20-دەرس
بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟
بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى قېرىنداشلار كېڭەش ئۈستىدە
يېتەكچى قېرىنداشلارنىڭ خېتى ئوقۇلۇۋاتىدۇ
بىرىنچى ئەسىردە، كىچىك بىر گۇرۇپپا «ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى» يېرۇسالېمدا يىغىلىپ، بارلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن مۇھىم قارارلار ئۈستىدە كېڭەش قىلىشقان (ئەلچىلەر 15:2). كېڭەش قىلغاندا، مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغان ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يولباشچىلىقىغا ئەگەشكەن، نەتىجىدە ئۇلار بىر قارارغا كەلگەن (ئەلچىلەر 15:25). بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش شۇ ئۈلگە بويىچە قىلىدۇ.
مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خۇدا تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەركىزى يېتەكچى كېڭەشتە خىزمەت قىلىدىغان مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلار خۇدانىڭ سۆزىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىش، ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەجرىبىسى مول. ئۇلار ھەر ھەپتىسى يىغىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەققىدە كېڭىشىدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكىگە ئوخشاش، خەت سېلىش، زىيارەتچى ئاقساقاللار ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. بۇ خۇدانىڭ خەلقىنى ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بىرلىككە كەلتۈرىدۇ (ئەلچىلەر 16:4، 5). مەركىزى يېتەكچى كېڭەش روھىي ئوزۇقلۇق تەييارلاش ۋە قېرىنداشلارغا مەسئۇلىيەت تاپشۇرۇشلارغا مەسئۇل، ھەمدە بارلىق قېرىنداشلارنى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەركىزى يېتەكچى كېڭەش مۇقەددەس روھنىڭ يولباشچىلىقىغا ئىككىلەنمەي ئەگىشىدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى يەھۋا بىلەن جامائەتنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھنىڭ يولباشچىلىقىغا تايىنىدۇ (1-كورىنتلىقلار 11:3؛ ئەفەسلىكلەر 5:23). كېڭەش ئەزالىرى ئۆزلىرىنى خۇدا خەلقىنىڭ رەھبەرلىرى دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار بارلىق مەسىھ قىلىنغان باشقا ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش، «قوزا [ئەيسا] نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ» (ۋەھىيلەر 14:4). مەركىزى يېتەكچى كېڭەش بىزنىڭ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىمىزدىن مىننەتدار بولىدۇ.
بىرىنچى ئەسىردە، كىملەر جامائەتنىڭ مۇھىم قارارلىرىنى كېڭىشىش ئۈچۈن يىغىلغان؟
بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خۇدانىڭ يولباشچىلىقىنى قانداق ئىزدەيدۇ؟