11-بۆلۈم
خۇدا يەھۋا دۇئايىمىزغا قۇلاق سالامدۇ؟
خۇدا دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدۇ. 1-پېترۇس 3:12
يەھۋا ‹دۇئانى قوبۇل قىلغۇچىدۇر› (زەبۇر 65:2، ب ج). ئۇ بىزنىڭ چىن قەلبىمىزدىن ئۇنىڭغا سۆز قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.
پەقەت يەھۋا خۇداغىلا دۇئا قىلىڭ.
دۇئايىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىلغا ئالساق بولىدۇ. 1-يۇھاننا 5:14
خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ۋە يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ.
ياخشى ئىشلارنى قىلىشىڭىز ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم تىلەڭ. يېمەك-ئىچمەك، خىزمەت تېپىش، تۇرىدىغانغا ئۆي-جاي، كىيىم-كېچەك ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەيسانىڭ ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىڭ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيسىز.