كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 16-‏باپ 154-‏163 ب.‏
  • ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش
  • مە‌سىھنىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى روژدېستۋو بايرىمىنى تە‌برىكلىمىگە‌ن
  • روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى
  • بايراملارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى راستتىنلا مۇ‌ھىممۇ؟‏
  • پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن ئىش تۇ‌تۇ‌ڭ
  • ئائىلىدىكىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ش
  • ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌ش
  • بارلىق تە‌برىكلە‌شلە‌ر ۋە بايراملار خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلامدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئېتىقاد،‏ ئۆرپ-‏ئادە‌ت ۋە تە‌برىكلە‌شلە‌ر
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 16-‏باپ 154-‏163 ب.‏

16-‏باب

ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ

  • بۇ‌تپە‌رە‌سلىك توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە دېيىلگە‌ن؟‏

  • ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار دىنىي بايراملارغا قانداق قارايدۇ؟‏

  • باشقىلارنى رە‌نجىتمىگە‌ن ئاساستا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏

1،‏ 2.‏ يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن،‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن قايسى سوئالنى چوقۇ‌م سورىشىڭىز لازىم؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

سىز ياشاۋاتقان مە‌ھە‌للە-‏ئولتۇ‌راق جايدىكى قوشنىلىڭىزنىڭ زە‌ھە‌رلە‌نگە‌نلىكىنى بايقىدىڭىز.‏ ئە‌سلىدە كىمدۇ بىرسى يوشۇ‌رۇ‌ن مە‌ھە‌للىڭىزگە يېقىن جايغا زە‌ھە‌رلىك كېرە‌كسىز نە‌رسىلە‌رنى تاشلىۋە‌تكە‌ن ۋە ھازىر ئاشۇ مە‌ھە‌للىڭىزدىكى كىشىلە‌رنىڭ ھاياتى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر ئىچىدە دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ سىز قانداق قىلىسىز؟‏ ئىمكانىيە‌ت بولسا سىزنىڭ دە‌رھال ئۇ مە‌ھە‌للىدىن باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىشىڭىز تۇ‌رغانلا گە‌پ.‏ بىراق،‏ كۆچۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن مۇ‌نداق بىر سوئالغا دۇ‌چ كېلىسىز:‏ ‹زادى مە‌ن زە‌ھە‌رلە‌نگە‌ندىمە‌نمۇ؟‏›‏

2 يالغان دىن يۇ‌قىرىدا بايان قىلىنغان ئە‌ھۋالغا ئوخشاپ كېتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ يالغان دىن ناپاك ساختا تە‌لىملە‌ر ۋە قائىدە-‏مۇ‌راسىملار بىلە‌ن زە‌ھە‌رلىنىپ بۇ‌لغانغان دە‌پ ئۆگىتىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17)‏.‏ بۇ سىزنىڭ «كاتتا بابىل» [بارلىق يالغان دىنلارنىڭ ئومۇ‌مىي ئاتىلىشى] دىن ئايرىلىپ چىقىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىملىقىدۇ‌ر (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏2،‏ 4،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ سىز يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىقتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئايرىلغان بولسىڭىز،‏ ناھايىتى ياخشى.‏ ئە‌مما،‏ يالغان دىندىن ئايرىلىپ چىقىش بىلە‌ن ئىش پۈتمە‌يدۇ.‏ ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن،‏ سىز ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوئالنى چوقۇ‌م سورىشىڭىز لازىم.‏ ‹مە‌ندە يالغان دىننىڭ قېپقالغان قالدۇ‌ق ئىزنالىرى بارمۇ؟‏› قېنى بىر نە‌چچە مىسالنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏

بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش

3.‏ (‏1)‏ بۇ‌تلارنى ئىشلىتىش ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش نېمە ئۈچۈن تە‌س؟‏ (‏2)‏ ئە‌گە‌ر سىزنىڭ يالغان دىنغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نە‌رسىلىرىڭىز بولسا،‏ قانداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

3 بە‌زى كىشىلە‌ر ئۆيلىرىدە بۇ‌تلارنى ۋە ئويما سۈرە‌تلە‌رنى ساقلايدۇ.‏ سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمۇ شۇ‌نداق نە‌رسىلە‌ر بارمۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئاشۇ‌نداق كۆرگىلى بولىدىغان نە‌رسىلە‌ر بولمىسا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشقا ئادە‌تلىنە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ياكى ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىش خاتادە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا سىز بۇ‌ت ۋە سۈرە‌تلە‌ر قاتارلىق نە‌رسىلە‌رنى بە‌ك ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئادە‌ملە‌ر قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا بە‌لگىلە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ خۇ‌دا بىزنىڭ بۇ‌تلارنى ئىشلىتىشىمىزنى خالىمايدۇ دە‌پ ئۆگىتىدۇ ‏(‏چىقىش 20:‏4،‏ 5؛‏ زە‌بۇ‌ر 115:‏4–‏8؛‏ يە‌شايا 42:‏8؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏21)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌رقانداق خاتا ئىبادە‌ت قىلىش يە‌نى يالغان دىنغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان نە‌رسىلە‌رنى تاشلىۋېتىش ئارقىلىق توغرا ئىبادە‌ت قىلىشتا يە‌نى توغرا دىندا چىڭ تۇ‌رالايسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىزمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا «مە‌كروھ [يىرگىنچلىك]» دە‌پ قارىغان نە‌رسىلە‌رگە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 27:‏15.‏

4.‏ (‏1)‏ ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌شنىڭ پايدىسىز ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏ (‏2)‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ ھە‌رقانداق شە‌كىلدە جىنكە‌شلىك بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشنى نېمە ئۈچۈن قاتتىق چە‌كلىگە‌ن؟‏

4 كۆپلىگە‌ن يالغان دىنلارنىڭ ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلىرى ئارىسىدا ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ئومۇ‌ملاشقان.‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى،‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌س-‏ھوشى جايىدا،‏ ئۇ‌لار كۆز بىلە‌ن كۆرگىلى بولمايدىغان ئالە‌مدە ياشايدۇ؛‏ تېرىكلە‌رگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؛‏ زىيان يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ دە‌پ ئىشىنىپ كە‌لگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ ھە‌م ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ مازارلىرىنى يوقلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھلىرى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشقا ئادە‌تلىنىپ كە‌لگە‌نسىز.‏ بىراق،‏ سىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 6-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئۆلۈكلە‌ردە ھېس-‏تۇ‌يغۇ بولمايدۇ ۋە ھېچ يە‌ردە ياشىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۆلۈكلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ بېقىش پايدىسىزدۇ‌ر.‏ ئە‌ڭ يېقىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلىرىمىزدىن كە‌لگە‌ن ھە‌رقانداق خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە جىنلار پە‌يدا قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ئۆلۈكلە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ بېقىشىنى ۋە ھە‌رقانداق شە‌كىلدە جىنكە‌شلىك بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىشىنى قاتتىق چە‌كلىگە‌ن.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10–‏12.‏

5.‏ ئە‌گە‌ر ئىلگىرى بۇ‌تلارنى ئىشلىتىش ياكى ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئىبادە‌ت قىلىشقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن بولسىڭىز،‏ قانداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

5 ئە‌گە‌ر ئىلگىرى بۇ‌تلارنى ئىشلىتىپ ياكى ئە‌جدادلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئىبادە‌ت قىلىشقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن بولسىڭىز،‏ قانداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ڭ ۋە ئۇ‌نىڭدىكى مە‌زمۇ‌نلارنى چوڭقۇ‌ر ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌نىڭدا پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ مۇ‌شۇ ئىشلارغا قانداق قارايدىغانلىقى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ يە‌نە ھە‌ركۈنى ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ئىبادە‌ت قىلىشتا يە‌نى ھە‌ق توغرا دىندا چىڭ تۇ‌رۇ‌ش ئارزۇ‌سى توغرىسىدا يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ ۋە ھە‌ر ئىشلاردا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م تىلە‌ڭ.‏ —‏ يە‌شايا 55:‏9.‏

مە‌سىھنىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى روژدېستۋو بايرىمىنى تە‌برىكلىمىگە‌ن

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ ئادە‌تتە كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمىدا نېمىنى خاتىرىلە‌يدۇ؟‏ ئە‌يسانىڭ 1-‏ئە‌سىردىكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تە‌برىكلىگە‌نمۇ؟‏ (‏2)‏ مە‌سىھنىڭ دە‌سلە‌پكى شاگىرتلىرى ياشىغان زاماندا تۇ‌غۇ‌لغان كۈن ئۆتكۈزۈش نېمە بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان؟‏

6 يالغان دىن بىلە‌ن باغلىنىشلىق ئومۇ‌ملاشقان بايراملار،‏ كىشىنى زە‌ھە‌رلە‌پ ئىمان-‏ئېتىقادىنى بۇ‌لغىشى مۇ‌مكىن.‏ روژدېستۋو بايرىمىنى مىسال قىلساق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمى ئە‌يسانىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۆزىنى خرىستىئان دە‌پ ئاتىغان دىنلارنىڭ ھە‌ممىسى دېگۈدە‌ك ئۇ‌نى تە‌برىكلە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ 1-‏ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ شۇ‌نىڭدە‌ك بايراملارنى تە‌برىكلىگە‌نلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق دە‌لىل-‏ئىسپات يوق.‏ «دىننىڭ ئە‌نئە‌نىلىرى» (‏Sacred Origins of Profound Things‏)‏ بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بىر كىتابتا:‏ «ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ ئىككى ئە‌سىرگىچە ھېچ كىشى ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى بىلمىگە‌ن ھە‌مدە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ دە‌ل قايسى كۈنى تۇ‌غۇ‌لغانلىقىغا قىزىققان» دېيىلگە‌ن.‏

7 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ قايسى كۈنى تۇ‌غۇ‌لغانلىقىنى ئېنىق بىلگە‌ن تە‌قدىردىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلىمىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى «دۇ‌نيا كىتاب قامۇ‌سى»دا (‏The World Book Encyclopedia‏)‏ ئېيتقاندە‌ك،‏ دە‌سلە‌پكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى:‏ «ھە‌رقانداق بىر كىشىنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلە‌ش غە‌يرى دىنىي ئۆرپ-‏ئادە‌ت» دە‌پ قارىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پە‌قە‌ت تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان ئىككى ھۆكۈمراننىڭلا تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلىگە‌نلىكى تىلغا ئېلىنغان (‏يارىتىلىش 40:‏20؛‏ ماركۇ‌س 6:‏21)‏.‏ كىشىلە‌ر ھە‌م غە‌يرى ئىلاھلارنىڭ شان-‏شە‌رىپىگە تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىمى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 5-‏ئاينىڭ 24-‏كۈنى رىملىقلار ئايال ئىلاھ دىئانانىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلە‌يتتى.‏ ئارقىدىن ئىككىنچى كۈنى ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قۇ‌ياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلە‌يتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنلە‌رنى تە‌برىكلە‌ش غە‌يرى-‏يات دىن بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك،‏ ھە‌رگىزمۇ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئە‌مە‌س.‏

8.‏ تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌ش بىلە‌ن خۇ‌راپاتلىقنىڭ قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ؟‏

8 نېمە ئۈچۈن 1-‏ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلىمىگە‌نلىكىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى بار.‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ئېھتىمال تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌ش خۇ‌راپاتلىق بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمكى زاماندا نۇ‌رغۇ‌ن يۇ‌نانلىقلار ھە‌مدە رىملىقلار ھە‌ربىر ئىنسان تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى بىلە‌نلا بىر روھ ھە‌مراھ بولىدۇ ۋە ئىنساننى ئاشۇ روھ بىر ئۆمۈر قوغدايدۇ دە‌پ ئىشىنە‌تتى.‏ تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌شنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بىر كىتابتا (‏The Lore of Birthdays‏)‏ مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ئاشۇ روھنىڭ مە‌لۇ‌م بىر ئىلاھ بىلە‌ن سىرلىق مۇ‌ناسىۋىتى بار،‏ ئاشۇ روھ قوغدايدىغان ئادە‌م بۇ ئىلاھ بىلە‌ن بىر كۈندە تۇ‌غۇ‌لغان» دە‌يدۇ.‏ خۇ‌راپاتلىق بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى باغلايدىغان ھە‌رقانداق تە‌برىكلە‌شلە‌ر يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدۇ (‏يە‌شايا 65:‏11،‏ 12)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمىنى تە‌برىكلىشىدۇ؟‏

روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

9.‏ قانداق بولۇ‌پ 25-‏دېكابىر ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى تە‌برىكلە‌ش كۈنى قىلىپ تاللانغان؟‏

9 ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندىن بىر نە‌چچە يۈز يىل كېيىن،‏ ئاندىن كىشىلە‌ر 25-‏دېكابىردا ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى خاتىرىلە‌شنى باشلىغان.‏ بىراق،‏ ئاشۇ كۈن ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنى ئە‌مە‌س‏،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇ‌كى،‏ ئە‌يسا ئۆكتە‌بىردە تۇ‌غۇ‌لغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏a ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن 25-‏دېكابىر خاتىرىلە‌ش كۈنى قىلىپ تاللانغان؟‏ كېيىنرە‌ك ئۆزىنى خرىستىئانلار دە‌پ ئاتىغان بە‌زى كىشىلە‌ر ئېھتىمال «ئە‌يسانىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىنى رىملىقلارنىڭ غە‌يرى دىنىي بايرىمى تە‌ڭداشسىز قۇ‌ياشنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنى بىلە‌ن ماسلاشتۇ‌رۇ‌شنى ئۈمىد قىلغان».‏ «برىتانىكا يېڭى قامۇ‌سى»دا (‏The New Encyclopædia Britannica‏)‏،‏ «قىش پە‌سلى قۇ‌ياش نۇ‌رى ئە‌ڭ ئاجىز بولغان ۋاقىتتا غە‌يرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار ئىسسىقلىق ۋە نۇ‌رنىڭ مە‌نبە‌سى يىراق ئارلىقتىن قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن مۇ‌راسىم ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌لار 25-‏دېكابىر كۈنى قۇ‌ياش قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ دىنىي يېتە‌كچى ئۇ‌ستازلار،‏ غە‌يرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگە‌رتىشكە تىرىشىپ،‏ مۇ‌شۇ بايرام كۈنىنى قوبۇ‌ل قىلىپ ئۇ‌نى خرىستىئانلارنىڭ بايرام كۈنى قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان» دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏b

10.‏ ئۆتمۈشتە،‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمىنى تە‌برىكلىمىگە‌ن؟‏

10 خېلى بۇ‌رۇ‌نلا كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش مە‌نبە‌سى غە‌يرى-‏يات دىن ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ چۈنكى،‏ روژدېستۋو بايرىمىنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى غە‌يرى-‏يات دىن بولغاچقا،‏ 17-‏ئە‌سىردە ئە‌نگلىيە ۋە بە‌زى ئامېرىكىغا تە‌ۋە جايلاردا روژدېستۋو بايرىمىنى تە‌برىكلە‌ش مە‌نئى قىلىنغان.‏ شۇ‌ڭا ھە‌رقانداق كىشى ئە‌گە‌ر روژدېستۋو بايرىمى كۈنى ئۆيىدە بولۇ‌پ خىزمە‌تكە بارمىسا جە‌رىمانە تۆلىگە‌ن ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌زۇ‌نغا بارمايلا كونا ئۆرۈپ-‏ئادە‌ت قايتا قارشى ئېلىنىپ،‏ يېڭى ئادە‌ت قوشۇ‌لۇ‌پ بىر چوڭ بايرامغا ئايلانغان.‏ ھازىرمۇ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن جايلاردا يە‌نىلا چوڭ بايرام.‏ روژدېستۋو بايرىمى يالغان دىن بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغاچ،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغانلار روژدېستۋو بايرىمى ياكى باشقا ھە‌رقانداق غە‌يرى-‏يات دىنىي-‏ئېتىقاد بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌يدۇ.‏c

بايراملارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى راستتىنلا مۇ‌ھىممۇ؟‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بايراملارنى تە‌برىكلىشىدۇ؟‏ بىراق،‏ نېمىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم دە‌پ قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 بە‌زى كىشىلە‌ر روژدېستۋو بايرىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بايراملارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى غە‌يرى-‏يات دىن ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنى تە‌برىكلىگە‌ننىڭ ھېچ خاتا يېرى يوق دە‌پ قارايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بايراملارنى تە‌برىكلىگە‌ندە،‏ خاتا ئىبادە‌ت قىلىش توغرىسىدا ئويلاپ باقمايدۇ.‏ ئاشۇ بايرام كۈنلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىرلىكتە داستىخان ئە‌تراپىغا جە‌م بولۇ‌شى ئۈچۈن ياخشى پۇ‌رسە‌ت دە‌پ قارايدۇ.‏ سىزمۇ ھە‌م شۇ‌نداق قارامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ يالغان دىنغا بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئائىلىگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت توغرا ئىبادە‌ت قىلىشتا چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏ خاتىرجە‌م بولۇ‌ڭ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئائىلىنىڭ قۇ‌رغۇ‌چىسىدۇ‌ر،‏ ئۇ سىزنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏14،‏ 15)‏.‏ ئە‌مما،‏ سىز خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىز ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا:‏ «خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ ئالدىدا مە‌قبۇ‌ل نېمە ئىكە‌ن دە‌پ تە‌ھقىق [تە‌تقىق] قىلىڭلار» دە‌پ يازغان.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10.‏

ئە‌خلە‌ت ئارىسىدا تۇ‌رغان كە‌مپۈتنى ئېلىپ يە‌مسىز؟‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن بىز كېلىش مە‌نبە‌سى پاكىز بولمىغان ئۆرپ-‏ئادە‌ت ۋە مۇ‌راسىملاردىن خالىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

12 بە‌لكىم،‏ بۈگۈنكى كۈندە بايراملارنى تە‌برىكلە‌ش بىلە‌ن بايراملارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى ئوتتۇ‌رىسىدا ھېچقانداق چوڭ مۇ‌ناسىۋە‌ت يوق دە‌پ قارىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى شۇ‌نچە مۇ‌ھىممۇ؟‏ شۇ‌نداق!‏ مۇ‌نداق بىر مىسال قىلايلى:‏ سىز ئە‌خلە‌ت ئارىسىدا تۇ‌رغان بىر كە‌مپۈتنى كۆرۈپ قالدىڭىز،‏ ئۇ كە‌مپۈتنى ئېلىپ يە‌مسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ياق!‏ ئاشۇ كە‌مپۈت پاكىز ئە‌مە‌س.‏ نۇ‌رغۇ‌ن بايراملار ئاشۇ تاتلىق كە‌مپۈتتە‌ك كىشىنى تە‌شنا قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى پاكىز ئە‌مە‌س.‏ ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تىدىغان توغرا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «ناپاك نە‌رسىگە تە‌گمە‌ڭلار» دېگە‌ن.‏ —‏ يە‌شايا 52:‏11.‏

پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن ئىش تۇ‌تۇ‌ڭ

13.‏ بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌سلىكنى قارار قىلغىنىڭىزدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏

13 بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌سلىكنى قارار قىلغىنىڭىزدا بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنىڭ خىزمە‌ت ئورنىڭىز تە‌شكىللىگە‌ن بايراملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرىگە قاتناشمىسىڭىز،‏ خىزمە‌تداشلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن قاتناشمىغانلىقىڭىزدىن ئە‌جە‌بلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر بىرسى سىزگە بايرام مۇ‌ناسىۋىتى بىلە‌ن سوۋغات بە‌رسە ياكى تاماقلارغا تە‌كلىپ قىلسا،‏ قانداق قىلىسىز؟‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش خاتامۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىز سىز بىلە‌ن ئورتاق ئېتىقادتا بولمىسا قانداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌سلىك سە‌ۋە‌بلىك پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنى مە‌لۇ‌م نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قالغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

14،‏ 15.‏ بايرام مە‌زگىلىدە،‏ ئە‌گە‌ر بىرسى سىزگە بايرام سالىمى يە‌تكۈزسە ياكى سوۋغات بە‌رسە،‏ قانداق قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

14 ھە‌ربىر ئە‌ھۋالنى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىش پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى مۇ‌نداقلا بايرام سالىمى يوللىسا،‏ ھۆرمە‌تسىزلىك بولمىسۇ‌ن يۈزىسىدىن ئاددىيلا رە‌ھمىتىڭىزنى ئېيتىپ قويسىڭىز بولدى.‏ بىراق،‏ دائىم كۆرۈشۈپ تۇ‌رىدىغان كىشىلە‌ر ياكى خىزمە‌تداشلىرىڭىز بايرام سالىمى يە‌تكۈزسە‌چۇ؟‏ بۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ سىز ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.‏ ھە‌رقانداق ئە‌ھۋالدا پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «سۆز قىلىشىڭىز يېقىشلىق بولۇ‌پ تۇ‌ز بىلە‌ن تە‌ڭشە‌كلىك بولسۇ‌ن.‏ ھە‌ر كىشىگە قانداق جاۋاب بېرىشىڭىزنى بىلگە‌يسىزلە‌ر» دە‌پ سە‌مىمىي نە‌سىھە‌ت قىلىدۇ (‏كولوسىلىقلار 4:‏6)‏.‏ ئېھتىيات قىلىڭ،‏ باشقىلارغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلماڭ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۆز كۆزقارىشىڭىزنى زېرە‌كلىك بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ سىز سوۋغات بېرىش ۋە جە‌م بولۇ‌شلارغا قارشى ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى،‏ بىراق ئاشۇ‌نداق پائالىيە‌تلە‌رگە باشقا ۋاقىتتا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

15 ئە‌گە‌ر باشقىلار سىزگە سوۋغات بە‌رسە،‏ قانداق قىلىسىز؟‏ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئە‌ھۋالغا قاراش كېرە‌ك.‏ سوۋغات بە‌رگۈچى:‏ «مە‌ن سىزنىڭ بۇ بايرامنى تە‌برىكلىمە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىمە‌ن،‏ بىراق مېنىڭ يە‌نىلا بۇ سوۋغاتنى سىزگە بە‌رگۈم بار» دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋال ئاستىدا،‏ بە‌لكىم سىز سوۋغاتنى قوبۇ‌ل قىلىش بايرام ئۆتكۈزگە‌نلىك بولمايدۇ دە‌پ قارار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر سوۋغات بە‌رگۈچى سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزدىن كۆپ خە‌ۋە‌ردار بولمىسا،‏ سىز بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌يدىغانلىقىڭىزنى سوۋغات بە‌رگۈچىگە ئېيتسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سوۋغاتنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىڭىزنى،‏ ئە‌مما مۇ‌شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سوۋغات بېرە‌لمە‌يدىغانلىقىڭىزنى باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرۈشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن،‏ ئە‌گە‌ر سوۋغات بە‌رگۈچىنىڭ مە‌قسىتى ئېنىقلا ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئە‌مە‌سلىكىنى ياكى سىزنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇ‌رە‌سسە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش بولسا سوۋغات بە‌رگۈچىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇ‌ل قىلماسلىق دانالىق بولىدۇ.‏

ئائىلىدىكىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ش

16.‏ بايراملارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارنى بىر تە‌رە‌پ قىلغان ۋاقىتتا،‏ قانداق قىلىپ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولالايسىز؟‏

16 ئە‌گە‌ر ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر سىز بىلە‌ن ئوخشاش ئېتىقادتا بولمىسىچۇ،‏ قانداق قىلىسىز؟‏ يە‌نىلا،‏ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز تە‌برىكلە‌شنى خالىغان ھە‌ربىر ئۆرپ-‏ئادە‌ت ۋە مە‌رىكە-‏مۇ‌راسىم توغرىسىدا تالاش-‏تارتىش قىلىش ھاجە‌تسىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌ددى سىزمۇ ئائىلىڭىزدىكىلە‌رنىڭ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى ھۆرمە‌تلىشىنى ئۈمىد قىلغانغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشىنى ھە‌م ھۆرمە‌تلە‌ڭ ‏(‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ سىزنىڭ بايرامنى تە‌برىكلە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدىغان ھە‌رقانداق ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە قاتنىشىشتىن خالىي بولۇ‌ڭ.‏ ئۇ راستتىنلا بايراملارنى تە‌برىكلە‌ش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولمىسا،‏ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن مۇ‌ۋاپىق ئىش تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۆز ۋىجدانىڭىزنى ئازابلايدىغان قارارنى چىقارماسلىقىڭىز كېرە‌ك.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 1:‏18،‏ 19.‏

17.‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭىز باشقىلارنىڭ بايراملارنى تە‌برىكلىگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە مە‌لۇ‌م نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قالغاندە‌ك ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا زىت بولغان بايراملارنى تە‌برىكلىمە‌سلىك سە‌ۋە‌بلىك پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنى مە‌لۇ‌م نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قالغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رماسلىق ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ بۇ ئادە‌تتە باشقا ۋاقىتلاردا نېمە ئىش قىلىشىڭىزغا باغلىق.‏ بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار ۋاقىت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌پ ئادە‌تىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىگە سوۋغاتلارنى بېرىدۇ.‏ سىز پە‌رزە‌نتلىرىڭىز ئۈچۈن بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ ياخشى سوۋغات سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزدۇ‌ر.‏

ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌ش

ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌ش چىن بە‌خت-‏سائادە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ

18.‏ ئېتىقادچىلار يىغىلىشىغا قاتنىشىش توغرا دىننى چىڭ تۇ‌تۇ‌شىڭىز ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن سىز خاتا دىننى تاشلاپ ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ ھە‌قىقە‌ت يولىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌پ بىر-‏بىرىمىزنى مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ياخشى ئە‌مە‌للە‌رگە مايىل قىلدۇ‌رغىلى جاھىد قىلايلى [تىرىشايلى] ۋە بە‌زىلە‌رنىڭ ئادىتى بولغاندە‌ك ئۆز يوغلاشماق [ئالاقە] مىزنى تاشلىماي ئۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ بىر-‏بىرىمىزگە نە‌سىھە‌ت بېرە‌يلى» دە‌پ ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشكە جە‌م بولۇ‌ش يىغىلىشىدا ئېتىقادچىلار خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدۇ.‏ بۇ سىز تە‌ڭرى يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ياخشى پۇ‌رسە‌ت (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22؛‏ 122:‏1)‏.‏ يىغىلىش ۋاقتىدا،‏ ساداقە‌تمە‌ن ئېتىقادچىلار «ئۆزئارا ئىلھام» ئالالايدۇ.‏ —‏ رىملىقلار 1:‏12،‏ ھ.‏ز.‏

19.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

19 توغرا دىننى چىڭ تۇ‌تۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىپ قانداق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىڭىز توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش.‏ ھازىر بۇ دۇ‌نيا رە‌زىللىك بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكتىن «ئۇ‌ھ تارتىپ نالە قىلغان» ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ (‏ھە‌زقىيال 9:‏4)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ ھە‌م بە‌زى ئۇ‌ھ تارتىپ نالە قىلغان كىشىلە‌رنى تونۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان كە‌لگۈسى ئۈمىدىڭىز توغرىسىدا سۆزلە‌پ بە‌رمە‌يسىز؟‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار بىلە‌ن كۆپرە‌ك ئارىلىشىش ۋە سىز ئۆگە‌نگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاجايىپ ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرىسىدا باشقىلارغا ئېيتسىڭىز،‏ سىزنىڭ قە‌لبىڭىزدە ساقلىنىپ قالغان خاتا دىننىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىگە بولغان ئارزۇ-‏ئۈمىدلە‌ر ئاستا-‏ئاستا يوق بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر توغرا دىننى چىڭ تۇ‌تسىڭىز،‏ جە‌زمە‌ن خۇ‌شاللىققا ۋە مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ —‏ مالاخى 3:‏10.‏

a ‏«‏ھە‌زرىتى ئە‌يسا دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لغانمۇ؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

b كىشىلە‌رنىڭ 25-‏دېكابىرنى ئە‌يسانىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنى قىلىپ تاللىشى يە‌نە دېھقانچىلىق ئىلاھى بايرىمى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ بۇ رىملىقلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىلاھىغا چوقۇ‌نۇ‌ش مۇ‌راسىمى دېكابىرنىڭ 17-‏دىن 24-‏كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏ بايرام مە‌زگىلىدە كىشىلە‌ر زىياپە‌ت تە‌ييارلاپ كە‌يپ-‏ساپا قىلىشىدۇ ۋە بىر-‏بىرىگە سوۋغاتلار بېرىشىدۇ.‏

c يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار باشقا بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە بار،‏ «‏بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار بۇ‌تقا ۋە ئە‌جدادلىرىغا چوقۇ‌نمايدۇ.‏ —‏ چىقىش 20:‏4،‏ 5؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10–‏12.‏

  • يالغان دىنلاردىن كېلىپ چىققان تە‌برىكلە‌شلە‌رگە قاتنىشىش خاتا.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10.‏

  • ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادنى باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرگە‌ندە پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ —‏ كولوسىلىقلار 4:‏6.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش