34-ناخشا
ئىسمىمىزغا ماس ياشايلى!
(يەشايا 43:10–12)
1. مەڭگۈ ھەيۋەت، ھەممىگە قادىر يەھۋا،
سەن مۇھەببەتلىك، كۈچلۈك، ھەققانىي؛
تۈگىمەس ھېكمەت، ھەقىقەت بۇلىقى،
پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھەق ھۆكۈمرانى.
بىز خەلقىڭ قاتارى خىزمەت قىلايلى،
ئېيتىپ خۇشال شاھلىق خۇش خەۋىرى.
(قايتۇرما)
خۇدا گۇۋاھچىلىرى بولۇش شەرەپ.
ئىسمىمىزغا ماس ياشاش بىزگە شەرت!
2. قېرىنداشلار بولار ئىناق-ئىتتىپاق،
بىرگە مۇقەددەس خىزمەتنى قىلساق.
ھەقنى ئۆگەتسەك، شان-شۆھرىتىڭ ئاشار،
قەلبىمىز زور خۇشاللىققا تولار.
رەب يەھۋا، بىز ئىسمىڭ بىلەن تونۇلدۇق،
شەرەپتۇر! قىلىش يۈزۈڭنى يورۇق.
(قايتۇرما)
خۇدا گۇۋاھچىلىرى بولۇش شەرەپ.
ئىسمىمىزغا ماس ياشاش بىزگە شەرت!
(تەكرار قانۇن 32:4؛ زەبۇر 43:3؛ دانىيال 2:20، 21-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).