12-باب
«مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار»
«ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار». — ئەفەسلىكلەر 4:29.
1–3. (1) يەھۋا بىزگە قانداق سوۋغات ھەدىيە قىلغان؟ شۇ سوۋغات قانداق قالايمىقان ئىشلىتىلىشى مۇمكىن؟ (2) خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى قانداق ئىشلىتىشىمىز زۆرۈر؟
ئەگەر ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە بىر سوۋغات بەرسىڭىز، ئەمما ئۇ كىشى سوۋغاتنى قالايمىقان ئىشلەتسە، قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ ئۇنىڭغا بىر ماشىنا سوۋغا قىلدىڭىز، دەپ پەرەز قىلايلى. كېيىن، ئۇنىڭ ماشىنىنى قاراملىق بىلەن ھەيدەپ، باشقىلارنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
2 «ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ»، سۆز قىلىش قابىلىيىتىمۇ يەھۋانىڭ بىزگە ھەدىيە قىلغان سوۋغىسىدۇر (ياقۇپ 1:17). مۇشۇ سوۋغات بىز ئىنسانلارنى ھايۋاناتلاردىن پەرقلىق قىلغاچ، ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. ئەمما، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماشىنىغا ئوخشاش، سۆز قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ سوۋغات قالايمىقان ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. ئېغىزىمغا كەلدى، دەپ ئويلاشمايلا گەپ قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرسەك، يەھۋا ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ!
3 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن، سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى خۇدا نىيەت قىلغاندەك توغرا ئىشلىتىشىمىز زۆرۈر. قانداق گەپ- سۆزلەرنىڭ ئۆز كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى يەھۋا ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ سۆزى: «ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار»، دەيدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:29). تۆۋەندە، نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆزلىرىمىزگە ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك، قانداق سۆزلەرنى قىلىشتىن خالىي بولۇش لازىم ۋە قانداق قىلىپ كىشىگە ئىلھامبەخش ئېتىدىغان «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى» قىلالايمىز، دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك
4، 5. مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەت گەپ-سۆزنىڭ تەسىر كۈچىنى قانداق تەسۋىرلىگەن؟
4 گەپ-سۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى، سۆزنىڭ تەسىر كۈچى زوردۇر. پەندى-نەسىھەت 15:4-ئايەت (ب ج): «يۇمشاق سۆزلەيدىغان تىل تىرىكلىك دەرىخىدەكتۇر لېكىن ئەگرى تىل كۆڭۈلنى سۇندۇرادۇر»، دەيدۇ. مۇلايىم سۆزلەر شەبنەم تامچىلىرى كەبى قەلىبگە ئىلھامبەخش ئاتا قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەگرى گەپ-سۆزلەرنى قىلىش باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزىدۇ. ھەقىقەتەن، گەپ-سۆزىمىز يۈرەكنى زېدە قىلالايدۇ ياكى يۈرەك يارىسىغا شىپالىق بېرەلەيدۇ. — پەندى-نەسىھەت 18:21.
5 سۆزنىڭ تەسىر كۈچى ھەققىدە يەنە بىر ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «كىشى پىكىرسىز سۆز قىلسا قېلىچ [سانجىغاندەك] بولۇر» (پەندى-نەسىھەت 12:18، ب ج). كىمدۇر بىرىنىڭ خەنجەر سانجىغاندەك قىلغان سۆزلىرى يۈرىكىڭىزنى زېدە قىلغانمىدى؟ دەرۋەقە، ئويلاشمايلا قىلغان گەپ-سۆزلەر كۆڭۈلنى ئاغرىتىپ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاشۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن دانانىڭ تىلى [شىپالىق] دورىدەكتۇر». باشقىلارغا كۆيۈنۈش بىلەن قىلىنغان گەپ-سۆزلەر خۇدانىڭ دانالىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، كۆڭۈل ئاغرىقىغا شىپالىق بېرىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. مېھىر-مۇھەببەتلىك سۆزلەرنىڭ شىپالىق تەسىر كۈچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ۋاقىتنى ئەسلىيەلەمسىز؟ (پەندى-نەسىھەت 16:24). گەپ-سۆزنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى بىلگەن ئىكەنمىز، سۆزىمىز باشقىلارغا شىپالىق دورا بولسۇنكى، ھەرگىز خەنجەر ئۇرمىسۇن!
مۇلايىم سۆز شەبنەم تامچىلىرى كەبى قەلىبگە ئىلھامبەخش ئېتەر
6. نېمە ئۈچۈن تىلىمىزنى تىزگىنلەش ئاسان ئەمەس؟
6 مەيلى قانچە كۈچەيلى، تىلنى تامامەن تىزگىنلەش مۇمكىن ئەمەس. ئىنسان گۇناھكار، مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا تىلنى قالايمىقان ئىشلىتىش خاھىشى كۈچلۈك، بۇ دەل گەپ-سۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇشنىڭ ئىككىنچى مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر. پەرۋەردىگار ئۆزى: «ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن»، دېگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئىنسان كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇنى چىقىرىدۇ (يارىتىلىش 8:21؛ لۇقا 6:45). مۇشۇ سەۋەب، تىلىمىزنى تىزگىنلەش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس (ياقۇپ 3:2–4). گەرچە تىلنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن تىلنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىزنى تىرىشىپ ياخشىلاش مۇمكىن. خۇددى ئېقىنغا قارشى ئۈزۈۋاتقان كىشى سۇنىڭ ئېقىتىش كۈچى بىلەن تىركەشكەندەك، تىلىمىزنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە ئىنتىلدۈرىدىغان گۇناھكار تەبىئىتىمىز بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
7، 8. گەپ-سۆزلىرىمىز يەھۋاغا قىلغان ئىبادىتىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
7 گەپ-سۆزىمىزگە ئاگاھ بولۇشنىڭ ئۈچىنچى مۇھىم بىر سەۋەبى، يەھۋانىڭ ئالدىدا قىلغان گەپ-سۆزىمىزگە جاۋابكارلىقىمىز بار. تىلدىن قانداق پايدىلىنىش پەقەت باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر قىلىپ قالماستىن، يەنە يەھۋانىڭ بىزگە بولغان كۆزقارىشىغا تەسىر قىلىدۇ. ياقۇپ 1:26-ئايەت: «ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر»، دەيدۇ.a ئالدىنقى بابتا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، گەپ-سۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىبادىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ئەگەر تىلىمىز تىزگىنلەنمىسە، ھەمىشە كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان زەھەرلىك سۆزلەرنى پۈركۈپ، ئاللا يولىدا قىلغان خىزمىتىمىز، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، گەپ قىلغاندا ئاگاھ بولماي بولامدۇ؟ — ياقۇپ 3:8–10.
8 ئېنىقكى، خۇدا ئاتا قىلغان سۆز قىلىشتىن ئىبارەت شۇ سوۋغاتنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك ئۈچۈن ئاگاھ بولۇشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئىلھامبەخش ئېتىدىغان مېھىر-مۇھەببەتلىك سۆزلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشتىن ئاۋۋال، خۇدا خىزمەتچىلىرى قانداق گەپ-سۆزلەرنى ئېغىزدىن قەتئىي چىقارماسلىق كېرەك، مۇشۇ ھەققىدە كۆرۈپ چىقايلى.
ئازار يەتكۈزىدىغان گەپ-سۆزلەر
9، 10. (1) قانداق گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىش، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان؟ (2) نېمە ئۈچۈن ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنى تاشلىشىمىز زۆرۈر؟ (بەت ئاستى ئىزاھاتىغا قاراڭ).
9 ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەر. تىللاش، سەت گەپ قىلىش ياكى باشقا ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىش، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان. نۇرغۇنلار دېمەكچى بولغان سۆزىنى ئۇرغۇ بىلەن تەكىتلەش ياكى سۆز بايلىقى كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبلىك شۇنداق ھاقارەتلىك تىل ئىشلەتسە، گەپدان چاقچاقچىلار ھەمىشە چاكىنا، شەھۋانىي مەزمۇندىكى سەت گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ. لېكىن، ئۇياتسىز پەسكەش سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق كۈلگىدەك يېرى يوق. تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرى، ئەلچى پاۋلۇس كولوسى شەھىرىدىكى جامائەت ئەزالىرىغا «ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى» قىلىشتىن يىراق بولۇڭلار، دەپ نەسىھەت بەرگەن (كولوسىلىقلار 3:8). پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى جامائەت ئەزالىرىغىمۇ، «چاكىنا چاقچاق قىلىش» قا، ھەتتا ئاراڭلاردا «قەتئىي يول قويۇلمىسۇن»، دەپ يازغان. — ئەفەسلىكلەر 5:3، 4.
10 يەھۋا ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ. يەھۋانى سۆيىدىغانلارمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. ھەقىقەتەن، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنى تاشلاشقا ئۈندەيدۇ. پاۋلۇس ‹ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى› ھەققىدە يازغىنىدا، تىلغا ئالغان «ناپاكلىق»، پەقەت ئىش-ھەرىكەتتىكى ناپاكلىقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، گەپ-سۆزدىكى ناپاكلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (گالاتىيالىقلار 5:19–21). بۇ بەكمۇ رەزىل قىلمىش. ئەگەر بىر ئېتىقادچى قايتا-قايتا بېرىلگەن نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، دائىم ئەخلاقسىزلىقنى تەرغىپ قىلىپ، كىشىنى چىرىكلەشتۈرۈپ چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئۇياتسىز سۆزلەرنى ئىشلەتسە، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن.b
11، 12. (1) غەيۋەت دېگەن نېمە؟ باشقىلار ھەققىدە پاراڭلىشىش، قانداق قىلىپ غەيۋەت-شىكايەتكە ئايلىنىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن، يەھۋاغا خىزمەت قىلغۇچىلار تۆھمەت گەپلەرنى قىلىشتىن خالىي بولۇشى زۆرۈر؟
11 غەيۋەت-شىكايەت ۋە تۆھمەت. غەيۋەت بولسا بىكارچىلىقتا باشقىلار ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلىشىشتۇر. باشقىلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش، ھەمىشە يامان ئىشمۇ؟ ئەگەر باشقىلار بىلەن پايدىلىق خەۋەرلەر — مەسىلەن، بىرىنىڭ يېڭىدىن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەنلىكى ياكى بىرسى رىغبەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى يامان دېگىلى بولمايدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار ئىمانداش قېرىنداشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشقان (ئەفەسلىكلەر 6:21، 22؛ كولوسىلىقلار 4:8، 9). بىراق، پاراڭلىرىمىز ئۆزگۈرۈپ ئەمەلىي ئەھۋالدىن يىراقلاپ كەتسە، ياكى باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا قىلسا، ئۇنداقتا غەيۋەت-شىكايەتكە ئايلىنىدۇ. ئەڭ يامان بولىدىغىنى، شۇنداق غەيۋەت-شىكايەت ئاخىرىدا بېرىپ تۆھمەتكە ئايلىنىپ، يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. تۆھمەت بولسا، «باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش، نام-شەرىپىگە داغ تەگكۈزۈش، زىيانكەشلىك مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ-سۆزلەر». مەسىلەن، پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ نام- ئابرويىنى تۆكۈش نىيىتىدە ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىشقان (مەتتا 9:32–34؛ 12:22–24). تۆھمەت ھەمىشە ئۇرۇش-جېدەل چىقىرىدۇ. — پەندى- نەسىھەت 26:20.
12 كىشى سۆز قىلىشتىن ئىبارەت شۇ سوۋغاتنى، باشقىلارنىڭ ئابرويىغا داغ تەگكۈزۈش ياكى ئارىغا سوغاقچىلىق سېلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، يەھۋانىڭ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزۈۋېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇ «بۇرادەرلەر ئارىسىدا جېدەل تېرىغۇچى» كىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 6:16–19، ب ج). «تۆھمەت قىلغۇچى»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان «دىئابولوس»، دېگەن گرېكچە سۆز، يەنە «ئىبلىس»، دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئىبلىس — شەيتاننىڭ يەنە بىر نام-ئاتىقىدۇر. ئۇ خۇداغا تۆھمەت قىلغاچ، «ئىبلىس» دەپ ئاتالغان (ۋەھىيلەر 12:9، 10). بىز ئىبلىسقا ئوخشاش گەپ- سۆزنى قىلىپ تۆھمەت قىلغۇچى بولۇپ قېلىشنى ئەلۋەتتە خالىمايمىز. تۆھمەت گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئەمەللىرى بولغان «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «گۇرۇھۋازلىق» نى پەيدا قىلغاچ، ئېتىقادچىلار جامائىتىدە تۆھمەت قىلىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ (گالاتىيالىقلار 5:19–21). شۇڭا، مەلۇم بىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى باشقا كىشىلەرگە ئېيتىشتىن ئاۋۋال، ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكمۇ؟ مۇشۇ خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ياخشى ئىشمۇ؟ شۇنى باشقىلارغا تارقىتىشقا ئەرزىمدۇ؟ مۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىكمۇ؟». — 1-سالونىكالىقلار 4:11.
13، 14. (1) ھاقارەتلىك سۆزلەرنىڭ قانداق تەسىر كۈچى بار؟ (2) ئاھانەت قىلىش دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئاھانەت قىلغۇچىلار ئۆز-ئۆزىنى خەتەرگە ئىتتەرگەن، دەيمىز؟
13 ھاقارەتلىك سۆزلەر. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، گەپ-سۆزلەر كىشىگە زىيانكەشلىك قىلالايدۇ. بىز ئىنسانلار نامۇكەممەل بولغاچ، ھەر بىرىمىز ئېيتقان سۆزىمىزگە بەزىدە پۇشايمان قىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب ئېتىقادچىلارنىڭ ئائىلىسىدە ۋە جامائەتتە ئورۇنسىز گەپلەرنى قىلماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى: «بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ... يىراق تۇرۇڭلار»، دەپ نەسىھەت قىلغان (ئەفەسلىكلەر 4:31). «تۆھمەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان مۇشۇ ئىبارە، باشقا تەرجىمىلەردە «رەزىل سۆزلەر»، «ئاھانەتلىك سۆزلەر» ياكى «ھاقارەتلىك سۆزلەر»، دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ھاقارەتلىك سۆزلەر — مازاق قىلىپ لەقەم چاقىرىش، قوپال گەپ قىلىش، توختىماي ۋالاقلاپ تەنقىد قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق گەپ-سۆزلەر كىشىنىڭ ئىززەت- ئابرويىنى يەر قىلىپ، قەدىرسىز ھېس قىلدۇرىدۇ. بولۇپمۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك بولغاچ، ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەر ئاسانلا ئاشۇ سەبىيلەرنىڭ دىلىغا يۈرەك يارىسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. — كولوسىلىقلار 3:21.
14 مۇقەددەس كىتاب، كىشىنى كەم سۇندۇرىدىغان، خورلۇق ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەر بىلەن ئاھانەت قىلىشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ھەرقانداق بىرى ھەر دائىم شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلسا، ئۆز-ئۆزىنى خەتەرگە ئىتتەرگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن قايتا- قايتا بېرىلگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىسا، جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئەگەردە توغرا يولغا قايتمىسا، ھەتتا خۇدا پادىشاھلىقى ئاتا قىلىدىغان يېڭى دۇنيادا ياشاشتەك گۈزەل كېلەچىكىنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن (1-كورىنتلىقلار 5:11–13؛ 6:9، 10). روشەنكى، ئەگەر بىز زىيىنى كۆپ، پايدىسى يوق، يالغان-ياۋىداق ۋە قوپال سۆزلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنسەك، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىيالىشىمىز تامامەن مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق گەپ-سۆزلەر ھەقىقەتەن زىيانلىقتۇر!
ئىلھامبەخش ئېتىدىغان «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەر»
15. قانداق سۆزلەر ئىلھامبەخش ئېتىدىغان «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەر؟»
15 ياراتقۇچى ئىگىمىز ھەدىيە قىلغان سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى، قانداق قىلىپ ئۇ مەقسەت قىلغاندەك ئىشلىتەلەيمىز؟ ئەسلەپ باقسىڭىز، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئىلھامبەخش ئېتىدىغان «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار»، دەپ دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:29). بىز ئىلھامبەخش، مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسەك، يەھۋا خۇرسەن بولىدۇ. شۇنداق گەپلەرنى قىلىش، ئويلىنىپ كۆرۈش يەنى يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا ھېچقانداق بىر ئېنىق قائىدە-تەرتىپ ياكى «توغرا سۆزلەر»، دەپ بىر سۆزلۈكلەر تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن ئەمەس (تىتۇس 2:8). بىز باشقىلارغا ئىلھامبەخش بېرىدىغان «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى» قىلماقچى بولساق، ئاددىي ئۈچ مۇھىم ئامىلنى: توغرا، راست، مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىشنى مەھكەم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. مۇشۇ ئامىللارنى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن، ئىلھام مەدەتلەرنى بېرىدىغان، بىرنەچچە تۈرلۈك مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى كۆرۈپ باقايلى. — «مەن مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىمەنمۇ؟»، دېگەن 160-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
16، 17. (1) نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى ماختىشىمىز كېرەك؟ (2) جامائەتتە باشقىلارنى ماختىشىمىز ئۈچۈن قانداق پۇرسەتلەر بار؟ ئائىلىدىچۇ؟
16 سەمىمىي ماختاش. تەڭرى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا ماختاش سۆزلىرىنى قىلىپ ئۈلگە قالدۇرۇپ، باشقىلارنى ماختاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن (مەتتا 3:17؛ 25:19–23؛ يۇھاننا 1:47). خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىزمۇ باشقىلارنى سەمىمىي ماختىشىمىز لازىم. نېمە ئۈچۈن؟ پەندى-نەسىھەت 15:23-ئايەت (ب ج): «ئۆز ۋاقتىدا ئېيتىلغان سۆز قانچە ياخشىدۇر»، دەيدۇ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: باشقىلارنىڭ سەمىمىي ماختىشىغا ئېرىشكەندە، قانداق ھېسسىياتقا كېلىمەن؟ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىپ، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالامدۇ؟ باشقىلارنىڭ سەمىمىي ماختىشىدىن، باشقىلارنىڭ ھەقىقەتەن سىزگە دىققەت قىلغانلىقىنى، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ بىكار كەتمىگەنلىكىنى بىلەلەيسىز. شۇنداق ماختاشلار ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇشىڭىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىشقا مەدەت بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەنسىز، باشقىلارنىمۇ ماختاشقا تىرىشىپ بېقىشىڭىز كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! — مەتتا 7:12.
17 باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرىپىنى كۆرۈشنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سەمىمىي ماختاپ ئىلھام بېرىڭ. جامائەتتە بەلكىم، جامائەت يىغىلىشلىرىدا ياخشى سۆزلەنگەن بىر نۇتۇقنى ئاڭلىغىنىڭىزدا؛ ياش ئېتىقادچىنىڭ جامائەتتە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغىنىڭىزدا؛ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، قىيىنچىلىقىغا قارىماي داۋاملىق يىغىلىشلارغا قاتنىشىۋاتقان ئېتىقادچىنى كۆرگىنىڭىزدە، چىن كۆڭلىڭىزدىن قىلغان ماختاش سۆزلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ئىلھام مەدەتلەرنى بېرەلەيدۇ. ئائىلىدە بولسا، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بىر-بىرىنى ماختاپ مەدھىيلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان يېقىملىق سۆزلەرگە مۇھتاج (پەندى-نەسىھەت 31:10، 28). بولۇپمۇ بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇلارغا باشقىلارنىڭ ئېتىبار بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. خۇددى ئۆسۈملۈك سۇ ۋە قۇياش نۇرىغا مۇھتاج بولغىنىدەك، بالىلار ماختاش ۋە قەدىرلەشكە مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار پۇرسەت تېپىپ، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختاپ، بارىكاللا ئېيتىڭلار. شۇنداق ماختاپ كۆتۈرۈش، بالىلارنىڭ جاسارەتلىك بولۇشىغا ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە تېخىمۇ تىرىشىشىغا مەدەت بولىدۇ.
18، 19. نېمە ئۈچۈن، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن بارچە تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم؟ قانداق قىلىپ شۇنداق قىلالايمىز؟
18 تەسەللىي. يەھۋا «كۆڭلى سۇنۇقلارغا» ۋە «روھى ئېزىلگەنلەر» گە غەمخورلۇق قىلىدۇ (زەبۇر 34:18). مۇقەددەس كىتاب، بىزنى «بىر-بىرىڭلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ»، روھى چۈشكەن غەمكىنلەرگە تەسەللىي بېرىڭلار، دەپ ئۈندەيدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:11، 14). شۇنى جەزم قىلالايمىزكى، كۆڭلى ئازار يېگەن، دىلى سۇنۇق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزغا يەھۋا نەزەر سالىدۇ ۋە شۇنداق قىلغىنىمىزدىن خۇرسەن بولىدۇ.
باشقىلارغا ئىلھامبەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى قىلغىنىمىزدا، يەھۋا مەمنۇن بولىدۇ
19 ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ غەمكىن ياكى روھى چۈشكەن ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرەلەيسىز؟ مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىماڭ. نۇرغۇن چاغلاردا، ئاددىيغىنا سۆزلەرنىڭ ياردىمى كۆپ بولىدۇ. ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن شۇ كىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇ كىشىنى بىرلىكتە دۇئا قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، يەھۋانىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۇ كىشىنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىنىڭ كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن، دۇئايىڭىزدا ئۇ كىشىگە خۇدادىن ياردەم تىلىسىڭىز بولىدۇ (ياقۇپ 5:14، 15). ئۇ كىشىنىڭ كۆپچىلىك مۇھتاج بولىدىغان، ھەممە قەدىرلەيدىغان جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ (1-كورىنتلىقلار 12:12–26). يەھۋانىڭ ئۇ كىشىگە ھەقىقەتەن غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتنى مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ بېرىڭ (زەبۇر 34:18؛ مەتتا 10:29–31). روھى چۈشكۈن كىشىگە چىن كۆڭۈلدىن «ياخشى سۆز» قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقارسىڭىز، ئۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرەلىشىڭىز، شەك-شۈبھىسىزدۇر. — پەندى-نەسىھەت 12:25، (ب ج).
20، 21. قايسى ئامىللار مەسلىھەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىدۇ؟
20 ئۈنۈملۈك مەسلىھەت. بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچ، پات-پات مەسلىھەت ياكى نەسىھەتلەرگە مۇھتاجمىز. مۇقەددەس كىتاب بىزنى: «دانا بولماق ئۈچۈن نەسىھەت ئاڭلاپ [ئەدەبلەشنى] قوبۇل قىلغىن»، دەپ چاقىرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 19:20، ب ج). باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىش پەقەت ئاقساقاللارنىڭ بۇرچى ئەمەس. ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت بېرىدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:4). ياش ئاياللار نەسىھەت ياكى مەسلىھەتكە مۇھتاج بولغاندا، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئاياللار، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ (تىتۇس 2:3–5). ئىمانداشلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، بىزنى مەسلىھەتنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزمىگەن يوسۇندا بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇنداقتا، مەسلىھەتنى قانداق يوسۇندا بەرسەك مۇۋاپىق؟ ئۈنۈملۈك مەسلىھەت بېرىشنىڭ ئۈچ ئامىلىنى، يەنى مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ مۇئامىلىسى ۋە مەقسەت-مۇددىئاسى، مەسلىھەتنىڭ نېمىگە ئاساسلانغانلىقى ۋە قايسى ئۇسۇلدا بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆرۈپ باقايلى.
21 مەسلىھەت بېرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدىن: «قانداق ئەھۋالدا نەسىھەتنى ئاسانراق قوبۇل قىلالايمەن؟»، دەپ سوراپ بېقىڭ. ئەگەر مەسلىھەت بەرگۈچى سىزدىن نارازى بولغانلىقى ياكى باشقىچە غەرەزدە بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى سىزگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە نەسىھەت بەرگەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە، شۇنداق مەسلىھەت ياكى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش، سىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقىلارغا مەسلىھەت بەرگەندە شۇنداق مۇئامىلىدە ياكى مەقسەتتە بولۇشىڭىز كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەڭ ياخشى مەسلىھەت ياكى نەسىھەت مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بولىدۇ (2-تىموتىي 3:16). مۇقەددەس كىتابتىن بىۋاستە ئايەتلەرنى ئوقۇڭ ياكى باشقىچە ئۇسۇلدا بولسۇن، بەرگەن ھەرقانداق مەسلىھەت چوقۇم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بولۇشى شەرت. شۇڭا، ئاقساقاللار ئۆز كۆزقارىشىنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىشتىن ۋە ئۆز شەخسىي پىكىرىنى ياقلاش ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى لازىم. ئەگەر مەسلىھەت توغرا ئۇسۇلدا بېرىلسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. خۇددى تۇز بىلەن تەم تەڭشىگەندەك، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت بېرىلسە، ئاڭلىغۇچى كىشىمۇ ئاسانراق قوبۇل قىلىپ، يۈزى چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلمايدۇ. — كولوسىلىقلار 4:6.
22. خۇدا ھەدىيە قىلغان سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى قانداق ئىشلىتىشنى قارار قىلدىڭىز؟
22 دەرۋەقە، سۆز قىلىش قابىلىيىتى، ئاللا ھەدىيە قىلغان سوۋغاتتۇر. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، شۇ سوۋغاتنى قالايمىقان ئەمەس، بەلكى لايىقىدا ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنى ئەستە ساقلاش كېرەككى، گەپ-سۆزلىرىمىزنىڭ تەسىر كۈچى زور، يەنى ئىلھامبەخش ئېتىپ روھنى كۆتۈرىدىغان ياكى كۆڭۈلگە ئازار بېرىپ دىلنى رەنجىتىدىغان كۈچى بار. شۇڭا، خۇدا ئاتا قىلغان سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى، ئۇ ئەسلى مەقسەت قىلغاندەك ئىشلىتىپ، «مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى» قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى! شۇندىلا، قىلغان گەپ-سۆزىمىز ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئىلھامبەخش ۋە مەدەتلەرنى بېرىدۇ، ۋە خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
a «قىممىتى يوق»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز، يەنە «بىكار» ۋە «ئەھمىيەتسىز»، دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. — 1-كورىنتلىقلار 15:17، (ب ج)؛ 1-پېترۇس 1:18.
b مۇقەددەس كىتابتىكى «ناپاكلىق»، دېگەن سۆز-ئىبارىنىڭ مەنىسى كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ھەر تۈرلۈك گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گەرچە بارلىق ناپاك ئىشلار چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىسىمۇ، ئەمما بىرى گۇناھىغا توۋا قىلماي، چەكتىن ئاشقان ناپاكلىقلارنى تەكرار-تەكرار قايتىلىسا، شۇنداق كىشى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن. — 2-كورىنتلىقلار 12:21؛ ئەفەسلىكلەر 4:19؛ «كۆزىتىش مۇنارى»، 2006-يىل 7-ئاي 15-كۈن ساندىكى «ئوقۇرمەنلەردىن سوئاللار»، دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.