كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ي‌ئو 19-‏دە‌رس
  • كىملە‌ر ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كىملە‌ر ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ي‌ئو 19-‏دە‌رس

19-‏دە‌رس

كىملە‌ر ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل؟‏

ھە‌ممىمىز روھىي ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكلىرىمىزدىن مە‌نپە‌ئە‌تلىنىمىز

ئە‌يسا ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى،‏ تۆت شاگىرتى،‏ پېترۇ‌س،‏ ياقۇ‌پ،‏ يۇ‌ھاننا ۋە ئە‌ندە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئايرىم پاراڭلاشقان.‏ ئۇ ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تنى ئېيتقىنىدا،‏ مۇ‌ھىم بىر سوئالنى ئوتتۇ‌رغا قويغان:‏ ‹خوجايىنى ئۆز ئۆي خە‌لقىنىڭ ئۈستىدە ۋاقتىدا ئۇ‌لارغا غىزا بە‌رمە‌ك ئۈچۈن قويغان ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل كىمدۇ‌ر؟‏› (‏مە‌تتا 24:‏3،‏ 45‏،‏ ب ج؛‏ ماركۇ‌س 13:‏3،‏ 4)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ «خوجايىن» سۈپىتىدە،‏ كە‌لگۈسىدە بىر تۈركۈم ئېتىقادچىلارنى تاللاپ،‏ ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە داۋاملىق روھىي ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك تە‌قسىملە‌شكە بە‌لگىلە‌يدىغانلىقىنى شۇ تۆت شاگىرتىغا بىلدۈرگە‌نىدى.‏ كىملە‌ر بۇ «قۇ‌ل» نى تە‌شكىل قىلغان؟‏

ئۇ كىچىك بىر گۇ‌رۇ‌پپا ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدۇ‌ر.‏ شۇ «قۇ‌ل» يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭىشىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ ۋاقتى-‏ۋاقتىدا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چى قېرىنداشلىرىغا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق تە‌قسىملە‌پ بېرىدۇ.‏ بۇ ئىشە‌نچلىك قۇ‌لنىڭ ‹ئۆز ۋاقتىدا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك تە‌قسىم قىلىپ› بېرىشىگە مۇ‌ھتاھمىز.‏ —‏ لۇ‌قا 12:‏42.‏

ئۇ خۇ‌دانىڭ ئۆيىنى باشقۇ‌رىدۇ (‏1-‏تىموتىي 3:‏15)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ قۇ‌لغا يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى قىسمىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇ‌رىدىغان ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى،‏ يە‌نى مال-‏مۈلۈكتىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش،‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە كۆرسە‌تمە بېرىش ۋە جامائە‌تلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە تە‌لىم بېرىش خىزمە‌تلىرىنى تاپشۇ‌رغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ‹ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل› روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق بېرىدىغان يىغىلىشلار ۋە چوڭ يىغىلىشلارنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش،‏ نە‌شىرى ماتېرىياللار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا روھىي موھتاجلىقلىرىمىزنى قاندۇ‌رىدۇ.‏

شۇ قۇ‌ل ئىشە‌نچلىك‏،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ۋە‌زىپىسىگە سادىق.‏ شۇ قۇ‌ل دانا،‏ چۈنكى مە‌سىھنىڭ ئىشىنىپ تاپشۇ‌رغان يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق ئىشلىرىنى پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن باشقۇ‌رىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏42)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ قۇ‌لىنىڭ خىزمىتىنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنى ئۆزىنىڭ تە‌شكىلاتىغا ئېلىپ كىرمە‌كتە ۋە ئۇ‌نىڭ مول روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌قسىملىشىگە ياردە‌م بە‌رمە‌كتە.‏ —‏ يە‌شايا 60:‏22؛‏ 65:‏13.‏

  • ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى روھىي جە‌ھە‌تتىن تە‌مىنلە‌شكە كىملە‌رنى تە‌يىنلىگە‌ن؟‏

  • شۇ قۇ‌ل قايسى جە‌ھە‌تتىن ئىشە‌نچلىك ۋە دانا؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش