1-بۆلۈم
خۇدانىڭ سۆزىگە قانداق قۇلاق سالىمىز؟
خۇدا مۇقەددەس كىتابى ئارقىلىق بىزگە سۆز قىلىدۇ. 2-تىموتىي 3:16
ھەق خۇدا ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بەزى كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ شۇلارنى يېزىپ خاتىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان. شۇ خاتىرىلەنگەن يازمىلار مۇقەددەس كىتاب، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىتابتا خۇدا سىزنى خەۋەردار قىلماقچى بولغان مۇھىم ئىشلار بار.
خۇدا نېمىنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇ بارچە ئەقىل-پاراسەتنىڭ بۇلىقى. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئىلىم-ھېكمەتكە ئىگە كىشىلەردىن بولالايسىز. — پەندى-نەسىھەت 1:5.
خۇدا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشىنى خالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان مىللەت كىشىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.
ئەگەر خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مۇقەددەس كىتاب ئوقۇپ، ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك.
ھەممىلا جايدا كىشىلەر خۇدا سۆزىگە قۇلاق سالماقتا! مەتتا 28:19
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا، ئۇلار باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ.
مۇشۇ تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن ھەق تۆلىمەيسىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىبادەت يىغىلىشلىرىدا خۇدا ھەققىدە بىلىم ئالالايسىز.