46-ناخشا
يەھۋا پادىشاھىمىز!
(زەبۇر 97:1)
1. مەدھىيە، شەن-شەرەپ يەھۋاغا،
ماختار ئاسمانلار ھەققانىيلىقىڭنى.
خۇدا شەرىپىڭگە ئېيتايلى كۈي-ناخشا،
ئويلاپ بىز ئۇلۇغ ئىشلىرىڭنى.
(قايتۇرما)
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
2. ئېيت، جاھانغا خۇدا ئۇلۇغدۇر؛
ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش ئىشىنى جاكارلا.
يەھۋا ئۇ پادىشاھ؛ شان-شەرەپكە لايىق.
باش ئەگ ئۇنىڭ تەختى ئالدىدا.
(قايتۇرما)
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
3. ئۇ ھەق ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەپ؛
مەسىھ شاھنى تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
ئەمدى ساختا ئىلاھلار نومۇستا قالار؛
چۈنكى، ھەممە ماختار يەھۋانى.
(قايتۇرما)
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
ئاسمان شادلىق قىلىپ، يەر تەنتەنە قىلسۇن،
چۈنكى، يەھۋا شاھىمىز بولدى!
(1-تارىخنامە 16:9؛ زەبۇر 68:20؛ 97:6، 7-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).