44-ناخشا
خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
(مەتتا 13:1–23)
1. بۇ نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ،
ھوسۇل يىغىشقا قاتنىشىش.
خۇدا پەرىشتىلىرى بىلەن
بىرگە بۇ خىزمەتنى قىلىش.
باشچى بولۇپ خۇش خەۋەر ئېيتىپ،
مەسىھ ئۆزى بولغان ئۈلگە.
خۇشال ھوسۇل يىغىشىمىز ئۈچۈن
خۇدا بەرگەن شەرەپ بىزگە.
2. خۇدا ۋە قوشنىمىزنى سۆيۈش
بىزنى تېز بولۇشقا ئۈندەر.
شۇڭا، ھوسۇل يىغ، ۋەز ئېيت قىزغىن،
ئەمدى چوڭ كۈن يېتىپ كېلەر.
پاھ! نېمە دېگەن زور خۇشاللىق؛
خۇداغا خىزمەتداش بولۇش.
سەۋرچان قىلۇر بىزنى ۋەز ئېيتىش ھەم
خۇدا شەپقىتىنى تونۇش.
(مەتتا 24:13؛ 1-كورىنتلىقلار 3:9؛ 2-تىموتىي 4:2-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).