13-باب
خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە تەبرىكلەشلەر
«نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار». — ئەفەسلىكلەر 5:10.
1. يەھۋا خۇدا، قانداق كىشىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن، ئۇلار خۇدا مەقبۇل كۆرىدىغان ئىشلارنى ئۆگىنىشكە تىرىشىشى لازىم؟
ئەيسا مەسىھ: «كىشىلەر روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە»، دېگەن (يۇھاننا 4:23). پەرۋەردىگار يەھۋا شۇنداق ئىبادەت قىلغۇچىلارنى تاپقاندا، ئۇلارنى ئۆزىگە ۋە ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدىغان ئەيسا مەسىھكە يېقىنلاشتۇرىدۇ (يۇھاننا 6:44). بۇ نەقەدەر كاتتا شان-شەرەپ، ھە! بىراق، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى سۆيگۈچىلەر، «نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار»، دېگەن نەسىھەتكە چوقۇم قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قايسى ئىشلارنى مەقبۇل كۆرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشى زۆرۈر. سەۋەبى، شەيتان ھىيلىگەرلىكتە ئۇچچىغا چىققان. ئۇ، يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر. — ئەفەسلىكلەر 5:10؛ ۋەھىيلەر 12:9.
2، 3. (1) يەھۋانىڭ ھەق دىن بىلەن ساختا دىن يەنى توغرا ئىبادەتكە خاتا ئىبادەتنى ئارىلاشتۇرغان كىشىلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ؟ (2) مۇشۇ بابتا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز؟
2 ئىسرائىللار سىناي تېغىغا يېقىن كەلگەندە نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىسرائىللار ھارۇندىن خۇدا سۈرىتىدە بىرنەرسە ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھارۇن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئامالسىز قوشۇلۇپ، ئالتۇندىن موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياسىغان ۋە شۇ بۇتنىڭ يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسىتىپ، «ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز»، دەپ ئېلان قىلغان. ئۇنداقتا، پەرۋەردىگار يەھۋا ھەق دىن بىلەن ساختا دىن، يەنى توغرا ئىبادەت بىلەن خاتا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغانمۇ؟ ياق. ئۇ بۇتپەرەسلىك يولىغا ماڭغان ئۈچ مىڭچە كىشىنى ھالاك قىلغان (چىقىش 32:1–6، 10، 28). بىز مۇشۇ ئىشلاردىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟ ئەگەر بىز خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى خالىساق، «ناپاك نەرسىگە تەگمەڭلار»، دېگەن نەسىھەتكە چوقۇم قۇلاق سېلىپ، ھەقىقەتنى جان كۆيدۈرۈپ قىزغىنلىق بىلەن قوغداپ، ھەق بىلەن يالغانچىلىقنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. — يەشايا 52:11، (ب ج)؛ ھەزقىيال 44:23؛ گالاتىيالىقلار 5:9.
3 يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولغان بىزلەر، بەزى ئۆرۈپ-ئادەت، بايرام، تەبرىكلەشلەرنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغانلىقىنى بىلىمىز.a شۇنداق ئىكەن، ئاشۇ بايرام، تەبرىكلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتلەرگە قەتئىي ئارىلاشماسلىق قارارىغا كېلىشىمىز زۆرۈر. يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بايرام ۋە ئۆرپ-ئادەت تەبرىكلەشلىرىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىش — يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي بولۇپ ياشاش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
«بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار»
4، 5. (1) بۇتپەرەسلىك دېگەن نېمە؟ (2) بۇتپەرەسلىكنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھەققىدە، ئايۇپ ۋە مۇسا پەيغەمبەر قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن؟
4 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا، ھەرخىل دىنلارغا ئىشىنىدىغان مىليونلىغان ئىخلاسمەن كىشىلەر بار. ئۇلار سەمىمىيلىك بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا تەشنا بولسىمۇ، بىراق، ئاشۇ كىشىلەر ھەمىشە بىلىپ-بىلمەي، ياراتقۇچى ئىگىمىزگە مەقبۇل بولمايدىغان ئىبادەت پائالىيەتلىرى ۋە قائىدە-يۇسۇنلار بىلەن مەشغۇل بولىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر ئادەتلەنگەن نۇرغۇنلىغان ئىبادەت پائالىيەتلىرىنىڭ بۇتپەرەسلىك بىلەن باغلىنىشلىقى بار. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب بىزنى: «بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار»، دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇرغان. — 1-كورىنتلىقلار 10:14.
5 ئۇنداقتا، بۇتپەرەسلىك دېگەن زادى نېمە؟ ‹ھەرقانداق شەخس ۋە نەرسىگە نامۇۋاپىق باغلىنىش ياكى چوقۇنۇشنى›، بۇتپەرەسلىك دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. بەزىدە كىشىنىڭ قەلبى، قۇياش ياكى ئايغا ئوخشاش نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئىشارەتلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئېزىقتۇرۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئايۇپ پەيغەمبەر شۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەق خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەچ، ئېزىقتۇرۇلۇشقا يول قويۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن (ئايۇپ 31:26–28). يەھۋا مۇسا پەيغەمبەرگە سۆز قىلغاندا، بۇتپەرەسلىككە قانداق قارايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن بۇت ياسىمىغىن، خاھ يۇقىرىدا ئاسماندا خاھ تۆۋەندە يەردە خاھ يەر ئاستىدا سۇدا بولغان نەرسىلەردىن ھېچ بىرىنىڭ سۈرىتىنى ياسىمىغىن. مۇنداقلارغا خاھ سەجدە قىلماي خاھ ئىبادەت قىلمىغىن»، دېگەن (چىقىش 20:4، 5، ب ج). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بولغان بىزلەرنى ھەرگىزمۇ بۇتپەرەسلىك قىلماسلىققا بۇيرۇغان. شۇنداق ئىكەن، بىز يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرگە «سەجدە قىلماي»، ياكى چوقۇنۇشنى ئىپادىلەيدىغان ئىما-ئىشارەتلەرنى قىلماي، پەقەتلا بىردىن-بىر ياراتقۇچى ئىگىمىزگە ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك.
6. قانداق ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكتىن پەرقى يوق؟
6 مۇشۇ سەۋەب ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچى ھەرگىزمۇ كرېست ياكى بۇتقا دۇئا قىلمايدۇ ۋە ياكى مەلۇم جاينى مۇقەددەس بىلىپ، شۇ يۆنىلىشكە قاراپ دۇئا قىلمايدۇ. ئۇلار يەنە تاش ۋە مەلۇم جاي ياكى نەرسىلەرنى مۇقەددەس بىلىپ، شۇلارغا سەجدە قىلىش ياكى سۆيۈپ قول تەگكۈزۈشكە ئوخشاش چوقۇنۇش ۋە تاۋاپ قىلىشلارغا قاتناشمايدۇ.b چۈنكى، ئاللا يەھۋانىڭ نەزىرىدە يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرگە سەجدە قىلىپ، دۇئا قىلىشنىڭ بۇتپەرەسلىكتىن ھېچ پەرقى يوق بولغاچ، ئۇ شۇنداق قىلىشنى ھەرگىزمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. داۋۇت پەيغەمبەر بىزگە: «بىزنىڭ خۇدايىمىز بولسا ئاسماندا»، دېگەن (زەبۇر 115:3، ب ج). پەرۋەردىگار بىزنىڭ يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرگە قاراپ، شۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىزنى خالىغان ئەمەس.
مەسىھنىڭ قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش
7. (1) بۈگۈنكى كۈندە، بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىدۇ؟ (2) ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتە نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
7 يەھۋا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئارقىلىق ئىزھار قىلغان. شۇڭا، ھەمىشە ئۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇپ، مەسىھنىڭ قۇربانلىقىغا ئىشەنمەسلىكنى ئىپادىلەيدىغان ئىش- ھەرىكەتنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈندە بەزىلەر ئىبراھىم پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلالايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىبراھىمنىڭ ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشى مەسىھ قۇربانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە ھايۋاننى قۇربانلىق قىلساق، بۇ مەسىھنىڭ ئۇلۇغ قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلمىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ (يارىتىلىش 22:1–14؛ ئىبرانىيلار 11:17–19). نېمە ئۈچۈن؟ زەبۇر 40:6–8-ئايەتلەردىكى بېشارەتنىڭ مەسىھ ھەققىدىكى ئېيتىلغانلىقىنى، ئەلچى پاۋلۇس تىلغا ئېلىپ: «ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلاردىن قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ، لېكىن مەن ئۈچۈن بىر تەن ھازىرلىدىڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ»»، دېگەن. ئاشۇ بېشارەت ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشنىڭ يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە، ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش پەقەت سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئىنساننىڭ گۇناھىنى مۇكەممەل ياپالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا، يەھۋا قۇربانلىق ئۈچۈن ئەيساغا مۇكەممەل بىر ئىنسان تېنى ھازىرلىغان. ئەيسا مۇكەممەل ئىنسان تېنىنى «بىر يوللا» قۇربانلىق قىلغاچ، يەنە باشقا قۇربانلىق كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر (ئىبرانىيلار 10:5–10). شۇنداق ئىكەن، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئاگاھ بولۇپ، ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان ھايۋاننى قۇربان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايرام ياكى تەبرىكلەشلەردىن قەتئىي خالىي بولۇشىمىز لازىم.
روزا تۇتۇش زۆرۈرمۇ؟
8. (1) روزا تۇتۇش دېگەن نېمە؟ (2) يەھۋا گۇۋاھچىسى قانداق ئەھۋاللاردا ئۆزى شەخسەن قارار قىلىپ، يېمەك-ئىچمەكتىن ۋاقتىنچە پەرھىز تۇتسا بولىدۇ؟
8 بەزىلەر پەرۋەردىگار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، بىر يىلنىڭ مەلۇم ئاي ياكى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئا-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، مەلۇم بىر مەزگىل يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇشى زۆرۈرمۇ؟ بەزىدە بىر كىشى ئۆزى شەخسەن قارار قىلىپ، يېمەك-ئىچمەكتىن ۋاقتىنچە پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلارمۇ بار. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتاب، قەدىمقى زاماندا كىشىلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا ئۆكۈنۈپ، خۇداغا توۋا قىلىپ روزا تۇتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇ زامانلاردا، يەنە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭدىن يالۋۇرۇپ يولباشچىلىق سوراش ۋە قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن، روزا تۇتۇپ يېمەك- ئىچمەكتىن ۋاقتىنچە ئۆزىنى تارتقان. ھەتتا، ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرىسىدا ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەندە ۋە چوڭقۇر تەپەككۈر يۈرگۈزگەندىمۇ شۇنداق قىلغان (چىقىش 34:28؛ 1-سامۇئىل 7:6؛ يوئېل 2:12، 15؛ يۇنۇس 3:5). ئەيسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بەزى ئەھۋاللاردا روزا تۇتقان (ئەلچىلەر 13:2، 3؛ 14:23). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇقەددەس كىتاب كىشىنىڭ شەخسەن روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن ئەمەس. مۇشۇ سەۋەب، بۈگۈنكى كۈندە بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا ئۆزى شەخسەن قارار قىلىپ، يېمەك-ئىچمەكتىن ۋاقتىنچە پەرھىز تۇتسا بولىدۇ.
9، 10. (1) ھەر يىلى كەفارەت كۈنىدە روزا تۇتۇش نېمىنى ئەسكەرتكەن؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىر توپ بولۇپ، بىرلىكتە روزا تۇتۇشى مۇۋاپىق ئەمەس؟
9 بىراق، ئاللا يەھۋانىڭ خەلقى بۈگۈنكى كۈندە بىر توپ بولۇپ، بىرلىكتە بىر يىلنىڭ مەلۇم ئاي ياكى كۈنلىرىدە روزا تۇتامدۇ؟ ياق، شۇنداق قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ ئۆتمۈشتە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندا، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر توپ بولۇپ، يىلدا پەقەت بىر كۈن روزا تۇتۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئاشۇ كۈن كەفارەت يەنى گۇناھنى يېپىش كۈنى ئىدى (لاۋىيلار 23:27). شۇ كۈنى، خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى ۋە گۇناھتىن ئازاد قىلىنىشقا مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى ئۆز-ئۆزىگە ئەسكەرتىش مەقسىتىدە روزا تۇتقان. شۇنداق روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلار گۇناھلىرىغا ئۆكۈنۈپ، ئاللانىڭ ئالدىدا توۋا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
10 مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىبرانىيلار 9:28-ئايىتى: «مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى»، دەيدۇ. شۇڭلاشقا، مەسىھنىڭ قۇربانلىقى سەۋەبلىك، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئۆز جامائىتىنىڭ گۇناھلىرىنى ياپقان يەنى كەفارەت بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، كەفارەت كۈنى بېشارەتلىك مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئەيسا شۇ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان (ئىبرانىيلار 9:24–26). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ خەلقى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ پاك بولغاچ، ئۇلار ھەر يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنىنى روزا تۇتۇش ۋە توۋا قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمەيدۇ (مەتتا 9:14؛ تىتۇس 2:13، 14؛ ۋەھىيلەر 7:14). بەزى دىنلار ھەر يىلى روزا تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا سەل قارايدۇ. ئەگەر بىز، ئاللا يەھۋانى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، ئۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇپ، مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئېتىبارسىز قارايدىغان ھەرقانداق بايراملارغا قاتناشمايمىز.c — ئىبرانىيلار 10:29.
بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەكمۇ؟
11، 12. (1) مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قانداق يېمەكلىكلەرنى يېسە بولىدۇ؟ (2) مۇقەددەس كىتاب بىزنى قانداق ساختا تەلىملەردىن ئاگاھلاندۇرغان؟
11 نۇرغۇن كىشىلەر بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىش خۇدانى خۇرسەن قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ نۇھ پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن يېمەك-ئىچمەك قائىدە-قانۇنلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. دەسلىپىدە، خۇدا ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا ھەرخىل مېۋە-چىۋە ۋە زىرائەتلەرنىلا ئوزۇقلۇق قىلىپ بەرگەن (يارىتىلىش 1:29). كېيىنچە، پەرۋەردىگار نۇھ پەيغەمبەرگە يەنە بىر بۇيرۇق بېرىپ: «بۇرۇن سىلەرگە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۆكتاتلارنى بەرگىنىمدەك، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ھايۋاناتلارنىمۇ بېرىمەن. لېكىن، سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر»، دېگەن ئىدى (يارىتىلىش 9:2–4). مۇشۇ بۇيرۇق ئىنجىلدا قايتا تەكرارلانغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرماقتا. ئەگەر ھايۋانلار بوغۇزلانغاندا قېنى چىقىرىلغان بولسىلا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يېيىشىگە بولىدۇ. — ئەلچىلەر 10:9–16؛ 15:19، 20، 28، 29.
12 ناھايىتى ئېنىقكى، ئاللا يەھۋا ھەرخىل ئۆسۈملۈك، جانىۋارلار ۋە ھاشاراتلارنى، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق قىلىپ بەرگەن. شۇ سەۋەب، ئىنجىل: «خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل [ئوزۇقلۇق] قىلسا بولىدۇ»، دەيدۇ. مۇشۇ ئايەت ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، يەھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنسانلارنىڭ بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشىنى چەكلىگەن ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب، ئەيسا مەسىھ ئۆلگەندىن كېيىن، بەزىلەر ساختا تەلىملىرى بىلەن، خۇدا «بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ»، دەپ يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئازدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس. — 1-تىموتىي 4:1–5.
13. يات ئەل خەلقى ئارىسىدىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادەتلىرىگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز لازىم؟ نېمە ئۈچۈن؟
13 بەزى ئەل خەلقى مەدەنىيىتىدە، كىشىلەر بەزىبىر يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى بولغاچ، بىز ئۇلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. بىراق، مۇقەددەس كىتاب: «يېمەيدىغانلارمۇ ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان»، دەپ بىزنى ئاگاھلاندۇرغان (رىملىقلار 14:2، 3؛ كولوسىلىقلار 2:16، 17). ئوخشاش بولمىغان ئەل، مىللەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە كىشىلەر بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاچ، ئۇلار ئارىسىدا ھەرخىل يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادەتلىرىنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. — يەشايا 2:1–4؛ ۋەھىيلەر 7:9.
نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى
14. (1) نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنى تەبرىكلەش ئۆرپ-ئادەتلىرى قانداق كېلىپ چىققان؟ (2) نېمە ئۈچۈن، خۇدا خىزمەتچىلىرى نورۇز ۋە ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن خالىي بولۇشى كېرەك؟
14 كىشىلەر ئارىسىدا، باھار پەسلىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش كەڭ ئومۇملاشقان. ئەمما، ئۇ قانداق كېلىپ چىققان؟ برىتانىكا قامۇسىدا: «نورۇز بولسا ھەمىشە زوروئاسترىيان دىنى (ئوتقا چوقۇنۇش) بىلەن باغلىنىشلىق يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، ... ئىران، ئىراق، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردە تەبرىكلەنگەن. ئادەتتە، نورۇز بايرىمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تەبرىكلىنىدۇ. ئاشۇ ئەللەرنىڭ بەزىلىرىدە يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى شۇ بايرام بىلەن باشلىنىدۇ»، دەپ بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركمەن سوۋېت قامۇسىدا، «نورۇز — يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، ئىسلام دىنى ئاسىيا، جەنۇبىي كاۋكاز ۋە تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان رايونلارغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى كەڭ ئومۇملاشقان»، دەپ خاتىرىلەنگەن. گەرچە ھەربىر يۇرت ياكى ئەلنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدە بەزىبىر پەرق بولسىمۇ، ئوتقا چوقۇنۇش، پال ئېچىش، ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا چوقۇنۇش بىلەن باغلىنىشى بار بەزى تەبرىكلەش ئادەتلىرى، ئاشۇ خەلقلەر ئارىسىدا يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە. يۇقىرىقىلاردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى زوروئاسترىيان دىنى، يەنى ئوتقا چوقۇنۇش بولۇپ، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ جىنكەشلىك ۋە غەيرى يات دىن بىلەن باغلىنىشى بولغان. شۇنداق ئىكەن، ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار، بۇ بايرام ۋە ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن خالىي بولماي بولامدۇ؟
تۇغۇلغان كۈنگە قارىتا مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆز قارىشى
15. مۇقەددەس كىتابتا، قايسى ئىككى كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان؟ ھەر ئىككىلىسىدە نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
15 گەرچە بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى ھەمىشە كىشىنى خۇشال-خۇراملىققا چۆمدۈرىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنلىكى مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەمەس (زەبۇر 127:3). ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتابتا مىسىرنىڭ بىر پادىشاھى ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىگە باشقۇرغۇچى بولغان ھىرود خان، مۇشۇ ئىككىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان (يارىتىلىش 40:20–22؛ ماركۇس 6:21–29). ئەمما، ھەر ئىككىلا تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش كۈنىدە، قەبىھ ئىش يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ ئىككىنچىسىدە، سۇغا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسى ئېلىنغان.
16، 17. قەدىمدە، خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشكە قانداق قارىغان؟ نېمە ئۈچۈن؟
16 دۇنيا كىتاب قامۇسى (The World Book Encyclopedia) دا، «ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرى، ھەرقانداق تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنى غەيرى يات دىنىي ئۆرپ-ئادەت دەپ قارىغان»، دەپ خاتىرىلەنگەن. مەسىلەن، قەدىمقى يۇنانلىقلار ھەربىر كىشى تۇغۇلغاندا ياندا ساقلاپ تۇرىدىغان بىر قوغدىغۇچى روھ بار، ئاشۇ روھ كىشى تۇغۇلغاندىن باشلاپ، بىر ئۆمۈر ئاشۇ كىشىدىن خەۋەر ئالىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. يەنە بىر كىتاب (The Lore of Birthdays) تا، ئاشۇ روھنىڭ «مەلۇم بىر ئىلاھ بىلەن سىرلىق مۇناسىۋىتى بار، بۇ ئىلاھ بىلەن ئاشۇ روھ قوغدايدىغان ئادەم بىر كۈندە تۇغۇلغان»، دېيىلگەن. تۇغۇلغان كۈنلەرنىڭ يەنە ئاسترولوگىيە، يەنى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۆمۈر ھېسابلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.
17 قەدىمدە، خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنى رەت قىلغان. سەۋەبى، ئۇلار تۇغۇلغان كۈن ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ غەيرى يات دىن ۋە جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى بىلگەن. ياكى، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئۇلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە زىت كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاشۇ كەمتەر ئېتىقادچىلار، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغۇلغىنىنى مۇھىم، چوڭ ئىش قاتارىدا كۆرۈپ تەبرىكلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلىمىغانd (مىخا 6:8؛ لۇقا 9:48). ئەكسىچە، ئۇلار ئاللا يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئاشۇ قىممەتلىك ھاياتلىق سوۋغىتىنى بەرگىنى ئۈچۈن يەھۋاغا تەشەككۈر ئېيتىش كېرەك، دەپ بىلگەن.e — زەبۇر 8:3، 4؛ 36:9؛ ۋەھىيلەر 4:11.
18. نېمە ئۈچۈن ئۆلىدىغان كۈن تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر؟
18 پەرۋەردىگار يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ ئۆلۈپ كەتكەن بارچە ئېتىقادچىلارنى، ئۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتى توغرىسىدا كاپالەت بېرىلگەن (ئايۇپ 14:14، 15). ۋەز 7:1-ئايەت (ب ج): «ياخشى نام بىر [خۇشپۇراق ماي] دىن ياخشىدۇر. ئۆلىدىغان كۈن تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر»، دېگەن. «ياخشى نام»، ياخشى بىر ئاتاق، ئابرويغا ئاللا يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئىگە بولالايمىز. ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغىنى، مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە پەقەت بىر ئىشنى خاتىرىلەش بۇيرۇلغان، ئۇ تۇغۇلۇش ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم، يەنى ئەيسانىڭ ئۆلىمىدۇر. ئەيسانىڭ ‹ياخشى نامى›، نىجاتلىق تېپىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى. — لۇقا 22:17–20؛ ئىبرانىيلار 1:3، 4.
توي مەرىكىسىنى پاك ساقلاش
19، 20. (1) نېمە ئۈچۈن توي قىلماقچى بولغان ئېتىقادچىلار، يەرلىك توي-مەرىكە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا زىت ياكى زىت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك؟ (2) گۈرۈچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چېچىش قائىدە-يۇسۇنلىرى توغرىسىدا، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى نېمە ئىشنى ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك؟
19 ئۇزۇنغا بارماي، كاتتا بابىل شەھىرىدە «ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ» (ۋەھىيلەر 18:23). نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، توي مەرىكىسى باشلانغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، نىكاھنى ئۆز سېھىرى بىلەن بۇلغاپ پاسكىنا قىلالايدىغان جىنكەشلىك سېھىرىگە تولغان كاتتا بابىل يوقىلىدۇ. — ماركۇس 10:6–9.
20 ھەر دۆلەت، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ نىكاھ ئۆرپ-ئادەتلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئېيتماققا بەزى ئۆرپ-ئادەتلەر، توي قىلغان بىر جۈپ قوشماقلارغا ۋە تويغا قاتناشقان مېھمانلارغا ‹تەلەي-ئامەت› ئېلىپ كېلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى يالغان دىنلارنىڭ غەيرى قائىدە-يۇسۇنلىرى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى مۇمكىن (يەشايا 65:11). شۇنداق قائىدە- يۇسۇنلارنىڭ بىرى — تويدا گۈرۈچ، پۇل، كەمپۈت قاتارلىقلارغا ئوخشاش چاچقۇلارنى چېچىشتۇر. بۇ قائىدە-يۇسۇننىڭ، شۇنداق نەرسىلەرنى چېچىش روھلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، يېڭى توي قىلغان بىر جۈپنى روھلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ، دېگەندەك ئېتىقادلار بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمدىن تارتىپ گۈرۈچنىڭ كۆپ ھوسۇللۇق بولۇش، بەخت-سائادەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، شۇنىڭدەك ناپاك ئۆرپ-ئادەتلەردىن يىراق قېچىشى كېرەك. — 2-كورىنتلىقلار 6:14–18.
21. توي تەييارلىقى قىلىۋاتقان بىر جۈپ ۋە تويغا تەكلىپ قىلىنغانلار، مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى قائىدە-پرىنسىپلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
21 شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى نىكاھ ياكى توي-مەرىكىسىنىڭ شان-شەرىپىگە داغ تەگكۈزىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنلىرىدىن يىراق بولىدۇ. مەسىلەن، تويى بولغان بىر جۈپ ۋە تويغا قاتناشقان باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان، قىزىقچىلىق ھەرىكەت ۋە مەسخىرە ئارىلاشقان چاقچاق ياكى شەھۋانىي پۇرىقى بار گەپ-سۆزلەرنى قىلمايدۇ (پەندى-نەسىھەت 26:18، 19؛ لۇقا 6:31؛ 10:27). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئىسراپچىلىق قىلىدىغان ھەشەمەتلىك توي-مەرىكىسى ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولىدۇ. چۈنكى، شۇنداق مەرىكىلەرنى ئۆتكۈزۈش كەمتەر، ئاددىي-ساددىلىقنىڭ ئىپادىسى بولماستىن، بەلكى «مەغرۇرلۇققا» ئوخشاش ماختانچاقلىق، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ ئىپادىسىدۇر (1-يۇھاننا 2:16). ئەگەر سىز توي تەييارلىقى قىلىۋاتقان بولسىڭىز، يەھۋا سىزنىڭ كېيىنچە توي كۈنىڭىزنى پۇشايمان بىلەن ئەمەس، ھەمىشە خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئەسلىشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.f
قەدەھ تۇتۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى
22، 23. پايدىلىنىش قوللانمىسى قەدەھ تۇتۇشنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن، خۇدا خىزمەتچىلىرى بۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەردىن يىراق بولۇشى كېرەك؟
22 توي مەرىكىسى ۋە ئاممىۋى يىغىلىشلاردا، كىشىلەرنىڭ قەدەھ تۇتۇشى ناھايىتى ئومۇملاشقان ئىش. «خەلقئارا ھاراق-شاراب مەدەنىيىتى قوللانمىسى» (ئىنگلىزچە)، 1995-يىل نەشىرىدە: «بەلكىم قەدەھ تۇتۇش ... قەدىمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز دۇئالىرىغا غەيرى ئىلاھلاردىن جاۋاب ئېلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن مۇراسىملىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئىزناسى. شۇ مۇراسىملاردا مۇقەددەس، دەپ قارالغان سۇيۇقلۇقلار ئىلاھلارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، ... كىشىلەر بىر-بىرىگە: ‹ئۆمۈرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن!› ياكى ‹سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن!›، دېگەنگە ئوخشاش قىسقا دۇئا سۆزلىرى بىلەن تىلەك تىلەشكەن».
23 نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭلىدە، قەدەھ كۆتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق دىن بىلەن ياكى خۇراپاتلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىراق، قەدەھنى سوقۇشتۇرۇپ يۇقىرىغا (ئاسمانغا) كۆتۈرۈش ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىلاھىي كۈچلەردىن بەرىكەت تەلەپ قىلىش، دەپ قارالغان ئىكەن، قەدەھ كۆتۈرۈش مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. — يۇھاننا 14:6؛ 16:23.g
گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە ياراتقۇچىنى ئۇلۇغلاش
24. ھەربىر ئېتىقادچى ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن، قانداق تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقنى قارار قىلىشى كېرەك؟
24 باشقىلارنىڭ، يەھۋا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ مۇقەددەس كىتاب قائىدە- پرىنسىپلىرىغا زىت ھېيت-بايرام ۋە تەبرىكلەشلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن، دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار نېمە ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب: «نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»، دېگەن (1-كورىنتلىقلار 10:31؛ 180–181-بەتلەردىكى «ئاقىلانە قارار چىقىرىش»، دېگەن رامكىغا قاراڭ). لېكىن، ئەگەر بىر ئۆرپ- ئادەت ياكى قائىدە-يۇسۇن تەبرىكلەشلەرنىڭ — بۈگۈنكى كۈندە يالغان دىن بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى قالمىغان بولسا، سىياسىي ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تۈسىنى مەزمۇن قىلمىغان ۋە مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا زىت بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا تەبرىكلەشكە قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىقنى، يەھۋانىڭ ھەربىر خىزمەتچىسى ئۆزى شەخسەن قارار قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئېتىقادچى باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىنى ئويلىشىپ كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.
25، 26. بىز قانداق قىلىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرەلەيمىز؟
25 نۇرغۇن ئادەملەر بەزى ھېيت-بايرام، تەبرىكلەش كۈنلىرى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلارنىڭ جەم بولۇپ بىر داستىخانغا يىغىلىشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن شۇنداق تەبرىكلەشلەرگە قاتناشماسلىقنى قارار قىلغىنىمىزنى باشقىلار چۈشەنمەي، ئۇلار بىزنى مېھىر-مۇھەببىتى يوق، بەك ئاشۇرۇۋەتتى، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا، بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلار بىلەن جەم بولۇپ بىر داستىخانغا يىغىلىشنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم (پەندى-نەسىھەت 11:25؛ ۋەز 3:12، 13؛ 2-كورىنتلىقلار 9:7). بىز يىل بويى، خالىغان ۋاقىتتا يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ بىر داستىخانغا يىغىلالايمىز. بىراق، ئاللا يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ھەققانىيلىق ئۆلچەملىرىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز سەۋەبلىك، خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ شۇنداق شاد-خۇرام كەيپىياتنى بۇزۇشىنى خالىمايمىز. — «توغرا ئىبادەت — زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ»، دېگەن 178-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
26 بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، ئۇلاردىن سەۋەبىنى سورىغانلار بىلەن «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟»،h دېگەن كىتابنىڭ 16-بابىدىكى مەزمۇنلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ، ئاشۇ سەمىمىي ئىزدەنگۈچىلەرگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى توغرا ئىبادەت يولىغا باشلاش. شۇڭا، ‹قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە مۇلايىم، يېقىملىق بولسۇن›، دېگەن نەسىھەتلىك سۆزگە قۇلاق سېلىپ، ھەمىشە باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ! — كولوسىلىقلار 4:6.
27، 28. ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، پەرزەنتلىرىنىڭ يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
27 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىدە، بىز ئەڭ ياخشى تەلىم- تەربىيىگە ئىگە بولغان. شۇڭا، بىز نېمىگە ئىشىنىمىز ۋە قايسى ئىشلارنى قىلىمىز ۋە ياكى قانداق ئىشلاردىن خالىي بولىمىز، دېگەنلەرنى ئېنىق بىلىمىز (ئىبرانىيلار 5:14). شۇنداق ئىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. شۇنداق قىلىش، پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، باشقىلار ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىغا شەك كەلتۈرگەندە، پەرزەنتىڭلارنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن جاۋاب بېرەلىشى ئۈچۈن ياردەم بەرگەندىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە داۋاملىق ياشىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر. — يەشايا 48:17، 18؛ 1-پېترۇس 3:15، 16.
28 «روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە» يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار، پەقەت مۇقەددەس كىتابقا زىت بولغان ئۆرپ-ئادەت، تەبرىكلەشلەردىن خالىي بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە سەمىمىي بولۇشقا تىرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە سەمىمىيلىك بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ. لېكىن كېيىنكى بابتا، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، سەمىمىي بولۇشنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
a 170-بەتتىكى، «ھېيت-بايرام ۋە تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىشىم كېرەكمۇ؟»، دېگەن رامكىغا قاراڭ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان (ئۇيغۇر تىلى نەشىرى يوق) «كۆزىتىش مۇنارى كۆرسەتكۈچى» دە، بىر قاتار بايرام ۋە تەبرىكلەش كۈنلىرى تىزىملانغان.
b نۇرغۇن كىشىلەر تاۋاپ قىلىش، ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى دەپ قارايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆز گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىشكە بولىدۇ، دەپ ئىشىنىشىدۇ. ئەمما، ئاللا يەھۋا، مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنىڭ بىردىن-بىر يولى — ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش، دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن (رىملىقلار 5:18، 19؛ كولوسىلىقلار 1:13، 14؛ 1-يۇھاننا 4:9، 10). شۇڭا، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا باشقا يول يوق. — ئىبرانىيلار 9:22.
c مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ھۆرمەتلەيدۇ. باشقىلارنى پۇتلاش ياكى رەنجىتىشنى خالىمىغاچ، ئۇلار مەلۇم يېمەك-ئىچمەكتىن ياكى ئادەتتە كۆپچىلىك كىشىلەر روزا تۇتقان ۋاقىتتا، ئاممىۋى سورۇنلاردا يېيىش-ئىچىشتىن خالىي بولۇشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. — مەتتا 18:6؛ 1-كورىنتلىقلار 9:19–23.
d «شەيتانغا چوقۇنۇش»، دېگەن 172-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
e مۇساغا چۈشۈرۈلگەن قانۇنىدا، ئايال بالا تۇغقاندىن كېيىن، چوقۇم خۇداغا گۇناھ قۇربانى كەلتۈرۈشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن (لاۋىيلار 12:1–8). بۇ قانۇن ئىنسانلارغا گۇناھنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلەتكەندىن باشقا، يەنە ئىسرائىللارنىڭ بالىلارنىڭ تۇغۇلىشىغا مۇۋاپىق كۆزقاراشتا بولۇپ، ئۇلارنى ئەتراپتا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەيدىغان غەيرى يات ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن توسقان. — زەبۇر 51:5.
f «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 2006-يىل 10-ئاي 15-كۈن سانىنىڭ 18–31-بەتلىرىدىكى، توي-مەرىكىسى ۋە ئاممىۋى يىغىلىش (باردى-كەلدى قىلىپ سورۇن تۈزۈش) توغرىسىدىكى ئۈچ پارچە ماقالىگە قاراڭ.
g «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 2007-يىل 2-ئاي 15-كۈن سانىنىڭ 30–31-بەتلىرىگە قاراڭ.
h يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان.