى ئېيتىپ بە‌رسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىزگە ياردىمى بولامدۇ؟‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ۋاستىسى بىلە‌ن مە‌سىھ كە‌لگۈسىدە نېمە قىلىدۇ ۋە نېمە ئىشلارنى بېشىدىن كە‌چۈرىدۇ دېگە‌نلە‌رنى خېلىلا تە‌پسىلىي تە‌سۋىرلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئاشۇ كۆپلىگە‌ن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى نۇ‌رغۇ‌ن ساداقە‌تمە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ مە‌سىھنى ئېنىق تونۇ‌شىغا ياردە‌م قىلىدۇ.‏

7.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان قايسى ئىككى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان؟‏

7 پە‌قە‌ت ئىككىلا دە‌لىل ئىسپات توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى:‏ بىرىنچى،‏ مە‌سىھ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن 700 يىل ئىلگىرى،‏ پە‌يغە‌مبە‌ر مىخا ۋە‌دە قىلىنغان كىشىنىڭ يە‌ھۇ‌دىيە‌نىڭ بىر كىچىك شە‌ھىرى بە‌يتلە‌ھە‌مدە تۇ‌غۇ‌لىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت ئېيتقان (‏مىخا 5:‏2)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا زادى قە‌يە‌ردە تۇ‌غۇ‌لغان؟‏ دە‌ل ئاشۇ بە‌يتلە‌ھە‌مدە!‏ (‏مە‌تتا 2:‏1،‏ 3–‏9‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ر ئىلگىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانىيال 9-‏​باب 25-‏​ئايىتىدە خاتىرىلە‌نگە‌ن بېشارە‌تتە،‏ مە‌سىھنىڭ ئاشكارا بولىدىغان ۋاقتى ئېنىق كۆرسىتىلگە‌ن بولۇ‌پ —‏ دە‌ل مىلادى 29-‏يىلى.‏a مۇ‌شۇ‌لار ۋە باشقا بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئە‌يسانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏

ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە مە‌سىھ بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندى

8،‏ 9.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكى قانداق ئىسپاتلاندى؟‏

8 ئە‌يسانىڭ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 29-‏يىلىنىڭ ئاخىرىدا مە‌سىھ بولۇ‌پ كە‌لگە‌نلىكى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاندى.‏ شۇ ۋاقىتتا ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئىئوردان دە‌رياسىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ قېشىغا بارغان.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا،‏ يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بىر بە‌لگىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن بولۇ‌پ،‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ مە‌سىھنى تونۇ‌يالىغان.‏ يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يسانى چۆمۈلدۈرگە‌ندە شۇ بە‌لگىنى كۆرگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:‏ ئە‌يسا «تە‌مىد ئالغاندىن [چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن] كېيىن دە‌رھال سۇ‌دىن چىقتى ۋە مانا ئاسمانلار ئېچىلدى ۋە خۇ‌دانىڭ روھى كە‌پتە‌ردە‌ك نازىل بولۇ‌پ ئۈستىگە كە‌لگىنىنى كۆردى.‏ ۋە مانا ئاسمانلاردىن:‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌ش رىزايىم [رازىلىقىم] بار ئامراق ئوغلۇ‌م بۇ‌دۇ‌ر دە‌پ بىر ئاۋاز چىقتى» (‏مە‌تتا 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ نېمە ئىش يۈز بە‌رگىنىنى كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌نلىكىگە گۇ‌مان قىلمىغان (‏يۇ‌ھاننا 1:‏32–‏34)‏.‏ خۇ‌دانىڭ روھى ياكى ھە‌رىكە‌ت كۈچى ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە چۈشكە‌ن شۇ كۈن ئاشۇ ۋاقىت-‏سائە‌تتە،‏ ئە‌يسا،‏ مە‌سىھ بولغان ھە‌مدە ئۇ باشلامچى ياكى پادىشاھ بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ —‏ يە‌شايا 55:‏4.‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزىنىڭ گۇ‌ۋاھلىقى شۇ‌نى روشە‌ن كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسا مە‌سىھ توغرىسىدىكى ئىككى باشقا مۇ‌ھىم سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ ئۇ قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ زادى قانداق شە‌خس ئىدى؟‏

ئە‌يسا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏

10.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋالقى مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قى توغرىسىدا قانداق بىلىملە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسماندا ياشىغان دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ مىخا پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌يسانىڭ بە‌يتلە‌ھە‌مدە تۇ‌غۇ‌لىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ يە‌نە ئۇ‌نىڭ كېلىش مە‌نبە‌سىنى «يىلتىزى قە‌دىمدىن» دە‌پ ئالدىن ئېيتقان (‏مىخا 5:‏2)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزى ئىنسان بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن ئاۋۋال ئاسماندا ياشىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 3:‏13؛‏ 6:‏38،‏ 62؛‏ 17:‏4،‏ 5)‏.‏ ئە‌يسا ئاسماندا روھى زات بولغان ۋاقتىدا،‏ ئاللا يە‌ھۋا بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ ئە‌تىۋارلىق ئوغلى ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

11 ئە‌يسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ ئە‌تىۋارلىق ئوغلى،‏ بۇ‌نداق بولۇ‌شىدا ناھايىتى ئالاھىدە سە‌ۋە‌ب بار.‏ ئۇ «ھە‌ممە مە‌خلۇ‌قاتلاردىن ئىلگىرى بولۇ‌پ تۇ‌نجىدۇ‌ر»،‏ چۈنكى خۇ‌دا تۇ‌نجى بولۇ‌پ ئۇ‌نى ياراتقانb (‏كولوسىلىقلار 1:‏15)‏.‏ بۇ ئوغۇ‌لنىڭ ئالاھىدە ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدىغان يە‌نە بە‌زى ئىشلار بار.‏ ئۇ «يالغۇ‌ز ئوغۇ‌ل» (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16)‏.‏ بۇ‌نداق دېگىنىمىز،‏ پە‌قە‌تلا ئە‌يسا بىۋاسىتە خۇ‌دا تە‌رىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا باشقا ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى ياراتقاندا يالغۇ‌ز ئە‌يسانى ئىشلىتىپ ياراتقان (‏كولوسىلىقلار 1:‏16)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا يە‌نە «خۇ‌دانىڭ سۆزى» دە‌پمۇ ئاتالغان (‏يۇ‌ھاننا 1:‏14)‏.‏ بۇ بىزگە شۇ‌نى ئېيتىدۇ‌كى،‏ ئۇ خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىپ خۇ‌دانىڭ باشقا بالىلىرى يە‌نى پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئىنسانلارغا خۇ‌دا ئاتىنىڭ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزۈپ ۋە تە‌لىم بېرىپ خۇ‌دا ئۈچۈن سۆزلىگە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏

12.‏ تۇ‌نجى ئوغۇ‌لنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن تە‌ڭ ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

12 بە‌زى كىشىلە‌ر ئىشە‌نگە‌ندە‌ك،‏ تۇ‌نجى تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌ل خۇ‌دا بىلە‌ن تە‌ڭ بولامدۇ؟‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى ئە‌مە‌س.‏ بىز ئالدىنقى ئابزاستا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك ئوغۇ‌ل بولسا يارىتىلغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ناھايىتى روشە‌نكى ئە‌يسانىڭ بىر باشلىنىشى بولغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق (‏زە‌بۇ‌ر 90:‏2)‏.‏ بۇ يالغۇ‌ز ئوغۇ‌ل ھە‌تتا ئۆزىنى ئاتىسىغا تە‌ڭ ئورۇ‌ندا قويۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ بېقىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاتا ئوغۇ‌لدىن ئۇ‌لۇ‌غدۇ‌ر دە‌پ ئېنىق ئۆگىتىدۇ ‏(‏يۇ‌ھاننا 14:‏28؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3)‏.‏ يالغۇ‌ز يە‌ھۋا «ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا» (‏يارىتىلىش 17:‏1،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ڭدىشى يوق.‏c

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمىنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ ئە‌يسانى:‏ «كۆزگە كۆرۈنمە‌س خۇ‌دانىڭ سۈرىتى» دە‌پ تىلغا ئالغان؟‏

13 يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانلار ۋە يە‌رشارى يارىتىلىشتىن ئىلگىرى،‏ مىليارد يىللار يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا ناھايىتى يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىر-‏بىرىگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى نېمە دېگە‌ن چوڭقۇ‌ر،‏ ھە!‏ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏35؛‏ 14:‏31)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت ۋە خاسلىقى ياراتقۇ‌چى ئىگە يە‌ھۋاغىلا ئوخشاش.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسانى:‏ «كۆرۈنمە‌س خۇ‌دانىڭ سۈرىتى» دە‌پ تىلغا ئالغانلىقىدۇ‌ر (‏كولوسىلىقلار 1:‏15)‏.‏ راست،‏ بىر ئىنسان بالىسى ئۆز ئاتىسىغا ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن يېقىن ئوخشىغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى ئوغلى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت ۋە خاسلىقىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏

14.‏ قانداق قىلىپ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يالغۇ‌ز ئوغلى بۇ دۇ‌نياغا ئىنسان بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغان؟‏

14 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يالغۇ‌ز ئوغلى رازىلىق بىلە‌ن ئاسماندىن ئايرىلغان ۋە يە‌رگە ئىنسان بولۇ‌پ ياشاش ئۈچۈن چۈشكە‌ن.‏ بىراق سىز ئە‌جە‌بلىنىپ:‏ ‹بىر روھى جانلىقنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى قانداقمۇ مۇ‌مكىن بولسۇ‌ن؟‏› دە‌پ سورىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئاللا يە‌ھۋا بىر مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆز تۇ‌نجى ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ئاسماندىن مە‌ريە‌م ئىسىملىك بىر پاك يە‌ھۇ‌دىي قىزنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا ئە‌يسانىڭ ھاياتى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاتىدىن كە‌لمىگە‌ن.‏ مە‌ريە‌م شۇ‌ڭا بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئوغۇ‌ل تۇ‌غقان ھە‌مدە ئۇ‌نىڭغا ئە‌يسا دە‌پ ئىسىم قويغان.‏ —‏ لۇ‌قا 1:‏30–‏35.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا قانداق شە‌خس ئىدى؟‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ۋاقتىدا،‏ نېمە دېگە‌ن ۋە نېمە قىلغانلىقى بىزنىڭ ئۇ‌نى ياخشى بىلىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا ئۆز ئاتىسى خۇ‌دانىڭ ئېسىل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ بۇ دە‌ل نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ بىرىگە:‏ «مېنى كۆرگە‌ن كىشى ئاتىنى ھە‌م كۆرۈپتۇ‌ر» دە‌پ ئېيتقانلىقىدۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌تتا،‏ ماركۇ‌س،‏ لۇ‌قا،‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر قىسىملىرى ئىنجىل —‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى ۋە ئىش-‏ئىزلىرى،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتى ھە‌م خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرى توغرىسىدا بىزگە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏

16.‏ ئە‌يسانىڭ ئاساسلىق تە‌لىمى نېمە؟‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لىمى قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏

16 ھە‌زرىتى ئە‌يسا «ئۇ‌ستاز» سۈپىتىدە ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بولغان (‏يۇ‌ھاننا 1:‏38؛‏ 13:‏13)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ نېمە ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لىمى ئاساسلىقى «پادىشاھلىقنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرى».‏ بۇ پادىشاھلىق بولسا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىدۇ‌ر يە‌نى ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت بولۇ‌پ،‏ كە‌لگۈسىدە پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە ئىتائە‌تچان كىشىلە‌ر ئۈچۈن پۈتمە‌س-‏تۈگىمە‌س بە‌خت-‏سائادە‌تلە‌ر ئېلىپ كېلىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏23‏)‏.‏ بۇ كىمنىڭ تە‌لىمى؟‏ ئە‌يسا ئۆزى:‏ «مېنىڭ تە‌لىمىم مېنىڭكى ئە‌مە‌س بە‌لكى مېنى [ئە‌ۋە‌تكۈچىنىڭكى] دۇ‌ر»،‏ يە‌نى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭكى دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 7:‏16)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىنىڭ مۇ‌شۇ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئىنسانلارنىڭ ئاڭلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ 8-‏​بابتا بىز خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئۇ قانداق ئىشلارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقى توغرىسىدا تە‌پسىلىي ئۆگىنىمىز.‏

17.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا قە‌يە‌ردە تە‌لىم بە‌رگە‌ن؟‏ ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ تە‌لىم بە‌ردى؟‏

17 ھە‌زرىتى ئە‌يسا قە‌يە‌ردە تە‌لىم بە‌ردى؟‏ ھە‌ممە جايلاردا ئۇ كىشىلە‌رنى ئىزدە‌پ تاپقان.‏ يېزا-‏قىشلاق،‏ كە‌نتلە‌ر،‏ شە‌ھە‌رلە‌ر،‏ بازارلار ۋە كىشىلە‌رنىڭ ئۆيلىرىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ قېشىغا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇ‌رمىغان،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ قېشىغا بارغان (‏ماركۇ‌س 6:‏56؛‏ لۇ‌قا 19:‏5،‏ 6)‏.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌سىھ ئۆزىنى بېغىشلاپ شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋە كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقاتقان ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى.‏ ئە‌يسا ھە‌ردائىم ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 8:‏28،‏ 29)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ نېمە ئۈچۈن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقاتقانلىقىنىڭ باشقا سە‌ۋە‌بى —‏ ئۇ ئۇ‌نى كۆرگىلى كە‌لگە‌ن كىشىلە‌ر توپى ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتقان ‏(‏مە‌تتا 9:‏35،‏ 36‏)‏.‏ شۇ زامانلاردا دىنىي يېتە‌كچى ئۇ‌ستازلار،‏ خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى كىشىلە‌رگە ئۆگىتىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىراق،‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر دىنىي يېتە‌كچى ئۇ‌ستازلار تە‌رىپىدىن ئېتىبارسىز قارالغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كىشىلە‌رنىڭ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاشقا نە‌قە‌دە‌ر موھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏

18.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قايسى سۈپە‌ت-‏خاراكتېرلىرى سىزنى ئۆزىگە ئە‌ڭ جە‌لپ قىلىدۇ؟‏

18 ئە‌يسا مۇ‌لايىم،‏ ئاقكۆڭۈل،‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك قىزغىن ئادە‌م ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقىلار ئۇ‌نىڭ ناھايىتى چىقىشقاق ۋە مېھرىبان ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ھە‌تتا كىچىك بالىلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولغاندا ئە‌ركىن ھېس قىلغان (‏ماركۇ‌س 10:‏13–‏16)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققانىي ئىدى.‏ ئۇ خىيانە‌تچىلىك ۋە ناھە‌قلىقنى ئۆچ كۆرە‌تتى (‏مە‌تتا 21:‏12،‏ 13‏)‏.‏ شۇ‌ڭا ئاياللار ناھايىتى ئاز ھۆرمە‌تلىنىدىغان ۋە كىچىكىنە ئىمتىيازغا ئىگە ئاشۇ زامانلاردا،‏ مە‌سىھ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌پ ياخشى مۇ‌ئامىلىدە بولغان (‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 27)‏.‏ ئە‌يسا ھە‌قىقە‌تە‌ن كە‌متە‌ر بولۇ‌پ بىر قېتىم ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌پ،‏ ئادە‌تتە ئە‌ڭ تۆۋە‌ن قاتلامدىكى قۇ‌للار قىلىدىغان ئىشنى قىلغان ئىدى.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ قە‌يە‌ردە ئادە‌م بولسا شۇ يە‌ردە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقاتتى

19.‏ قايسى مىسال ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ موھتاجلىقتا قالغان كىشىلە‌رگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

19 ئە‌يسا موھتاجلىقتا قالغان كىشىلە‌رگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ كۈچى ئارقىلىق مۆجىزە كۆرسىتىپ كېسە‌ل كىشىلە‌رنى داۋالاپ ساقايتقان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ باشقىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏مە‌تتا 14:‏14‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادە‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئالدىغا كېلىپ:‏ «خالىساڭ مېنى پاكىزە قىلالۇ‌رسە‌ن» دېدى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ كېسە‌ل كىشىنىڭ تارتقان ئاغرىق ئازابنى ئۆز تېنىدىكى ئاغرىق ئازابىدە‌ك ھېس قىلدى ھە‌مدە ئىچى ئاغرىغان ھالدا قولىنى ئۇ‌نىڭغا سۇ‌نۇ‌پ كېسە‌ل كىشىگە قول تە‌گكۈزۈپ:‏ «خالايمە‌ن پاكىزە بولغىن» دېدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن كېسە‌ل كىشى ساقايدى (‏ماركۇ‌س 1:‏40–‏42)‏.‏ ئاشۇ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏

ئاخىرغىچە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌ش

20،‏ 21.‏ قانداق قىلىپ ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌داغا ساداقە‌تلىك بىلە‌ن ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى؟‏

20 ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ ئاللاغا ساداقە‌تلىك بىلە‌ن ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلىدى.‏ ئۇ ھە‌رقانداق،‏ ھە‌رخىل قارشىلىق ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك ئە‌ھۋال ئاستىدا ئاسماندىكى ئاتىسىغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىغان.‏ ئە‌يسا شە‌يتاننىڭ قايمۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش سىناقلىرىغا قە‌تئىي ۋە ئوڭۇ‌شلۇ‌ق قارشى تۇ‌رغان (‏مە‌تتا 4:‏1–‏11‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ تۇ‌غقانلىرى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلمىغان ۋاقىتلاردا،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى:‏ «ئە‌قلىدىن ئېزىپتۇ» دېيىشكە‌ن ئىدى (‏ماركۇ‌س 3:‏21،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ سۆزىگە پىسە‌نت قىلماي،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىنى توختاتماي قىلىۋە‌رگە‌ن.‏ گە‌رچە باشقىلار ئە‌يسا مە‌سىھنى ھاقارە‌تلىگە‌ن ۋە خورلىغان بولسىمۇ،‏ ئە‌يسا ئاخىرغىچە ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ ئۇ‌لارغا زىيانكە‌شلىك قىلىشنى ھە‌رگىز ئويلاپ باققان ئە‌مە‌س.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏21–‏23.‏

21 مە‌سىھنىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نى ناھايىتى ۋە‌ھشىي قىيىنىغان بولسىمۇ،‏ ئۆلگۈچە خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىغان ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏8)‏.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى كۈنىدە قانداق ئازابلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلىكى توغرىسىدا ئويلاپ باقايلى.‏ ئۇ قولغا ئېلىنىپ ساختا گۇ‌ۋاھچىلار تە‌رىپىدىن ئە‌يىبلە‌ندى؛‏ چىرىكلە‌شكە‌ن ھاكىملار تە‌رىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدى؛‏ توپىلاڭچىلار ئۇ‌نى زاڭلىق قىلىپ،‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر قىيىنىدى؛‏ ئاخىرىدا ئۇ تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاندى ۋە ئۇ ئە‌ڭ ئاخىرقى نە‌پىسىدە:‏ «تامام بولدى»،‏ دە‌پ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىدى (‏يۇ‌ھاننا 19:‏30)‏.‏ لېكىن،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ئۆلگە‌ندىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى ئاسماندىكى ئاتىسى ئۇ‌نى تىرىلدۈرۈپ روھى ھاياتلىققا قايتۇ‌ردى (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏18)‏.‏ بىر قانچە ھە‌پتىدىن كېيىن،‏ ئۇ ئاسمانغا قايتىپ كە‌تتى.‏ ئاسماندا ئۇ «خۇ‌دانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇ‌رۇ‌پ» خۇ‌دا بېرىدىغان پادىشاھلىق ھوقۇ‌قىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋېلىش ئۈچۈن كۈتتى.‏ —‏ ئىبرانىيلار 10:‏12،‏ 13.‏

22.‏ مە‌سىھ ئۆلگۈچە خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى؟‏

22 ئە‌يسا ئۆلگۈچە خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق نېمە ئىشنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى مە‌قسە‌ت قىلغىنىغا ئوخشاش،‏ مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمى بىزنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن يول ئاچتى.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمى مۇ‌شۇ ئىشنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى؟‏ كېيىنكى بابتا مۇ‌شۇ سوئال ئۈستىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

a ئە‌يساغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى توغرىسىدا بىر چۈشە‌ندۈرۈش بار.‏ «‏دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى‏» ناملىق قوشۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

b خۇ‌دانىڭ بىر ئايال بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىش ياكى توي قىلىش نە‌تىجىسىدە ئوغۇ‌ل پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شىغا كىشىنىڭ ئە‌قلى يە‌تمە‌يدۇ.‏ ئاللا —‏ ئۇ روھتۇ‌ر.‏ «ئوغۇ‌ل»،‏ «قېرىنداش»،‏ «ئاتا» قاتارلىق سۆزلە‌ر كۆچمە مە‌نىدە ئىشلىتىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشتا چوڭ كىشىلە‌ر كىچىكلە‌رنى «بالام»،‏ «ئوغلۇ‌م»،‏ «قىزىم» دە‌پ چاقىرىدۇ.‏ لېكىن ئۇ‌لار ئارىسىدا ھېچقانداق قانداشلىق مۇ‌ناسىۋىتى يوق.‏ «سە‌ھرا ئوغلى» بۇ‌نىڭ مە‌نىسى ھە‌رگىزمۇ سە‌ھرا بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غدى دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ ئوغۇ‌ل بالىنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بولسا ئاتا دە‌پ ئاتالغان،‏ چۈنكى ئۇ ياراتقۇ‌چى (‏يە‌شايا 64:‏8)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا،‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن يارىتىلغان شۇ‌ڭا ئۇ خۇ‌دانىڭ ئوغلى دە‌پ ئاتالغان.‏ ھە‌مدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ باشقا روھى ياراتمىلىرى يە‌نى پە‌رىشتىلە‌ر ھە‌تتا ئىنسان يە‌نى ئادە‌م-‏ئاتا خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى دە‌پ ئاتالغان.‏ —‏ ئايۇ‌پ 1:‏6؛‏ لۇ‌قا 3:‏38.‏

c تۇ‌نجى ئوغۇ‌لنىڭ ئاتىغا تە‌ڭداش ئە‌مە‌سلىكى توغرىسىدا كۆپرە‌ك ئىسپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن «‏خۇ‌دا بىرمۇ ياكى ئۈچمۇ؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ۋە خۇ‌دانىڭ ئۆزىنىڭ گۇ‌ۋاھلىقى ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 16:‏16‏.‏

  • ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتلار ئىلگىرى ئاسماندا روھى جانلىق سۈپىتىدە ياشىغان.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏13.‏

  • ئە‌يسا ياخشى ئۇ‌ستاز،‏ مۇ‌لايىم ۋە قىزغىن كىشى؛‏ خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي ئىتائە‌تچان بولغۇ‌چىلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسى.‏ —‏ مە‌تتا 9:‏35،‏ 36‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش