كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌خ 16-‏بۆل.‏ 19-‏ب.‏
  • مە‌سىھنىڭ كېلىشى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌سىھنىڭ كېلىشى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ كىم؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • مە‌سىھنىڭ كېلىشى
    بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
م‌خ 16-‏بۆل.‏ 19-‏ب.‏

16-‏بۆلە‌ك

مە‌سىھنىڭ كېلىشى

ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھنىڭ ناسىرە‌لىك ئە‌يسا ئىكە‌نلىكىنى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ئاشكارا قىلىشى

ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھنى كىشىلە‌رنىڭ تونۇ‌پ ئېنىقلىشىغا يە‌ھۋا ياردە‌م بە‌رگە‌نمۇ؟‏ شۇ‌نداق.‏ تۆۋە‌ندە خۇ‌دانىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى ئىبرانىي قول يازمىسى يېزىپ پۈتتۈرۈلگە‌ندىن تە‌خمىنە‌ن تۆت ئە‌سىر كېيىن،‏ جە‌لىلىيە‌نىڭ شىمالىدىكى ناسىرە دە‌پ ئاتالغان بىر كىچىك شە‌ھە‌ردە،‏ مە‌ريە‌م ئىسىملىك قىز ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇ‌قتى.‏ جە‌برائىل ئىسمىلىك پە‌رىشتە ئۇ‌نىڭ ئالدىدا پە‌يدا بولدى ۋە گە‌رچە مە‌ريە‌م بىر پاك قىز بولسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز ھە‌رىكە‌ت كۈچى يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ۋاستىسى بىلە‌ن مە‌ريە‌م ھامىلدار بولۇ‌پ،‏ بىر ئوغۇ‌ل تۇ‌غىدىغانلىقىنى مە‌ريە‌مگە ئېيتتى.‏ بۇ ئوغۇ‌ل ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ۋە‌دە قىلىنغاندە‌ك،‏ پادىشاھ بولۇ‌پ مە‌ڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى!‏ ئۇ بالىنىڭ ھاياتىنى خۇ‌دا ئاسماندىن مە‌ريە‌منىڭ قورسىقىغا يۆتكىگە‌ن.‏

مە‌ريە‌م خۇ‌دانىڭ ئاشۇ مۇ‌ھىم ۋە شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىسىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلدى.‏ ئۇ‌نىڭ تويلاشماقچى بولغان يىگىتى يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياغاچچى ئىدى.‏ خۇ‌دا بىر پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ مە‌ريە‌منىڭ ھامىلدار بولۇ‌ش سە‌ۋە‌بىنى يۈسۈپكە بىلدۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ يۈسۈپ مە‌ريە‌منى نىكاھىغا ئالدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھنىڭ بە‌يتلە‌ھە‌مدە تۇ‌غۇ‌لىشى توغرىسىدىكى بېشارە‌ت ئە‌مە‌لگە ئاشتىمۇ؟‏ (‏مىخا 5:‏2)‏.‏ ئاشۇ كىچىك شە‌ھە‌ر بە‌يتلە‌ھە‌م ناسىرە‌دىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى.‏

ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ رىم ئىمپېراتۇ‌رى كىشىلە‌رگە ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ نوپۇ‌س تىزىملىتىش بۇ‌يرۇ‌قىنى چۈشۈرگە‌ن ئىدى.‏ قارىغاندا يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌م ھە‌ر ئىككىسىنىڭ يىلتىزى بە‌يتلە‌ھە‌مدە بولغان،‏ شۇ‌ڭا يۈسۈپ ھامىلدار ئايالى بىلە‌ن ئۆز يۇ‌رتى بە‌يتلە‌ھە‌مگە قايتىپ باردى (‏لۇ‌قا 2:‏3)‏.‏ مە‌ريە‌م ئۇ،‏ ئوغلىنى بىر ئېغىلىدا تۇ‌غۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى زاكىلاپ ئات ئوقۇ‌رىغا ياتقۇ‌زۇ‌پ قويدى.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا بىر پە‌رىشتىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھنىڭ تۇ‌غۇ‌لغانلىقى توغرىسىدا تاغ باغرىدىكى بىر توپ پادىچىلارغا خە‌ۋە‌ر بە‌ردى.‏

كېيىنچە،‏ باشقىلار ھە‌م ئە‌يسانىڭ ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تتى.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ مە‌سىھنىڭ مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىسى ئۈچۈن يول تە‌ييار قىلغۇ‌چى بىر كىشىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى (‏يە‌شايا 40:‏3)‏.‏ ئاشۇ ئالدىن كە‌لگۈچى،‏ چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىدى.‏ ئۇ ئە‌يسانى كۆرگە‌ندە،‏ مۇ‌نداق توۋلىغان:‏ «مانا خۇ‌دانىڭ قوزىسى دۇ‌نيانىڭ گۇ‌ناھىنى كۆتە‌رگۈچى!‏».‏ يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بە‌زى شاگىرتلىرى دە‌رھال ئە‌يساغا ئە‌گە‌شتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى:‏ «بىز مە‌سىھنى .‏.‏.‏ تاپتۇ‌ق» دېگە‌ن ئىدى.‏—‏يۇ‌ھاننا 1:‏29،‏ 36،‏ 41.‏

يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌يسانى چۆمۈلدۈرگە‌ندە،‏ خۇ‌دا يە‌ھۋا ئۆزى ئاسماندىن سۆز قىلىپ،‏ تېخىمۇ ئېنىق گۇ‌ۋاھلىق بە‌ردى.‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق خۇ‌دا،‏ ئە‌يسانى مە‌سىھ قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن ۋە شۇ‌نداق دېگە‌ن ئىدى:‏ «ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌ش رىزايىم [رازىلىقىم] بار» (‏مە‌تتا 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن ئىدى!‏

بۇ ئىش قاچان يۈز بە‌ردى؟‏ دە‌ل دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر بېشارە‌ت بە‌رگە‌ندە‌ك 483 يىل ئاخىرلىشىپ،‏ مىلادى 29-‏يىلىغا كە‌لگە‌ندە يۈز بە‌ردى.‏ مۇ‌شۇ‌لار ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدىغان قايىل قىلارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنىڭ ئازلا بىر قىسىمى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ياشىغان مە‌زگىلدە،‏ قانداق خە‌ۋە‌رنى ئاشكارلايتتى؟‏

‏—‏مە‌تتا 1–‏3‏-‏​باب؛‏ ماركۇ‌س 1-‏​باب؛‏ لۇ‌قا 2-‏​باب؛‏ يۇ‌ھاننا 1-‏​بابلارغا ئاساسە‌ن.‏

  • ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشتە،‏ يە‌ھۋا پە‌رىشتىلە‌رنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

  • ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشتە،‏ خۇ‌دا يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌رنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

  • ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى يە‌ھۋا ئۆزى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

ئە‌يسا قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاسماندا ياشىغان،‏ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ مىخا پە‌يغە‌مبە‌ر مە‌سىھ توغرىسىدا بېشارە‌ت بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ كېلىش مە‌نبە‌سىنى «يىلتىزى قە‌دىمدىن» دە‌پ ئالدىن ئېيتىقان (‏مىخا 5:‏2)‏.‏ مە‌سىھ ئۇ،‏ خۇ‌دا بارچە كائىناتنى يارىتىشتىن ئىلگىرى مە‌ۋجۇ‌ت بولغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ خۇ‌دا ياراتقان تۇ‌نجى شە‌خس بولغان.‏—‏كولوسىلىقلار1:‏15–‏17.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ ئە‌سلى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌يسانى يە‌ر يۈزىدە ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ بولۇ‌شقا ئاسماندىن ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئە‌يسا «ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن بۇ ئورۇ‌ندىن ۋاز كېچىپ،‏ ئىنسان تېنىدە كېلىپ،‏ ئۆزىنى قۇ‌لدە‌ك تۇ‌تتى».‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏7.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش