6-تەتقىق ماقالىسى
مۇقەددەس كىتاب ئۇنىڭ مۇئەللىپى توغرۇلۇق نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟
«مەن ساڭا قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر كىتابقا يېزىۋالغىن».—يەرەم. 30:2.
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
بۇ ماقالىدەa
1. سىز نېمىشقا مۇقەددەس كىتاب ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈسىز؟
بىز مۇقەددەس كىتاب ئۈچۈن يەھۋا خۇداغا ئىنتايىن مىننەتدارمىز. مۇقەددەس كىتابتا بىز بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دانا مەسلىھەتلەر بېرىلگەن. ئۇ يەنە بىزگە كەلگۈسى ئۈچۈن گۈزەل ئۈمىدنى بېرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئاشكارە قىلغان. ئۇنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، بۇ قەلبىمىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق خۇدايىمىزغا يېقىنلىشىشقا ھەرىكەت قىلىمىز.—زەبۇر 25:14.
2. يەھۋا قانداق پەرقلىق يوللار بىلەن ئۆزىنى ئىنسانلارغا ئاشكارىلىغان؟
2 يەھۋا ئىنسانلارنىڭ ئۇنى تونۇشىنى خالايدۇ. ئۆتمۈشتە ئۇ چۈشلەر، ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر ۋە ھەتتا پەرىشتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارىلىغان (سانلار 12:6؛ ئەلچى. 10:3، 4). ئەمما، ئاشۇ چۈشلەر، ئاجايىپ كۆرۈنۈشلەر ياكى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن خەۋەرلەر يېزىلىپ قالدۇرۇلمىغان بولسا، ئۇلار ھەققىدە تەتقىق قىلىش مۇمكىن بولماس ئىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، يەھۋا ئىنسانلارنى ئىشلىتىپ يازدۇرغان ئاشۇ كىتابنى بىلىشىمىزنى خالىغان (يەرەم. 30:2). ھەق خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل بولغاچ، مۇشۇ ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز.—زەبۇر 18:30.
3. مۇقەددەس كىتابنىڭ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە، يەھۋا خۇدا قانداق كاپالەتلىك قىلغان؟ (يەشايا 40:8)
3 يەشايا 40:8-نى ئوقۇڭ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان خۇدانىڭ سۆزى سادىق ئەر ۋە ئاياللارغا توغرا يول-يورۇقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولغان؟ مۇقەددەس يازمىلار ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى چىرىپ يوقۇلۇپ كېتىدىغان ماتېرىياللارغا يېزىلغاچ، بۈگۈنكى كۈندە ئەسلى يازمىلارنىڭ ھېچقايسىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئەمما، يەھۋا خۇدا ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنى كۆچۈرۈپ، نۇسخا كۆپەيتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. گەرچە كۆچۈرۈپ كۆپەيتكۈچىلەر نامۇكەممەل بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىدا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولغان. مەسىلەن، ئىبرانىيچە مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە بىر ئالىم مۇنداق يازغان: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باشقا قەدىمقى ھېچبىر يازما مۇنداق توغرا يېتىپ كېلەلمىگەن». شۇڭا، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن، چىرىپ كېتىدىغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن ۋە كۆپەيتىپ كۆچۈرگۈچىلەر نامۇكەممەل بولغان بولسىمۇ، بىز بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغان سۆزلەرنىڭ، ئۇنىڭ مۇئەللىپى يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
4. بۇ ماقالىدە نېمىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 «ھەر بىر ياخشى ھەدىيە ۋە ھەر بىر مۇكەممەل سوۋغات»نىڭ مەنبەسى يەھۋا خۇدادۇر (ياقۇپ 1:17). مۇقەددەس كىتاب يەھۋا بىزگە بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغاتلاردىن بىرى. سوۋغات بىزگە سوۋغات بەرگۈچى ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ بىزنى ۋە ئېھتىياجىمىزنى ياخشى بىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى سوۋغات قىلغۇچىمۇ دەل شۇنداق. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ ئىزدەنگىنىمىزدە، يەھۋا توغرۇلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. ئۇنىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئۈچ پەزىلىتىنى، يەنى ئەقىل-پاراسىتى، ئادالىتى ۋە سۆيگۈسى قانداق ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئالدى بىلەن، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قايسى يوللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاشكارە قىلىدۇ
5. مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدانىڭ دانالىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر يولى قايسى؟
5 يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭ دانا مەسلىھىتىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ سوۋغىتى بولغان مۇقەددەس كىتاب ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان. ئۇنىڭدىكى سۆزلەر كىشىلەرگە ئىجابىي تەسىر قىلىپ، ئۇلارنى ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ تەۋرات قىسىمى قەلەمگە ئېلىنغاندا، مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگەن: «بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپ ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر» (تەكرار. قا 32:47). ئاشۇ سۆزلەرگە بويسۇنۇپ ياشىغانلار تۇرمۇشىدا خۇشاللىق ۋە بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن (زەبۇر 1:2، 3). شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇدا سۆزىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش كۈچى يوقالمىغان. مەسىلەن، jw.org تور بېكىتىدە «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەر بار. شۇ ماقالىلەردىن 50تىن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئوقۇيالايسىز.—1-سالونىكا. 2:13.
6. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابقا ئوخشاش يەنە بىر كىتاب يوق دېيەلەيمىز؟
6 خۇدانىڭ سۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر كىتاب يوق. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى، بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى يەھۋا خۇدا ھەممىگە قادىر، مەڭگۈلۈك ۋە تەڭداشسىز ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە. كىشىلەر داۋاملىق ئوقۇيدىغان نۇرغۇنلىغان كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا يېزىلغان مەسلىھەتلەر كېيىنرەك كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىنچە، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان دانا پرىنسىپلار مەڭگۈ قوللىنىشچان. ئۇلار ھەرقايسى دەۋىردە ياشىغان كىشىلەر ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا ۋە ئۆگەنگەنلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغاندا، يەھۋا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىپ، ئاشۇ يازمىلاردىكى نەسىھەتلىرىنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 119:27؛ مالاك. 3:16؛ ئىبرانىي. 4:12). مۇقەددەس كىتابنىڭ مەڭگۈ تىرىك مۇئەللىپى سىزگە ياردەم بېرىشكە تەشنا. بۇ بىزنى دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا ئۈندىشى كېرەك.
مۇقەددەس كىتاب ئۆتمۈشتە ۋە بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خەلقىنى قانداق ئىتتىپاقلاشتۇرغان؟ (7، 8-ئابزاسلارغا قاراڭ)
7. ئۆتمۈشتە مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ خەلقىنى قانداق ئىتتىپاقلاشتۇرغان؟
7 مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىر يولى — خۇدانىڭ خەلقىنى ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرۇش. ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەر تەرەپلەرگە تارقىلىپ ئولتۇرۇشقان. بەزىلىرى بېلىقچىلار، يەنە بەزىلىرى مال باقىدىغان چارۋىچىلار ۋە باشقىلىرى يەر تېرىيدىغان دېھقانلار بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاشۇ زېمىننىڭ بىر تەرىپىدە ياشىغان ئىسرائىللار، يەنە بىر تەرىپىدە ياشايدىغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ قانداق ھايات كەچۈرۈشىگە قىزىقماي قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، يەھۋا خۇدا ئىسرائىللارنى تۈرلۈك يىغىلىشلار ئارقىلىق جەم قىلىپ، ئۇنىڭ يېزىپ ساقلانغان سۆزلىرىنى ئوقۇش ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان (تەكرار. قا 31:10–13؛ نەھەم. 8:2، 8، 18). مىليونلىغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ يۇرت-يۇرتلاردىن يېرۇسالىمغا كېلىپ، توپلانغانلىقىنى كۆرگەن ساداقەتمەن كىشىنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇغا چۆمىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. مۇشۇ يول ئارقىلىق يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇشىغا ياردەم بەرگەن. كېيىن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى قۇرۇلغاندا، ئۇ نۇرغۇن تىلدا سۆزلەيدىغان ۋە جامائەتتىكى ئورنى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئەر-ئايالدىن تەشكىل تاپقان. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس يازمىلارنى سۆيگەن ھەم ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلىشتا بىرلىككە كەلگەن. مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغانلار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ۋە جامائەت يىغىلىشنىڭ ياردىمىدە خۇدانىڭ سۆزىنى چۈشىنىپ يېتەلىگەن.—ئەلچى. 2:42؛ 8:30، 31.
8. مۇقەددەس كىتاب بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خەلقىنى قانداق ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ؟
8 دانا خۇدايىمىز مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق داۋاملىق ئۆز خەلقىگە تەلىم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا يەھۋا ھەققىدە بىلىشىمىزگە تېگىشلىك بارلىق ھەقىقەتلەر بار. بىز دائىم جامائەت يىغىلىشلار، چوڭ يىغىلىشلار ۋە بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلاردا جەم بولۇپ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش، ئۇنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشلارغا قۇلاق سالىمىز. دېمەك، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىمىزگە يېتىشتە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رولى بار.—زەف. 3:9.
9. بىز مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتكە مۇھتاج بولىمىز؟ (لۇقا 10:21)
9 يەھۋانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاشكارە قىلىدىغان يەنە بىر يولنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. ئۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىنى پەقەتلا كەمتەر ئادەملەر چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ يازدۇرغان (لۇقا 10:21-نى ئوقۇڭ). دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيدۇ. بىر ئالىم شۇنداق دېگەن: «مۇقەددەس كىتاب ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتاب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇلغان كىتاب». ئەمما، پەقەت كەمتەر ئادەملەرلا ئۇنى ھەقىقەتەن چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېزىلغانلارنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىدۇ.—2-كورىنت. 3:15، 16.
10. مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ ئىلىم-ھېكمىتىنى ئاشكارىلايدىغان يەنە بىر يول قايسى؟
10 بىز مۇقەددەس كىتابتىكى يەھۋانىڭ ئىلىم-ھېكمىتىنى يەنە باشقا يول بىلەن پەرقلەندۈرىمىز. يەھۋا مۇقەددەس يازمىلار ئارقىلىق بىزگە بىر توپ سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەخسەن ھەر بىرىمىزگە تەلىم ۋە تەسەللى بېرىدۇ. ھەممىمىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇغاندا، يەھۋانىڭ شەخسەن بىزگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز (يەشايا 30:21). بىر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، دەل سىز ئۈچۈن يېزىلغان ئايەتنى ئۇچراتقان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ مۇقەددەس كىتابنى مىليونلىغان ئىنسانلار ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئۇ دەل سىز مۇھتاج بولغان ئۇچۇرلار بىلەن سىزگە يول كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى — مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى پۈتكۈل كائىناتتىكى دانالىقنىڭ مەنبەسىدۇر!—2-تىموت. 3:16، 17.
مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئادىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ
11. مۇقەددەس كىتاب يېزىلغان زاماندا خۇدا ھەممىگە تەڭ قارايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 ئادىللىق — يەھۋانىڭ يەنە بىر پەزىلىتى (تەكرار. قا 32:4). ئادىللىق تەرەپ تۇتماسلىق، يەنى ھېچ بىرىگە يان باسماسلىق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق (ئەلچى. 10:34، 35؛ رىملىقلار 2:11). يەھۋا ھەممىگە تەڭ قارايدۇ. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئوخشىمايدىغان تىللاردا يېزىلىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. دەسلەپكى 39 كىتابنىڭ كۆپىنچىسى ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئاشۇ زاماندا خۇدا خەلقى ئۇلارنى ئوقۇپ ئاسان چۈشەنگەن. بىراق، مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، گرېك تىلى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقاچ، مۇقەددەس كىتابنىڭ كېيىنكى 27 كىتابى ئاساسلىقى گرېك تىلىدا يېزىلغان. كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئۆز سۆزىنى پەقەت بىر تىل بىلەنلا چەكلىمىگەن. بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدە سەككىز مىلياردقا يېقىن ئادەم نۇرغۇنلىغان پەرقلىق تىللاردا سۆزلەيدۇ. ئۇنداقتا، شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەھۋا ھەققىدە قانداق بىلىم ئالالايدۇ؟
12. دانىيال 12:4-ئايەتنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر يول قايسى؟
12 دانىيال پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋا ئاخىرقى زاماندا مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە توغرا بىلىمنىڭ ئېشىپ زىيادىلىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىپ يېتىدۇ (دانىيال 12:4-نى ئوقۇڭ). بۇ بىلىملەرنىڭ زىيادە مول بولۇشىنىڭ يولى — مۇقەددەس كىتاب ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ۋە نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان كىتابقا ئايلانغان. سودا-تىجارەت شىركەتلىرى نەشىر قىلغان تەرجىمىلەر بەزىدە ئىنتايىن قىممەت باھادا سېتىلىدۇ. يەھۋانىڭ خەلقى ھازىرغىچە خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنىڭ تولۇق ياكى مەلۇم بىر بۆلىكىنى 240تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلدى. ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ. نەتىجىدە، ئاخىر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، پۈتكۈل مىللەت كىشىلىرى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىيالايدۇ (مەتتا 24:14). ئادىل خۇدايىمىز مۇمكىنقەدەر كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئۇنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى خالايدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەممىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ سۆيگۈسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ
13. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دەپ ئېيتالايمىز؟ (يۇھاننا 21:25)
13 مۇقەددەس كىتاب ئۇنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتى — سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (1-يۇھاننا 4:8). مەسىلەن، يەھۋا مۇقەددەس يازمىلارغا نېمىلەرنى يازدۇرغان ۋە نېمىلەرنى يازدۇرمىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھازىر بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە كېلەچەكتە مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، دەل بىز ئېھتىياجلىق ھەقىقەتلەرنى يازدۇرغان. بىزگە چۈشىنىپ يېتىشىمىز قىيىن بولغان كۆپلىگەن تەپسىلاتلارنى بەرمىگەن.—يۇھاننا 21:25-نى ئوقۇڭ.
14. مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەر خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى يەنە قانداق ئەكس ئەتتۈرىدۇ؟
14 يەھۋا بىزنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا، بىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇقەددەس كىتابىدا، ھاياتىمىزنى ھەر جەھەتتىن كونترول قىلىش ئۈچۈن بىر قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ تىزىملىكىنى يازدۇرمىغان. ئەكسىنچە، تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي ۋەقەلەر، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بېشارەتلەر ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەسلىھەتلەر ئارقىلىق توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ يوللار بىلەن، خۇدانىڭ سۆزى بىزنى چىڭ دىلىمىزدىن ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ.
يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. (1) يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئوقۇغانلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (2) رەسىمدىكى كىچىك قىز، بىر بۇرادەر ۋە ياشانغان قېرىنداش مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى شەخسلەر ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ؟ (يارىت. 39:1، 10–12؛ 2-پادىشاھ. 5:1–3؛ لۇقا 2:25–38)
15 مۇقەددەس كىتاب يەھۋانىڭ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق ئاشكارىلايدۇ؟ بۇ كىتاب ئىنسانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇ ئىپادىلىرى بىلەن تولغان. بىز ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئاددىي ئىنسان بولغان (ياقۇپ 5:17). تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭ بىزگە ئوخشاش كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، يەھۋانىڭ كۆيۈمچان، رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز.—ياقۇپ 5:11.
16. مۇقەددەس كىتابتىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن شەخسلەر ھەققىدە ئوقۇغاندا، يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ (يەشايا 55:7)
16 يەھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى مۇقەددەس كىتاب يەنە باشقا بىر يول بىلەن ئاشكارىلىغان. ئۇ بىزگە شۇنداق كاپالەت بېرىدۇكى، خۇدايىمىز خاتالىق ئۆتكۈزگىنىمىزدە، بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ. ئىسرائىللار قايتا-قايتا يەھۋاغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن. بىراق، ئۇلار چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلغاندا، خۇدا ئۇلارنى كەچۈرگەن (يەشايا 55:7-نى ئوقۇڭ). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ياخشى بىلگەن. خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن پاۋلۇس ئېغىر گۇناھ يولىغا ماڭغان، بىراق توۋا قىلغانلارغا كەچۈرۈش ۋە تەسەللى بېرىشكە دەۋەت قىلغان (2-كورىنت. 2:6، 7؛ 1-كورىنت. 5:1–5). دېمەك، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلار خاتالىق ئۆتكۈزگىنى ئۈچۈن، ئۇلارنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتمىگەن. ئەكسىنچە، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى تۈزەتكەن. ئۆزىنىڭ قانىتى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى چاقىرغان. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بارچە گۇناھكارلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ.—ياقۇپ 4:8–1.
خۇدا بەرگەن سوۋغاتنى قەدىرلەڭ
17. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئىنتايىن قىممەتلىك سوۋغات؟
17 يەھۋا بىزگە ئاجايىپ بىر سوۋغاتنى بەرگەن. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزى شۇنچە ئالاھىدە؟ بىز ئۆگىنىپ ئۆتكەندەك، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئادىللىقى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ كىتاب يەھۋا بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشىمىزنى خالايدۇ.
18. يەھۋانىڭ ياخشى ھەدىيىسى، يەنى مۇقەددەس كىتابى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟
18 بىز خۇدانىڭ سۆزىگە، يەنى ئۇ بەرگەن بۇ ياخشى ھەدىيىگە ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىقىمىز كېرەك (ياقۇپ 1:17). بۇ سوۋغات ئۈچۈن داۋاملىق مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتەيلى. شۇڭا، خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇش ۋە ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق داۋاملىق ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، شۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا ۋە خۇدا ھەققىدە بىلىم ئالالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچ قىلالايمىز.—پەند. نە 2:5.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇ مۇقەددەس يازمىلاردىن خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئادىللىقى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئۆگەنگەنلىرىمىز خۇدانىڭ سۆزىگە بولغان چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاسماندىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن سوۋغات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.