كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 3-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏
  • خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر راستىنلا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر راستىنلا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نمۇ؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا ئىنسانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشە‌رگە‌ن
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىتاب
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 3-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏

3-‏دە‌رس

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر راستىنلا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نمۇ؟‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپى كىم؟‏

موُقه‌دده‌س كىتابنىڭ هه‌رتوٰرلوٰك نوُسخىلىری ۋه موُقه‌دده‌س كىتابنىڭ قېدىمىي يازمىلىری

كىشىلە‌رنىڭ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشايدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خاتىرىلە‌نگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 66 پارچە كىتابچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ شۇ‌لارنى خۇ‌دا 40 قا يېقىن ساداقە‌تمە‌ن كىشىنى ئىشلىتىپ يازدۇ‌رغان.‏ دە‌سلە‌پكى بە‌ش كىتابچىنى تە‌خمىنە‌ن 3500 يىل ئىلگىرى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر يېزىپ خاتىرىلىگە‌ن.‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى كىتابچىنى بولسا 1900 يىل ئىلگىرى،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا يېزىپ خاتىرىلىگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌لە‌مگە ئالغۇ‌چىلار كىمنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئوتتۇ‌رىغا قويغان؟‏ خۇ‌دا كىتابلارنى يېزىپ خاتىرىلىگۈچىلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلغان.‏ ئۇ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى قە‌لە‌مگە ئالغۇ‌چىلارنىڭ دىلىغا سالغان.‏ خۇ‌دا بە‌زىدە پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق،‏ يە‌نە بە‌زىدە غايىبانە كۆرۈنۈش بىلە‌ن سۆز قىلغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 1:‏1)‏.‏ بە‌زى ۋاقىتتا نېمە يېزىشنى ئۇ‌لارغا سۆزمۇ-‏سۆز ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپىدۇ‌ر.‏​‏—‏​چىقىش 34:‏27؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ە‌للىپى كىم؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىشە‌نچلىك ئىكە‌نلىكىگە قانداق جە‌زم قىلالايمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى بىلىمىز،‏ چۈنكى ئۇ كە‌لگۈسى ھە‌ققىدە تە‌پسىلىي،‏ توغرا بېشارە‌تلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىش ھېچ بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدۇ (‏يە‌شۇ 23:‏14)‏.‏ پە‌قە‌ت ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دالا ئىنسانىيە‌تنىڭ كېلە‌چىكىنى شۇ‌نچە توغرا ئالدىن كۆرە‌لە‌يدۇ.‏​‏—‏ يە‌شايا 42:‏9؛‏ 46:‏10-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دادىن كېلىدىغان كىتاب ئە‌لۋە‌تتە ئۆزگىچە بولۇ‌شى كېرە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دە‌ل شۇ‌نداق تە‌ڭداشسىزدۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 450 تىن كۆپرە‌ك تىلدا 2 مىليارد پارچىدىن ئارتۇ‌قراق تارقىتىلغان.‏ گە‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قە‌دىمى كىتاب بولسىمۇ،‏ ئىسپاتلانغان پە‌ن-‏تە‌تقىقات بايقاشلىرىغا ماس كېلىدۇ.‏ ھە‌مدە 40 كىشىنىڭ خاتىرىلىگە‌نلىرى بىر-‏بىرىگە زىددىيە‌تلىك بولغان ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ كىشىلە‌رنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىنى ياخشىلاشقا يېتە‌كلە‌يدىغان كۈچى يە‌نىلا بار.‏ بۇ دە‌لىللە‌ر مىليونلىغان كىشىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دانىڭ سۆزى ئىكە‌نلىكىگە قايىل قىلغان.‏​‏—‏​1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگە‌رتىلگە‌نمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 2000 يىل ئىلگىرىكى قە‌دىمى قوليازما كۆچۈرۈلمىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ بىزنىڭ دە‌ۋرىمىزگىچە ساپ توغرا يېتىپ كە‌لگە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏يە‌شايا 40:‏8)‏.‏ خۇ‌دا ھە‌رگىزمۇ ئۆز سۆزىنىڭ ساختىلاشتۇ‌رۇ‌لۇ‌پ ئۆزگە‌رتىلىشىگە يول قويغان ئە‌مە‌س.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 12:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دادىن ئىكە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە ھە‌ققىدە سۆزلە‌يدۇ؟‏

ده‌سله‌پكی جه‌ننه‌تنىڭ،‏ يوقالغان جه‌ننه‌تنىڭ،‏ نوُھ زامانىدىكی توپان سوٰيىنىڭ،‏ 10 ئه‌مىر-‏په‌رمان بىله‌ن موُسا هه‌م ته‌لىم بېرىۋاتقان ئه‌يسا.‏

مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن ئاجايىپ بىر مە‌قسىتى بولغان.‏ بۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىدىن بىرىدۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئىنسانلارنىڭ قە‌دىمدە قانداق قىلىپ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش شان-‏شە‌رىپىدىن مە‌ھرۇ‌م قالغانلىقى ۋە كە‌لگۈسىدە جە‌ننە‌ت ماكاننىڭ قانداق قايتا ئە‌سلىگە قايتۇ‌رۇ‌لۇ‌پ كېلىنىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏​‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4،‏ 5-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دانىڭ سۆزى قانۇ‌نلار،‏ قائىدە-‏پرىنسىپلار ۋە تە‌كلىپ-‏پىكىرلە‌رنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا بىلە‌ن ئىنسانىيە‌ت ئوتتۇ‌رىسىدا بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌ر تارىخ سۈپىتىدە خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ شۇ تارىخى ۋە‌قە‌لە‌ردىن خۇ‌دانىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سىزنىڭ خۇ‌دانى تونۇ‌شىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ‏.‏ يە‌نە ئۇ قانداق قىلىپ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولالايدىغانلىقىڭىزنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 19:‏7،‏ 11؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏23؛‏ 4:‏8-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ قانداق قىلىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنە‌لە‌يسىز؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىشلە‌تكە‌ن ئۇ‌سۇ‌لنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ كىتابچە سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب‍ت‍ىكى بىر ئايە‌تتىن كېيىن،‏ يە‌نە بىر ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ،‏ ‹مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن› ئىدى.‏​‏—‏ لۇ‌قا 24:‏27،‏ 45-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىشىنى بە‌كمۇ جە‌لپ قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئانچە قىزىقمايدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر بولسا ھە‌تتا زېرىكىش ھېس قىلىشىدۇ.‏ سىز ھە‌رگىز ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش ئۈمىدىڭىز،‏ خۇ‌دانى تونۇ‌شىڭىز بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 17:‏3-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 2-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش