كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 12-‏باپ 115-‏124 ب.‏
  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاللا يە‌ھۋا ئۆز دوستلىرىغا ياردە‌م بېرىدۇ
  • شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشى
  • ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر سىنالدى
  • شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىنىڭ سىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋە‌تى بار
  • يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش
  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش
  • يە‌ھۋاغا ئۈمىد باغلاڭ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۆز توغرىلىقىنى ساقلىشى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 12-‏باپ 115-‏124 ب.‏

12-‏باب

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاش

  • سىز قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ دوستى بولالايسىز؟‏

  • شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىنىڭ سىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

  • قايسى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدۇ؟‏

  • قانداق قىلىش ئارقىلىق سىز خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشايسىز؟‏

1،‏ 2.‏ يە‌ھۋا قايسى ئادە‌ملە‌رنى ئۆز دوستلىرى قاتارىدا كۆرگە‌ن؟‏

سىز قانداق ئادە‌م بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايسىز؟‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ سىز بىلە‌ن ئورتاق كۆز قاراشقا،‏ قىزىقىشقا،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تكە ئىگە كىشىنىڭ سىزنىڭ ھە‌مراھىڭىز بولۇ‌شىنى خالايسىز ھە‌مدە گۈزە‌ل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلىك يە‌نى سە‌مىمىي ۋە مېھرىبان كىشى بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ ئالاقە قىلىپ ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىسىز.‏

2 ئۆتمۈشتە،‏ يە‌ھۋا بە‌زى ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىنىڭ ياخشى دوستى بولۇ‌شقا تاللىغان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۆزىنىڭ دوستى دە‌پ ئاتىغان ‏(‏يە‌شايا 41:‏8؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏23)‏.‏ خۇ‌دا داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌رنى:‏ «كۆڭلۈمگە مۇ‌ۋاپىق بىر ئادە‌م» دە‌پ تىلغا ئالغان.‏ چۈنكى،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا داۋۇ‌تقا ئوخشاش ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏22)‏.‏ يە‌نە يە‌ھۋا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنى «تولا ئە‌زىز» كۆرگە‌ن (‏دانىيال 9:‏23)‏.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بە‌زى كىشىلە‌رنى ئۆزىنىڭ دوستى بولۇ‌شقا تاللىغان؟‏

3 نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىبراھىم،‏ داۋۇ‌ت ۋە دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئۆز دوستى قاتارىدا كۆرگە‌ن؟‏ خۇ‌دا ئىبراھىمغا:‏ «سە‌ن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇ‌لاق سالغىنىڭ ئۈچۈن» دېگە‌ن (‏يارىتىلىش 22:‏18)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنىڭ سۆزىگە كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قۇ‌لاق سالغان كىشىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ.‏ ئۇ قە‌دىمدە ئىسرائىل خە‌لقىگە:‏ «مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسىڭىز مە‌ن سىزنىڭ تە‌ڭرىڭىز بولۇ‌پ سىز بولسىڭىز مېنىڭ قە‌ۋمىم بولۇ‌ر سىزلە‌ر» دېگە‌ن (‏يە‌رە‌مىيا 7:‏23)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تچان بولسىڭىز،‏ سىزمۇ ئۇ‌نىڭ دوستى بولالايسىز!‏

ئاللا يە‌ھۋا ئۆز دوستلىرىغا ياردە‌م بېرىدۇ

4،‏ 5.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

4 ئاللا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتىن كېلىدىغان پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت توغرىسىدا ئويلاپ بېقىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا پۇ‌رسە‌ت تېپىپ ‹ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئۇ‌نىڭغا مايىل قىلغانلارغا ئۆزىنى قۇ‌درە‌تلىك كۆرسىتىدۇ› دە‌يدۇ (‏2-‏تارىخنامە 16:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ بىر ئۇ‌سۇ‌لى زە‌بۇ‌ر 32-‏​باب 8-‏​ئايە‌تتە ئېيتىلغان،‏ بۇ ئايە‌تتە:‏ «مە‌ن [يە‌ھۋا] بولسام ساڭا تە‌لىم بېرىپ،‏ ماڭىدىغان يولۇ‌ڭنى ساڭا بىلدۈرۈپ مە‌سلىھە‌ت كۆرسىتىپ ئۈستىڭگە نە‌زە‌ر سالارمە‌ن» دە‌يدۇ.‏

5 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىنسانلارغا نېمە دېگە‌ن كۆڭۈل بۆلگە‌ن،‏ ھە!‏ ئۇ سىز موھتاج بولغاندا مە‌سلىھە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي ئىشلە‌تكىنىڭىزدە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تە‌ڭرى سىزنىڭ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىز ھە‌مدە يېڭىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22)‏.‏ ئە‌گە‌ر چىن قە‌لبىڭىزدىن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلسىڭىز،‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسغا ئوخشاش ئىشە‌نچ بىلە‌ن مۇ‌نداق دېيە‌لە‌يسىز:‏ «مە‌ن ھە‌مىشە خۇ‌داۋە‌ندىنى نە‌زە‌رىمدە ساقلارمە‌ن ئارىي [ھە‌قىقە‌تە‌ن] ئۇ ئۆزى مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ھېچ يىقىلماسمە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 16:‏8؛‏ 63:‏8)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشىسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ سىز بىلگە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ بىر دۈشمىنى سىزنىڭ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىشىڭىز ئۈچۈن توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ.‏

شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشى

6.‏ شە‌يتان ئىنسانلارنى قانداق ئە‌يىبلىدى؟‏

6 مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 11-‏​بابىدا ئىبلىس شە‌يتاننىڭ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى ئە‌يىبلىگە‌نلىكى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏ شە‌يتان،‏ خۇ‌دانى يالغانچى دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ن ۋە يە‌ھۋا ئادىل ئە‌مە‌س،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ نېمە ياخشى،‏ نېمە ياماننى ئۆز-‏ئۆزى قارار قىلىشىغا يول قويمىدى دە‌پ يوشۇ‌رۇ‌ن كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا گۇ‌ناھ قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار پە‌رزە‌نت كۆرۈپ كۆپىيىپ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌شقا باشلىغاندا،‏ بارلىق ئىنسانلارنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش مۇ‌ددىئاسىغا شە‌ك كە‌لتۈردى.‏ «ئىنسانلارنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشى ھە‌رگىز ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانى ياخشى كۆرگە‌نلىكىدىن ئە‌مە‌س» دە‌پ ئە‌يىبلە‌پ،‏ شە‌يتان:‏ «ماڭا بىر پۇ‌رسە‌ت بېرىلسە،‏ مە‌ن ھە‌رقانداق كىشىنى جە‌زمە‌ن خۇ‌داغا قارشى تۇ‌رىدىغان قىلالايمە‌ن» دېگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خاتىرىلە‌ردە شە‌يتاننىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق ئىشە‌نچىدە بولغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر كىم؟‏ ئۇ قانداقلارچە شە‌يتاننىڭ مۇ‌شۇ شە‌ك كە‌لتۈرۈشى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان ئىشقا ئارىلىشىپ قالدى؟‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ ئايۇ‌پ ياشىغان زاماندا ئۇ باشقا كىشىلە‌رگە قارىغاندا قايسى تە‌رە‌پتىن پە‌رقلىق ئىدى؟‏ (‏2)‏ شە‌يتان قانداق قىلىپ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش مۇ‌ددىئاسىغا شە‌ك كە‌لتۈرگە‌ن؟‏

7 ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌خمىنە‌ن مۇ‌ندىن 3600 يىل ئىلگىرى ياشىغان.‏ ئۇ ياخشى ئادە‌م ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئۇ توغرىسىدا:‏ «يە‌ر يۈزىدە ئۇ‌نىڭدە‌ك كامىل ۋە توغرا بولۇ‌پ خۇ‌دادىن قورقۇ‌پ يامانلىقتىن قاچادۇ‌رغان كىشى يوق» دە‌پ ئېيتقان (‏ئايۇ‌پ 1:‏8)‏.‏ ئايۇ‌پ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلغان ئىدى.‏

8 شە‌يتان ئۇ،‏ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش مۇ‌ددىئاسىغا شە‌ك كە‌لتۈرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا:‏ «سە‌ن ئۇ [ئايۇ‌پ] نىڭ چۆرىسىنى قورشاپ ئېلىپ ئۆيىنىڭ چۆرىسى بىلە‌ن ھە‌ممە بارىنىڭ چۆرىسىنى ھە‌ر تە‌رە‌پتىن يۆگە‌پ ئۇ‌نىڭ قوللىرىنىڭ ئىشىغا بە‌رىكە‌ت بە‌رگىنىڭ ئۈچۈن ماللىرى يۇ‌رتتا ئاۋۇ‌مىدىمۇ؟‏ ئە‌مما،‏ ئە‌مدى قولۇ‌ڭنى ئۇ‌زارتىپ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە بار نە‌رسىلىرىگە تە‌ككۈزسە‌ڭ ئۇ يۈزىڭگە قاراپ سە‌ندىن تانار» دېگە‌ن.‏ —‏ ئايۇ‌پ 1:‏10،‏ 11.‏

9.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە قانداق جاۋاب قايتۇ‌ردى؟‏

9 شە‌يتان شۇ‌نداق قىلىپ خۇ‌دا بىلە‌ن مۇ‌نازىرىلىشىپ:‏ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشى پە‌قە‌ت ئۇ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشكە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك دېگە‌ن.‏ شە‌يتان يە‌نە:‏ ئە‌گە‌ر ئايۇ‌پ سىناققا ئۇ‌چرىسا،‏ ئۇ خۇ‌دادىن تېنىپ ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رىدۇ دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نداقتا شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە قانداق جاۋاب قايتۇ‌ردى؟‏ ئاشۇ ئە‌يىبلە‌ش ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش مۇ‌ددىئاسىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغاچقا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا،‏ شە‌يتاننىڭ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنى سىنىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌دانى ھە‌قىقە‌تە‌ن سۆيىدىغان ياكى سۆيمە‌يدىغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارا قىلغىلى بولاتتى.‏

ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر سىنالدى

10.‏ ئايۇ‌پ قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لدى؟‏ ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌ردى؟‏

10 شە‌يتان ناھايىتى تېزلا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ئايۇ‌پنى سىنىدى.‏ ئايۇ‌پنىڭ مال-‏چارۋىلىرىنىڭ بە‌زىلىرى ئوغرىلاندى،‏ قالغان باشقىلىرى ئۆلتۈرۈلدى.‏ ئۇ‌نىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تكارلىرى ھە‌م ئۆلتۈرۈلدى.‏ بۇ چوڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئېلىپ كە‌لدى.‏ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى،‏ بىر قېتىملىق قاتتىق بوران ئۇ‌نىڭ ئون بالىسىنىڭ جېنىنى ئالدى.‏ گە‌رچە مۇ‌شۇ‌نداق بالايىئاپە‌تلە‌ر ئارقا-‏ئارقىدىن كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ «مۇ‌نىڭ ھە‌ممىسىدە ئايۇ‌پ گۇ‌ناھ قىلماي .‏.‏.‏ خۇ‌داغا ئە‌يىب قويمىدى».‏ —‏ ئايۇ‌پ 1:‏22.‏

11.‏ (‏1)‏ شە‌يتان ئىككىنچى قېتىم ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا قارشى قانداق شە‌ك كە‌لتۈردى؟‏ (‏2)‏ ئايۇ‌پ ئاشۇ يىرگىنچلىك كېسە‌ل ئازابىغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌ردى؟‏

11 شە‌يتان ئۇ،‏ بۇ‌نىڭلىق بىلە‌ن ۋاز كە‌چمىگە‌ن.‏ شە‌يتان،‏ ئايۇ‌پ بايلىقلىرى،‏ خىزمە‌تچىلىرى ھە‌مدە بالىلىرىدىن ئايرىلغاندا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ن بىلە‌ن،‏ كېسە‌ل ئازابى تارتسا چوقۇ‌م يە‌ھۋادىن تېنىپ ئۇ‌نىڭغا قارشى تۇ‌رىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ يە‌ھۋا،‏ شە‌يتاننىڭ ئايۇ‌پنى ناھايىتى بىر يىرگىنچلىك،‏ ئازابلىق كېسە‌لگە دۇ‌چار قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ بۇ‌لارمۇ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ توغرىلىقىنى يوقۇ‌تۇ‌شىغا سە‌ۋە‌ب بولالمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئايۇ‌پ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن:‏ «ئۆلگۈچىلىك توغرىلىقىمنى ئۆزۈمدىن كە‌تگۈزمە‌سمە‌ن» دېگە‌ن.‏ —‏ ئايۇ‌پ 27:‏5.‏

ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتى

12.‏ شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە ئايۇ‌پ قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏

12 ئايۇ‌پ ئاشۇ بارلىق ئازابلىق مۈشكۈل ئە‌ھۋالنى شە‌يتاننىڭ پە‌يدا قىلغانلىقىدىن بىخە‌ۋە‌ر ئىدى.‏ شە‌يتاننىڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى شىكايە‌ت قىلىپ ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌نلىكى توغرىسىدا ھېچ نېمە بىلمە‌يتتى.‏ ئايۇ‌پ ئۆزىنى مۈشكۈل ئازابلىق ئە‌ھۋالغا خۇ‌دا چۈشۈرگە‌ن دە‌پ تە‌شۋىشلە‌نگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 6:‏4؛‏ 16:‏11–‏14)‏.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىغان.‏ ئايۇ‌پ ئىمان-‏ئېتىقادتا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رغانلىق سە‌ۋە‌بلىك،‏ شە‌يتاننىڭ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشى ئۆزىنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تى ئۈچۈن دە‌پ جاكارلىشىنىڭ يالغان ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان!‏

13.‏ ئايۇ‌پنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك نە‌تىجىدە قانداق ئىش يۈز بە‌ردى؟‏

13 ئايۇ‌پنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى شە‌يتاننىڭ يە‌ھۋا ئۈستىدىن قىلغان ئە‌يىبلىشىگە قارشى ناھايىتى قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب بولغان.‏ ئايۇ‌پ ھە‌قىقە‌تە‌ن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ دوستى بولغان.‏ ھە‌مدە خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇ‌نى مۇ‌كاپاتلىغان ئىدى.‏ —‏ ئايۇ‌پ 42:‏12–‏17.‏

شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىنىڭ سىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋە‌تى بار

14،‏ 15.‏ شە‌يتاننىڭ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىغا شە‌ك كە‌لتۈرۈشى ئە‌مە‌لىيە‌تتە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا شە‌ك كە‌لتۈرگە‌نلىك بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

14 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىك توغرىسىدا ئوتتۇ‌رغا چىققان سوئال پە‌قە‌ت ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رگىلا قارىتىلىپ قالماستىن،‏ بارلىق ئىنسانلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27-‏​باب 11-‏​ئايىتىدە (‏ي.‏د.‏)‏:‏ «ئە‌ي ئوغلۇ‌م دانا بولساڭ كۆڭلۈمنى خۇ‌شال قىلارسە‌ن،‏ شۇ‌نداق بولساڭ مېنى ئە‌يىبلىگۈچىگە جاۋاب بېرە‌لە‌يمە‌ن» دېيىلگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌ت ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆلگە‌ندىن بىر نە‌چچە يۈز يىل كېيىن يېزىلغان.‏ بۇ‌لار شە‌يتاننىڭ يە‌نىلا خۇ‌دانى مازاق قىلىپ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌يىبلىگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىساق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە شە‌يتاننىڭ يالغان ئە‌يىبلىشىگە رە‌ددىيە بېرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلىمىز.‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالامسىز؟‏ شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلە‌شلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھە‌سسىڭىزنى قوشۇ‌پ،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىكى بە‌زى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتسىڭىز ئە‌رزىگۈدە‌ك ئىش بولمامدۇ؟‏

15 شە‌يتاننىڭ دېگە‌ن سۆزىگە دىققە‌ت قىلىپ باقايلى:‏ «‏ئادە‌م دېگە‌ن ھە‌ممە بار نە‌رسىلىرىنى ئۆز جېنى ئۈچۈن بە‌رمە‌مدۇ‌ر؟‏» (‏ئايۇ‌پ 2:‏4)‏.‏ «ئادە‌م» دېيىش ئارقىلىق شە‌يتان ناھايىتى ئېنىق قىلىپ پە‌قە‌ت ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىلا ئە‌مە‌س،‏ بارلىق ئىنسانلارنى كۆزدە تۇ‌تقانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ نۇ‌قتا ناھايىتى مۇ‌ھىمكى،‏ شە‌يتان سىزنىڭ خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزگە شە‌ك كە‌لتۈرگە‌ن.‏ شە‌يتان سىزنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇ‌ققاندا،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلماي ھە‌ققانىيلىقتىن ۋاز كېچىشىڭىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ شە‌يتان ئۆزىنىڭ مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

16.‏ (‏1)‏ شە‌يتان قانداق ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق ئادە‌ملە‌رنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ؟‏ (‏2)‏ شە‌يتان ئاشۇ ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق سىزگە قانداق قارشى تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

16 بۇ كىتابنىڭ 10-‏​بابىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ شە‌يتان ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىپ كىشىلە‌رنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌پ كېتىشكە ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ بىر تە‌رە‌پتىن،‏ شە‌يتان خۇ‌ددى «ھۇ‌ۋلايدىغان شىردە‌ك چۆرگىلە‌پ كىمكى ئۇ‌چرىسا ئۇ‌نى يۇ‌تاي دە‌پ ئىزدە‌پ يۈرە‌دۇ‌ر» (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏8)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش تىرىشچانلىقىڭىزغا ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشلىتىشىڭىزگە دوست-‏بۇ‌رادە‌ر،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان ۋە ياكى باشقىلار قارشى تۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىنa (‏يۇ‌ھاننا 15:‏19،‏ 20)‏.‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن،‏ «شە‌يتان ئۆزى نۇ‌ر پە‌رىشتىسىنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ كېلە‌دۇ‌ر» (‏2-‏كورىنتلىقلار 11:‏14)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شە‌يتان ھىيلە-‏مىكىرلىك ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق سىزنى ئالداپ،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشىشىڭىزنى توختىتىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە ئۇ كىشىلە‌رنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىپ،‏ سىزنى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا مە‌ڭگۈ لايىق كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېسسىياتقا كە‌لتۈرۈشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏10)‏.‏ مە‌يلى شە‌يتان خۇ‌ددى «ھۇ‌ۋلايدىغان شىردە‌ك» ھۇ‌جۇ‌م قىلسۇ‌ن ياكى «نۇ‌ر پە‌رىشتىسى»دە‌ك ھە‌رىكە‌ت قىلسۇ‌ن،‏ ئۇ ئاۋۋالقىغا ئوخشاش شە‌ك كە‌لتۈرگە‌ن بولۇ‌پ:‏ ئە‌گە‌ر سىز سىناققا ياكى ئازدۇ‌رلۇ‌شقا ئۇ‌چرىسىڭىز،‏ سىزنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىن توختايدۇ دە‌پ قارايدۇ.‏ سىز شە‌يتاننىڭ مۇ‌شۇ ئە‌يىبلىشىگە قانداق جاۋاب بېرىپ،‏ ئاللا يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى قانداق ئىسپاتىيالايسىز،‏ سىزمۇ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ردە‌ك قىلامسىز؟‏

يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش

17.‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشاشنىڭ ئاساسلىق سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

17 سىز خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاش ئارقىلىق شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە جاۋاب بېرە‌لە‌يسىز.‏ بۇ قايسى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «سە‌ن بولساڭ رە‌ب خۇ‌دايىڭنى ھە‌ممە كۆڭلۈڭ بىلە‌ن،‏ ھە‌ممە جېنىڭ بىلە‌ن،‏ ھە‌ممە كۈچۈڭ بىلە‌نمۇ دوست تۇ‌تقىن [سۆيگىن]» دە‌يدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏5)‏.‏ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ سىزدىن كۈتكە‌ن تە‌لە‌پلىرىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن قە‌لبىڭىز ئارزۇ-‏ئۈمىدكە تولىدۇ.‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى يۇ‌ھاننا:‏ «خۇ‌داغا قىلغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت شۇ‌نىڭدادۇ‌ركى بىز ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىنى تۇ‌تقايمىز» دە‌پ يازغان.‏ ئە‌گە‌ر پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىڭىزدىن سۆيسىڭىز،‏ «ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرى ئېغىر ئە‌مە‌س» ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلىسىز.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3.‏

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىدىن بىر نە‌چچىنى ئېيتىپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏ (‏«‏يە‌ھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ھە‌مدە خالىي بولۇ‌شمىز كېرە‌ك بولغان ئىشلار‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ خۇ‌دا،‏ كۈچىمىز يە‌تمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

