كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 سېنتە‌بىر 21-‏26 ب.‏
  • خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرى كۈچلۈك

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرى كۈچلۈك
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆز ھاياتىمىزدا
  • ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە
  • سە‌ھنىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئە‌مە‌لىي ئىجرا قىلغۇ‌چى بولۇ‌ڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 سېنتە‌بىر 21-‏26 ب.‏
بىر ئه‌ر كىشی يالغوُز هاراق ئىچىپ ئولتوُرىدوُ؛‏ يه‌هۋا گوُۋاهچىلىری ئوُنىڭ ئويىگه كېلىپ ۋه‌ز قىلىۋاتىدوُ؛‏ شوُ ئه‌ر كىشی جامائه‌ت ئوُچرىشىشىغا كه‌لدی

خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرى كۈچلۈك

‏«خۇ‌دانىڭ سۆزى تىرىك ھە‌م ھە‌رىكە‌تلىك» (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏12)‏.‏

ناخشىلار:‏ 37،‏ 23

تۆۋە‌ندىكى ساھە‌لە‌ردە خۇ‌دا سۆزى تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟‏

  • ئۆز ھاياتىمىزدا

  • ۋە‌ز خىزمىتىدە

  • سە‌ھنىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە

1.‏ نېمىشقا سىز خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرى كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىسىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭ سۆزىنىڭ،‏ يە‌نى ئۇ ئىنسانىيە‌تكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن خە‌ۋە‌رنىڭ،‏ «تىرىك ھە‌م ھە‌رىكە‌تلىك» ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏12)‏.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قانچىلىك تە‌سىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ئۆزۈمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىدىن ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆردۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولۇ‌شتىن ئاۋۋال،‏ قېرىنداشلارنىڭ بە‌زىلىرى ئوغرىلىق،‏ نە‌شە‌خورلۇ‌ق ياكى ئە‌خلاقسىزلىق بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ نام-‏ئاتاق ۋە بايلىققا ئىگە بولسىمۇ،‏ ھاياتىدا بىرە‌ر نە‌رسىنىڭ كە‌ملىكىنى ھېس قىلىشقان (‏ۋە‌ز 2:‏3—‏11)‏.‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن ۋە مە‌نىسىز ھايات كە‌چۈرگە‌ن كۆپلىگە‌ن ئادە‌منىڭ ھاياتىدا ئە‌مدى ئىنتىلىدىغان مە‌قسىتى ۋە ئۈمىدى پە‌يدا بولدى.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارىدىكى» «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ» ناملىق سە‌ھىپىدە شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپ مىسالى كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئادە‌م مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردىمى ئارقىلىق يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏

2.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە خۇ‌دا سۆزىنىڭ كۈچى ئادە‌ملە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

2 ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غاندا،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلە‌ر قىلىدىغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مايلانغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلغان ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 6:‏9—‏11نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلمايدىغانلار ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «بە‌زىلىرىڭلار شۇ‌نداق بولغاندىڭلار»،‏‏—‏ دېگە‌ن.‏ خۇ‌دا سۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مما مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تكە زىيان يە‌تكۈزىدىغان ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يازمىلاردا جامائە‌تتىن چىقىرىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن بىر مايلانغان بۇ‌رادە‌ر ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىپ،‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نىدى (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏1—‏5؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏5—‏8)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھاياتىدا كۆپ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلالىغانلىقىنى بىلىش بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى قاراپ چىقىمىز؟‏

3 خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرى ناھايىتى كۈچلۈك.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى بىزگە بە‌رگە‌نلىكتىن،‏ بىز ئۇ‌نى توغرا ئىشلىتىۋاتقانلىقىمىزغا كۆز يە‌تكۈزۈشنى خالايمىز (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏15)‏.‏ بۇ ماقالىدىن بىز 1)‏ ئۆز ھاياتىمىزدا،‏ 2)‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە ۋە 3)‏ سە‌ھنىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە خۇ‌دا سۆزىنىڭ كۈچىنى قانداق ئىشلىتە‌لە‌يدىغانلىمىزنى قاراپ چىقىمىز.‏ بۇ‌نى بىلىش بىزگە پايدىلىق تە‌لىم بېرىدىغان ئە‌رشتىكى ئاتىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئىپادىلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17)‏.‏

ئۆز ھاياتىمىزدا

4.‏ ئا)‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بىزگە تە‌سىر قىلىشنى خالىساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىتىڭىزنى قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌سىز؟‏

4 خۇ‌دا سۆزى بىزگە تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن ئۇ‌نى دائىم ئوقۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8)‏.‏ ئىشلىرىمىز چاچتىن تولا بولسىمۇ،‏ ھېچ نېمىگە،‏ ھە‌تتا ۋە‌زىپىلىرىمىزگىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى توختىتىشقا يول بە‌رمە‌سلىكىمىز لازىم ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏15،‏ 16نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ‌نىڭغا ئە‌تىگە‌ندە،‏ كۈندۈزى ياكى كە‌چقۇ‌رۇ‌ن ۋاقىت تاپالايدىغاندىمىز.‏ بىز زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ:‏ «ئاھ،‏ مېنىڭ تە‌ۋرات-‏قانۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىم نە‌قە‌دە‌ر چوڭقۇ‌ردۇ‌ر!‏ ئۇ مېنىڭ كۈن بويى سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇ‌ر»،‏—‏دېگە‌ن سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97)‏.‏

ئادە‌مگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌پ بە‌رگە‌ندە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ سۆزلىشىگە مۇ‌مكىنچىلىك بېرىمىز

5،‏ 6.‏ ئا)‏ نېمىشقا مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ مۇ‌لاھىزە قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ ب)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌لاھىزە قىلغانلىقىڭىز سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى پە‌قە‌ت ئوقۇ‌شلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئوقۇ‌غىنىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش،‏ يە‌نى ئە‌ستايىدىل ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3)‏.‏ شۇ چاغدىلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانالىقىغا ماس ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ باسما نۇ‌سخىسىنى ياكى ئېلىكترونلۇ‌ق ھۆججە‌ت شە‌كلىنى ئوقۇ‌يلى،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ياردىمىدە ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزنى ئۆزگە‌رتىشنى ئاساسىي مە‌قسە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

بىر يه‌هۋا گوُۋاهچىسی موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُۋاتىدوُ

6 مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز پايدىلىق بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا توختاپ،‏ ئۆزۈمىزدىن:‏ «بۇ ئايە‌تتىن يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالدىم؟‏ ئوقۇ‌غانلىرىمنى ھاياتىمدا قانداق پايدىلىنىۋاتىمە‌ن؟‏ قايسى تە‌رە‌پتىن يە‌نە ئۆزگىرىشىم كېرە‌ك؟‏» دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق ۋە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلساق،‏ بۇ‌نىڭغا ماس ھايات كە‌چۈرۈش ئسىتىگىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌سىرى كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى ئۆز ھاياتىمىزدا ھېس قىلىپ يېتە‌لە‌يمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 10:‏4،‏ 5)‏.‏

ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە

7.‏ خۇ‌دا سۆزىنى ۋە‌ز خىزمىتىدە قانداق پايدىلىنالايمىز؟‏

7 ۋە‌ز قىلغاندا ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە خۇ‌دا سۆزىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ «ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۆزى بىلە‌ن ئۆيمۇ ئۆي ۋە‌ز قىلغان بولسىڭىز،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىڭىزلا سۆزلە‌تتىڭىزمۇ ياكى ئۇ‌نىڭغا سۆز بېرە‌تتىڭىزمۇ؟‏» ئادە‌مگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌پ بە‌رگە‌ندە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ سۆزلىشىگە پۇ‌رسە‌ت بېرىمىز.‏ ياخشى تاللانغان ئايە‌ت بىزنىڭ ھە‌رقانداق سۆزىمىزدىنمۇ كۈچلۈك تە‌سىر قىلىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏13)‏.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە بولغاندا ھە‌ربىر پۇ‌رسە‌تنى چىڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ بېرىشكە تىرىشامسىز؟‏

8.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە خۇ‌دا سۆزىدىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز؟‏

8 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئادە‌مگە بىرە‌ر ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىشلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپچىلىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌ت بىرىنچى ئە‌سىردە بولغان ۋە ھازىرمۇ ئۇ‌چرايدۇ (‏رىملىقلارغا 10:‏2)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز ئادە‌مگە بىرە‌ر ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بە‌رسە‌ك،‏ مە‌نىسىنى ئۆزى چۈشۈنۈۋالىدۇ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بىز ئايە‌تتىكى ئاساسىي سۆزلە‌رنى ياكى ئويلارنى قايتىلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرسە‌ك بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق خۇ‌دا سۆزى ئادە‌منىڭ ئە‌قلى بىلە‌ن يۈرىكىگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 24:‏32نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

9.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن سۆزنى قانداق باشلىساق بولىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 بىزنىڭ ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتقان سۆزلىرىمىز ھە‌م ئادە‌منى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قاراشقا دە‌ۋە‌ت قىلالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن:‏ «ياراتقۇ‌چىمىز بۇ مە‌سىلە ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى»،‏—‏دېسە‌ك بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يساغا ئىشە‌نمە‌يدىغان كىشىنى ئۇ‌چراتساق،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا نېمە ئېيتىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏ دىنغا قىزىقمايدىغان بىرسى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭدىن:‏ «كونىلارنىڭ مۇ‌نداق سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىزمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە دىنىي كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئە‌ستە ساقلىساق،‏ كىرىش سۆزۈمىزنى يېقىملىق قىلىشقا تىرىشىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏22،‏ 23)‏.‏

يه‌هۋا گوُۋاهچىلىری ۋه‌ز قىلغاندا موُقه‌دده‌س كىتابنی ئىشلىتىۋاتىدوُ

10.‏ ئا)‏ بىر بۇ‌رادە‌ر قانداق ۋە‌قە‌نى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏ ئە)‏ ۋە‌ز قىلغاندا خۇ‌دا سۆزىنىڭ تە‌سىرىنى كۆرگە‌نمۇ‌سىز؟‏

10 كۆپلىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌پ بېرىش ئادە‌ملە‌رگە قاتتىق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ژۇ‌رناللىرىمىزنى كۆپ يىل داۋامىدا ئوقۇ‌غان بىر ياشانغان ئە‌ر كىشىگە يولۇ‌قۇ‌پ تۇ‌راتتى.‏ بىر كۈنى بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭغا «كۈزىتىش مۇ‌نارى» نىڭ ئە‌ڭ يېڭى سانىنى بېرىشنىڭ ئورنىغا،‏ بىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىشنى قارار قىلىدۇ.‏ ئۇ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تتىكى مونۇ سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌پ بېرىدۇ:‏ «رە‌ھىمدىللىكنىڭ ئاتىسى ھە‌م ھە‌رقانداق تە‌سە‌للىنىڭ پە‌رۋە‌ردىگارى.‏.‏.‏بىزگە ھە‌ممە دە‌ردلىرىمىزدە تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ».‏ بۇ سۆزلە‌ر ھېلىقى ئە‌ر كىشىگە بە‌كمۇ تە‌سىر قىلغاچ،‏ ئۇ شۇ ئايە‌تلە‌رنى يە‌نە بىر قېتىم ئوقۇ‌پ بېرىشنى سورىغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئايالى ئىككىسى تە‌سە‌للىيگە قانچىلىك مۇ‌ھتاج بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ ئايە‌ت تۈپە‌يلىدىن ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلگۈسى كە‌لگە‌ن.‏ خۇ‌دا سۆزىنى ۋە‌ز خىزمىتىدە ئىشلىتىشنىڭ تە‌سىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌كمۇ كۈچلۈك!‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 19:‏20)‏.‏

سە‌ھنىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە

11.‏ سە‌ھنىدە تە‌لىم بېرىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ قانداق مە‌سئۇ‌لىيىتى بار؟‏

11 ھە‌ممىمىز جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغا ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىمىز.‏ ئاساسىي مە‌قسىتىمىز —‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش.‏ بىز شۇ يە‌ردە پايدىلىق تە‌لىم-‏تە‌ربىيە‌گە ئىگە بولىمىز.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۈچۈن سە‌ھنىدە تە‌لىم بېرىش چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھە‌مدە شۇ‌نى تونۇ‌پ يېتىشى كېرە‌ككى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيىتى ھە‌م بار (‏ياقۇ‌پ 3:‏1)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌لىملىرى خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلىنىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر سىز شۇ‌نداق شان-‏شە‌رە‌پگە ئىگە بولسىڭىز،‏ تىڭشىغۇ‌چىلارنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كۈچىنى قانداق ئىشلىتە‌لە‌يسىز؟‏

بوُراده‌ر سه‌هنىده ته‌لىم به‌رگه‌نده موُقه‌دده‌س كىتابنی ئىشلىتىدوُ

12.‏ ناتىق ئۆز نۇ‌تۇ‌قىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ؟‏

12 ھە‌رقانداق نۇ‌تۇ‌قنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم قىسمى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏يوھاننا 7:‏16)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن سىز ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر،‏ مىساللار ياكى سۆزلە‌ش ئۇ‌سۇ‌لىڭىز نۇ‌تۇ‌قتا كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌ردىن مۇ‌ھىمىراق بولۇ‌پ قالماسلىقى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ بېرىش بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بېرىشنىڭ پە‌رقى بار ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ناھايىتى كۆپ ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌سىڭىز،‏ تىڭشىغۇ‌چىلار ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئە‌ستە تۇ‌تالمايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئوقۇ‌ماقچى بولغان ئايە‌تلە‌رنى ئە‌ستايىدىل تاللاڭ.‏ كېيىن ئۇ‌لارنى ئالدىرماي ئوقۇ‌پ،‏ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ،‏ مىسال كە‌لتۈرۈپ ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شتا قانداق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ (‏نە‌ھە‌مىيا 8:‏8)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىزدە نۇ‌تۇ‌قنىڭ تېزىسى بولسا،‏ تېزىس ۋە ئۇ‌نىڭدىكى ئايە‌تلە‌رنى تە‌پسىلىي تە‌تقىق قىلىپ چىقىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ نۇ‌تۇ‌ق تېزىسىدا كۆرستىلگە‌ن مە‌زمۇ‌ن بىلە‌ن نە‌قىل كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌رنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ ئاندىن،‏ كە‌لتۈرۈلگە‌ن بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ تېزىستىكى مە‌زمۇ‌نلارنى يۇ‌رۇ‌تۇ‌پ بېرىڭ (‏‏«ۋە‌ز ئېتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيلە‌ش مە‌كتىپى» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ كىتابىنىڭ 21—‏23 دە‌رسلىرىدە ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالايسىز)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى بولسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىباھا ئوي-‏پىكىرلارنى يە‌تكۈزۈشكە ياردە‌م بېرىشىنى دۇ‌ئادا سوراڭ ‏(‏ئە‌زرا 7:‏10؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏13،‏ 14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

13.‏ ئا)‏ بىر قېرىنداشقا ئۇ‌چرىشىشتا ئاڭلىغان بىر ئايە‌ت قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ ئە)‏ ئۇ‌چرىشىشلاردا ئىشلىتىلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ر سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

13 ئاۋسترالىيىىدە ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز كىچىك ۋاقتىدا كۆپ ئازاب چە‌ككە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىش ئۇ‌نىڭغا يە‌نىلا قىيىن بولغانىدى.‏ بىر قېتىم جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشىدا ئاڭلىغان بىر ئايە‌ت ئۇ‌نىڭغا قاتتىق تە‌سىر قىلغان.‏ ئۇ بۇ ئايە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ ئىزدىنىش داۋامىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن باشقا ئايە‌تلە‌رنىمۇ تاپقان.‏ شۇ چاغدىلا ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رگە‌نa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌چرىشىشتا ياكى چوڭ يىغىلىشتا قانداقتۇ بىر ئايە‌تنىڭ سىزگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ (‏نە‌ھە‌مىيا 8:‏12)‏.‏

14.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

14 يە‌ھۋاغا بىزگە سوۋغات قىلغان سۆزى،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك مىننە‌تدارمىز!‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ مە‌ڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان ۋە بۇ ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلىغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏24،‏ 25)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌پ،‏ بىلگە‌نلىرىمىزنى ئىشلىتىشنى ۋە باشقىلارغىمۇ ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىز پە‌قە‌ت بۇ روھىي بايلىققىلا بولغان ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپى يە‌ھۋا خۇ‌داغا ھە‌م بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مىننە‌تدارلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

a ‏«‏ئوي-‏پىكىرى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رگە‌ن‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

خۇ‌دا سۆزىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىڭ

ئۆز ھاياتىڭىزدا:‏

  • ئۇ‌نى دائىم ئوقۇ‌ڭ

  • مۇ‌لاھىزە قىلىڭ

  • بىلگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشلىتىڭ

ۋە‌ز خىزمىتىدە:‏

  • يازمىلارنى دائىم ئىشلىتىڭ

  • ئوقۇ‌لغان ئايە‌تلە‌ردىكى ئاساسىي ئويلارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ

  • ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌شتىن ئاۋۋال،‏ ئادە‌منى خۇ‌دا سۆزىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان كىرىش سۆزنى ئېيتىڭ

سە‌ھنىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە:‏

  • نۇ‌تۇ‌قىڭىزدا دىققە‌تنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈڭ

  • ۋە‌قە‌لە‌رگە،‏ مىساللارغا ياكى سۆزلە‌ش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزغا ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈڭ

  • ئوقۇ‌لغان ئايە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈڭ،‏ مىسال كە‌لتۈرۈپ ئۇ‌لارنىڭ نۇ‌تۇ‌ق بولغان باغلىنىشىنى كۆرسىتىڭ

ئوي-‏پىكىرى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رگە‌ن

ھە‌قىقە‌تنى بىلگىنىگە كۆپ يىل بولسىمۇ،‏ ۋىكتورىيە خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نى ياخشى كۆرۈشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ھە‌قىقە‌تە‌ن سۆيىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈشىگە ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ ئۆزى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏

‏«چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن 15 يىل ئۆتۈپ،‏ ئويۇ‌م تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌ردى.‏ ئىبادە‌ت ئۆيىدە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتقان بۇ‌رادە‌ر ياقۇ‌پ 1:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈردى.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە خۇ‌دا سۆزى ئە‌ينە‌ك بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ شۇ ئە‌ينە‌ك ئارقىلىق ئۆزۈمىزگە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلە‌ن قارالايمىز.‏ لېكىن،‏ مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان كۆزقارىشىم يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭكىدىن پە‌رقلىنە‌مدېكىن دە‌پ ئويلىدىم.‏ ئاۋۋال مە‌ن بۇ ئويغا يول بە‌رمىدىم.‏ چۈنكى بە‌رى بىر ئۆزۈمنى يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە لايىقسىز ھېس قىلدىم.‏

بىرنە‌چچە كۈندىن كېيىن ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتكە‌ن بىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌دۇ‌م.‏ بۇ يە‌شايا 1:‏18-‏ئايە‌ت ئىدى،‏ ئۇ‌نىڭدا يە‌ھۋا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌مدى كېلىڭلار،‏ بىز مۇ‌نازىرە قىلىشايلى.‏.‏.‏ سىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھىڭلار قىپ-‏قىزىل بولسىمۇ،‏ يە‌نىلا قاردە‌ك ئاقىرىدۇ،‏ ئۇ‌لار قىزىل قۇ‌رۇ‌تتە‌ك پە‌رە‌ڭ بولسا،‏ ئۇ‌لار ئاپپاق يۇ‌ڭدە‌ك بولىدۇ».‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ماڭا:‏ «كە‌ل،‏ ۋىكى،‏ مە‌سىلىنى ئوتتۇ‌رىغا قويۇ‌پ،‏ ھە‌ل قىلايلى.‏ مە‌ن سېنى،‏ سېنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭنى،‏ سېنىڭ قە‌لبىڭنى ياخشى بىلىمە‌ن.‏ مە‌ن سېنى ياخشى كۆرىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ندە‌ك بولدى.‏

شۇ ئاخشىمى ئۇ‌خلىيالمىدىم.‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا تېخىغىچە گۇ‌مانلاندىم،‏ بىراق ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم.‏ بىر ۋاقىتتا كۆزۈم ئېچىلغاندە‌ك بولدى:‏ يە‌ھۋا شۇ‌نچىلىك ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت داۋامىدا ماڭا سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھە‌ر تۈرلۈك ئۇ‌سۇ‌للاردا كۆرسە‌تمە‌كتە.‏ مە‌ن بولسام ئۇ‌نىڭغا:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ،‏ مېنى ياخشى كۆرە‌لمە‌يسە‌ن.‏ ئوغلۇ‌ڭنىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ كۈچى ماڭا يە‌تمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقاندە‌ك بولدۇ‌م.‏ باشقا سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ مە‌ن بېرىلگە‌ن تۆلە‌منى قوبۇ‌ل قىلماي،‏ يە‌ھۋاغا قايتۇ‌رۇ‌پ تاشلىغاندە‌ك بولدۇ‌م.‏ ئامما ئاخىرىدا،‏ بۇ تۆلە‌م ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم».‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش