05-دەرس
خۇدا مۇقەددەس يازمىلارنى ئىنسانلارغا چۈشەندۈرگەن
ياراتقۇچى ئاجايىپ بىر سوۋغاتنى، يەنى 66 يازمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس كىتابنىa بىزگە بەرگەن. بىراق، سىز بەلكىم: «مۇقەددەس كىتاب قەيەردىن كەلگەن؟ ئۇنىڭ مۇئەللىپى كىم؟»— دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ھەممىگە قادىر ئىگىمىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆز سۆزلىرىنى بىزگە قانداق يەتكۈزگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
1. ئەگەر مۇقەددەس يازمىلارنى ئىنسانلار يازغان بولسا، قانداقمۇ خۇدا ئۇنىڭ مۇئەللىپى بولسۇن؟
مۇقەددەس كىتابنى 40-قا يېقىن كىشى يازغان. بىرىنچى كىتاب 3500 يىل ئىلگىرى، ئەڭ ئاخىرقى كىتاب بولسا 1900 يىل ئىلگىرى يېزىلغان. ئۇلارنى كېلىپ چىقىشى ھەر تۈرلۈك كىشىلەر يازغان بولسىمۇ، ئەمما يازغانلىرى بىر-بىرىگە ماس كەلگەن. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن؟ سەۋەبى، خۇدا ئۆزى مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپىدۇر (1-سالونىكالىقلار 2:13-نى ئوقۇڭ). يازمىلارنى قەلەمگە ئالغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى يازمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار «مۇقەددەس روھنىڭb باشلىشى بىلەن، خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتقان» (2-پېترۇس 1:21). خۇدا ئادەملەرگە ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى يازدۇرۇش ئۈچۈن، مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى روھلاندۇرغان ياكى ئىلھاملاندۇرغان.—2-تىموتىي 3:16.
2. مۇقەددەس كىتاب كىملەر ئۈچۈن يېزىلغان؟
مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەر «ھەر بىر مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلققە» پايدا ئېلىپ كېلىدۇ (ۋەھىيلەر 14:6-نى ئوقۇڭ). خۇدا ئىنسانلارنى ئۆز ئانا تىلىدا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. شۇڭا، ئۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق كىتابتىن كۆپرەك تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئادەملەر قەيەردە ياشىسۇن، قانداق تىلدا سۆزلىسۇن، ھەممىسىنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بار.
3. خۇدا مۇقەددەس كىتابنى قانداق قوغدىغان؟
مۇقەددەس يازمىلار ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدىغان ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسىگە ياكى پاپىروسقا ئوخشاش ماتېرىياللارغا يېزىلغان. مۇقەددەس كىتابنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۇنى ئېھتىيات بىلەن قايتا-قايتا قولدا كۆچۈرۈپ ساقلىغان. ھەتتا ھۆكۈمرانلار ۋە دىنىي يېتەكچىلەر مۇقەددەس كىتابنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، باشقا كىشىلەر ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنى قوغدىغان. يەھۋا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ھەرقانداق كىشىنىڭ ياكى نەرسىنىڭ توختىتىشىغا يول قويمىغان. مۇقەددەس كىتاب: «خۇدايىمىزنىڭ سۆزى ئەبەدىي قالىدۇ»،— دەيدۇ.—يەشايا 40:8.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
خۇدا مۇقەددەس كىتابنى يېزىشقا ئىنسانلارنى قانداق روھلاندۇرغان؟ ئۇ ئۆز كىتابىنى قانداق قوغدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشى ئۈچۈن قانداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
4. مۇقەددەس كىتاب ئۆزىنىڭ مۇئەللىپى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىدۇ
فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن 2-تىموتىي 3:16-نى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
ئەگەر ئىنسانلار مۇقەددەس كىتابنى يازغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئاتىلىدۇ؟
سىزنىڭچە، خۇدا ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە سالغانلىقىغا ئىشىنىش ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟
بىر كاتىپ خەتنى يازىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى مەزمۇن، ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگۈچىدىن كەلگەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابنى ئادەملەر قەلەمگە ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى خەۋەر خۇدادىن كەلگەن
5. مۇقەددەس كىتاب ھەرخىل ھۇجۇملاردىن قوغداپ قىلىنغان
ئەگەر مۇقەددەس كىتاب خۇدادىن كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۆز كىتابىنى قوغداشقا قۇدرىتى يېتەمدۇ؟ ئىنسانىيەت تارىخىدا ھۆكۈمرانلار مۇقەددەس كىتابنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. دىنىي يېتەكچىلەر ئادەملەرنىڭ ئۇنى ئوقۇشىنى چەكلىگەن. بىراق، قارشىلىقلارغا، ھەتتا ئۆلۈم خەتىرىگە قارىماي، نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنى قوغدىغان. شۇنداق ئادەملەردىن بىرى ھەققىدە بىلىۋېلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
مۇقەددەس كىتابنى قوغداش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ قۇربانلىقلارنى بېرىشكە تەييار بولغانلىقىنى بىلىۋالدىڭىز. بۇ سىزنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا تېخىمۇ قىزىقتۇردىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
زەبۇر 119:97-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا ۋە ئۇنى كەڭ تارقىتىشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟
6. بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن بىر كىتاب
ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇقەددەس كىتاب ئەڭ كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان كىتابتۇر. ئەلچىلەر 10:34، 35-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچى ئۆز سۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشىنى خالايدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب قايسى تەرەپتىن سىزنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلىدۇ؟
دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن
100٪
ئۆزى چۈشىنىدىغان تىلدا مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە
پۈتۈنلەي ياكى مەلۇم بىر بۆلىكى
3000-دىن
كۆپرەك تىلدا
نەشىر قىلىنغان
5 000 000 000
پارچىدىن كۆپرەك بېسىلىپ،
ھەرقانداق باشقا كىتابتىن كۆپ تارقىتىلغان
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتاب ئۆزگەرتىلگەن».
سىز قانداق ئويلايسىز؟
قانداق دەلىل-ئىسپاتلار مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟
خۇلاسە
مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ سۆزى. خۇدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇنى ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
تەكرارلاش
خۇدا ئىنسانلارنى مۇقەددەس كىتابنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان، دېگەن سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ قوغدىلىپ قېلىنىشى، تەرجىمە قىلىنىشى ۋە كەڭ تارقىتىلىشى سىزدە قانداق تەسىرات قالدۇردى؟
سىز بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن خۇدا شۇنچە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە، قانداق ھېس-تۇيغۇغا چۆمدىڭىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابنىڭ قەدىمقى ئەسلى قول يازمىلىرىدىن ھازىرقى تەرجىمىلىرىگىچە بولغان تارىخى ھەققىدە ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟» («ئويغىنىش!»، 2007-يىل، نويابىر)
مۇقەددەس كىتاب ئۈچ خەتەردىن قانداق ئامان قالغانلىقى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب قانداق ئامان قالغان؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2016-يىل، 4-سان)
مۇقەددەس كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، ئادەملەر قانداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.
مۇقەددەس كىتاب قولدا كۆچۈرۈلگەن ۋە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئۆزگەرتىلمەي ساقلانغانلىقىغا قانداق ئىشىنەلەيسىز؟
«مۇقەددەس كىتاب ئۆزگەرتىلگەنمۇ ياكى بۇرمىلانغانمۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
a مۇقەددەس كىتاب تەۋرات، زەبۇر ئىنجىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
b مۇقەددەس روھ — خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى، 7-دەرستە بۇ ئېنىقراق چۈشەندۈرۈلىدۇ.