18 يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرى قايسىلار؟‏ بۇ‌يرۇ‌قلارنىڭ بە‌زىلىرى بىز چوقۇ‌م خالىي بولۇ‌شىمىز زۆرۈر بولغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 122-‏بە‌تتىكى رامكا ئىچىدە بېرىلگە‌ن قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتا «‏يە‌ھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ھە‌مدە خالىي بولۇ‌شمىز كېرە‌ك بولغان ئىشلار‏» كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئاشۇ كۆرسىتىلگە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ لە‌نە‌ت ئوقۇ‌غانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.‏ كۆرسىتىلگە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رگە كۆز يۈگۈرتۈپ قاراپ باقسىڭىز،‏ قارىماققا ئانچە بە‌ك يامان ئىشتە‌ك كۆرۈنمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن نە‌قىل كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌رنى چوڭقۇ‌ر ئويلاپ باقسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىنىڭ ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە تولغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌يسىز.‏ ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش سىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئىشلار ئارىسىدا قىلىش ئە‌ڭ قىيىن بولغان ئىش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاش ئارقىلىق تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا قانائە‌ت ھاسىل قىلىپ خۇ‌شاللىق تاپالايسىز (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18)‏.‏ سىزمۇ جە‌زمە‌ن شۇ‌نداق قىلالايسىز.‏ بىز ئۇ‌نى قانداق بىلىمىز؟‏

19 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ كۈچىمىز يە‌تمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 30:‏11–‏14)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن ئىقتىدارىمىزنى ۋە بىزدىكى چە‌كلىمىلىكنى بىزگە قارىغاندا ياخشىراق بىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏14)‏.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «خۇ‌دا ئە‌مىن [ئىشە‌نچىلىك] بولۇ‌پ كۈچىڭىزدىن زىيادە ئىمتىھان قىلىنماقىڭىزنى قويماي بە‌لكى ئىمتىھاننى [ئە‌ۋە‌تىشىدە] كۆتۈرە‌دۇ‌رغان كۈچىڭىزنى ھە‌م يە‌تكۈزۈپ قۇ‌تۇ‌لادۇ‌رغان ئىلاجىنى بېرۇ‌ر» دە‌پ يازغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏13)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا سىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ ھە‌تتا سىزگە ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نۇ‌رغۇ‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ:‏ «ماڭا قۇ‌درە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ ۋاستىسى بىرلە ھە‌رنېمىنى قىلالۇ‌رمە‌ن» دېگە‌ن.‏ —‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13.‏

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش

20.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قايسى ياخشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لق ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

20 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن خالىي بولسىلا ئىش پۈتمە‌يدۇ.‏ سىز يە‌نە ئۇ نېمىنى ياخشى كۆرسە،‏ سىزمۇ ھە‌م شۇ‌نى ياخشى كۆرۈشىڭىز لازىم (‏رىملىقلار 12:‏9)‏.‏ سىز ئۆزىڭىز بىلە‌ن ئورتاق كۆزقاراشقا،‏ قىزىقىشقا،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تكە ئىگە كىشىنى دوست بولۇ‌شقا تاللايسىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋامۇ شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ياخشى كۆرۈدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىش كېرە‌ك.‏ زە‌بۇ‌ر 15-‏​باب 1–‏5-‏​ئايە‌تتە‏،‏ خۇ‌دا ياخشى كۆرۈدىغان بە‌زى ئىشلار تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ مۇ‌شۇ‌لار ئۇ‌نىڭ قانداق كىشى بىلە‌ن دوست بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «روھنىڭ مېۋىسى» دە‌پ ئاتىغان سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرىدۇ.‏ ئاشۇ خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌ر بولسا «مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ خۇ‌شلۇ‌ق،‏ سالامە‌تلىك [تىنچلىق]،‏ كۆڭۈل كە‌ڭلىكى،‏ مېھرىبانلىق،‏ ياخشىلىق،‏ ئە‌مىنلىك [ئىشە‌نچىلىك]،‏ ياۋاشلىق ۋە نە‌پس يىغماقلىقتۇ‌ر».‏ —‏ گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23.‏

21.‏ نېمە سىزنىڭ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ياخشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لق ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

21 دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۆگىنىش سىزنىڭ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ياخشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لق ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ سىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىش ئۆز ئوي-‏خىياللىرىڭىزنى ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرى بىلە‌ن ماسلاشتۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 30:‏20،‏ 21)‏.‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارزۇ-‏ئۈمىدىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بارىدۇ.‏

22.‏ سىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارقىلىق نېمىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايسىز؟‏

22 يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش كۈچ چىقىرىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشىڭىزنى خۇ‌ددى كونا كىيىمنى سېلىپ تاشلىغاندە‌ك كونا مىجە‌ز-‏خاراكتېرىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ ھە‌مدە يېڭى بىر مىجە‌ز-‏خاراكتېرنى كىيىشىڭىزگە ئوخشاتقان (‏كولوسىلىقلار 3:‏9،‏ 10)‏.‏ زە‌بۇ‌ردا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش توغرىسىدا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۇ‌لارنى تۇ‌تماق بىلە‌ن چوڭ ئە‌جىر تاپادۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏11)‏.‏ سىز ھە‌م ئاللانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ياشاش ئارقىلىق كۆپ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق شە‌يتاننىڭ ئە‌يىبلىشىگە جاۋاب بېرىپ ئاللا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايسىز!‏

يە‌ھۋا ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن خالىي بولۇ‌ش

  • قاتىللىق.‏ —‏ چىقىش 20:‏13؛‏ 21:‏22،‏ 23.‏

  • جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق.‏ —‏ لاۋىيلار 20:‏10،‏ 13،‏ 15،‏ 16؛‏ رىملىقلار 1:‏24،‏ 26،‏ 27،‏ 32؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10.‏

  • جىنكە‌شلىك بىلە‌ن جادۇ‌گە‌رلىك.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏9–‏13؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21،‏ 22؛‏ گالاتىيالىقلار 5:‏20،‏ 21.‏

  • بۇ‌تپە‌رە‌سلىك.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏14.‏

  • ھاراقكە‌شلىك.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏11.‏

  • ئوغرىلىق.‏ —‏ لاۋىيلار 6:‏2،‏ 4؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏28.‏

  • يالغانچىلىق.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16،‏ 19؛‏ كولوسىلىقلار 3:‏9؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 22:‏15.‏

  • ئاچكۆزلۈك.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏11.‏

  • زورلۇ‌ق.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 11:‏5؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏24،‏ 25؛‏ مالاخى 2:‏16؛‏ گالاتىيالىقلار 5:‏20،‏ 21.‏

  • ئە‌خلاقسىز گە‌پ-‏سۆز.‏ —‏ لاۋىيلار 19:‏16؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏4؛‏ كولوسىلىقلار 3:‏8.‏

  • قالايمىقان قان ئىشلىتىش.‏ —‏ يارىتىلىش 9:‏4؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏20،‏ 28،‏ 29.‏

  • ئائىلىنى تە‌مىنلە‌شتىن باش تارتىش.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 5:‏8.‏

  • ئۇ‌رۇ‌ش ۋە دۇ‌نيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا قاتنىشىش.‏ —‏ يە‌شايا 2:‏4؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏15؛‏ 17:‏16.‏

  • تاماكا ۋە زە‌ھە‌ر چېكىش.‏ —‏ ماركۇ‌س 15:‏23؛‏ 2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1.‏

a بۇ دېگە‌نلىك ھە‌رگىزمۇ سىزگە قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار بىۋاسىتە شە‌يتاننىڭ كونتروللۇ‌قى ئاستىدا دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ شە‌يتان بۇ زاماننىڭ تە‌ڭرىسى،‏ بۇ دۇ‌نيا پۈتۈنلە‌ي شە‌يتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏4؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ياشاشنى ئارزۇ قىلغان خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان تۇ‌رمۇ‌شنى كۆپىنچە كىشىلە‌ر ياقتۇ‌رمايدۇ ھە‌مدە بە‌زىلە‌ر سىزنىڭ شۇ‌نداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىڭىزگە قارشى تۇ‌رىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ دوستى بولالايسىز.‏ —‏ ياقۇ‌پ 2:‏23.‏

  • شە‌يتان بارلىق ئىنسانلارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىگە شە‌ك كە‌لتۈردى.‏ —‏ ئايۇ‌پ 1:‏8،‏ 10،‏ 11؛‏ 2:‏4؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11.‏

  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن خالىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10.‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىنى ئۆچ كۆرسە،‏ شۇ‌نى ئۆچ كۆرۈش ۋە نېمىنى ياخشى كۆرسە،‏ شۇ‌نى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز.‏ —‏ رىملىقلار 12:‏9.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش