كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ي‌ئو 22-‏دە‌رس
  • تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ي‌ئو 22-‏دە‌رس

22-‏دە‌رس

تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل؟‏

سولومون تاقىم ئاراللىرى

كانادا

جە‌نۇ‌بىي ئافرىقا

ھە‌ربىر تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى بىر ياكى بىرقانچە دۆلە‌تلە‌ردىكى ۋە‌ز ئېيتىش پائالىيىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىشقا مە‌سئۇ‌ل.‏ شۇ تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇ‌نلىرىدا بە‌يتە‌ل ئائىلە ئە‌زالىرى ھە‌ر تۈرلۈك بۆلۈملە‌ردە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار تە‌رجىمە گۇ‌رۇ‌پپىلىرىدا خىزمە‌ت قىلىشى ياكى ژۇ‌رناللارنى بېسىش،‏ كىتابلارنى تۈپلە‌ش،‏ ئامباردىكى كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى بىر تە‌رە‌پ قىلىش،‏ ئۈن-‏سىن نە‌شىرى ماتېرىياللىرى تە‌ييارلاش ياكى تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مە‌سئۇ‌ل جايلار ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىنىڭ ئىشلارغا يېتە‌كچىلىك قىلىشى.‏ مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌ش تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى پائالىيە‌تلە‌رگە يېتە‌كچىلىك قىلىشنى تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىگە تاپشۇ‌رغان.‏ بۇ كېڭە‌ش ئۈچ ياكى ئۇ‌نىڭدىن كۆپرە‌ك لاياقە‌تلىك ئاقساقاللاردىن تە‌شكىل تاپقان بولۇ‌پ،‏ مە‌سئۇ‌ل جايلاردىكى خىزمە‌تلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ۋە دۇ‌چ كېلىدىغان مە‌سىلىلە‌ر ھە‌ققىدە مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌شنى خە‌ۋە‌ردار قىلىدۇ.‏ شۇ ئۇ‌چۇ‌رلار مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ نە‌شىرى ماتېرىياللار،‏ يىغىلىشلار ۋە چوڭ يىغىلىشلار ئۈچۈن قانداق تېمىلارنى تاللىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌ش دائىم تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇ‌نلىرىنى زىيارە‌ت قىلىشقا ۋە‌كىللە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىنىڭ خىزمە‌تلىرى ئۈچۈن كۆرسە‌تمىلە‌ر بېرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏14)‏.‏ زىيارە‌ت قىلغۇ‌چى ۋە‌كىل كە‌لگە‌ندە،‏ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مە‌سئۇ‌ل بولغان جايلاردىكى كىشىلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئالاھىدە چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏ بۇ يىغىلىش مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌ۋە‌تكە‌ن ۋە‌كىلنىڭ بىر نۇ‌تۇ‌قىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

يە‌رلىك جامائە‌تچىلىكلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدا بە‌زى قېرىنداشلار يېڭى جامائە‌ت تە‌شكىللە‌ش ئىلتىماسىنى تە‌ستىقلاش ئىشلىرىنى بىر تە‌رە‌پ قىلىش ھە‌مدە تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مە‌سئۇ‌ل جايلاردىكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار،‏ يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ۋە زىيارە‌تچى ئاقساقاللارنىڭ ئىشلىرىغا مە‌سئۇ‌ل.‏ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى چوڭ يىغىلىشلارنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رىدۇ،‏ پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنىڭ يېڭى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ ۋە جامائە‌تچىلىككە كېرە‌كلىك كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى يە‌تكۈزۈشكە مە‌سئۇ‌ل بولىدۇ.‏ تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تە‌رتىپلىك ئورۇ‌ندىلىشى ئۈچۈندۇ‌ر.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33،‏ 40.‏

  • تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشى مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌شكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل؟‏

كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى ھە‌پتىنىڭ بىرىدىن بە‌شىگىچە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ زىيارە‌تكە كېلىدىغان كىشىلە‌رنى قارشى ئالىدۇ ۋە مە‌خسۇ‌س چۈشە‌ندۈرگۈچى بار.‏ سىزنى زىيارە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىمىز.‏ زىيارە‌ت قىلغىنىڭىزدا،‏ يىغىلىشلارغا قاتناشقاندىكىدە‌ك كىيىنىڭ.‏ بە‌يتە‌ل دە‌پ ئاتىلىدىغان شۇ جاينى كۆرۈپ بېقىڭ،‏ خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش