كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 197-‏ب.‏-‏199-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏
  • دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بىر پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆرۈشى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 197-‏ب.‏-‏199-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر تۇ‌غۇ‌لۇ‌شتىن تە‌خمىنە‌ن 500 نە‌چچە يىل ئاۋۋال ياشىغان.‏ ئە‌مما،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە ئە‌يسانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنىپ قاچان مە‌سىھ ياكى خرىستوس سۈپىتىدە ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خە‌ۋە‌ر بېرىپ ۋاقىتنى ئاشكارا قىلغان.‏ يە‌ھۋا،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «شۇ‌نى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرە‌ككى،‏ يېرۇ‌سالېمنى يېڭىباشتىن ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈپ بىنا قىلىش جاكارلانغاندىن تارتىپ،‏ ھۆكۈمرانلىق قىلغۇ‌چى مە‌سىھ مە‌يدانغا چىققۇ‌چە،‏ يە‌تتە ھە‌پتە ۋە ئاتمىش ئىككى ھە‌پتە ئۆتىدۇ» دە‌پ ئېيتقان.‏ —‏ دانىيال 9:‏25،‏ ي.‏د.‏

بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا،‏ مە‌سىھ مە‌يدانغا كېلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا مە‌سىھنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ تۇ‌نجى بولۇ‌پ بىز بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىت قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.‏ ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ «يېرۇ‌سالېمنى يېڭىباشتىن ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈپ بىنا قىلىش جاكارلانغاندىن تارتىپ» بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىت باشلانغان.‏ قاچان شۇ‌نداق جاكارلانغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌ھە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يېزىپ قالدۇ‌رغىنىغا ئاساسلانغاندا،‏ يېرۇ‌سالېم تاملىرىنى قايتا ياساش پە‌رمانى «ئارتاھشاشتا پادىشاھنىڭ سە‌لتە‌نىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلى» جاكارلانغان (‏نە‌ھە‌مىيا 2:‏1،‏ 5–‏8)‏.‏ تارىخشۇ‌ناسلار ئارتاھشاشتا پادىشاھ بولۇ‌پ سە‌لتە‌نە‌ت باشلىغان تۇ‌نجى يىل بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 474-‏يىلى دە‌پ جە‌زملە‌شتۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاشۇ پادىشاھنىڭ سە‌لتە‌نىتىنىڭ 20-‏يىلى بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلىغا توغرا كېلىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارىتىنىڭ باشلىنىش نۇ‌قتىسى ئاشۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلى بولغان.‏

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇ‌چى مە‌سىھ» كە‌لگىچە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقى بە‌لگىلە‌نگە‌نلىكىنى بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بېشارە‌تتە،‏ «يە‌تتە ھە‌پتە ۋە ئاتمىش ئىككى ھە‌پتە» جە‌مئىي 69 ھە‌پتە تىلغا ئېلىنغان.‏ بە‌لگىلە‌نگە‌ن مۇ‌شۇ ۋاقىت زادى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت؟‏ بە‌زى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىلىرىدە،‏ ئاشۇ‌لار كۈن ھە‌پتىسى ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما يىل ھە‌پتىسى دە‌پ ئىزاھلانغان.‏ ئاشۇ ھە‌ربىر ھە‌پتە يە‌تتە يىلغا ۋە‌كىللىك قىلىدۇ.‏ بۇ يىل ھە‌پتىسى چۈشە‌نچىسى ياكى يە‌تتە يىلنى بىر بىرلىك قىلىپ ھېسابلاشقا قە‌دىمكى يە‌ھۇ‌دىيلار ئادە‌تلە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ھە‌ر يە‌تتە يىلدا بىر ئارام ئېلىش يىلى قىلىپ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلغان (‏چىقىش 23:‏10،‏ 11)‏.‏ شۇ‌ڭا بېشارە‌تتە ئېيتىلغان 69 ھە‌پتە يە‌تتە يىل بىر بىرلىك قىلىنغان 69 ھە‌پتە بولۇ‌پ جە‌مئىي 483 يىل بولىدۇ.‏

ھازىر بىز ھېسابلاپ باقايلى،‏ ئە‌گە‌ر بىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلدىن باشلاپ ھېسابلىساق،‏ مىلادى 29-‏يىلىغىچە 483 يىل ۋاقىت ئۆتكە‌ن.‏ مىلادى 29-‏يىلى دە‌ل ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈپ مە‌سىھa بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن!‏ (‏لۇ‌قا 3:‏1،‏ 2،‏ 21،‏ 22)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىنىڭ ئاشۇ‌نداق تە‌پسىلىي ئە‌مە‌لگە ئېشىشى سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتمە‌مدۇ؟‏

a مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلغىچە 454 يىل.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلدىن مىلادى 1-‏يىلغىچە بىر يىل (‏چۈنكى مىلادى نۆلىنچى يىل يوق)‏.‏ مىلادى 1-‏يىلدىن مىلادى 29-‏يىلغىچە 28 يىل.‏ مۇ‌شۇ ئۈچ ساننى قوشساق جە‌مئىي 483 يىل بولىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مىلادى 33-‏يىلىدا «يوقىتىلىپ» يە‌نى ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ 70-‏يىل ھە‌پتىسى مە‌زگىلى (‏دانىيال 9:‏24،‏ 26)‏.‏ «دانىيالنىڭ بېشارىتىگە دىققە‌ت قىلىڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 11-‏​بابىغا ۋە يە‌نە «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگە‌ن كىتابنىڭ 2-‏بۆلۈم 899–‏901-‏بېتىگە قاراڭ.‏ ھە‌ر ئىككىسىلا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى تە‌رىپىدىن نە‌شىر قىلىنغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش